|
|
|
|
سۇمرۇغ تورى ئىقتىساد ئۇچۇر كۆزنىكى 26 - سېنتەبىر توكيودىن كەلگەن تېلگىراممىنى تاپشۇرۇپ ئالغان . ئۇنۇڭدا ، ئاساخى خەۋەرلىرىنىڭ شۇ كۈنلۈك ئۇچۇرى نەقىل قىلىنغان . خەۋەردە ، تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى بارلىق زاپچاس ياساش كارخانىلىرىغا ، 10 - ئاي ئىچىدە جوڭگودا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى توختىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . بۇ كارخانا بۇنداق قىلىشىنى ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقى جىددى ئەخۋالىنى چىقىش قىلىپ بېكىتكەن دەپ ئۇختۇرغان . مەزكۈر گېزىتتە ، تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ 10 - ئايدا ، ياپونىيەدىن جوڭگوغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان بارلىق ئاپتوموبىللارنى توختىتىدىغنالىقى بايان قىلىنغان ، لېكىن بۇ ھەققتىكى ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق قىلمىغان . تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ توكيودىكى باياناتچىسىمۇ بۇ ئىش توغرىسىدا تېخى بىرنىمە دىمىگەن . ئۇندىن باشقا ، نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتىمۇ جوڭگودىكى شېرىكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى ، بېكىتىلگەن كۈندىن ئۈچ كۈن بۇرۇن يەنى 9 -ئاينىڭ 27 - كۈنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
مەنبە :http://finance.ifeng.com/news/sp ... 20926/7087381.shtml
|
|
|
|
|
|