xjtel يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:10 AM 
بۇ ئىسىمنىڭ نىمە بولىشى بىلەن ماڭا ۋە باشقىلارغا تەسى ...
بەزىلەر خەنزۇچە ئاتالغۇنى خەنزۇچە ئاتاپ تىلىمىز خەنزۇلىشىپ كەتتى دەيدىكەن، لىكىن سىز خەنزۇچىسىنى خەنزۇچە ئاتاڭ دىدىڭىزمۇ ياكى ئۇندىدار دىمەي مىكروخەت دەپ ئاتاڭلار دىدىڭىزمۇ، مەنچە ۋېيشىن دىگەندىن ئۇيغۇرچە قىلىپ مىكرو خەت ياكى ئۈندىدار دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا دىگەن شېئىرنى ھە قاچان بىلىسىز. خەنزۇچە نامدىكى نەرسىلەرنى خەنزۇچە ئاتاپ تىلىمىز ئەبجەشلىشىپ كەتتى، يەنى ئارلاشما بۇپ قالدى، ئەمدى ۋېيشىن دىگەننى ئۇيغۇرچە ئاتىساق نىمىشقا بولمايدىكەن، ياكى ۋېيشىننى ئۇيغۇرچە ئاتىساق ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بۇلىمىزمۇ، بىز دىگەن ئۇيغۇر شۇڭا ئۇيغۇرچە ئاتىساق مۇۋاپىق بۇلار؟ ئىشقىلىپ كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، بۇ پىكىر ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەن سىز ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەسلىنى قەتئىي قوللىمايمەن، ھەر قانداق مەھسۇلات ياكى ئاتالغۇنى بولسا ئۇيغۇرچە ئاتاپ، تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن.