مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 22093|ئىنكاس: 280

微信 گە ئۈندىدار دەپ ئىسىم قويغۇچىغا ئوچۇق خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83563
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4742
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 09:48:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام تورداش!!
كەمىنە بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكى تېمىنى يوللاۋاتىمەن!!

  ھەممىمىزگە مەلۇم، يېقىندا شىنجىن تېڭشۈن شىركىتى ئاچقان微信 يۇمشاق دېتالى ھەممە ئۇيغۇرلىرىمىزغا تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى، شۇنداقلا ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولدى!!!
بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزى بىر قىسىم تورداشلىرىمىزمۇ ئۆز قىزغىنلىقلىرىنى باسالماي بۇ توغرىسىدا ھەرخىل تېمىلارنى يېزىشتى ۋە بەس-مۇنازىرە قىلىشتى، بۇنىڭدىن مۇشۇ ‹‹دەللە›› نىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تەسىر كۈچىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

    ئەمدى گەپنىڭ پوس كاللىسىغا كەلسەك، يېقىندا توردا بىر رەسىم كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىندى، بۇ نومۇسسىز رەسىمنى يوللاشنى مەن تازا توغرا كۆرمىدىم.
微信 بولسا تېڭشۈن شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان، بارلىق ئېچىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېساباتى ۋە ھېسابات مەخپىيەتلىكى................قاتارلىق مەسئۇلىيەت ۋە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى پۈتۈنلەن مۇشۇ شىركەتكە تەۋە.
يۇقىرىقى چۈشەنچىدىن ھېچكىم تىنىۋالالمايدۇ ئەلۋەتتە، ئۇنداقتا يەنە نېمە ئۈچۈن خەقنىڭ نەرسىسىگە ئىسىم قويىمىز؟

ئەلۋەتتە قويساق بولىدۇ، لېكىن قويۇشنىڭمۇ چېكى بار، ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، پىكىرلىشىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىسلام دىنىمىزدىمۇ ئەڭ ئالىي سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەنگەن ۋە تەۋسىيە قىلىنغان، چۈنكى پىكىرلىشىش ۋە تەپەككۇر-تەھلىل ئادەم بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنىڭ ھالقىلىق ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلۇغ ئىسلام دېنىمىزمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ ئەلۋەتتە.

لېكىن ھېلىقى يۈزسىز رەسىمنى ياسىغۇچى بولسا تەپەككۇرنىڭ چېكىدىن ھالقىپ ‹‹ئالدامچىلىق›› ۋە ‹‹شەخسنىڭ ئىدىيىسىگە زورلۇق ئىشلىتىش›› تەك بولمىغۇر قىلمىشنى سادىر قىلدى دەپ قارايمەن.

چۈنكى، ئۈندىدار دېگەن ئىسىم قارىماققا ناھايىتى يېقىملىق ۋە ماس كەلگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ خەقنىڭ بالىسىغا ئىسىم قويىدىغان ھەققىڭىز يوق، پەقەت ‹‹مۇنداق دېسەك يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن›› .... دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تەپەككۇر ۋە تىل قابىلىيىتىڭىزنىڭ خېلى يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭدىن ھالقىپ ئىدىيىڭىزنى باشقىلارغا تاڭسىڭىز، بۇ زورلامچىلىقققا تەۋە..  


نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى ‹‹ئۈرۈمچىدىكى يىلانغا ئايلانغان قىز›› ناملىق ‹‹ مۆجىزە›› گە نادان خەلقىمىز خېلى ۋاقىتلارغىچە ئىشىنىپ، كۆز ئالدىدىكى تەۋبە قىلىشقا تېگىشلىك مۆجىزىلەرگە تەۋبە قىلماي، مۇشۇ دىن مۇناپىقلىرى ۋە پۇلغا قۇل بولغان ئازغۇنلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىدى.
بۇ مۆجىزىگە ئاددىي كاللىدا بىر قانچە مىنۇتلا كۆزەتسەك پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئەگەر ياراتقان ئاللاھ ئۆز ئازغۇن بەندىسىنىڭ گۇناھىنى مۇشۇ دۇنيادىلا مۇشۇنداق ۋەھشىيلەرچە بېرىدىغان بولسا، ئىشىنىمەنكى ئۇ چاغدا بىز ئادەملەر مايمۇنغا ئايلانغان ئاشۇ بىر قانچە بەندىگە قاراپ تەۋبە ئەمەس، مايمۇنغا ئايلانغان كۈرمىڭ گۇناھكارلار ئادەم سۈپىتىدە قالغان ئاز ساندىكى ئادەملەرگە قاراپ  - تەۋبە، تېخىچە ئازمىغان ئادەملەر باركىنا؟-  دېگەن بولاتتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سىندىكى ئاۋازلارمۇ قايتا قايتا كىرىشتۈرۈلگەن، قۇلاق بار ھەرقانداق ئادەم ئاڭلاپلا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ.

لېكىن خېلى كۆپ نادان كىشىلىرىمىز تاكى ھېلىقى ‹‹ئۇيغۇرلارنى ئالداپ كېلىۋاتقان ساختا مۆجىزىلەر›› دېگەن تېما چىقمىغۇچە ئۆزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئالدانغانلىقىنى، قانچىلىك دەرىجىدە ساددا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالمىدى.

بۇنىڭدىن، ھازىرقى كۆپىنچە خەلقنىڭ ناھايىتى ساددا، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل ئىللەتنىڭ خەلقنى ھازىرقىدەك تۆۋەن كاپالەتلىك ۋە ئەلا دەرىجىلىك ‹‹قۇل›› ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ(شەخسىي كۆز قاراش)

ئەمدى ئاچچىق گەپلىرىم:

شۇ رەسىمنى ياسىغۇچىغا:

سىز شۇ رەسىمنى كومپيۇتېردا ياساۋاتقان ۋاقىتتا، ئاشۇ تىلشۇناس دېگەن خەتنى يېزىۋاتقان ۋاقىتتا قولىڭىز تىترىمىدىمۇ؟ شۇ خەتنى يازغاندا، يوللىغاندا مىللىتىڭىزگە زەرىچە دەرىجىسىدە بولسىمۇ ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟

قايسى تىلشۇناسنىڭ تەرجىمىسى، قاچان تەستىقلانغانلىقىغا ئىسپات كۆرسەتسىڭىز، تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراپ تورغا چىقىراي. چاقچاق-قىلمايۋاتىمەن راست دېدىم!


تىلشۇناسلار دېگىنىڭىز مېنىڭ چۈشەنچەمدە ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدىكىلەرنى كۆزدە تۇتىدىغۇ دەيمەن؟ ئۆزىڭىزمۇ بىلمەمسىزيا؟
تىل يېزىق كومىتېتىدىكىلەرگە ئىش يوق، ئەمدى ئاشۇ ئەرزىمەس نەرسىگە ئىسىم قويىدىغان ھالەتكە، تەستىقلاپ سىزدەك ‹‹تور سەركىسى›› گە يوللىتىدىغان كۈنگە قاپتىمۇ؟

ياق قېرىندىشىم، ياق. تىل يېزىق كومىتېتى قىلاي دېسە ئىش جىق، ئەتراپىڭىزغا قارايدىغان بولسىڭىز ساماندەك خاتا يېزىلغان ئېلان تاختىلىرى، يول كۆرسەتمە بەلگىلىرى.................. بار، دېمىسەممۇ سىز مىكرو خەتنى ئىشلىتىۋاتقان بولغاندىن كېيىن بۇنداق خاتا يېزىلغان ئېلان تاختىلىرى دېگەندەكلەرگە قاقشاپ يوللانغان رەسىملەرنى كۆردىڭىز ھەرقاچان.
مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجرىتالمىغان تىل يېزىق كومىتېتىدىكىلەر ئۆتۈپ تېشىپ ئاشۇ  微信 غا ئىسىم قويۇپتىمۇ؟

ھە.......... خەلقنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپسىزدە؟

تور ئەھلىگە:


نادانلىق مىللەتنىڭ زاۋاللىققا يول تۇتۇشىنىڭ پىلتىسى، بۇ پىلتىگە ئوت ياقساق تارىختىكى نادانلىقتىن گۈمۈرۈلگەن، ساددا ئاقكۆڭۈللىكىدىن ئالدىنىپ قۇل بولغان ئاتا بوۋا ۋە باشقىلارنى ئاتا بوۋىلىرىغا ئوخشاش كۈنگە يەنە قالىمىز.

شۇ بىر پارچە رەسىمگە قاراپلا راست تىل يېزىق كومىتېتىدىكىلەر تەستىقلاپتۇ دېگەنگە ئىشەندىڭىزمۇ؟

ئەمىسە مەنمۇ كومپيۇتېردا تىل يېزىق كومىتېتى ئۇيغۇرلاردىكى ‹‹ئالىم›› دېگەننى ‹‹阿力木›› غا .....................
دېگەندەك 20 بەتلىك سىزنىڭكىگە ئوخشاش ياكى سىزنىڭكىدىنمۇ ئاشۇرۇپ يالغانلىقى چانمىغۇدەك دەرىجىدە تامغىسى بىلەن تورغا يوللىسام سىزمۇ بالىڭىزنى ئىسمىنى ئالىمۇ، مەيمەيتى، ۋۇسىمەن، مۇخەنمەيتى دەپ ئۆزگەرتەمسىز؟



خۇلاسە:

گېپىم كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇغان ھەر بىرىڭلارغا تەشەككۈر، بولسا مۇشۇنداق پىتنە-پاساتلارنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا(چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن) بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋەتكەن بولساق، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا كىچىككىنە بولسىمۇ مەسئۇل بولغان بولاتتۇق! قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا باغلىق، مېنىڭچە ھازىرقىدەك توردا قولىمىزدا تاماكا تۇتۇپ تۇرۇپ ‹‹تاماكا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق›› دىگەندەك تەربىيە تېمىلىرىنى يوللىغۇچە، قولىمىزدىن كەلسە ھەممە ئىشنى ئەمەلىيەتتىن باشلايلى...
سەۋەب:

مەزكۇر تېمىنى يوللىشىمغا سەۋەب بولغان ئىش.

مەن مەلۇم ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى(يانفون يۇمشاق دېتاللىرى) نى تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇيغۇرچە يانفون سىستېمىسىنى تەرجىمە قىلىش تورىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش تېخنىكى، ئۇيغۇرچە 微信 نىمۇ 4.0 نەشىرىدىن باشلاپ ئۈزۈلدۈرمەي تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ كېلىۋاتىمىز، تەرجىمىمىز ئىشلەتكۈچىلەرگە ناھايىتى ياقىدۇ، بۇنىڭدىن قىلغان ئەجرىمىزنىڭ جاپالىرىنى ئۇنتۇلىۋاتىمىز.
مۇشۇ 微信 نىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىقا كەلگەندە كۆپ ئويلانغان ئىدىم، ھەرىىل ئىسىملارنى قويۇپ باقتىم، لېكىم خەنزۇ مۇنبەرلىرىدىكى تېمىلارغا، تەرجىمە گورۇپپىلىرىڭىنى قائىدىسىگە قارىسام تۆۋەندىكىدەك قائىدىلەر باركەن:
1. ئەپ تەرجىمە قىلغاندا ئەسلى ئاپتورىنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاپ قېلىش
2.دۆلەت ئىچىدىكى ئەپلەرنى تەجىمە قىلغاندا ياكى ئەلالاشتۇرغاندا ئەسلىدىكى تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى بۇزماسلىق(ھەقلىقنى ھەقسىز قىلىۋەتمەسلىك دىگىنى)
3.ئەپ نامىنى ئامال ئاۋال شۇ ئاپتورنىڭ ئۆز تىلىمىزدا ئىسم قويغان قويمىغانلىقىغا ئاساسەن، ئەگەر قويمىغان بولسا سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىش، ئەگەر سۆز مەنىسى قاملاشمىسا ياكى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ئاندىن ئۆز تىلىمىزدا ماس كەلگۈدەك سۆزلەرگە تەرجىمە قىلىش كېرەك
...........

مانا، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تەرجىمە گورۇپپىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار قائىدە.
شۇڭا مەنمۇ 微信 نى تەرجىمە قىلغاندا بىۋاستە سۆز مەنىسىنى تەرجىمە قىلىشنى توغرا كۆردۈم، ئاۋال مىكرو ئۇچۇر دەپ قويدۇم، لېكىم بەزى ئېكران ئېنىقلىقى تۆۋەن يانفونلاردا بۇ ئىسىمنىڭ ئۈستەل يۈزىدە باشقا ئىككى ياندىكى ئەپلەرنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئاخىرى مىكروخەت دەپ قوللىنىشنى توغرا كۆردۈم.

لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئەشۇ بىر نومۇسسىز رەسىمىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچىرىغان نۇرغۇن تورداشلا ماڭا نېمىشقا ئۈندىدار دەپ قوللانمىدىڭىز؟ تىل يېزىق كومىتېتى شۇنداق دەپ بېكىتىپتىغۇ دىگەندەك ساددا سوئاللارنى قويدى، مەن ئۇلارغا ئارتۇق جاۋاب بەرمىدىم، ھەمدە پات ئارىدا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىمەن دەپ قويغان ئىدىم، بەلكىم بۇ جاۋابنى كۆرگەندىن كېيىن ھەممىنى چۈشىنەر!!


ئەمدى ھېلىقى كىشىگە:

مەن ئەتەي سىز بىلەن قېرىشىپ ياكى ئۈندىدار دىگەن ئىسىمنى ياقتۇرماي بۇ تېمىنى يوللىمىدىم، بەلكى سىزنىڭ تەپەككۇر چېكىدىن ھالقىپ ئاسىيلىق قىلغىنىڭىزغا ۋىجدانىم ۋايساپ بۇ تېمىنى يوللىدىم، توغرا كۆرسىڭىز توغرا چۈشۈنۈڭ، خاتا كۆرسىڭىز كەچۈرۈڭ، ئەسلى ئەپتى بەشىرىڭىزنى ئاچمىسام توغرا بولاتتى ‹‹ ئەقىللىق›› قېرىندىشىم!!!


تامام!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 10:30 AM  


ھازىرغىچە 14 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
قامچا + 20 بۇنى ئاسىيلىق دېسەك ، .
TuyGhu + 10 قايمۇقتۇرۇش، تۇتتۇرۇ.
nalam + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ANSWER + 13 ئەخلەت
زۇلئاي + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
taturyul + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
poyuz + 39 دادىل قىلىنغان خىتاپ .
ap~qilam + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
شاكىچىك + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
EnQa + 300
yoluchi + 300 يارايسىلە يازوڭ تەپەك.
zanjir34 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
Naprat2009 + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kilyang + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1689   باھا خاتىرىسى

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12309
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2768 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 10:44:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم ~

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 10:55:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹دەللال››لا دىسە ئىش پۈتمەمدۇ ،بىز ھەر نەرسىگەئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ ئىسىم قويغاندىكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79585
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3021
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2012-5-1
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 10:59:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزدىن بىر نەرسىنى ئاڭقىرالمىدىم چۈشۈنەلمىدىم微信 دىەن بىرەر دىتالنىڭ نامىما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5167
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 727 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:03:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ئىشلار بۇ ئەمدى؟؟؟

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82225
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3100
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:03:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپەندىم  بۇمىكرو خەتنى سىز ياسى غانمۇ يا باشقىلانىڭ  ياسغان نەرسىسنىدەپ ئۇنچىۋالا  چېچى لىشنىڭ ئورنى يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83563
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4742
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:05:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arkak007 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 11:03 AM
ئەپەندىم  بۇمىكرو خەتنى سىز ياسى غانمۇ يا باشقىلانىڭ  ي ...


سىز تېمىنى تولۇق كۆردىڭىزمۇ؟
مەن ياسىمىغان، قانداق بىرەر نارازى بولىدىغان سەۋەبىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟ ياكى بۇنى ئاددىي بىر ئىسىمنىڭ ئىشى دەپ قالدىڭىزمۇيە؟
تېمىنى ئونداب ئوقۇسىڭىز مەلۇم نەرسىلەرنى ھېس قىلىسىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xjtel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 11:06 AM  


كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8507
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6915 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:08:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىپىسىز.دىمىسىمۇ بۇ ئىسىم ماڭا ئەزەلدىن ياقمايدۇ.بۇنداق يومشاق دىتاللاغا ئىسىم قۇيۇش تىلشۇناسلارغا خاس. ئۇلار بۇنىڭ ھەقىقىي ئۆلچەمدىكى مەنىسى يىشىپ ئاندىن بىزگە يەتكۇزىدۇ.
گەرچە مەن بۇ ئۆي بۇزدىغان تېلفۇننىڭ ئارتۇقچە چىقىمىنى ئاشۇرىدىغان دىتالنى ئىشلەتمىگەن بولساممۇ مەن بۇ مىكرو خەت دىگەن ئىسىمنى ياقتۇردۇم.توغرا جايىدا ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن بۇ دىتال ھازىرقى جەميەتنىڭ بۇزۇلىشىغا زور تۆھپە كۆرسەتمەكتە.
ئوغۇللار بۇ دىتالدىن پايدىنىپ قىزلارنى كەلتۇرۇش گويىدا، قىزلار بۇ دىتالدىن پايدىنىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قلىش بازارغا سېلىش گويىدا(مەن ھەممە قىزلارنى دىمىدىم. قىزلار خاتا چۇشەنمەڭ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   JAWLAN622 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 11:11 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
salam419 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
يولۇچى + 300 جىڭ گەپ، مەنمۇ ئوينىم.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310   باھا خاتىرىسى

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82225
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3100
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:08:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xjtel يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 11:05 AM
سىز تېمىنى تولۇق كۆردىڭىزمۇ؟
مەن ياسىمىغان، قانداق ب ...

ۋاي بولدى ئەپەندىم ئەممە گەپنى سىزگە بەردىم  ئۇنداق بىربىرمىزنى توردا  سېسىتمايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83563
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4742
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:10:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arkak007 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 11:03 AM
ئەپەندىم  بۇمىكرو خەتنى سىز ياسى غانمۇ يا باشقىلانىڭ  ي ...

بۇ ئىسىمنىڭ نىمە بولىشى بىلەن ماڭا ۋە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلىشى ناتايىن، لېكىن تېمامدا دىيىلگەندەك خالىغانچە ئانداق تىلشۇناس، مانداق تىلشۇناس دەپ يوق بىرنىمىلەرنى يوللاپ خەقنى ئالدىسا سىزنىڭچىمۇ توغرا بولماس؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش