سوخۇ تەنتەربىيە قانىلى خەۋىرى .
2012- يىلى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ، جوڭگو ب دەرىجىلىكلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ 24- ئايلانمىسى ئىلىپ بېرىلدى . شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى ساھىنخانا مەيداندا كۈچلۈك رەقىبى خېبىي جۇڭجى كوماندىسىغا 4 تە 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيدى ، بۇنىڭ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى شىمالىي رايون بويىچە 4- لىك ئورنىدىن مەھرۇم قىلىپ 6- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى . بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا 5 مەيدان ئوتالماسلىقى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ (تەڭلەشكەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ).
مۇسابىقە باشلىنىپ 15 مىنۇت بولغاندا خبىي كوماندىسى بىر ئىختىيارى توپ تىپىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى ، توپ گارغا تىگىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ، ئارقىدىن كەلگەن كەلگەن ماھىر كاللا تۇپ ئۇرۇپ ، توپنى ۋارتارغا كىرگۈزدى . بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا 1 دە 0 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 55 مىنۇت ، 82 مىنۇت بولغاندا خىبىي كوماندىسى كەينى كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ، مۇسابىقە نەتىجىسىنى 3تە 0 قىلىپ ئۆزگەرتتى . مۇسابىقە تولۇقلىما ۋاقىت باسقۇچىغا كىرگەندە ، خىبىي كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 4 تە 0 نەتىجە بىلەن خىبىي جوڭجى كوماندىسىغا ئوتتۇرۇپ قۇيۇپ ، ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلدە ، شىمالىي رايون بويىچە 4 لىك ئورنىدىن مەھرۇم قالدى . ھازىر شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئومومىي نۇمۇرى 35 نۇمۇر بولۇپ ، شىمىالىي رايون بويىچە 4 - لىك ئورنىنىدا تۇرىۋاتقان شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىدىن 5 نۇمۇر ئارقىدا تۇرىۋاتىدۇ . دىمەك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى ، ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرمەكچى بولسا ، كىلەركى مەيداندا چوقۇم ئوتۇشى ،ھەمدە شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسگە قارىشى لازىم . شىمالىي مۇسابىقە رايونىدا ھازىر خىبىي جۇڭجى كوماندىسى 56 نۇمۇر بىلەن 1 - لىكتە ، بىيجىڭ يىتۇڭ كوماندىسى 50 نۇمۇر بىلەن 2 - لىكتە ، چىڭخەي سىنكې كوماندىسى 46 نۇمۇر بىلەن 3 - لىكتە ، شاڭخەي جوڭباڭ كوماندىسى 40 نۇمۇر بىلەن 4 - لىكتە تۇرماقتا . خىبىي . بىيجىڭ ، چىڭخەي كوماندىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقۇملىشىپ بولدى . ھازىر شىنجاڭ كوماندىسى ، شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسى ، شەنشى لاۋچېڭگىن كوماندىسى (ئومومىي نۇمۇرى 36) 4- لىكنى كەسكىن تالاشماقتا ، ئەگەر
شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىرىشمەكچى بولسا كەينىدىكى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە قەتتىي ئوتتۇرۋەتمەسلىكى ، رەقىپلىرى ئوتتۇرۇپ قۇيىشى كىرەك . ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ يىلقى ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ قالدى .
مەيلى قانداق بولسۇن ، يىڭىلا قۇرۇلغان بىر كۇلۇپنىڭ بۇنداق ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشمكى ئاسان ئەمەس ، شۇڭا ھەممەيلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى داۋاملىق قوللايلى . ئۇلار قوللاشقا ، مەدەتكە مۇھتاج .
مەنبە : سۇخۇ تەنتەربىيە قانىلى .
جوڭگو ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ رەت تەرتىپى :
http://sports.sohu.com/20120525/n344102658.shtml