ئويناۋەرگىن قاتا چېيىڭنى
ئابدىرىشت ئەمەت شېئىرلىرىدىن تاللانما
قاتار چايغا بارسەن ھارماي،
بارما دىسەم پەقەت ئاڭلىماي.
چاچلىرىڭنى قىلىپ سۈپۈرگە،
چىرايىڭغا سۈركەپ ھەرخىل ماي.
تەبئىي ھالەتتە ئۆلگەن ھىسىيات،
بولۇپ قالدىڭ مۇزىكا خۇمار.
كېلىۋەردى ئۇچۇرمۇ ھەرخىل،
يۇشۇرىسەن بولماستىن ئىقرار.
ماڭدىڭ يەنە ئالدىراپ بۇگۇن،
كەلگەن چېغى چايدىن بىر خەۋەر.
چىدالمىدىم بۇنداق تۇرمۇشقا،
ئائىلىمىز بوپ قالدى خەتەر.
ئاڭلىمىدىڭ شۇنچە گەپ قىلسام،
سەندە يوقكەن ئاياللىق خىسلەت.
قايسى قالغان نىكاھنى سۆزلەي،
تۈزەلمىسە سەندىكى ئىللەت.
ئويناۋەرگىن قاتار چېيىڭنى،
ئېلىپ بىرگە مەندىن خېتىڭنى.
سەن بەختىڭنى ئىزدە شۇ يەردىن،
ساقلاپ تۇرغان شەيتانلىرىڭدىن.
بۇنداق تۇرمۇش ئەسلى بىر مۇشكەن،
تۇتالمىساڭ بۇرنىڭغا يەيسەن.
ماسلاشمىسا ئەر بىلەن ئايال،
بۇنداق تۇرمۇش زىندانكەن دەيسەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oygak11111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 01:45 PM