ئويناۋەرگىن قاتار چېيىڭنى
ئاپتورى: ئۆچمەس ئوت
قاتار چايغا ماڭىسەن ھارماي،
بارما دىسەم پەقەت ئاڭلىماي.
چاچلىرىڭنى قىلىپ سۈپۈرگە،
چىرايىڭغا سۈركەپ ھەر خىل ماي.
تەبئىي ھالەت ئۆلگەن ھىسيات،
بولۇپ قالدىڭ مۇزىكا خۇمار.
كېلىۋەردى ئۇچۇرمۇ ھەر خىل،
يۇشۇرۇسەن بولماستىن ئىقرار.
بۇگۈن ماڭدىڭ يەنە ئالدىراپ،
كەلگەن چىغى چايدىن بىر خەۋەر.
چىدالمىدىم بۇنداق تۇرمۇشقا ،
ئائېلىمىز بوپ قالدى خەتەر.
ئاڭلىمىدىڭ شۇنچە گەپ قىلسام،
سەندە يوقكەن ئاياللىق خىسلەت.
قايسى قالغان نىكاھنى سۆزلەي،
تۈزەلمىسە سەندىكى ئىللەت.
ئوينا ۋەرگىن قاتار چىيىڭنى،
ئىلىپ بىرگە مەندىن خىتىڭنى.
سەن بەختىڭنى ئىزدە شۇ يەردىن ،
ساقلاپ تۇرغان شەيتانلىرىڭنى.
بۇنداق تۇرمۇش ئەسلى بىر مۇشكەن،
تۈتالمىساڭ بۇرنىڭغا يەيسەن.
ماسلاشمىسا ئەر بىلەن ئايال ،
تۈتقان ئۆيۈم زىندانكەن، دەيسەن.
مەنبە ؛ ئۆچمەس ئوت يازمىلىرى.
مەلىكە تەرىپىدىن تەھرىرلىنىپ قايتا بىزەلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-7 02:19 PM