مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

پەرزەنتلىرىمىز ھۈنەر-كەسپسىز قالمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11854
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 08:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ مەڭگۈلۈك يۆلەنچۈكى بولالمايدۇ، شۇڭا پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى ھازىرلىشىغا شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ئۇنى ھۈنەر ئۆگىنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا قەدەم قويۇشىغا يېتەكلەش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىلىشىمىز كېرەككى، ھۈنەرمۇ بىلىم، بالىلار بىلىمسىز قالسا بولمايدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81456
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3191
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:39:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى توغرا گەپلەر  ھەي ھازر ھۇنە ئۆگندىغالار ئازقالدى  ھازر كۇلكنى  كۇلكنى ئويلاپ 80كويدىن100كويدىن ئشلاۋاتدۇ بۇئشلابىركۇن بار ئكىكى كۇن يوق 100يۇكوي پۇل 200كوي بولماي ئۇتۋاتقالار جېق ھازر شىنجاڭ دا  ھەريىلى نەچە1000ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ پۇتۇرۇ ۋاتىدۇ بۇئۇقۇغۇچلاردىن يېرىمى ئشلىسە يېرمى دېىقان بۇلۇپ مۇ شۇنداق بۇلۇۋەرسە 15 بەش 20 گىرمە يلدىن كىين بۇنداق   كۇلك ئشما ئازقالدۇ  ھازربەزى دېىقانلار نڭ يېىر  5 ش 10 موغمۇ يەتمەيدۇ بىزنڭ ھال كۇنىمىز ھازىرئەڭ ياخشى ۋاقىت بۇنڭ بۇيزىغا ياخشى بۇلۇب بولامايمىز بۇنداق دىسەم خاتا چۇ شۇنۇپ قالماڭلار شۇنڭ ئۇچۇن ئازراق بولسىمۇ ھۇنەئۆگنپ قويايلى ھازر قىلمىساقمۇ ياش چوڭايغانداقىلساقمۇئەس قاتىدۇ ھازىر ھۇنە  ئۆگندىغالار يوقدىيەرلىك بوسا بىز ئويغۇرلاردىما نى نى بايلاربار شۇلار بىرلىشپ زاۋۇت كارخانىلارنى جېق ئاسا بولاتى بۇتىيما ياخشى بۇتىيما ھەمىمز ئويىلنپ باقايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3260
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:25:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ھۇنەرمۇ بىر بىلىم،خازىرجەميەتتەكىشىلەريۇزئابرويغابەك ئەھمىيەت بىرىدۇ،ھۇنەرنىڭ جاپالىقلىرىنى،ئۇگەنمەيدۇ،باشقادوسلىرىنىڭ مازاق قىلىشىدىن قورقىدۇ،ھۇنەرنىڭ يەڭگىلراقىنى تاپالماي،دوسلىرىنىڭ كەينىگەكىرىپ ھاراق ئىچىشنى،تاماكا چىكىشنى،ئۇگىنىدۇ،مۇشۇتاماكا چىكىش،ھاراق ئىچىش ھۇنەر نىڭ ئەڭ ياخشىسىدەكلا مۇشۇنىڭغىلا بىرىلىپ كىتىۋاتىدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11854
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      مائارىپشۇناسلار ئاتا- ئانىلارغا 30 تۈرلۈك تەلەپ بەردى


1. ھەر قانداق ۋاقىتتا، بالىڭىزغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇڭ؛
2. بالىڭىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىڭ، بالىڭىز ئائىلىدە ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلسۇن؛
3. بالىڭىزنى دائىم رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، بالىڭىز ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان ۋاقىتتا «ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك» قىلماڭ؛
4. بالىڭىزدىن بىرەر ئىشنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ؛
5. ئەر- خوتۇن ئىككىڭلار بالا ئالدىدا جېدەل- ماجرا قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛
6. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا بوۋا- مومىلىرىنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭ؛
7. بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇڭ؛
8. باشقىلار ئالدىدا بالىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ؛
9. باشقىلار بالىڭىزنىڭ كەمچىلىگىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە، سەل قارىماڭ؛
10. بالىڭىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن» دەپ سورىغان سوئاللىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ، بىلگەننى بىلىمەن دەڭ، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دەڭ؛
11. بالىڭىزنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ، تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ؛
12. ھەر كۈنى بالىڭىزغا ئىختىيارىي پائالىيەت قىلىدىغان سورۇن ۋە ۋاقىت ھازىرلاپ بېرىڭ؛
13. بالىڭىزنى ھەر كۈنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ، ھەرىكەت قىلغۇزۇڭ؛
14. بالىڭىزنى ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ، مەبلۇپ بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق؛
15. بالىڭىز بىلەن ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، بۇنداق قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق؛
16. بالىڭىزنىڭ سىزگە ئېيتىدىغان گېپى بار چاغدا، ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ؛
17. بالىڭىزنى تەنقىدلىگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشىگە ۋە سۆزىڭىزگە رەددىيە بېرىشىگە يول قويۇڭ؛
18. بالىڭىزغا «سەن بەك دۆت، ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايسەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ھەرگىز قىلماڭ؛
19. بالىڭىزنى بىرەر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىماڭ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ؛
20. بالىڭىزغا قىلغان ۋەدىڭىزنى چوقۇم ئورۇنداڭ؛
21. بالىڭىزنىڭ دوستلىرى ئۆيگە كەلسە، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىڭ؛
22. بالىڭىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، پىسخىك تەلىپىنى چۈشىنىڭ؛
23. ئائىلىدە بالىڭىزغا ئۆزىگە خاس بولغان ئايرىم ئۆي ھازىرلاپ بېرىڭ؛
24. بالىڭىزغا ئېلىپ بېرىدىغان ئويۇنچۇقلار بەك كۆپ ھەم بەك قىممەت بولۇپ كەتمىسۇن؛
25. ھە دېگەندىلا بالىڭىزنى قورقىتىدىغان ئىشلارنى ۋە سۆزلەرنى قىلماڭ؛
26. ئوقۇتقۇچىسى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ؛
27. ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلاردا، بالىڭىزنىڭ پىكرىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ؛
28. بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالسا، كونا خاماننى سورۇپ يۈرمەڭ؛
29. بالىڭىزنى بەك ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەڭ؛
30. بالىڭىزنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىگە نىسبەتەن كۆرمىگەن، بىلمىگەن بولۇۋالماڭ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11854
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ھازىرقى بالىلاردا نېمە كەم؟  


ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر تەرەققىياتى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرشلەرنى ئېلىپ كەلدى . ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالەمشۇمۇل پەرق بار. كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېڭىمىز ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىمىز بىزنى نۇرغۇن ئىشلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن قارايدىغان، كۆپ تەرەپلىمە ئويلايدىغان قىلىپ قويدى. دەرۋەقە ، بىزمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئىستېمال سەۋيىسىدىن تارتىپ پەرزەنت تەربىيسىگىچە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان، بۇ ئىشلارغا مەبلەغ سېلىشنى ئەھمىيەتلىك ئىش، دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدۇق. پەرزەنت تەربىيلەشكە ھەقىقەتەن كۈچىمىزنى ئايىماي سەرپ قىلىشقا ئەرزىدۇ.

بىر ئائىلىگە نىسبەتەن پەرزەنت شۇ ئائىلىنىڭ جېنى ۋە بولمىسا بولمايدىغان <<كىچىك پادىشاھى>> ، شۇنداقلا نىكاھ تۇ رمۇشنى مۇستەھكەملەش ۋە تېخىمۇ ياخشىلاشنىڭ ئاساسى . ھەر بىر ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ۋە ھەر قاچان باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بالىلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ھازىرقى بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش، كىيىنىش، تەربىيىلىنىش جەھەتتكى شارائىتى ئالاھىدە ياخشى ھەمدە قىلاي دېسە ھەرقانداق شەرت-شارائىتنى ياراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مۇزىكا چېلىش، كىتاپ ئوقوش، رەسىم سىزىش جەھەتتە تەربىيىلىنىش، ئويناش… قاتارلىق تەرەپلەردىن ئارتۇقچە غەم قىلىشنىڭ ئورنى يوق .ئەمما، رېئاللىق سىزدە مۇنداق سوئاللارنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ: بەختىيار تۇرمۇشتا ياشاپ تۇرۇپ، خېلى كۆپ بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ مۇستەقىل پائالىيەت قىلالمايدۇ؟ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويالمايدۇ ۋە ئىپادىلشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ؟ بەختىيار تۇرمۇشتا بەختىيار ياشىغاندەك ھىس قىلالمايدۇ؟
مېنىڭچە ، بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتە مەبلەغ سېلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى پەرزەنتنىڭ قىزقىشى ، ئالاھدىلىكى ، خۇي-مىجەزىنى چۈشىنىشكە ، شۇ بويىچە ئىلمى تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، مەكتەپ ، جەمىئيەت تەربىيىسىگە بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئاتا-ئانىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، ھازىرقى بالىلاردا كەم بولۇۋاتقان بىر قانچە تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن .

1. بالىلاردا ئۇلۇغۋار غايە كەم . ئەينى دەۋردە ئەجدادلىرىمىز، قەھرىمانلىرىمىز ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ، مىللەتنى ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش غايىسىدە ياشىغان بولسا، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى ئازغىنا مەنپەئەت ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىركەشمەكتە . چوڭلاردىكى بۇ خىل غايە-ئېتىقاد قارىشى بالىلار ئىدىيىسىگە ئۈزلۈكسز سىڭىپ كىرىپ، سۆز-ھەرىكىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا . شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە بالىلار مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ ماختىشىغا ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش يولىدا ئۆگىنىدىغان بولۇپ قالدى.
بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچى غايە تىكلەشتە بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى ، كوللېكتىۋىزملىق روھ ۋە غايە –ئېتىقاد تىكلەشنى تەكىتلىشى ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشى ، ئۇلۇغۋار غايىنىڭ ئەھمىيىتى ، قىممتىنى تونۇتۇشى ۋە شۇ غايىگە يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىشى لازىم .

2.جاپاچېكىش روھى كەمچىل . ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈشى بالىلاردا جاپا چېكىشتىن قورقىدىغان يامان خاھشنى پەيدا قىلىپ قويغان . شۇڭا كۆپ ساندىكى بالىلار جاپا چېكىشتىن قورقىدۇ ، ئۇلار كۆڭلىدىكى بىرەر نەرسە ۋە راھەتكە جاپا چەكمەي تۇرۇپلا ئېرشىشنى ئويلايدۇ. گەرچە ئائىلە باشلىقلىرى بالىسىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە تاۋلىنىشىنى ، جاپا چېكىش روھىنىڭ بولۇشىنى ئويلىسىمۇ ، بىراق ئۆز پەرزەنتىنىڭ قىينىلىپ قېلىشنى ، قىيىنچىلىق تارتىپ باشقىلار ئالدىدا يۈزى تۆۋەن بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ . بۇ خىل بالىلاردا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ، ئۆز قولىدىكى نەرسىنىڭ قىممتىنى بىلمەيدىغان ۋە قەدىرلىمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ خىل ناچار خاھىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، ئاتا-ئانا بولغۇچى مەقسەتلىك تۈردە بالىلار ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە قىينچىلىق تۇغدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرۈشى ۋە جاپا تارتماي كەلگەن نەرسىنىڭ ئانچە قىممىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك .

3.ئەركىن تەپەككۇر كەمچىل . بالىلارغا ئۆگىنىش قىلىشلا تەكىتلىنىپ ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيتى توغرسىدا چۈشەنچە بېرش يېتەرلىك بولمىغان . مەكتەپتە ياكى ئائىلىدە بولسۇن ، بالىلارنىڭ مېڭىسى « ماتېرىيال قاچىلاشقا بولىدىغان ئامبار » دەپ قارىلىپ ، بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەشكە سەل قارالغان . شۇنىڭ بىلەن ، بالىلاردا ئۆگەنگەندە ماھىيىتىگە سەل قارايدىغان ، ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە مېڭىگە قاچىلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن . رېئال تۇرمۇشتا بىرەر مەسىلە ياكى زىددىيەتكە ئۇچرىسا نېمە قىلارنى بىلمەيدىغان ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىسىز بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلالمايدىغان ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرالمايدىغان بالىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن ؟!

4.بالىلىق تۇيغۇسى كەمچىل . بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى شۇ باسقۇچتىكى ياش ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىشى لازىم . ئەمما ، كۆپ سانىدىكى ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى تېزلا ياراملىق ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان قىلىپ تەربىيلەش مەقسىتىدە «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش » ئىدىيىسىدە بولماقتا ، بالىلىرىنىڭ ئىدىيۋى ۋە جىسمانىي بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەكتە . مەكتەپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە ئايىغى چىقماس تاپشۇرۇقلار بېسىمىدىن زېرىكىپ يۈرگەن بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ۋە تەتىل ۋاقىتلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشىدىن ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ، تۈرلۈك ناملاردىكى كۇرۇسلاردىن بېشى ئايلىنىپ ، بۇ خىل تۇرمۇش مۇھىتىدىن بىزار بولماقتا .
بۇ خىل مۇھىتتا بالىلار قانداقمۇ شادىمان يۈرەلىسۇن ؟ بالىلىق دەۋردىكى گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمۈلەلىسۇن ؟ ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ، بالىلىقتىكى گۈزەل مىنۇتلار بالىلارغا مەنسۇپ بولسۇن . بىز بالىلارنىڭ بالىلىق دەۋرىنى قايتۇرۇپ بېرەيلى ، ئۇلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەنسۇن !بالىلار بىزنىڭ غەمخورلۇق قىلشىمىزغا ، كۆيۈنۈشىمىزگە ۋە ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشىمىزغا موھتاج !




http://perzent.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=28

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش