مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 621|ئىنكاس: 12

پەرزەنتلىرىمىز ھۈنەر-كەسپسىز قالمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 1974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10675
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:56:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرزەنتلىرىمىز ھۈنەر-كەسپسىز قالمىسۇن



ھازىر باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئومۇملاشقان بولسىمۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئىختىيارلىقنى ئاساس قىلغاچقا، يەنە كېلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر كۆپىنچە ناھىيە مەركىزى ۋە شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار تولىمۇ ئاز. دەرۋەقە، دېھقان بولۇشمۇ شەرەپلىك ئىش، ئەمما ئىلگىرىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ باقساق، نۇرغۇنىنىڭ مەلۇم ھۈنەرگە پىششىق ياكى مەلۇم ھۈنەردىن ئاز-تولا خەۋىرى بارلىقىنى بايقايمىز. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا. «بىر ئادەمگە 100 خىل ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلىدۇ» دېگەندەك، ئائىلىسىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۈنەر ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر.
ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. بىر قىسىم قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىستېمال قىممىتىدىن ھالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى، ھەتتا يىغىپ ساقلاش بۇيۇمىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. بىر قىسىم قول ھۈنەر كەسىپلىرىنىڭ خېرىدارلىرى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. شۇغىنىسى، بىر قىسىم قول ھۈنەر كەسىپلىرىنىڭ ئۇستىكارلىرى ئاز قېلىۋاتىدۇ، ۋارىسلىق قىلغۇچىلار چىقمايۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەنئەنىۋى قەغەزچىلىق، مىسكەرچىلىك، بوياقچىلىق، سەرراپچىلىق، خالۋاپچىلىق دېگەندەك قول ھۈنەر كەسىپلىرىدە ئۇستىكارلار كۆپ ئەمەس، بەزىلىرىدە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك. نۇرغۇن ياشلار بىكار يۈرۈيدۇ. ئۇلار بىليارتخانا، قىمارخانا، مەيخانىلارغا كىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق بىرەر ھۈنەرنى ئۆگىنىپ تۇرمۇشنى قامداشنى خالىمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئارىسىدىمۇ بالىلىرىغا ھۈنەر ئۆگىتىش ھەققىدە ئويلىنىدىغانلار كۆپ ئەمەس. بەزى ئاتا-ئانىلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ باقتىم. ئۇلار ھازىر زامان تەرەققىي قىلىپ كەتتى، ھەممە نەرسە زاۋۇتتىن تەييار كېلىۋاتسا، قول ھۈنەر كەسىپلىرىنىڭ نەدىمۇ ئىستىقبالى بولسۇن، دەپ قارايدىكەن. لېكىن، قول ھۈنەر كەسىپلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا خېرىدارلىرى بار، ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ يامان ئەمەس. مەسىلەن، ھازىر فارفور بۇيۇملار نەچچە 100 خىلدىن ئاشىدۇ، ياسىلىشىمۇ نەپىس، بىراق بازاردا بىر چىنىنى بەش يۈەنگە ئالساق، ياغاچتىن ياسالغان ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ياغاچ چىنىنى 50 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋالىمىز. چۈنكى، ئۇ قول ھۈنەر بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم يېشىل مەھسۇلات، ھەم سەنئەت بۇيۇمى، شۇڭا خېرىدارلار ئۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ.
يېنىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتى قول ھۈنەر سەنئىتىگە مەلۇم خىرىس ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنى نابۇت قىلىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا، بالىلار ھۈنەر ئۆگەنسە، ئىستىقباللىق بولسا بولىدۇكى، يەنە كېلىپ، ئۆزلىرى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ يۈكىنىمۇ يەڭگىللىتەلەيدۇ.
كارخانا ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى ئىش ئورنىدىن قالدى. ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ بەزىلىرى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرگەندە، ئەسلىدە قول ھۈنەر كەسپىدىن خەۋىرى بارلار دەرھال بازارغا ماسلىشىپ، ھۈنىرى ئارقىلىق تۇرمۇشنى رەتكە سېلىۋالدى، ھەتتا تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كارخانىدا ئىشلەۋاتقان چاغدىكىدىنمۇ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈۋالدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئائىلىسىگە قايتقان ياشلار ئەقىل جەھەتتە تازا يېتىلىۋاتقان بولغاچقا، ھۈنەر ئىگىلىمەكچى بولسا، ئاسانلا ئۆگىنىۋالالايدۇ.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ مەڭگۈلۈك يۆلەنچۈكى بولالمايدۇ، شۇڭا پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى ھازىرلىشىغا شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ئۇنى ھۈنەر ئۆگىنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا قەدەم قويۇشىغا يېتەكلەش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىلىشىمىز كېرەككى، ھۈنەرمۇ بىلىم، بالىلار بىلىمسىز قالسا بولمايدۇ.



مەنبە      :     جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

http://www.uycnr.com/jy/zxxw/201209/t20120918_384442.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5297
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:05:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈمگە بىر گەپ كەلگەنتى بوپتۇلا         ...............دىمەي،

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى توغرا گەپلەر . بىزدە «ھۈنەر-تۈگىمەس بۇلاق» دىگەن گەپ بار . جەمئىيەتتە بىكاردىن بىكارغا لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزگەندىن كۆرە بىرەر ھۈنەر كەسىپنى ئىگەللىسە ئىشقىلىپ ئاچ قالمايدۇ .مۇشۇ ئۈرۈمچىدە ئىتتىپاق گۈللىكى ئەتراپىدا بىر بوۋاي بار . ھەر خىل ياغاچتىن ياسالغان چەينەك ، قاچا ، پىيالە ، قوشۇق دىگەندەك نەرسىلەرنى ساتىدۇ . باھاسى گەرچە ئادەتتىكى چىنە -پىيالە ، قوشۇقلاردىن ئۆرە بولسىمۇ لېكىن قاچانلا قارىسام باشقىلارنىڭ ئۇ نەرسىلەرگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ سېتېلىۋاتقىنىنى كۆرىمەن . (ئىچكىرى ئۆلكىدىن چىققان ساياھەتچىلەر ۋە چەتئەللىكلەر كۆپرەك ئالىدىكەن).دىمەك ھۈنەر بىلگەن ئادەم ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يىيەلەيدۇ .

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80974
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 02:45:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز كايىپ قالغان چاغلاردا بىزگە‹مەن سىزلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئالىم بۇلاپ كىتىڭلار دىمەيمەن ، جەمىيەتنىڭ ھەرقىسىم ساھالىرىگە ھەر قىسىم ئادەملەر كىرەك ›دەيدىغان.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 04:22:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ؟ مانا ئۆزەمنى مىسالغا ئالسام مەنمۇ كەسپى تولوق ئوتتۇرا مەكتەپتە مانتيۇرلۇق كەسپدە تەربىلەنگەن ،دۇككان ئاچقىلى 7يىل بولدى ، يازپەسلىدە ئىيغا 2000دىن 3000غىچە ، قىش پەسلدە 3000دىن 5000غىچە كىرىم قىلىمەن ، مائاشلىق كادىرلارمۇ شۇنچىلىك ئالار مائاشنى ، ئەڭ ياخشى يىرى بىزنىڭ باشلىقمز يوق ، قاچان ئىشقا چىقساق ، قاچان چۈشسەك ئىختىيار بىزدە ، ھا ھا ھا ھا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81456
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3191
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 04:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى توغرا گەپلەر  ھەي ھازر ھۇنە ئۆگندىغالار ئازقالدى  ھازر كۇلكنى  كۇلكنى ئويلاپ 80كويدىن100كويدىن ئشلاۋاتدۇ بۇئشلابىركۇن بار ئكىكى كۇن يوق 100يۇكوي پۇل 200كوي بولماي ئۇتۋاتقالار جېق ھازر شىنجاڭ دا  ھەريىلى نەچە1000ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ پۇتۇرۇ ۋاتىدۇ بۇئۇقۇغۇچلاردىن يېرىمى ئشلىسە يېرمى دېىقان بۇلۇپ مۇ شۇنداق بۇلۇۋەرسە 15 بەش 20 گىرمە يلدىن كىين بۇنداق   كۇلك ئشما ئازقالدۇ  ھازربەزى دېىقانلار نڭ يېىر  5 ش 10 موغمۇ يەتمەيدۇ بىزنڭ ھال كۇنىمىز ھازىرئەڭ ياخشى ۋاقىت بۇنڭ بۇيزىغا ياخشى بۇلۇب بولامايمىز بۇنداق دىسەم خاتا چۇ شۇنۇپ قالماڭلار شۇنڭ ئۇچۇن ئازراق بولسىمۇ ھۇنەئۆگنپ قويايلى ھازر قىلمىساقمۇ ياش چوڭايغانداقىلساقمۇئەس قاتىدۇ ھازىر ھۇنە  ئۆگندىغالار يوقدىيەرلىك بوسا بىز ئويغۇرلاردىما نى نى بايلاربار شۇلار بىرلىشپ زاۋۇت كارخانىلارنى جېق ئاسا بولاتى بۇتىيما ياخشى بۇتىيما ھەمىمز ئويىلنپ باقايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9526
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8412
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 07:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ھازىر ھۈنەر ئۈگۈنىدىغانلار يوق دىيەرلىك   ھازىرقى بالىلار ئىنتايىن ئەركە تەييارغا ھەييار بۇلۇپ ئۈگۈنۈپ قالغان ئازراقلا جاپانى كۆرسە بېشى ئاغىرىيدۇ   ھەم شاگىرىتلىقتىن ئۇستاملىققىچە بولغان جەرياندا ئاسانلا بەل قۇيىۋىتىدۇ  بۇنىڭغا ئاتا-ئانىلارمۇ سەۋەپچى ئەلۋەتتە  بىر ئاتا - ئانا بولغىچى باللىرىنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىنى ئويلىشى كىرەك  ئۆز پەرزەنىتلىرىنىڭ نىمىگە ماس كىلىشىنى چۈشۈنىشى كىرەك  شۇنداقلا بالىلارنىڭ  كىينكى تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغۇرلۇق يول كۆرسىتىشى  دۇنيانىڭ بىر خىل رېتىمدا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىشى كىرەك  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60680
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5187
تۆھپە نۇمۇرى: 737
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 07:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن ،ھۈنەر ھامىنى ئەسقاتىدۇ ،قۇربان ھېيت يېقىنلاپ قالدى ،قوي سويۇپ بېرىدىغان ئادەمنى نەدىن تاپارمەن ؟مۇشۇ ھۈنەرنى بولسىمۇ ئۆگۈنۈپ قويسام بوپتىكەن!

ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11592
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 07:27:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 01:06 PM
ناھايىتى توغرا گەپلەر . بىزدە «ھۈنەر-تۈگىمەس بۇلاق» دى ...

ھۈنەر دىگەن كىشىگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ياخشى كۈننىڭ يامىنىدا ئۆز رىزىقىنى ئۆزى تېپىپ يىيىشمۇ چوڭ ئىش.
سىز گىپىنى قىلغان بوۋايدىن مەن بىر-نەچچە ياغاچ قوشۇق ۋە ياغاچ تاۋاقلارنى سېتىۋالغان، مىجەزىمۇ ئوبدان ھۈنەرگە پىششىق بوۋايكەن ئۇ. بۇرۇن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا قەلەي قوشۇقلار پەيدا بولغاندا ياغاچ قوشۇقلارنى چۆرۈپ تاشلىغان، مانا ئەمدى ياغاچنىڭ قەدرىگە يېتىپ كەتتۇق. بىر ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىغان تەڭنىنى 200 سومغا ئالغان ئاشۇ بوۋايدىن ئەمما شۇنداق نەپس ياسىغان جۇمۇ، پۇلغا قەتئئ ئىچى ئېچىشمايدۇ ئادەمنىڭ.

ئالدىن پۈتۈلگەن قىسمىتىڭنىڭ ھەممىسى ساڭا بۇيرۇلغان ئىش ئەمەس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3591
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 07:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى گەپ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش