مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ماختىماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85220
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 10:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دىگەن گەپ  با   .  

خەلق  ئەڭ ئادىل باھالىغۇچىدۇر  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13790
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  ئۈچ نەرسە

ئۈچ نەرسە ئادەمنى گۈزەل قىلىدۇ: ئېتقاد، غورۇر. شەرمى-ھايا.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى قىممەت تاپقۇزىدۇ: پاكلىق، ھەققانىيلىق، ئادىللىق.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى جۇشقۇن كۆرسىتىدۇ: جاسارەت، ئادىمىي خىسلەت، ھەققانىيەت.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتۈرىدۇ: ئوچۇق-يورۇقلۇق، مېھرىبانلىق، كەڭ قورساقلىق.

ئۈچ نەرسە ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ: مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەجبۇرىيەت ئېڭى، مېھىر-شەپقەت.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى نۇسرەت قۇچقۇزىدۇ: ئادىمىي پەزىلەت، ئادىمىي خىسلەت، ئادىمىي تەبىئەت.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى كۆكلىتىدۇ: ئەلگە نەپ بېرىش، بۈيۈك ئارمان، ئەل دۇئاسى.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى دوستلاشتۇرىدۇ: قىزغىنلىق، مېھرىبانلىق، دىلكەشلىك.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ: ئۇنىڭ پەزىلىتى، تەقۋادارلىقى، سالماقلىقى.

ئۈچ نەرسە ئادەمگە ياراشمايدۇ: ئاچ كۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك، تەييارتاپلىق.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى كاردىن چىقىرىدۇ: ئەخلاقسىزلىق، شەھۋەتپەرەسلىك، بېخىللىق.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى شەرمىسار قىلىدۇ: مەنمەنلىك، كۆڭلى قارىلىق، ۋاپاسىزلىق.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى زاۋاللىققا قالدۇرىدۇ: ئەسلىنى ئۇنتۇش، ئېتقادسىزلىق، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زىمىندىن ۋاز كېچىش.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ: مال-دۇنيا قوغلىشىش، يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ، شەخسىيەتچىلىك.

ئۈچ نەرسە ئادەمنى ئەسلىدىن ئاينىتىدۇ: ئەجىرسىز كەلگەن مال-مۈلۈك، ھارام ئارلاشقان پايدا، شەيتان ئارلاشقان نىيەت.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85292
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنى ماختىغان بىر ئەخمەق !

بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 3G كارتىلىرىنى چۈشىنىپ كۈرۈڭ! بىرلەشمە خەۋەرلىشىش مەخسۇس مىكروخېتى (xjunicom نى ئىزدەپ قوشۇۋېلىڭ)
60 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى ، 6GB تور ئېقىم مىقدارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13790
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:25:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
ئوغلۇم!
سەن گىرىپتار بولغان كېسەللىك ئۈستىدە ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، ساڭا تۆۋەندىكى رېتسېپنى بېرىشنى مۇۋاپىق تاپتىم، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ھېچقانداق دورا - ئوكۇلغا موھتاج ئەمەس. كېسىلىڭنىڭ ساقىيىش - ساقايماسلىقى سېنىڭ روھىي ھالىتىڭ، كۆڭۈل - كۆكسۈڭنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.
باشقىلار بىلەن ئالاقىلەشكەندە مۇنۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىل:
باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىگىلە؛
باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا چېھرىڭدىن تەبەسسۇم پارلاپ تۇرسۇن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋال؛
باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشىنى سۈرۈشتۈرمە، تاسادىپىي بىلىپ قالغان تەقدىردە، ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەت ياكى مەڭگۈ مەخپىيەتلىك پېتى ئىچىڭدە ساقلا؛
باشقىلارنىڭ ماختىشى خۇددى ئەتىرگۈلگە ئوخشىشىدۇ، ئۇنى پۇراپ قويساڭلا كۇپايە، مۇبادا پۇرىقىدىن مەستخۇش بولۇپ كەتسەڭ، مەغلۇبىيەتكە قەدەم باسىسەن؛
باشقىلار يېتەرسىزلىكلىرىڭنى كۆرسىتىپ بەرسە، سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىل، شۇنداقتا ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسەن؛
دوستۇڭ ئازابلانغاندا، ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ئەكسىچە دوستۇڭ خۇشاللانغاندا ئۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىغىن؛
ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىڭ ۋە كەمچىلىكلىرىڭنى بايقاشقا ماھىر بول؛
ئەتە يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ، ئەتە سەن تۈنۈگۈنكى ياكى بۈگۈنكى سەن ئەمەس؛
ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ياردەم قولۇڭنى سۇنغىن، شۇ تاپتا باشقىلار دەل سېنىڭ ياردىمىڭگە موھتاج بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؛
يېتەرسىزلىكلىرىڭنى ئويلاپ قايغۇرۇپ كەتمە،«ئالتۇن ساپ بولماس، نۇقسانسىز ئادەم (بولماس)» دېگەن قائىدىنى ئېسىڭدە تۇت؛
ئۆزۈڭنىڭ ئاددىي ئادەملىكىڭدىن كۆڭلۈڭ يېرىم بولمىسۇن، ئەڭ خىرە يۇلتۇزمۇ قاراڭغۇدا يەنىلا كۆزنى چاقنىتىدۇ؛ھامان مۇلايىم، سەۋرچان بول.

يۇقىرىقى ئىشلارنى ئورۇندىيالىساڭ، ئىشىنىمەنكى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزۈڭنىڭ ئەمەلىيەتتە ساپساقلا بىر ئادەملىكىڭنى، يەنە كېلىپ مۇنەۋۋەر ئادەملەردىن ئىكەنلىكىڭنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆيۈملۈك ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىككە تولغانلىقىنى بايقايسەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 03:52 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13790
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 09:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزغىنلىق بىر خىل كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى باشقا ھېچ قانداق نەرسىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.  ئەگەر سىزنىڭ بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بار بولىدىكەن، سىزنىڭ ھازىر ئۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا تەييارلىنىپ بولغان-بولمىغانلىقىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، سىز ئاشۇ ئاساسىي نىشانىڭىزغا نىسبەتەن چوڭقۇر قىزغىنلىق يېتىلدۈرەلەيسىز.  سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ناھايىتى يىراق بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز قەلبىڭىزدە قىزغىنلىق ئوتىنى تۇتاشتۇرسىڭىز، ھەمدە ئۇنى توختىتىپ قويماي كۆيدۈرۈپ تۇرسىڭىز، ھازىر سىزنىڭ يولىڭىزنى توسۇپ تۇرغان بارلىق توسالغۇلار خۇددى بىر سېھرى كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولغاندەكلا غايىپ بولۇپ، ئۆزىڭىز بۇرۇن ھېس قىلمىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63976
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3770
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 06:08:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ماختانماقچى بولسىڭىز سىزنى باشقىلار ماختىسۇن  ، يۈزىڭىزنى قىلسۇن  ، چۈنكى نىمەن ئىشنىڭ ئەسكى ، نىمە ئىشنىڭ ياخشىلىقى كۆپچىلىككە ناھايىتى ئايدىڭ  .
سىز ئۆزىڭىزنى - ئۆزىڭىز  ماختىماڭ  ، سىزنى باشقىلار ماختىسۇن   !



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3156
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13124
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1375 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 06:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹   مەن  يارايمەن  ››   ،  ‹‹  مەن  قولۇمدىن  ئىش كەلمەيدىغان  ئاقنانچى ئەمەس ››
<<  مەن  چۇقۇم  مۇۋەپپىقىيەت  قازىنالايمەن >>
بۇمۇ  ماختاشقا  كىرەمدا  ؟  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-30 06:17 PM  


ئۇيغۇردا   ناخشا - ئۇسۇلچى ، سازچى تۇلا ،
يەھۇدىيلاردا ئالىم ، كەشىپياتچى ، تىجارەتچى تۇلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13790
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات ھەققىدىكى ھېكمەتلەر


▲ئۆز كۈچىڭىز، سالماقلىق، ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ھاياتىڭىزدا قەتئىي يوقىتىشقا بولمايدىغان گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.

▲ھەرقانچە خاپا بولسىڭىزمۇ كۈلۈمسىرەشنى ئۇنۇتماڭ، ھەرقانچە ئاچچىقىڭىز كەلسىمۇ، سۆزىڭىزنىڭ ئۇرامىغا دىققەت قىلىڭ، ھەرقانچە ئازابلانسىڭىزمۇ چىداشنى ئۇنۇتماڭ، ھەرقانچە چارچاپ كەتسىڭىزمۇ چوقۇم ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.

▲سول كۆزىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىڭىز، ئوڭ كۆزىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى تەپسىلىي كۆزىتىپ بېقىڭ.

▲تەبىئىيىتىڭىزگە ئاساسەن ئادەم بولۇڭ، ئوينىغان رولىڭىزغا ئاساسەن ئىش بېجىرىڭ، خاراكتېرىڭىزگە ئاساسەن ئۆزىڭىزنى بېكىتىڭ.

▲ئەگەر كىشى شېرىن سۆزلۈك بولۇپ، گەپنى پاساھەتلىك قىلسا، گەرچە ھۆسۈن- جامالسىز بولسىمۇ، باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ.

▲بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى-ئۆزىدە بارىنى قەدىرلەش، ئۆزىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.

▲سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىسىز.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش