ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز  ماختىماڭ 
نۇرغۇن كىشى ئۆزىنى بىر كۆز - كۆز قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ  . ئۆزىدىن  - ئۆزى مەپتۇن بولۇدۇ .ئازراق نەتىجە قازانسا ياكى غەلبە قىلسا ، ناھايىتى خوشال بولۇپ كېتىدۇ  . ھە دەپ تەرغىپ قىلىدۇ  ، ئەمىلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق  .
نەتىجە قازاندىم دەپ ماختىنىدىغان كىشىلەر ئەمىلىيەتتە كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان  ، كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئادەم . مۇنداق ئادەملەر ھەمىشە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تۇرۇدۇ .
 ئۆزىنى  - ئۆزى ماختاش ئەخمەقنىڭ ئىشى . مۇۋاپپىقىيەت قازانسىمۇ ماختانماسلىق  - توغرا ئالاقىلىشىش چارىسىدۇر  .
بىلىش كېرەككى  ، شان - شەرەپنى  بىزگە باشقىلار ئاتا قىلىدۇ ، ئۆزۈڭ نىمە دىسەڭ شۇ بولۇدىغان ، شۇنداق بولۇدىغان ئىش يوق  .ئۇنى ئۆزۈڭ تىرىشىپ قولغا كەلتۈرشىڭ كېرەك  .
يەنە  سەمىڭىزدە بولسۇنكى  ، ھازىرقى كىشىلەر بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىكىدىن كۆپ ناچار ، دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى سۆزلەۋىرىشكە بولمايدۇ  . 
شۇنداق سۆزنى ھەر قېتىم قىلغىنىڭىزدا ، ئوبرازىڭىز باشقىلار نەزىرىدە بىر قېتىم تۆۋەنلەيدۇ  . ئەگەر ئۇنداق سۆزنى ئاغزىڭزىدىن چۈشۈرمىسىڭىز  ، ئوبرازىڭىز تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ  .
كۆرۈنگەن كىشىگە ئۆزىڭزىنى ماختىسىڭىز  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماختىنىشىم جايىدا بولدا دەپ قارىسىڭىز  ، ئەمىلىيەتتە  ، كەسىپ ئەھلى ياكى ئەقىللىق كىشىلەر كىشىلەر بۇنداق ئۇيۇننى دەرھال سېزىۋالىدۇ - دە مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويىدۇ  .
شۇڭا  ، ھەقىقەتەن ماختانماقچى بولسىڭىز سىزنى باشقىلار ماختىسۇن  ، يۈزىڭىزنى قىلسۇن  ، چۈنكى نىمەن ئىشنىڭ ئەسكى ، نىمە ئىشنىڭ ياخشىلىقى كۆپچىلىككە ناھايىتى ئايدىڭ  .
سىز ئۆزىڭىزنى - ئۆزىڭىز  ماختىماڭ  ، سىزنى باشقىلار ماختىسۇن   !
مەنبە  : ‹‹ مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى (1) ›› ناملىق كىتاب 458 - بەت .
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 04:16 PM