|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكوم ‹سالام ئۈرۈمچى›ساخاۋەتچىلەر توپىدىكى قېرىنداشلار ، قەلىبداشلار ،جەمىيىتىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل ئېسىل پەزىلەتلىك قېرىنداشلار :
‹سالام ئۈرۈمچى›ساخاۋەتچىلەر توپىدىكى قېرىنداشلار باشلىغان 9-ئايدا ‹قىينچىلىغى بار تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش پىلانى› رەسمى باشلاندى .
تۇنجى قەدەمدە توپداشلار مەسلەھەتلىشىپ 2012-يىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالىمجان ئىنىمىزنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىغىلغان پۇلدىن 4300يۈەن پۇلنى ئاجىرىتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52-باشلانغۇچ مەكتەپدىكى 20 نەپەر شەرتىمىزگە چۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردۇق.(ئالىمجان ئىنىمىزنى داۋالىتىپ بولدۇق، تەپسىلاتىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ http://sayna.salamurumqi.com/read.php?tid=2678 )
ئەمدىكى پىلانىمىز : ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپدىن 20نەپەر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىش. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16- ئوتتۇردىكى ئون نەچچە نەپەر شەرتىمىزگە چۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشدۇر.
52-باشلانغۇچ مەكتەپ مالىيەسى پۇلنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق چىقىرىپ بەرگەن ھۆجىتى.(پۇل ئوقۇغۇچىلار بېشىغا نەقلەشكەندىن كېيىن مەكتەپ ئۆلچەملىك ئىسپاتىنى پېرىدىغان بولدى.)
‹سالام ئۈرۈمچى›ساخاۋەتچىلەر توپىدىكى توپداشلارنىڭ مەكتەپكە بارغاندىكى كۆرىنىشلىرى بۇپىلاننىڭ تەپسىلاتىنى بۇ ئادىرىسلاردىن كۆرۈڭ: https://uyghur-archive.com/misranim/thread-86548-1-1.html http://sayna.salamurumqi.com/read.php?tid=2679
توپىمىز ياكى پائالىيەتلىرىمىزگە قاتنىشىشنى خالايدىغان قېرىنداشلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ياكى ئىلخەت ساندۇغۇمغا ياكى يانفونىمغا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق قاتناشساڭلار بولىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى :
ئالاقىلاشقۇچى : ئابدۇۋەلى ئابدۇۋارىس
تېلفۇن : 13999138713
ئېلخەت ساندۇغى : atayar@qq.com
مۇڭداشقۇ نومىرى: 303057717
مۇڭداشقۇ توپى نومىرى: 258038002
ھەر ساھەدىكى قېرىنداشلارنىڭ قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
|
|
|
|
|
|