ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹سالام ئۈرۈمچى›ساخاۋەتچىلەر توپىدىكى قېرىنداشلار:
2012-يىلدىكى تومۇز ئىسسىقلار ئاخىرلىشىپ سالقىن كۈز شامىلى بىلەن دىيارىمىز ئالتۇن رەڭلىك گۈزەل كۈز پەسلىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئەتراپىمىزدىكى بىرقىسىم ئائىلىلەردە بىلىمگە تەشنا ، ئەمما ئائىلە قېيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇش پۇلىنى قانداق تۆلەش مەسىلىسى ئۈستىدە قىينىلىۋاتقان بىلىم خۇمار پەرزەنتلىرىمىزنى ئېسىڭىز گە ئېلىپ باقتىڭىزمۇ؟
...
‹سالام ئۈرۈمچى›ساخاۋەتچىلەر توپىدىكى قېرىنداشلار مەسلىھەتلىشىپ بىر ئادەم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم بېرىش پىلانىنى ئويلاشتۇق، (ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلى 200 يۈەنگە بارمايدىكەن ،بىريۈز ئاتمىش يۈەن ئەتراپىدا، شۇڭا شارائىتى ياربەرگەن قېرىنداشلىرىمىز بىر ئادەم بىرئوقۇغۇچىغا مەسئۇل بولۇپ، بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بەرسىلا بولىدۇ. )قوشۇلۇشنى خالايدىغان قېرىنداشلار مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۆز پىكىرىڭلارنى قالدۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز.
پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان ياردەم بەرگۈچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن بىز شەرتىمىزگە ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەيمىز.
ئەگەر قېرىنداشلىرىمىز ئەتراپىدا مۇشۇنداق قىيىنچىلىغى بار بالىلارنى بىلىدىغان تورداشلار بولسا ئىنكاس شەكلىدە ياكى بىزبىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى : ئابدۇۋەلى ئابدۇۋارىس
ئالاقە تېلفۇن : 13999138713
تور ئالاقە ئۇسۇلى: مۇڭداشقۇ 303057717
ئېلخەت ئادىرىسى :
atayar@qq.com