پەيغەمبىرىمىزدىن دىنى ھىكايىلەر
يىغلىغان تۆگە
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ئولتۇرغانىدى. بىر تۆگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئتتىك كېلىپ ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغىلا چۆكتى. ئۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر نەرسە دېمەكچى بولغاندەك بوينىنى ئۇ تەرەپكە سوزدى . بۇنىڭدىن ساھابىلار ھەيران بولۇشتى ۋە تۆگىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىگە قىزىقىپ قاراپ تۇرۇشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە :
- « بۇ تۆگىنىڭ نېمە دېگەنلىكلىرىنى بىلدىڭلارمۇ؟ » دەپ سورىدى.
ساھابىلار:
- ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلگۈچىدۇر، دەپ جاۋاپ بېرىشتى.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا :
- « بۇ تۆگە ئۆز ئىگىسى ئۈستۈدىن شىكايەت قىلدى. ئىگىسىنىڭ ئۇنى يىللار بويىچە ئىشلەتكەنلىكىنى، ئۈستۈگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتقانلىقلىرىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنى سويماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى » دەپ چۈشەندۈردى. ئاندىن ساھابىلارنىڭ بىرىگە :
- « سەن بېرىپ بۇ تۆگىنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ كەل » دەپ بۇيرىدى. ئۇ ساھابە:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن تۆگىنىڭ ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان تۇرسام، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
- « تۆگە سېنى ئۆز ئىگىسىنىڭ قېشىغا باشلاپ بارىدۇ» دېدى.
ھەقىقەت بۇ تۆگە، خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇيرۇق ئالغاندەكلا ئۇ ساھابىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ئۇدۇل ئىگىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ باردى. ساھابە، تۆگىنىڭ ئىگىسىگە :
- سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاقىرىدۇ، دېدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىرلىكتە كەلدى. تۆگىنىڭ ئىگىسى كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
- « بۇ تۆگىنىڭ دېگەنلىرى توغرىمۇ ؟ » دېدى. تۆگىنىڭ ئىگىسى:
- شۇنداق ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
- «ئۇ تۆگىگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن، ئۇنىڭغا ھەدىدىن ئارتۇق ئېغىر يۈك ئارتما » دېدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تۆگىنىڭ ئىگىسى تۆگىگە ئېغىر يۈك ئارتمىدى، شۇنداقلا ئۇنى سويۇشتىنمۇ ۋاز كەچتى.
http://www.kiader.net/viewarticle.php?id=52