مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Bilge

قەدىمقى ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 4177 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 10:40:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bilge يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 04:41 PM
مەن ئۇ نەقىلنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىل نەشىر قىل ...
  1. ئېلكترونلۇق نۇسخىسىغا سەپ سېلىپ باقسام،مەزكۇر نەشىرنىڭ 314-بېتىدە ۋە ئاستى-ئۈستىدىكى 10،20 بەتلىردە ھەقىقەتەن ئۇنداق مەزمۇن يوقكەن.زادى نېمىشقا مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى مەنمۇ ئېنىق بىلەلمىدىم...
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بىلگە ئەپەندىم ،
بۇنى چۈشىنىش تولىمۇ ئاسان،
ھازىرقى خەن  تارىخچىلار ئىسلام دىنىنى  قىلىچ ئارقىلىق تارقالغان دىگەن مەقسەتنى ئايدىڭلارشتۇرۇش ئۈچۈن، قىلمىغان مۇشۇ نەيرىڭى قالغان.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇدۇن(خوتەن)بۇددىستلىرى بىرىنجى بولۇپ مۇش كۆتەرمىگەن بولسا، قاراخانلار بىلەن خوتەن مەملىكىتى ئوتتۇرسىدا 30-40 يىللىق قان تۆكۈلۈش بولمىغان ئىدى .
بەزى تارىخچىلار باركى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاملىشىشىنى قىلىچ ئارقىلىق بولغان دەپ تەرغىپ قىلغاچقا، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانلارنى ئۇرۇش قىلىپ ئاخىرى قاراخانلارغا  يېڭىلىپ ئىسلام قىلىچىغا باش ئەگكەن دەپ  تارىخى ئىجات قىلىۋاتىدۇ .
سىزنىڭ نەقىل ئالماقچى بولغان ھېلىقى
جامىئۇل تەۋارىخ دىگەن كىتاۋىڭىزنى كۆرۈشكە نىسىپ بولارمۇ؟


مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6962
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 12:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 10:40 AM
بىلگە ئەپەندىم ،
بۇنى چۈشىنىش تولىمۇ ئاسان،
ھازىرقى  ...


سىز تىلغا ئالغا ۋېي لياڭتاۋ دېگەن كىشىنىڭ قاراخانىلار توغرىسىدىكى يەكۈنىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسمۇ ئۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇغۇ.ئۇدۇن خانلىقنىڭ قەشقەردىكى بۇددسىتلارنى قوغداشنى بانا قىلىپ قاراخانىلارغا ئاۋال ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە قەشقەرنى بىر مەزگىل ئىشغال قىلىۋالغانلىقى ھەم ئۇدۇنغا مايىل قورچاق ھاكىميەت تىكلىگەنلىكى دەرھەقىقەت.مەن كەلتۈرگەن "جامىئۇل تەۋارىخ"(全史)تىكى قاراخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك سۆزنى توردىن تاپقان،ئەسلى كىتاب مەندە يوق.

伊本·艾西尔《全史》记载,1017年有10万(一说30万)帐异教突厥人(包括黑契丹人)侵入七河地区,深入到距巴拉沙衮8日路程的地方。喀喇汗王朝大汗艾哈迈德·托干汗抱病亲自率军迎敌,打败入侵者,杀死20多万人,俘虏10万人,缴获大量战利品,全胜而归。
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 12:10 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 4177 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 01:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bilge يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 12:10 PM
سىز تىلغا ئالغا ۋېي لياڭتاۋ دېگەن كىشىنىڭ قاراخانىلا ...

مەن بۇ كىتاپنى توردىن ئىزدەپ باقتىم
ئەسلى ئىسمى  الكامل في التاريخ
يەنى‹ كامىل تارىخ›ئىكەن
al-Kamil fi al-Tarikh历史大全
12 جىلىتلىق بۇكىتاپ خېلى مول بىلىملەردىن تەركىپ تاپقاندەك قىلىدۇ .


مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6962
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 01:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 01:37 PM
مەن بۇ كىتاپنى توردىن ئىزدەپ باقتىم
ئەسلى ئىسمى  الكا ...

بىلىشمچە بۇ كىتابنىڭ تېخى ئۇيغۇرچە نۇسىخىسى يوققۇ دەيمەن.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 4177 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 03:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bilge يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 12:10 PM
سىز تىلغا ئالغا ۋېي لياڭتاۋ دېگەن كىشىنىڭ قاراخانىلا ...
مەن كەلتۈرگەن "جامىئۇل تەۋارىخ"(全史)تىكى قاراخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك سۆزنى توردىن تاپقان،ئەسلى كىتاب مەندە يوق.

伊本·艾西尔《全史》记载,1017年有10万(一说30万)帐异教突厥人(包括黑契丹人)侵入七河地区,深入到距巴拉沙衮8日路程的地方。喀喇汗王朝大汗艾哈迈德·托干汗抱病亲自率军迎敌,打败入侵者,杀死20多万人,俘虏10万人,缴获大量战利品,全胜而归。

كىتاپتا دىيىلگەن 100مىڭ كاپىر تۈركلەر دەل كىدانلار بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلار ئەمەس،
سىز خاتا چۈشىنىۋاپسىز .
غەربى لىياۋ سۇلالىسىنىڭ مەملىكىتىمىز شەرقى شىمالىدىن  تارىم ۋادىسى ، ئىلى ۋادىسى، ۋە يەتتە سۇ رايۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مۇنقەرز قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oghuzkhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 03:26 PM  


مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6962
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 08:15:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 03:23 PM
كىتاپتا دىيىلگەن 100مىڭ كاپىر تۈركلەر دەل كىدانلار بول ...


ۋاقىت ماس كەلمەيدۇ،قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ،قاراخانىلار ھەقىقەتەن قاراقىتانلارنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان،لېكىن بۇ ئىش ئەڭ بۇرۇن بولغاندىمۇ 1124-يىللىرى يۈزبەرگەن،قىتانلار 1134-يىلى ئاندىن ئېمىل(دۆربىلجىن)گە كەلگەن ھەم شۇ يەردە قاراقىتان خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.چاپلىغان خەرىتىڭىزدىكى ئېمىل(叶密立) دېگەن ئورۇندىكى يىلنامىگە قاراڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 08:29 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30251
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4064
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:28:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى ھىس قىلىش ئارقىلىق چۇشۇنۇش بىزگە ھەم باشقىلار ئۇچۇن  تولىمۇ ساددىلىقتەك تۇيۇلغان بىلەن مۇشۇ زىمىننىڭ ئەجىداتلىرىنىڭ ھىسسى   تارىخى بىر  ھەقىقەت ، باشقىلار يازغان تارىخى ماتىرياللاردىن ھەقلىق بولىدۇ . مەسلەن بىر قەدەر ئىلمى بولغان ياۋرۇپا تارىخچىلىرىنىڭ بۇ زىمىننىڭ تارىخىنى يىزىشتىن مەخسەت، ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرىنى ئىزدەش، بۇنداق بولغان ئىكەن ئۇلارنىڭمۇ ھىسسىياتى ئارلىشىدۇ، ئۇ ياقتىن پارىسلارنىڭ يازما تارىخى ئەلۋەتتە ئۆز خانلىغى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ، ئىلىمىزدە بولسا تارىخچىلار بۇرۇنلاردا ئىززەت ئابىروي ئۇچۇن تارىخ يازاتتى، ئەلۋەتتە ئۇزاق مەدەنىيەتكەئىگە خەلىق ئۇچۇن، پادىشاھلار ئۇچۇن تارىخ يورتۇلمىسا ، خانلار ئالدىدا ، خەلىقنىڭ ئالدىدا ئىززەت ھورمىتى بولمايتى .
بىز ئوقۇيدىغان چاغلاردا دەرىسلىگىمىزدە بىر تارىخى ھىكايە بولىدىغان ، تارىخىى خاتىرىلەردىن ئىلىنغان . ھىلىقى چىن بەگلىگى بىلەن جاۋ بەگلىگى ئوتتۇرسىدىكى تارىخ يازىدىغان.   بىر بەگلىكنىڭ ئەلچىسى يەنە بىر بەگلىكنىڭ شاھىغا بىر داسنى تەڭلەپ تۇرۇپ مىڭنى تازىم قىلىپ يالۋۇرۇپ  قولىدىكى چوكا بىلەن بىرنى ئۇرۇپ قويۇشىنى تىلەپ تۇرۇۋىلىپ، ماقۇل دەپ بىرنى ئۇرۇپ قويسا ، شۇ زامات تارىخققا پالانى پادىشاھ پوكونى پادىشاھ ئۇچۇن ماۋۇ ۋاقىتتا ناغىرا چىلىپ بەردى پۇتۇپ قويىدىغان .  شۇڭا باشقىلار ھەرگىزمۇ يات تائىپىلەرنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ يازمايدۇ بەلكى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك يەرلىرى كەلگەندە ئورنەك ئاپقويىدۇ خالاس، بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە، ھەرقانداق تائىپىدىن بولغان تارىخچىلارغا ئورتاق .
ئەمدى مەن ھىس قىلغىنىمغا تايىنىپ مەخمۇت قەشقىرىنىڭ كىتاۋى يىزىلغان تارىخى دەۋىرنى كۇزۇتۇپ باقسام ،كىتاپتا «مىنىڭ بۇ كىتاۋىمغا چىن ماچىننىڭ ئىلىمدارلىرىمۇ يۇقىرى باھا بىلەن تەرىپلىشىدۇ » دىگەن بىر جۇملە سوزى بار، بۇنىڭدىكى چىن بولسا قەدىمى جۇڭگۇنى يەنى تاڭ سۇلالىسىنى، ماچىن بولسا ھىندىستان مەدىنىيتى چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان خوتەننى كۆزىدە تۇتقانلىغى ھەممەيلەنگە ئايان . ئاندىن بۇ كىتاپ ئەينى ۋاقىتتا ئەرەپ يىزىغىنى قوللۇنۇپ تۇرۇك تىلىدا يىزىلغان، قەدىمى جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستاندا باشقا باشقا تىل يىزىقلار قوللۇنىلىدىغان تۇرسا ئۇلار قانداق ئوقىيالايدۇ، چوقۇم مۇئەللىپ پو ئىتىۋاتقان بولىشى مومكىن دىگەن قاراش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ بولۇپمۇ بىزدىن باشقا تائىپىلەر شۇنداق قارىسا كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ.
ئەمدى بىزگە ئىنىق بولغان تاڭ سۇلالىسى تارىخىغا قاراپ باقسام شۇدەۋىردە پايتەخىت چاڭئەندە ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىيىم كىچىگى ياشاش ئادىتى تازا مودا بولغان ۋاقىتىقا توغىرا كىلىدىكەن، ھەتتا شاھزادىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بەرگەنلىگى قەيىت قىلىنغان  . ئاندىن ئەجىداتلىرىمىزنىڭ شۇ دەۋىردە لەشكەر تارتىپ چاڭئەنگە بارغانلىغى ئىنىق . تازا ئاشۇ ئەجداتلىرىمىز جاھان سوراۋاتقان ئونىنچى ئەسىردە تاڭ سۇلالىسىنىڭ زاۋال تاپقانلىغى لىكىن نىمە ئۇچۇن زاۋاللىققا يۇزلەنگەنلىگى ئىنىق بايان قىلىنماپتۇ، ئەمما شۇ دەۋىردە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلغانلىغى ھەمدە پايتەخىتنى چاڭئەندىن بىيجىڭغا يۇتكىگەنلىگى ئىنىق بايان قىلىنىپتۇ . بۇنىڭدىن ئۇلانىڭ شۇ ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ كىتاۋىنى ئوقۇپ چۇشىنەلىشىدە شەك يوق دىگەن قاراشقا كەلدىم.
ئەمدى ھىندىستان  تەرەپكە كەلسەك، خوتەن خەلىقىنىڭ لەقىمى بولسا «جاھىل». خوتەن خەلىقى ئۆزىمۇ ئىتىراپ قىلىدۇ ، قانداق كىشىلەرنى بىز جاھىل دەپ ئىپادىلەيمىز ؟
ھەقنى تونىمىغانلارنى، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سىلىۋالغانلارنى ، بىلسىمۇ بىلمەسكە سىلىۋالغانلارنى جاھىل دەيمىز شۇنداقمۇ ؟ مىنىڭچە بۇلەقەم شۇ تارىخنىڭ يالدامىسى . ھەق دىگەن نىمە ؟ ھەق دىگىنىمىز شۇ ۋاقىتتا ھەق دىندىن باشقا قىرىنداشلارنىڭ زىمىن پۇتۇنلىگىنى كۆرسەتسە كىرەك . چۇنكى شۇ ۋاقىتتا ھىندىستان ۋە تىبەت تەرەپتىكىلەر خوتەن بۇددىستلىرىنى كۇشكۇرتۇپ دەي دەيگە سىلىپ يارىدەم  قىلىپ قەشقەرگە سالسا ، ئۇلارنىڭ قەشقەرگە قارشى چىققانلىغى ، بەلكىم قەشقەردىن شۇنچە چۇشەندۇرسىمۇ چۇشەنمىگەنلىگىدىن جاھىل دىگەن نامنى ئالغان بولىشى مومكىن . ھىندىستاننىڭ خوتەنگە يارىدەم قىلغانلىغى توغرىسىدا خەنزۇ تارىخچىللىرىنىڭ قولىدا خوتەننىڭ شۇ ۋاقىتتا يارىدەم تەلەپ قىلىپ يازغان بىر خەت بار، خىتىدە « قەشقەردىن بىر دانە ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان پىلنى ئولجىغا ئالدۇق » دىگەن مەزمۇن چىقىدۇ . مىڭ يىل بۇرۇنمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا پىل ياشىيالمايدۇ، شۇڭا بۇنى ھىندىستانلىقلار خوتەنگە يارىدەم قىلغان جەڭ پىللىرىنى قەشقەرنىڭ ئولجىغا ئىلىۋالغانلىغىنى ، ئاندىن خوتەننىڭ بىرنى قايتۇرۇپ ئولجىغا ئالغانلىغى دەپ چۇشەنسەك ئەقىلگە مۇۋاپىق . ئەگەر  خوتەن باشقا ئەل ياكى باشقا تائىپىدىن بولغان بولسا بىز ئۇلارنى جاھىل دىمەي باسقۇنچىلارغا قەھرىمانە قارشىلىق كۆرسەتكەن دەپ تەرىپلىشەتۇق ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە يارشا. قىرىق يىلغىچە گەپ چۇشەنمەي قارشىلىق قىلغاچقا جاھىل دەپ چۇشۇنۇپ كەلدۇق ، مانا ھازىر خوتەنلىككەر ئۆزىنىڭ جاھىللىقىنى تەن ئالىدۇ . بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بۇلىدۇكى ھىندىستالىق ئىلىمدارلارمۇ  شۇ ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ كىتاۋىنى ئوقۇپ چۇشىنەلىشىدە شەك يوق.
ئەمدى ئىدىتقۇت ئۇيغۇر خانلىغىغا قارايدىغان بولساق ، ئەگەر خوتەن بىلەن قەشقەرنىڭ ئۇرىشى نوقۇل دىننى تۇسنى ئالغان بولسا ، ئىدىتقۇت تەبئىلا خوتەن بىلەن بىرلىشىدۇ ، خۇددى پۇتۇن ئەرەپلەر بىرلىشىپ ئىسرائىلىيەگە قارشى چىققاندەك ، ئەگەر ئىككەيلەن بىرلەشسە قەشقەرنىڭ تاقابىل تۇرمىغى تەس بەلكىم تۇگىشەپ كىتىشى مومكىن ، ئەمما قەشقەر تۇگەشتىمۇ ، تارىخ ئىسپاتلىدىكى قەشقەر تۇگەشمىدى ئەكسىچە تىخمۇ جانلىنىپ پارىسلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھەيدەپ چىقاردى ، يەنى سامانىىلار سۇلالىسىنى يوقاتتى . مانا بۇ ئىدىتقۇت ۋە قەشقەرنىڭ دىننى زىددىيەتنى قايرىپ تۇرۇپ ، بىر ياقىدىن باش چىقارغانلىغىنىڭ ئىپادىسى دەپ چۇشەندىم .ھازىر ھىچكىم قۇمۇل تۇرپانلىقلارنى جاھىل دىمەيدۇ .
شۇنىڭ ئۇچۇن ئەجداتلىرىمىز مەخمۇت قەشقىرى زامانىسىدا مەدىنىيەتنىڭ يۇكسەك پەللىسىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقان پەيىتلىرى دەپ ئىيتشقا بولىدۇ . ئاشۇنداق موھىتتا مۇئەللىپ  ھىچكىمنىڭ چەكلىشىگە يەكلىشىگە ئۇچىرىماي ئىسسىل بىر كىتاپنى يىزىپ چىققان . كىچىككىنە كىرىش سوزىدە يىزىپ قالدۇرغان بىز تاۋغاچنىڭ خانى دىگەندەك بايانلاردىن تارتىپ ھەربىر سوزىگىچە ھەممىسى ئەمىلىيەت دەپ چۇشىنىمەن . سىللەرچىچۇ ؟

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 4177 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:05:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bilge يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 08:15 PM
ۋاقىت ماس كەلمەيدۇ،قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ،قاراخانىلار  ...

بۇ ۋەقە راستىنلا{ كامىل تارىخ} دىگەن كىتاپتا تەسۋىرلەنگەنمۇ يوق بىلمىدىم،
بىراق بەزى خاتىرىلىەردە 100مىڭ (ياكى 300مىڭ)كىشىلىك يايلاق كاپىرلىرى异教徒游牧人 دەپ يېزىلىپتۇ .http://baike.baidu.com/view/24712.htm
بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەسلىكى بىلىۋالىمىز، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى يايلاق مەدىنىيىتىدىن تېرىم مەدىنىيىتىگە كۆچۈۋاتقان ، شەھەرلىشىپ  پارلاق مەدىنىيەت يارىتىۋاتقان مەزگىل .
ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىتورىيە جەھەتتىنمۇ بۇ ۋەقە تازا كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ
قۇجۇ زىمىنىدىن يەتتە سۇ رايۇنىغا كىشى  قانداق كىرىدۇ ؟
پەقەت شىمالى چېگرىدىن كىرىش ئېھتىمالى بار .
بۇلار دەل قىپچاق (قازاق) لار بولىشى مۈمكىن .



مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6962
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:27:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 11:05 AM
بۇ ۋەقە راستىنلا{ كامىل تارىخ} دىگەن كىتاپتا تەسۋىرلە ...


قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى مەسلىسىدە،ئىلگىردىنلا ئوخشاش بولىمىغان قاراشلار بار.بۇ قاراشلارنىڭ مۇھىملىرى مۇنداق تۆت خىل :
بىرىنجىسى،شىمالى سوڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن ۋاڭ يەندې يازغان "قوچوغا ئەلچىلىككە بېرىش"دېگەن كىتابتا ئۇيغۇر خانلىقنىڭ غەربى-جەنۇب تەرىپى پېرسىيە ۋە ئەرەبىستانغا تۇتىشىدۇ،غەرب تەرىپى ھىندى دەريا ۋادىسىدىكى پېشاۋۇرغىچە يېتىپ بارىدۇ دېيىلگەن.

ئىككىنجىسى،"يۈەن تارىخى.بارچۇق ئارت تېكىننىڭ تەرجىمھالى"دا قوچو ئۇيغۇر خانلىقنىڭ زېمىنى شەرقتە قۇمۇلدىن باشلىنىپ غەرب تەرىپى تۈبۈتلەرنىڭ غەربى قىسىمى بىلەن تۇتىشىدۇ،شىمال تەرىپى بېشىبالىق ئەتراپىدىكى جايلارغىچە يېتىپ بارىدۇ،جەنۇب تەرىپى گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ دېيىلگەن.

ئۈچىنچىسى،20-ئەسىرنىڭ باشلىردا تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بىر پارچە تارشا پۈتۈكنىڭ تىلاۋەت قىسمىدا قوچو ئۇيغۇر خانلىقنىڭ زېمىنى شەرقتە دۈنخۇاڭ-شاجودىن باشلىنىپ غەربتە نەۋبارخان يەنى ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاشكەنتنىڭ غەربى-جەنۇبىدىكى چىرچىككىچە يېتىپ بارىدۇ دېيىلگەن.

تۆتىنجىسى،ماۋرائۇننەھىردە قۇرۇلغان سامانىلار خانلىقىدا ئۆتكەن بىر كىشى 10-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى يازغان "ھۇدۇدۇلئالەم"دېگەن كىتابنىڭ 12-بابى "توققۇز ئوغۇزلار دۆلىتى(يەنى قوچو ئۇيغۇر خانلىقى) توغرىسىدا"دا،قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى  شەرقتە قۇمۇلدىن باشلىنىپ،شىمال تەرىپى ئىلى-مىڭلاق ۋادىسىغىچە،غەرب تەرىپى تۈبۈتلەرنىڭ زېمىنى بىلەن تۇتىشىدۇ دېيىلگەن.

<<ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>> 2006-يىل نەشرى،90-بەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 11:28 AM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7188
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 01:41:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماتىريال .ساقلىۋالدىم .
خېلى مۇكەممەل رەتلەپ چىقىپسىز .ئەجرىڭىزگە رەھمەت .
ئىنكاس يازماسلىق خاتالىق ئەمەس .ئىنكاس يازساق تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ،ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلارنى يازايلى .
بىر ئوبدان ئەجرىنى سىڭدۈرۈپ بىزگە ئىسىل تىمىلىرىنى سۇنۋاتسا ،يەنە نىمە دەپ بىر قىسىملىرىمىز يىنىكلىك بىلەن سوغاق سۇ سېپىمىز .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش