قەدىمقى ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرسى
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ئۇيغۇرلار(回鹘)نىڭ ئەجدادلىرى بولغان دىڭلىڭ(丁零)لار سالنامە(史籍)لەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان،دىڭلىڭلار شەرقتە بايقال كۆلى(贝加尔湖)دىن غەربتە بالقاش كۆلى(巴尔喀什湖) ۋە ئېرتىش دەرياسى(额尔齐斯河)غىچە بولغان رايونلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان،ئۇلار شەرقى دىڭلىڭ ۋە غەربى دىڭلىڭ دەپ ئاتالغان ھەم ھۇنلار(匈奴) غا بېقىنغان.
مىلادىيە 85-يىلى شىمالى ھۇنلارخەن سۇلالىسى(汉朝) تەرپىدىن مەغلۇب قىلىنىپ غەربكە كۆچكەن.شۇنىڭ بىلەن زور تۈركۈمدىكى دىڭلىڭلار جەنۇبقا كۆچكەن.
مىلادىيە 4-ئەسىردە شەرقى دىڭلىڭلار ئورقۇن دەرياسى(鄂尔浑河) ۋادىلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان،غەربى دىڭلىڭلار بولسا تەڭرىتاغنىڭ شىمالى قىسمى ۋە غەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان.خەنزۇچە سالنامىلەردە "دىڭلىڭ" دېگەن نامنىڭ ئورنىنى "تيېلې"(铁勒)دېگەن نام ئالغان ھەم ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھارۋىلىنىڭ چاقى يوغان بولغانلىقى سەۋەبىدىن "قاڭقىل"(高车)دەپ ئاتالغان.شەرقى قىسىم قاڭقىللارنىڭ تەركىبىدە "ئۇيغۇر" (袁纥)قەبىلىسى بار بولۇپ ،بۇ دەل كېيىنكى "ئۇيغۇر"(回纥)لارنىڭ ئەجدادلىردۇر.
مىلادىيە 487-يىلى قاڭقىللارنىڭ شەرقى قىسىم قەبىلىلىرى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدە قاڭقىل خانلىقى(高车汗国)نى قۇرغان.
مىلادىيە 541-يىلى قاڭقىل خانلىقى جۇرجانلار(柔然) تەرپىدىن يىمىرىلگەن.
مىلادىيە 552-يىلى تۈركلەر(突厥) باش كۆتۈرۈپ جۇرجانلارنى يوقاتقان ھەم تۈرك خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان."ئۇيغۇر"(袁纥)قاتارلىق قاڭقىل(ياكى تېيلې) قەبىلىلىرىگە تۈركلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
مىلادىيە 603-يىلى تۈركلەر سۈي سۇلالىسى(隋朝)تەرپىدىن مەغلۇب قىلىنغان،قاڭقىللار (ياكى تېيلېلار)نىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى تۈركلەرگە قارشى چىققان."ئۇيغۇر"(袁纥)دېگەن نام سالنامىلەردە كۆرۈلگەن،ئۇيغۇرلار (袁纥) تيېلېلار(ياكى قاڭقىللار)نىڭ بىر قەبىلىسى بولۇپ تۇلا دەرياسى(土拉河) نىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچلىق قىلغان.
مىلادىيە 627-يىلى ئۇيغۇرلار(回纥)نىڭ سەردارى بۇسات(菩萨)شەرقى تۈركلەرنى مەغلۇب قىلغان.
مىلادىيە 630-يىلى شەرقى تۈركلەر گۇمران بولغان،ئۇيغۇرلار(回纥) ۋە سىرتاردۇشلار(薛延陀) چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قەبىلىگە ئايلانغان.
مىلادىيە 646-يىلى ئۇيغۇرلار(回纥)نىڭ سەردارى تۇمىد(吐迷度) بايىرقۇ(仆固)،توڭرا(同罗) قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ سىرتاردۇشلارنى مەغلۇب قىلغان.چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھەرقايسى تيېلې(ياكى قاڭقىل) قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلار(回纥) بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئىتتىپاقى يەنى توققۇز ئۇيغۇرلار(九姓回纥)نى ھاسىل قىلغان.
مىلادىيە 647-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلار(回纥) رايونىدا دەشتىماكان تۇتۇق مەھكىمىسى(瀚海都督府)نى تەسىس قىلغان،ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى تۇمىد تۇتۇق بولغان.
مىلادىيە 682-يىلى چۆللۈكنىڭ شىمالىدا كېيىنكى تۈرك خانلىقى (后突厥汗国)باش كۆتۈرگەن،كېيىن ئۇيغۇرلار(回纥) تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ تۈركلەرگە قارشى تۇرغان.
مىلادىيە 745-يىلى ئۇيغۇرلار(回纥)لارنىڭ كۆلبىلگە قاغان(骨力裴罗) بومەي قاغان(白眉可汗)نى ئۆلتۈرۈپ تۈرك خانلىقىنى گۇمران قىلغان،شۇنىڭ بىلەن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى (鄂尔浑回鹘汗国)رەسمى قۇرۇلغان.
مىلادىيە 756-يىلى ئۇيغۇر(回纥) چەۋەندازلىرى جەنۇبقا چۈشۈپ تاڭ سۇلالىسنىڭ ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى(安史之乱)نى تىنجىتىشىغا ياردەملەشكەن.
مىلادىيە 757-يىلى ئۇيغۇر (回纥)چەۋەندازلىرى مويۇنچۇر قاغان (磨延啜)نىڭ خانزادىسى يابغۇ(叶护)نىڭ رەھبەرلىكدە چاڭئەن(长安) ۋە لوياڭ(洛阳)لارنى قايتۇرۋالغان.
مىلادىيە 762-يىلى ئۇيغۇرلار(回纥)نىڭ بۆگۈ قاغان(牟羽可汗)نى لەشكەر چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلاڭچى قوشۇنىنىڭ سەردارى شى چاۋيى(史朝义)غا بولغان جازا يۈرشىگە ياردەملەشكەن ھەم لوياڭ،خېبېي (河北)قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۋالغان.
مىلادىيە 763-يىلى بۆگۈ قاغان مانى(摩尼教) دىنى كىرگۈزۈپ،مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن.
مىلادىيە 788-يىلى تاڭ دېزوڭ(唐德宗) قىزى شيەنئەن مەلىكە(咸安公主)نى ئۇيغۇر(回纥) قاغانى تونماغا (顿莫贺)قاغانغا ياتلىق قىلغان.ئۇيغۇرلار(回纥) تاڭ سۇلالىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشنىڭ "回纥 "دېگەن خەتتىن "پەرۋاز قىلغان شۇڭقار" (回旋之鹘)دېگەن مەنە چىقىدىغان "回鹘 "دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان.
مىلادىيە 789-يىلدىن 791-يىلغىچە ئۇيغۇرلار(回鹘) بىلەن تۈبۈتلەر(吐蕃) بېشىبالىق(北庭،ھازىرقى جىمىسار)نى تالاشقان،نەتىجىدە ئۇيغۇرلار(回鹘) غەلبە قىلغان.
مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئۇيغۇرلار(回鹘) تۈبۈتلەرنى مەغلۇب قىلىپ بېشىبالىق،كۈسەن(龟兹،ھازىرقى كۇچا)قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۋالغان،تەسىر كۈچى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرغا يەتكەن.
مىلادىيە 821-يىلى تاڭ سۇلالىسى تەيخې مەلىكە(太和公主)نى ئۇيغۇرلار(回鹘)نىڭ چوڭدې قاغان(崇德可汗)ىغا ياتلىق قىلغان.
مىلادىيە 840-يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەن.
مىلادىيە 866-يىلى ئۇيغۇرلار سەردارى بۆگۈ تېكىن (仆固俊) نىڭ رەھبەرلىكىدە بېشىبالىق،قوچو(高昌،ھازىرقى تۇرپان)لارنى ئىگەللىگەن،شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار تەدىرجى ھالدا قوچو ئۇيغۇر خانلىقى(高昌回鹘汗国) ۋە قاراخانىلار خانلىقى(喀喇汗王朝)غا پارچىلنىپ كەتكەن.
مىلادىيە 911-يىلى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى(甘州回鹘汗国) خېشى كارىدورى(河西走廊)نى تولۇق كونترول قىلغان.
مىلادىيە 943-يىلى قاراخانىلار خانلىقنىڭ بۇغراخانى سۇتۇق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەم تاغىسى ئوغۇلچاقنى مەغلۇب قىلىپ قەشقەرنى ئىگەللىگەن.
مىلادىيە 960-يىلى قاراخانىلار خانلىقى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن.
مىلادىيە 1040-ۋە1041-يىللىرى قاراخانىلار خانلىقى شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككىگە پارچىلنىپ كەتكەن.
مىلادىيە 1081-يىلى تارىم ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىدا "سېرىق ئۇيغۇر"(黄头回鹘) قەبىلىسى پەيدا بولغان.
مىلادىيە 1124-يىلى قاراقىتان خانلىقى(喀喇契丹汗国)قۇرۇلغان،ئۇزاق ئۆتمەي قوچو ئۇيغۇر خانلىقى قاراقىتان خانلىقىغا بېقىندىسىغا ئايلانغان.
مىلادىيە 1130-يىلى شەرقى قاراخانىلار خانلىقى قاراقىتان خانلىقىنىڭ بېقىندىسغا ئايلانغان.
مىلادىيە 1141-يىلى غەربى قاراخانىلار خانلىقى قاراقىتان خانلىقنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان.
مىلادىيە 1209-يىلى قوچو ئۇيغۇر خانلىقى چىڭگىزخان(成吉思汗)غا بەيئەت قىلغان.
مىلادىيە 1211-يىلى شەرقى قاراخانىلار خانلىقى نايمانلارنىڭ سەردارى كۈچلۈك(屈出律) تەرپىدىن يوقىتىلغان.
مىلادىيە 1212-يىلى غەربى قاراخانىلار خانلىقى خارەزىم خانلىقى(花剌子模汗国) تەرپىدىن يوقىتىلغان.
مىلادىيە 1514-يىلى چاغاتاي(察合台) ئەۋلادى سەئىدخان(赛义德汗) ئىسلام دىنىنى بايراق قىلىپ تارىم ئويمانلىقنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.ئۇيغۇرلار(回鹘)بىلەن يەرلىكتىكى باشقا قەۋملەر بىلەن قان ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يۇغۇرلۇپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر(维吾尔) مىللىتىنى شەكىللەنگەن.
مىلادىيە 16-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە خېشى كارىدوردىكى سېرىق ئۇيغۇرلار شۇ يەردىكى موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن يۇغۇرلۇپ بۈگۈنكى يۇغۇر(裕固)مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
رەتلىگۈچى:بىلگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 12:07 AM