红叶子 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 02:39 PM 
بۇ دوستىمىز بەلكىم گۈلەننىڭ ئامىرىكا،تۈركىيەنى تاشل ...
بۇ دوستىمىز بەلكىم گۈلەننىڭ ئامىرىكا،تۈركىيەنى تاشلاپ يۇرتىغا قايتىپ مەركىزىي شەھەر ھۆكۈمەت خىزمىتىن تاللىماي جەنۇبىي شىنجاڭدا مائارىپىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆزدە تۇتىۋاتسا كېرەك ،سىزنىڭچە بۇلار مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە كىرەمدىغاندۇ؟
توغرا دەيسىز.
يۇقۇرىقى دوستىمىزدەك، << مىللەت ئۈچۈن ... نى تاشلاپ، ... دىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن... ، مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان، مىللەتنى دەپ ئۇنداق قىلغان بۇنداق قىلغان...>> دىگەندەك باھا ۋە يەكۈنلەرنى ئالدىراپ بېرىدىغان ۋە چىقىرىدىغان دوستلىرىمىز، ئارىمىزدا ئاز ئەمەس. لېكىن، بۇنداق يەكۈننى، سۆزنى ئالدىراپ ئېغىزدىن چىقىرىش، بىرسى، شۇ كۆپتۈرۈپ كۆككە كۈتىرىۋېتىلگۈچى شەخىسكە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ؛ يەنە بىرى، ئوقۇرمەنلەرگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بۇ مەسىلىلەر گۈلەنگە بېرىلگەن باھا ئۈستىدە كېتىۋاتقاچقا، گۈلەننى مىسال قىلىپ سۆزلەشكە توغرا كەلدى، لېكىن بۇ نۇقۇل گۈلەننىلا كۆزدە تۇتقانلىق بولماستىن، بەلكى شەخىسكە باھا بېرىشتە پايدىلنىشىمىز ئۈچۈنلا بېرىلدى. (مېنىڭ گۈلەن بىلەن ھېچ قانداق شەخسى ئاداۋىتىم يوق، بۇنىسى ئېنىق بولۇپ كەتسۇن). يۇقۇرىقى دوستىمىزنىڭ كۆزدە تۇتقىنى بويىچە تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاپ باقايلى.
1. گۈلەن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەنى<< تاشلاپ>> كەتتىمۇ ؟
چەت ئەلدە تۇرىۋاتقان ھەر قانداق بىر شەخىس، شۇ تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى تۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ ۋاقتى توشسا، مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى، زىيارەتچى تەتقىقاتچىلىق سالاھىيىتى، ساياھەتچى سالاھىيىتى ياكى تۇققان يوقلاش سالاھىيىتى...قاتارلىق، ئۇنىڭ شۇ دۆلەتتە ئارتۇق تۇرۇش ھوقۇقىقى بولمايدۇ ۋە شۇ بەلگىلەنگەن تورۇش ۋاقىتىدىن بۇرۇن، بۇ دۆلەتتىن ئايرىلىشى كېرەك. مەسىلەن: ماگېستىر ئاسپىرانتى بولسىڭىز، ماگېستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالالىسىڭىز، ئاندىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلالايسىز، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى، شەرتلىرىنى ئورۇندىيالىسىڭىز، يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدىن ئۆتسىڭىز، ئاندىن دوكتۇر ئاسپىرانتى سالاھىيىتى بىلەن، تۇرۇش ۋاقتىڭىزنى ئۇزارتالايسىز. ئەگەر ماگېستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالالمىغان بولسىڭىز، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا شەرتىڭىز توشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ دۆلەتتە تۇرۇش سالاھىيىتىڭىز بولمىغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتتىن كەتمەي، يۇرتقا قايىتماي ئامال يوق. (بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەتتىن باشقا سالاھىيەت بىلەن، تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، بۇ باشقا گەپ. مەسىلەن: خىزمەت قىلىش سالاھىيىتى دىگەندەك). ئەمدى ئوقۇشى تۈگىمەستىنلا، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدىغانلارمۇ بار.
مەيلى قايسى خىل ئەھۋال بولسۇن، چەت ئەلدە ئوقىغان بىرەر كىمنىڭ يۇرتقا قايتىپ كەلگەنلىكىنى،<< مىللىتى ئۈچۈن قايتىپ كەلدى...>> دەپ قاراش، مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ، مىللەت ئۈچۈن جان كۆيەرلىكنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋېلىش، بىر تەرەپلىمىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ( ئانا دىيارىمىزغا قايىتماي، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋە ئىشلەۋاتقانلار، ياشاۋاتقانلارنىڭمۇ مىللەتپەرۋەرلىكى بىزدىن كام ئەمەس، ئۆز يۇرتىدا بولۇش، مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ۋە شەرتىمۇ ئەمەس. ) شۇڭا، بىزدىكى چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنى ماختاشتا ئادەتلىنىپ كەتكەن << ....دۆلەتنى تاشلاپ>>، <<....ئەۋزەل شەرت شارائىتلارغا قارىماي....>>، <<...مەكتەپنىڭ كۈچلۈك ...مەكتەپتە قېلىپ ئىشلەش تەلىپىنى رەت قىلىپ...>> دىگەندەك ئاساسسىز گەپلەرنى، سەل ئويلىنىپراق، ئالدى كەينىمىزگە بىر قارىۋېتىپراق قىلغىنىمىز ياخشى.
2. چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەركىزى شەھەر ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىشنى ئۆزى تاللىمىدىمۇ ياكى مەركىزى شەھەردىكى ھۆكۈمەت خىزمەت ئورنى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بەرمىدىمۇ؟ <<مىللەتكە جان كۆيدۈرۈش>> ئۈچۈن، چوقۇم ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلىمەسلىك، مەركىزى شەھەرلەردە ئىشلىمەسلىك كېرەكمۇ؟
چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا، ئالى مەكتەپلەردە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا مەلۇم خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. بەزىسى چوڭ شەھەرلەردە بولسا، بەزىسى كىچىك شەھەرلەردە تۇرىۋاتىدۇ. نەدە ئىشلەپ، رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش، شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى. لېكىن، قانداقتۇر ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلىمىگەنلىكى، بۇ شەخىسنىڭ ئېسىللىقىنىڭ، مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ ۋە ياكى مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.گۈلەن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغان. ئاڭلىسام، بۇ مەكتەپنىڭ ھازىر بەك جازىسى يوغىناپ كېتىپتىمىش... ۋاڭ ياكى جاڭ بولمىغانلار، ھەر قانچە چەت ئەلدە ئوقۇپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ كەلسىمۇ، قارارغا كۆزى يوقمىش...
3 . گۈلەننىڭ قەشقەردە تىل تەربىيەلەش ئورنى ئېچىشى، نۇقۇل مىللەت ئۈچۈنلىمۇ ياكى جان بېقىشتىن ئىبارەت ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەقەللى ئېھتىياجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟
مېنىچە ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قانداق بىر ئىنسان، ئالدى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ئەگەر ئۇ ئەقەللى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمىسا، ئۇ ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس، بەلكى مىللەتكە يۈك بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ئۆز تۇرمۇشى مەلۇم كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاندىن باشقىلار ئۈچۈن نىمە قىلىشنى ئويلاشقىلى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ جان بېقىش يولى باشقا، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولى باشقا بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ جان بېقىش يولى بىلەن، ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولى بىر بولىدۇ. بۇنى شۇ شەخىسنىڭ رېئال ئەھۋالى، يەنى، بىلىم قۇرۇلمىسى، قىزىقىشى، ئىمكانىيىتى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كونكىرت ئېھتىياجى قاتارلىقلار بەلگىلەيدۇ. لېكىن، قانداقتۇر، چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر تىل تەربىيەلەش ئورنى ئاچسا ، ئۇنى مىللەت ئۈچۈن ئېچىپ، ئۆز يۇرتىدا تەربىيىلىنپ مەكتەپ ياكى تەربىيلەش ئورنى ئاچقانلار پەقەت ئۆزى ئۈچۈن، جان بېقىش ئۈچۈنلا ئاچىدىغاندەك تۇيغۇدا بولساق، بۇ توغرا بولمايدۇ. مەيلى چەت ئەلدە ئوقۇسۇن، مەيلى يۇرتىمىزدا تەربىيەلەنگەن بولسۇن، ھەممىسىگە ئىنسانىلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ، توغرا ئۆلچەمدە، لىللا باھا بېرىشىمىز لازىم.
4. بىر شەخىسكە باھا بېرىشتە ئۇنىڭ ئاغزىدىكى، يازغانلىرىدىكى نەرسىلەرگە قارا قويۇق ئىشىنىمىزمۇ ياكى ئۇنىڭ راست يالغانلىقىغا ئاز تولا گۇمانى نەزەر بىلەن قاراپ، ئاندىن كېيىنكى ئەمىليىتى ئارقىلىق ئاخىرقى ئىشەنچىلىك يەكۈننى چىقىرىمىزمۇ؟
بىر ئادەم مىللەت ئۈچۈن ئۇنداق قىلدىم، بۇنداق قىلدىم،... مىللىتىم ئۈچۈن ئۇنى قىلىمەن، بۇنى قىلىمەن...، مىللىتىمنى دەپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم، بۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم...، دىيىش ياكى يېزىش بىلەنلا مىللەتپەرۋەر، مىللىتى ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلىۋەتكەن ياكى قىلىۋېتىدىغان بولۇپ قالمايدۇ ۋە بولۇپ قېلىشىمۇ ناتايىن. شۇڭا، گەپكە ئەمەس، ئەمىليەتكە قاراپ، ئاندىن مىللتى ئۈچۈن ئۇنداق قىلىۋاتقان، بۇنداق قىلىۋاتقان.... مىللەتپەرۋەر... دىگەندەك باھالارنى بېرىش، لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ ۋە بۇنداق چىقىرىلغان يەكۈن، باشقىلارغا زورلاپ تېڭىلغاندەك تۇيغۇ بەرمەستىن، بەلكى تەبىئى ئالقىشلىنىدىغان، قايىل قىلارلىق يەكۈن بولۇپ چىقىدۇ.قىسقىسى، شەخىسكە باھا بەرگەندە، ئالدىراقسانلىقتىن، قىزىق قانلىقتىن، شەخىسى ھېسسىياتنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىشتىن ساقلىنىشنى، <<مىللىتى ئۈچۈن، ...ۋەتىنى ئۈچۈن...ئۇيغۇر ئۈچۈن...قىلىۋاتقان، جان كۆيدۈرىۋاتقان...>> دىگەندەك باھالارنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن بەرمەسلىكنى تەكىتلەيمەن. چۈنكى بۇ باھالارنىڭ ۋەزنى ۋە مەسئۇلىيىتى بەكمۇ ئېغىر، ھۆددىسىدىن چىقماقمۇ ئاسان ئەمەس.

ئەمدى مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ دائىرىسىگە نىمىلەر كىرىدۇ، نىمىلەر كىرمەيدۇ، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئويلىنىشىغا قالدۇرىمەن. لېكىن، شۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيمەنكى، قولىغا قەلەم ئېلىپ، ياخشى ماقالە ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، خەلقىگە بىلىم بېرىش، ، روھى ئوزۇق بېرىش، خەلقىنى تەپەككۈر قىلىشقا ئۈندەش، خەلقىنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەش... بۇلار ئەلۋەتتە خەلقى، مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. بىزدە بۇنداق شەكىلدە مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان تەتقىقاتچىلىرىمىز، پەننى ۋە دىنى زىيالىلىرىمىز تولىمۇ كۆپ. ھەممىنى بۇ يەردە ساناپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن گۈلەننىمۇ مىللىتى، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، دىسەك خاتا بولمايدۇ.
لېكىن مىللەتكە خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ھەممىلا ئادەمنىڭ شۇ مىللەت گەۋدىسىگە نىسبەتەن، ۋەكىل ياكى بايراقدارغا ئايلىنالىشى، مىللەت تەرەققەياتىنىڭ ھەرىكەت ماتورىنى توختاتماي ھەركەتلەندۈرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنالىشى ، ئۆز مىللىتىنى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن، توغرا نىشان ۋە يولنى كۆرسىتىدىغان ماياكلىق رولىنى ئوينىيالىشى ھەم بۇ خىل بۈيۈك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىشى، شۇنداقلا بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى ناتايىن.
شۇڭا، <<مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش>> شەرىپىگە نائىل بولىدىغانلارمۇ ساناقلىقلا. مەسىلەن: مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، مەرھۇم ئەيسا داموللام ، ئەسەت سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئەختەم ئۆمەر، مەرھۇم روزى سايىت،غەيرەتجان ئوسمان، مىرسۇلتان ئوسمانۇپ، ... قاتارلىقلارغا ئوخشاش. بۇ ئالىملىرىمىز، ئەدىپلىرىمىز، ئىلمى ۋە ئەدەبى ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلقىمىزگە سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ روھى ۋە ماددى دۇنياسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، ئۆز خەلقىنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىغا ئېرىشكەنلەردۇر. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ھەممىمىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىز ئۇتۇغلۇق بولسۇن! پىلانلىرىمىز ھەم رېئاللىققا ئايلانسۇن! <<مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن ۋە كۆيدۈرىۋاتقان>> دىگەن شەرەپلەر، خالقىمىز تەرىپىدىن بېرىلىشكە، ئەمىليىتىمىز گۇۋاھ بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tohtanghenim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 05:33 PM