albax يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 10:41 PM 
توختاڭ خېنىم ، ئىنكاسلىرىڭىز ئېغىر دەرىجىدە بىر خىل ...
ئەلباش، مەندە ھېچقانداق كۆرەلمەسلىك ياكى شەخسى ئۆچ ئاداۋەت يوق،
خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز! مەن ھەق بار گەپنى دەيمەن، گەرچە ‹‹ كۆرەلمەس››
دەپ تەرىپلەنگەن ئاياللار تائىپىسىگە مەنسۇپ بولساممۇ! ياخشى يازغانلىرىنى
ياخشى دەيمىز، مەسىلە بار بولسا كۆرسىتىمىز، ئورتاقلىشىمىز، ئۆز ئارا يېتەكلىشىمىز...
مانا بۇ توغرا يول.
شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ھېچكىم مېنىڭ شاھىم ئەمەس ھەم مەنمۇ ھېچكىمنىڭ
پېچكىسى ئەمەس! مەن پەقەت ئۆز جىسمىم ۋە تەپەككۇرۇمنىڭ تولۇق
ھوقۇقلۇق ئىگىسى ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق پايدىلانغۇچىسى، شۇنداقلا بۇلاردىن
ئۈنۈملۈك رەۋىشتە پايدىلنىۋاتقانلاردىنمەن! مەيلى زۇلپىقار ، مەيلى گۈلەن
بولسۇن، ھەممىسى مېنىڭ قېرىدانشلىرىم! مەن ھەر ئىككىسىنىڭ ئىشلىرىغا
ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
لېكىن، ھەر قانداق شەكىلدىكى تەپەككۇرسىزلا ھاياجانلىنىپ، شەخسكە
قارىغۇلارچە چوقۇنۇشقا قارشىمەن!!! شۇنداقلا ھەر قانداق بىر بىلىملىك
شەخسنىڭ ، نادانلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان، قالبى زەرداپ بىلەن
تولۇپ كەتكەن، مىسكىنلەرچە قول باغلاپ، ‹‹سىلى بىلىملىك، سىلى سۆزلىسىلە،
سىلى يازسىلا، سىلىنى قوللايمىز ...›› دەپ چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ تۇرغان
خەلقىمىز ۋە ياشلىرىمىزنى، قۇدقتىن چىقمىغان پاقا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ
دەپ قاراپ، خالىسا ئۇ كۆلچەككە ، خالىسا بۇ كۆلچەككە باشلاپ،
مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشىغىمۇ قاراپ تۇرالمايمەن!!!