ئۆتكەندە بىر خىزمەتدېشىم(سەۋىيەسى شۇنچىلىك) ئاغزى قۇلىقىغا پاتماي ئىشخانامغا كىرىپتۇ. «ئۇكام، ماڭا مانداق بى ئۇچۇر كەپتا، مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر پىروگراممىسىنىڭ مۇكاپاتىكەن، ماۋۇ ئادرىسىمۇ باكەن، ئېچىپ قايلاپ بېقىڭە، خۇدايىم بەدىمۇ نىمە ماڭا؟»
مەن ئۇچۇرنى كۆرۈپلا: «ماڭقايلىسىلا، ماۋۇ ئالدامىچىنىڭ ئۇچۇرى» دېسەم ئىشەنمىدى، ئاخىرى تور بەتنى ئاچتۇق. تور ئادرىسى مۇنداق ئىدى:
www.jjcctv.com . ئاچساق، 6 قوشىمىز 1 دىگەن سەھىپىسىنىڭ تور بىتى. ئۇ توربەتنى كۆرۈپ: «قايلاڭ ئۇكام، مانا، ئاۋۇ ئاداش شۇ پىروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى» دىدى. مەن:« مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور بېتىدەك تور بەتلەرنىڭ ئادرىسىنىڭ ئارىسىغا ھېچقانداق ھەرىپ ئارلاشمايدۇ، سىلى بۇ پىروگراممىغا قاتناشماپلا، ئۇچۇر مۇ يازماپلا، كاللىىرىنى ئىشلەتسىلە» دىسەم خاپا بولوپ نىمدەيدۇ تېخى:«ئۇكېېېېم، ماڭقايلىڭە، سىزنى چوڭ بىلىپ، ئۆز بىلىپ چىرىپتىمەن قېشىڭىزغا، خاپا بوممىڭە، ئەتە بانكىغا بېرىپ ئۆزەم ئې ئۇچۇردىكى كارتىغا پۇل سېلىپ ئاندىن بىژئىش قىلاي، بانكىدا ئۇيغۇرمۇ ئىشلەيدا جىما» دەپ خاپا بوپ چىقىپ كەتتى. توۋا،،، دەپ ياقامنى چىشلىدىم.
ئەتىسى سالپىيىپ ئىشخانامغا كىرىپتۇ:« ئۇكام، سىز راس دەپتىكەنسىز، بانكىغا بېرىپ مۇشۇنداق مۇشۇنداق ئىش بولدى، دېسەم، ئۇلار‹سىلى نەدە خىزمەت قىلىلا› دەپتى، دەپبەرسەم، مۇشۇنداق ئۇچۇرغىمۇ ئىشىنىدىغان قانداق مائارىپچى سىلە دەپ بەك زاڭلىق قىلدى، تۈنۈگۈن سىزگە بىكار خاپا بوپ قالدىم، خاپا بومماڭ جىما» دەپ.
ھۇشيار بولايلى، ئالدامچىلار كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تەييارتاپ پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاسماندىن بىكاردىن بىكار قۇيماق ياغمايدۇ، ئىككى بىلىكىمىز بىلەن ئەقلىمىزگە تايىنىپ پۇل تاپايلى.