مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1976|ئىنكاس: 28

كۆپ ئۇچرايدىغان يانفون ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز دەۋىرنىڭ  ج

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11491
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 11:11:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەگەر يانفونىڭىز بىرلا قېتىم سايراپ توختاپ قالسا، تېلىفون قايتۇرۇشتا ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ بەلكىم ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەل جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئېلان قىلغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن يانفوندىكى 16 خىل ئۇچۇرئالدامچىلىقىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپ بولغاندا 100 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى ئالداپ كېتىلىدىكەن. ئۇنداقتا ئالدامچىلار يەنە قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق يانفوندا ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتىدۇ؟ تۆۋەندە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر قانچە خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلىغا قاراپ باقايلى…

1. «سىز مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز»

بۇنىڭدا «سىز x يۈەنلىك خاتىرە كومپيۇتېرىغا ئېرىشتىڭىز، مۇكاپات ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، مۇكاپاتنى ئېلىۋېلىڭ» دەپ ئۇچۇر قىلىپ، سىزگە بىر تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا تېلېفون قايتۇرغاندا، تۈرلۈك مۇكاپات ئېلىش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلسىڭىز، پۇلىڭىزدىن قۇرۇق قالىسىز، ئەمما مۇكاپاتقا ھەرگىز ئېرىشەلمەيسىز. گۇماندار ئۇچۇر ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ياكى سودا-سارايدا كارتىدىن پۇل خەجلىگەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ، ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرىغا ئېرىشىپ، ئارىدىن نەپ ئالىدۇ.

2. ناخشا تەلەپ قىلغانلىق قىسقا ئۇچۇرى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش

بۇنىڭدا ئالدامچىلار مۇنداق ئۇچۇر قىلىدۇ: «يان تېلېفون نومۇرى xxx بولغان بىر دوستىڭىز ھۇزۇرىڭىزغا ناخشا تەلەپ قىلدى. بۇ نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ».

بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر تېلېفون قايتۇرۇپ ئاڭلىسىڭىز، ئادەتتە بەش يۈەن سۆزلىشىش ھەققىڭىز تۇتۇپ قىلىنىدۇ. باشقىلارغا ناخشا تەلەپ قىلىش ئەسلىدە ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئىش بولسىمۇ، لېكىن بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ يانفون ھەققىنى قالايمىقان تۇتىۋالىدۇ، بۇنداق مەجبۇرىي سۇنۇلغان سوۋغىنى مېنىڭچە ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ.

3. ئەرزان باھالىق تاۋارلارنى سېتىش

بۇنىڭدا ئالدامچىلار: «شىركىتىمىزدە بىر تۈركۈم يېڭى ئەتكەس ئاپتوموبېل بار. سېتىۋېلىشقا قىزىقسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ» دەپ ئۇچۇر قىلىدۇ.

گۇماندار يەنە: «ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرسىڭىز ئاپتوموبىلنى كۆرەلەيسىز» دەپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. سىز زاكالەت پۇلىنى ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ. پۇلىڭىزنىمۇ قايتۇرۇۋالمايسىز.

4. شياڭگاڭدىن كەلگەن تېلېفون

بۇنىڭدا تېلېفون بىردەم سايراپ، توختاپ قالىدۇ. قايتۇرسىڭىز، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ شياڭگاڭدىكى مەلۇم لاتارىيە مەركىزىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى، سىزنىڭ بۇ ئورۇننىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىڭىز ئەسكەرتىپ، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىدىن بىرنى قالدۇرىدۇ. ئەگەر تېلېفون قايتۇرۇپ ئالاقىلەشسىڭىز، ئاتالمىش لاتارىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نومۇرنى دەپ بېرىش ھەققى، چاي پۇلى، ئەزالىق ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ، پۇلىڭىزنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

5. «مېھمانسارايغا ئاممىۋى مۇناسىۋەت خادىمى قوبۇل قىلىمىز»

بۇنىڭدا كىشىلەر مۇنداق بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالىدۇ: «مېھمانسارايغا يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن ئاممىۋىي مۇناسىۋەت خادىمى قوبۇل قىلىمىز. ئايلىق ئىش ھەققى 10 مىڭ يۈەن. ئالاقىلەشكۈچىxx ».

بۇ خىل ئالدامچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تېلېفوندا كېلىشكەن مېھمانسارايغا بارغاندا، گۇماندار ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئالدانغۇچى يەنە تېلېفون ئۇرغاندا، ئۇنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكى، كۆرسىتىپ بەرگەن ھېسابات نومۇرىغا تەربىيەلەش ھەققى، خىزمەت فورمىسى ھەققى قاتارلىقلارنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىشقا چۈشسە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئەلۋەتتە سىز: «ئادەمنى كۆرمەي تۇرۇپ، خىزمەتكە ئېرىشتىم» دەپ ئويلاپ، پۇل تاپشۇرسىڭىز ئالدامچىلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن بولىسىز، خىزمەتكىمۇ ئېرىشەلمەيسىز، پۇلىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز.

6. بانكا نامىدىكى ئالدامچىلىق

بۇنىڭدا ئالدامچىلار بانكىنىڭ نامىدا يانفون ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىدۇ. مەسىلەن: «ھۆرمەتلىك ئابونتچى، ھازىر سىزنىڭ ھېسابات كارتىڭىزدىن xx يۈەن خەجلەندى، ئەگەر گۇمانىي قاراشتا بولسىڭىز، xxx نومۇر ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ».

كارتا ئىگىسى تېلېفون بەرگەندە، گۇماندار ئۆزىنىڭ سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىنى ھەم كارتا ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كارتىڭىزدىكى پۇللارنى ئېلىۋالىدۇ. شۇڭلاشقا كارتا نومۇرىڭىز ۋە مەخپىي نۇمۇرىڭىزنى ھەرگىز باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەڭ. ئەگەر كارتىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز، بانكىغا بېرىپ مۇلازىمەتچىلەردىن يۈزتۇرانە ئەھۋال سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

7. سۆزلىشىش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئالدامچىلىقى

بۇ بەك كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئالدامچىلىق ئۇچۇرى. يەنى: «بۇ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئابونتچىلار مۇلازىمەت مەركىزى، سىزنىڭ سۆزلىشىش ھەققىڭىزدىن xx يۈەن ئارتۇق ئېلىۋاپتۇق، قايتۇرۇۋېلىشنى خالىسىڭىز xxx نومۇرنى بېسىڭ».

سىزنى نومۇر بېسىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق تېلېفونىڭىزدىكى سۆزلىشىش ھەققىنى ئۆزىنىڭ تېلېفونىغا ئاغدۇرۇۋالىدۇ. سىز پايدا ئالدىم دەپ، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ تېلېفونىغا پۇل قاچىلاپ بېرىسىز. خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى تېلېفون ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرسىڭىزمۇ ياكى مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ ئۇچرىغان ئەھۋاللارنى ئېيتىپ زىياندىن ساقلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.

8. يېقىن دوستلارنىڭ تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئالداش

بۇنىڭدا ئالدامچىلار كەلگەن تېلېفونلارنىڭ نومۇرىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ، تېلېفون بېرىدۇ ياكى ئۇچۇر يوللايدۇ. يەنى ئۇلار يۇمشاق دېتال ئارقىلىق خالىغان نومۇرنى تېلېفونىڭىزدا كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇلار سىزنىڭ كومپيۇتېردا دوستلىرىڭىز بىلەن يېزىشقان قىسقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئالدىن كۆرۈۋالغاچقا، بۇ ئالدامچىلارغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالىسىز. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپلا قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىگە ھۆكۈم قىلماڭ. بولۇپمۇ پۇل تەلەپ قىلىپ يېزىلغان قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە، قارشى تەرەپكە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ، ئەگەر دوستىڭىزنى ۋاقتىنچە تاپالمىسىڭىز، باشقا دوستلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ئېز-دېرىكىنى قىلىڭ، لېكىن ھەرگىز ئالدىراپ پۇل سېلىپ بەرمەڭ.

9. باج قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى

بۇنىڭدا ئالدامچىلار دۆلەت پۇل-مۇئامىلە مالىيە مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلارغا باج قايتۇرۇش سىياسىتىگە ئاساسەن، «سىزنىڭ تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ بېجى قايتۇرۇلىدىغان بولدى، باج قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىسىڭىز بولىدۇ» دەپ سىزگە ئۇچۇر قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قاراپلا بۇنداق گەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس، ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئەگەر سىز تېخى يېقىندا ئاپتوموبىل سېتىۋالغان بولسىڭىز، ياكى ئاپتوموبىلغا ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق خەۋىرىڭىز بولمىسا، چوقۇم باشقىلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ ئاندىن ئىش كۆرۈڭ، چۈنكى دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىر خىل باج قايتۇرۇش سىياسىتى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ئازراقلا ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىز، بۇنداق ئالدامچىلىقتىن ساقلىنالايسىز.

10. تونۇشلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش

بۇ تولىمۇ بىمەنە بىر خىل ئالدامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى بولسىمۇ، لېكىن ئالدامچىلار بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقان. تونۇشلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى بايقاش ناھايىتى ئاسان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئالدىنىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدا ئالدامچىلار مۇنداق ئۇسۇل قوللىنىدۇ. مەسلەن: «ئاكا، مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، ھازىر قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى، كارتامغا 300 يۈەن ئۇرۇۋەتكەن بولسىڭىز» ياكى «مەن سىزنىڭ گۇاڭجۇدىكى سودىگەر دوستىڭىز لاۋ جاڭ، بىز تېخى يېقىندا سودىلاشقان ئەمەسمۇ، ئېسىڭىزگە كەلدىمغۇ دەيمەن، يېڭى ماللار كەلدى، 10 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، مالنى سىزگىلا بىرەي» دېگەنتىم دېگەندەك.

بۇنىڭدىمۇ كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىغا قاراپلا كىملىكىگە ھۆكۈم قىلىپ ئالدىنىپ قالىدۇ، ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى تېز، داۋاملىق سىرتلاردا يۈرگەچكە بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، شۇڭلاشقا تېلېفون كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالدى، ئالدامچىلار دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇندىن بىرى ئالاقىلاشمىغان ياكى تېلېفون بىلەنلا ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سىياقىگە كىرىۋېلىپ، مەقسىتىگە يېتىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا پۇل سوراپ كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغاندا چوقۇم ئىنچىكە تەكشۈرۈڭ. ئالدىراپ پۇل سېلىپ بەرمەڭ.

11. «بالىڭىزنى گۆرۈگە ئېلىۋالدۇق»

بۇنىڭدا ئالدامچىلار: «بالىڭىزنى گۆرۈگە ئېلىۋالدۇق» دەپ پۇل تەلەپ قىلىدۇ، تېلېفوندا ھەتتا بالىڭىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا ئاۋۋال بالىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سوراڭ، ئەگەر بالىڭىز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلىسىڭىز، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ. ھودۇقۇپ كەتمەي مۇقىم تېلېفون ئارقىلىق بالا تۇرۇشلۇق مەكتەپ ياكى ئورۇنلارغا تېلېفون بېرىپ، بالا تۇرغان ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇڭ. ئەگەر راستلا بالىڭىزنىڭ ئېز-دېرىكىنى قىلالمىسىڭىز، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ، ھەرگىز جىنايەت گۇماندارىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئىش قىلماڭ.

12. سۆزلىشىش ھەققى قۇيمىچىلىقى

بۇنىڭدا ئالدامچىلار: «مەن ھازىر سىرتتا كاماندىروپكىدا، يان تېلېفونومنىڭ سۆزلىشىش ھەققى ئاز قالدى، ئېغىر كۆرمەي قىممەت تولۇقلاش كارتىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرىنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز» دېگەندەك قىسقا ئۇچۇرنى يوللايدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ئوغرىلانغان يانفون ئارقىلىق ئالدامچىلىق ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلار يېڭىدىن بىر يانفوننى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، يانفوننىڭ تېلېفون دەپتىرىدىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر يوللاپ، قىممەت تولۇقلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت 50 يۈەن ياكى 100 يۈەننىڭ ئىشىغۇ دەپلا قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىغا پۇل قاچىلاپ بەرمەڭ. يەنىلا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدىن جەزملەشتۈرۈپ بېقىڭ. كۆپىنچى كىشىلەر دوستۇم ياردەم تەلەپ قىلىۋاتسا، يەنە تېلېفون قىلىپ سوراۋەرسەم سەت بولارمۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى، شۇنداقلا، دوستىڭىزنى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلاپ قالالايسىز.

13. «تۇغقىنىڭىز پېشكەللىككە ئۇچرىدى»

بۇنىڭدا ئالدامچىلار مۇنداق قىسقا ئۇچۇر قىلىدۇ: «تۇغقىنىڭىز پېشكەللىككە ئۇچراپ ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئوپېراتسىيەگە كۆپ پۇل كېتىدىكەن، پۇلنى ماۋۇ نومۇرلۇق ھېساب كارتىسىغا ئۇرسىڭىز بولىدۇ». بەزى كىشىلەر يېقىن ئادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، جىددىيلىشىپ، قارشى تەرەپكە پۇل سېلىشقا ئالدىرايدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقا تونۇشلىرىڭىزغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسىڭىزلا دەرھال ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىيالايسىز. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىز يالغۇز ھۆكۈم چىقىرىپ، مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىمەن دېمەڭ. چوقۇم باشقىلاردىن سوراپ كۆرۈڭ.

14. «تېپىپ بېقىڭە، مەن كىم؟»

بۇ بىر مەھەل تازا ئەۋج ئالغان ئالدامچىلىق ئۇسۇلى. بۇنىڭدا ئالدامچىلار: «ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ… ئالدىراشمۇ؟» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ، ئۆزىگە تېلېفون قايتۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. سىز قارشى تەرەپكە ئۇچۇر قايتۇرسىڭىزلا، ئۇ: «مەن كىم، ئەسلەپ بېقىڭە» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سىزنى قايمۇقتۇرىدۇ. سىز بەلكىم پالانچى دوستۇم بولۇشى مۇمكىن، دەپ جاۋاب قايتۇرسىڭىز، ئۇ دەرھال گەپنى ئۇلاپ، «توغرا تاپتىڭىز» دەپلا، سىز بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى سىزدىن پۇل ئۈندۈرۈش.

بۇنداق ئۇچۇر كەلگەندە، قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى سوراڭ. ئۇ دەپ بىرەلمىسە ياكى چاقچاق قىلغان قىياپەتتە ئەكسىچە سىزدىن سورىسا، سىزمۇ جاۋاب قايتۇرماڭ ياكى تونۇمايدىغان بىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېقىڭ. ئۇ «ھەئە، مەن شۇ» دېسىلا ئۇنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئۇچۇرلارنى قايتۇرماڭ، ئەگەر ھەقىقەتەن دوستىڭىز سىزگە ئۇچۇر قىلغان بولسا، مېنىڭچە سىزنىڭ جاۋاب قايتۇرمىڭىزنى كۆرۈپ، سىزگە ئۆزى تېلېفون قىلىدۇ. شۇڭلاشقا يەنىلا بۇنداق ئۇچۇرلارنى قايتۇرماڭ.


15. تېلېفوننى بىرلا قېتىم سايرىتىپ قويۇش

بۇنىڭدا ئالدامچىلار ئادەتتە تېلېفوننى بىرلا قېتىم سايرىتىپ قويىدۇ، تېلېفون قايتۇرسىڭىز تېلېفون قانداقتۇر سۆز قالدۇرىدىغان سىستېمىغا ئۇلىنىدۇ. مەيلى يانفون، مۇقىم تېلېفون ياكى كىچىك زېرەك بولسۇن، ناتونۇش تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون قايتۇرماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ بىرلا قېتىم سايراپ توختاپ قالغان تېلېفون نومۇرلىرىغا قەتئىي تېلېفون قايتۇرماسلىق كېرەك. جىددىي ئىش چىقىپ قالسا، ياكى بىرەرسى راستىنلا سىزنى ئىزدىمەكچى بولسا، مېنىڭچە ئۇ تېلېفونى ئۇرۇپلا قويىۋەتمەيدىغۇ؟! دەيمەن. شۇڭلاشقا بۇنداق تېلېفوننى قايتۇرۇشنىڭ قىلچىلىك ئورنى يوق.

مەنبە: تورخۇمارلار كۇلۇبى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahrir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 12:00 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 39 يەنە خەۋەردار قىلىپ ت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1711 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىكەن تېخې بىر يېقىنىمىزنىڭ كارتېسىدىن 40مىڭ يۈۋەندەك پۇلنى ئالداپ ئېلىۋاپتۇ ئاشۇنداق قويمىچىلار ئاللاھ جاجىسىنى بېرە شۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى كۈرېدىغىنى باغۇ ئۇ ئالدامچىلارنىڭ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

15. تېلېفوننى بىرلا قېتىم سايرىتىپ قويۇش
بۇنىڭدا ئالدامچىلار ئادەتتە تېلېفوننى بىرلا قېتىم سايرىتىپ قويىدۇ، تېلېفون قايتۇرسىڭىز تېلېفون قانداقتۇر سۆز قالدۇرىدىغان سىستېمىغا ئۇلىنىدۇ. مەيلى يانفون، مۇقىم تېلېفون ياكى كىچىك زېرەك بولسۇن، ناتونۇش تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون قايتۇرماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ بىرلا قېتىم سايراپ توختاپ قالغان تېلېفون نومۇرلىرىغا قەتئىي تېلېفون قايتۇرماسلىق كېرەك. جىددىي ئىش چىقىپ قالسا، ياكى بىرەرسى راستىنلا سىزنى ئىزدىمەكچى بولسا، مېنىڭچە ئۇ تېلېفونى ئۇرۇپلا قويىۋەتمەيدىغۇ؟! دەيمەن. شۇڭلاشقا بۇنداق تېلېفوننى قايتۇرۇشنىڭ قىلچىلىك ئورنى يوق


ما  گەپنىىڭ     جېنى   با

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:49:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 12:01 PM
ئىكەن تېخې بىر يېقىنىمىزنىڭ كارتېسىدىن 40مىڭ يۈۋەندەك  ...

ھەجەپ دۆتكەن ئۇ  يېقىنڭىز ھە

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى مۇشۇ خەق قىلىدۇ شۇ....

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:02:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلساق بولغۇدەك ھە !!!

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1711 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:10:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 12:49 PM
ھەجەپ دۆتكەن ئۇ  يېقىنڭىز ھە

خەققە زىيان بولسا قانداق كۈلگۈڭىز كەلگەندۇ سىزنىڭ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:17:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 01:10 PM
خەققە زىيان بولسا قانداق كۈلگۈڭىز كەلگەندۇ سىزنىڭ

يىغلاپمۇ قويدۇم مانا ....پۇل دىگەنىنى يەنە تېپۋالغلى بۇلىدۇ ..سالامەت بوسلا ...ئەمدى رىسقى چۈشمگەن پۇلكەن شۇ  شۇڭا

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7885 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:18:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەزەلدىن ناتونۇش نۇمۇردىن تېلفۇن كىلىپ بىرلا سايراپ توختاپ قالسا ھەرگىز قايتۇرمايمەن..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش