ئوقۇدى ئاشتى ...
مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق
ئوقۇدى ،ئاشتى باشقىلار بىزدىن ،ئەي قېرىنداشلار ،
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار .
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلار باشقا مىللەتلەر ،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا ،ئويلا ئۈممەتلەر .
ئۆگەتمەس بىزلەرگە ھەق كالامىنى بىلگەن ئالىملار ،
ئەخلاقنى پۈچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار .
رىشىۋەبار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر ،
بېشىدا سەللە ،قولىدا تەسۋى ،ھەقتىن قاچارلار .
ئويلاڭلار !زاكات -ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى ،كىملەر ئالۇرلەر ؟
نى نى خىيانەتلەر ھەيۋەت تۈن ئىچرە پىنھان قالۇرلەر .
مۇيەسسەر بولدىلەر باشقا ئەللەرگە ئانچە ھېكىمەتلەر ،
ئەمىلىگە قارىتا بەردى اللا ھ شانۇ شەۋكەتلەر .
ئوقۇيمىز -بىلمەيمىز ،لىسانۇ ئەرەپ مۇشكۈل تىلى بىزگە ،
يادىكار قالغان يوق بىر نوچكا ھېكىمەت ئۇلاردىن بىزگە .
قەشقەردە يېتىملەر ھاممام ئاستىدا كۈلدە ياتۇرلەر ،
تەربىسىز ،ھوشۇق ئويناپ ،نەشە تارتۇرلەر .
مەرھومى داموللا ئابدۇقادىرى ناھەق كەتتىلەر ،
گۇناھى نېمە ؟پەقەت بىزگە ھەقنى ئۈگەتتىلەر .
1924-يىلى چۆچەك
رىشىۋە __رىشۋەت ،پارە