مەمتېلى ئەپەندى (تەۋپىق)
غەمدەمەن
ئانا ۋەتەندىن كەتتىم ئۇزاق، يۇرتۇم يىراقتا غەمدەمەن،
يەيدىغان ئېشىم تۈگۈل، ئىسسىق-سوغاقتا غەمدەمەن.
قالدى ئەل-يۇرت، قالدى تەڭرى تاغ، قالدى ئېلى، زەرەپشان،
ئۇشبۇ ۋەتەن غېمىدە - كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان .
كۈنلەر ئۆتتى بەخىتسىز، شۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە ،
پەن-ئىلىمنى تەرك ئېتىپ، ياتتىڭ ئۇيقۇ غەپلەتتە .
چاڭ-تۇمانلار ئىچىدە، ئەل-ۋەتەن ھالى خاراب ،
پەرىز ئەمەسكى ناخشا-مۇقام، سەتتەرى-نەي، دۇتتار-راۋاپ.
يامغۇر بۇلۇپ كۈندە ئاقار، توختىماستىن كۆز يېشىم ،
بۇلاپ - تالانسا ۋەتىنىم، مەن تەۋپىق قانداق چىداي !.
1930- ئىستانبۇل
مەنبە — تۈرۈكچە مەمتېلى ئەپەندى ھاياتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-1 05:47 PM