بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسى ئىزچىل يۇقۇرى ئورۇندا 1670------1647 تەۋرەندى . جۈمە كۈنى 31-ئاۋغۇسىت ئالتۇن باھاسى چۈشتىن بۇرۇن بىر ئاز تۆۋەنلەپ 1665---1660--1655---1647 نوقتىلارغا كەلدى .
خام ئالتۇن ھەر گىرامى 339 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى .
لىكىن شۇ كۈنى كەچ دوللار قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئالتۇن باھاسى تىزلىكتە ئىشىشقا باشلىدى .
1660----1670---1680----1695 دوللارغا ئۆسۈپ بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقۇرى نوقتا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
ئۆتكەن ھەپتە يازغان <<
ئالتۇن باھاسى ئاخىرى ‹‹ بۇزدى ›› >> يازمامدا ئالتۇن باھاسى 1628 نوقتىنى بۇزىۋەتسە ئۆرلەش قاڭقىشىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى 1628 نوقتا تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ئەڭ چوڭ توساق بولۇپ ئالتۇن باھاسى بۇ نوقتىنى بۇزۇۋەتسە 1700 دوللارنى كۈتىۋالىدىغانلىقنى تەھلىل قىلغان ئىدىم .
پۇل قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى مۇقەررەر ھالدا ئالتۇن باھاسىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ . ئاخشام دوللار قىممىتىنىڭ 81.72 نوقتىدىن 80.96 نوقتىغا چۈشىشى ئالتۇننىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
ئالتۇن باھاسى مانا 1700 دوللارغا يىقىنلاشتى .
بۈگۈن ئالتۇن باھاسى ھەر گىرامىغا 7 يۈەن قۇشۇلۇپ خام ئالتۇن باھاسى 345 يۈەندىن ئىشىپ كەتتى .
ئالتۇن باھاسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> دىن كۈرۈڭ !
www.1miskal.com