ئالتۇن باھاسى 5-ئايدىن بۇيان ئىزچىل چۈشۈش ھالىتىنى داۋام ئىتىپ 1628 دوللارغا نەچچە قىتىملاپ ئۆستى .
لىكىن بۇ توساقتىن ئۆتەلمەي يەنە چۈشۈپ 1550 نۇقتىغا نەچچە قىتىملاپ چۈشتى .
1628 نوقتا تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ئەڭ چوڭ توساق بولۇپ ئالتۇن باھاسى بۇ نوقتىنى بۇزۇۋەتسە ئالتۇن باھاسى
1700 نوقتىنى كۈتىۋالىدىكەن .
ئالتۇن بازىرى يىقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە 1627 دوللارغا تۆت -بەش قىتىم يىقىنلاشتى . لىكىن يەنىلا ئەتىسى 1600----1570 دوللارغا چۈشۈپ كەتتى .
بۇ نوقتا تەھلىلچىلەرنىڭ تەھلىل قىلغىنىدەك راستىنلا چوڭ توساقمۇ ؟؟؟
ئەگەر ئالتۇن باھاسى بۇ چوڭ توساقتىن ئۆتۈپ كەتسە راستىنلا 1700 دوللارنى كۈتىۋالارمۇ ؟؟؟
15-ئاۋغۇسىتتىن كىيىن ئالتۇن باھاسى ئىزچىل 1615 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى .
ھىيىت كۈنىمۇ يەنىلا 1618----1611 نۇقتىلاردا تەۋرەندى .
20-ئاۋغۇسىتتىن باشلاپ ئالتۇن باھاسى ئىزچىل ئۆسۈش ھالىتىگە ئۆتۈپ 1624-----1628نوقتىلاردا تەۋرىنىپ 21-ئاۋغۇسىت كەچ 1628 نوقتىنى بۇزۇپ 1635---1640 دوللارغا چىقتى .
بۈگۈن ئالتۇن باھاسى يەنە ئۆسۈش ھالىتىنى داۋام ئىتىپ 1647 دوللارغا ئۆستى .
خام ئالتۇن ھەر گىرامىغا 5 يۈەن قۇشۇلۇپ ئەسلىدىكى 330 يۈەندىن ھازىرقى 335 يۈەندىن ئىشىپ كەتتى .
پۇل قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى مۇقەررەر ھالدا ئالتۇن باھاسىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ . پۇل قىممىتىنىڭ كۇچىيشى ئالتۇن باھاسىنى چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ .
ئالتۇن باھاسى تەھلىلچىلىرىمىزنىڭ قارىشىدەك 1700 نوقتىنى كۈتىۋالارمۇ ؟؟؟ ياكى بۇ ئۆسۈشمۇ قىسقا ئۆسۈش ھالىتى بولۇپ قالارمۇ ؟؟؟؟
بۇنىڭغا يەنىلا ئەمەلى بازار جاۋاپ بەرسۇن .
ئالتۇن باھاسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> دىن كۈرۈڭ !
www.1miskal.com