marziyya يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 08:46 PM 
مەن توي قىلغاندا يولدىشىم تەرەپ توي خىتىنى ئۆزىمىز ئا ...
 
قەدىرلىك ھەمشىرەم  :  بېشىڭىزغا  كەلگەن  نىكاھتىكى بەخىتسىزلىكلەردىن  كۆپىنچىمىز 
قايغۇردۇق .  ئالدىنقى  تېمىڭىزدا   سىزگە  سەۋىرچانلىق ، ئېرىڭىزگە  ئىنساب تىلىگەن
ئىدىم  .  ئەمما   سەۋىرنىڭمۇ چېكى  بولىدۇ  .  مۇھەببەت  كۆپ  ئىشلارنى ئۆزگەرتىدۇ .
ئېرىڭىزگە   سەۋر   قىلىپ  بېقىڭ  !  مۇھەببەت  بىلەن  قاراپ  بېقىڭ !  
ناۋادا   پەقەت   مۇھەببەت  بولمىسا  ،  تاشنى  تاياقتا تاڭغىلى  بولمايدۇ .
پەقەت  قولىمىزدىن  ئۇلۇغ  ئىگىمىزدىن  سىزگە بەخىت  ،  سەۋىرچانلىق تىلەش  كىلىدۇ  .
توي  خېتى  ئالماي   توي  قىلىش   قانداق گەپ  ؟  گەرچە  توي  خېتى  ،  مۇھەببەتكە
ئائىلىگە ۋەكىللىك  قىلالمىسىمۇ  قانۇنى  جەھەتتە  مۇھىم   رول  ئوينايدۇ  .
بۇنداق   دېسەم   ئېچىشقان  يەرگە  تۇز  سېپىپ  قويىدىغانلىقىمنى  بىلىمەن .  ئەمما  
ئادەم  ئويلىغاننى  دېيىش كېرەك  !    ئېرىڭىزنىڭ   توي خېتى  ئېلىشنى  كىچىكتۈرىشى
ياكى   توي  خېتى  ئېلىشنى  رەت  قىلىشى   ،  سىز  بىلەن  ئۆمرىنىڭ  ئاخىرغىچە ئۆي
تۇتۇش  نىيتى  يوقلۇقىنى  بىلدۈرىدۇ  .  
ھەم  ئەرلەر   يۈرگەن قىزى  بىلەن  باھانە  كۆرسىتىپ  توي  قىلىشنى  كىچىكتۈرىشىمۇ 
نىيتىنىڭ  دۇررۇس  ئەمەسلىكىنى  بىلدۈرىدۇ  .  
سىز   يەنىلا   قانۇن ئارقىلىق  ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇق  ـ  مەنپەتىنى  قوغدىسىڭىز  بولىدۇ .
ھايۋان چېغىدا  ئۆز   پۇشتىدىن تۆرەلگەن  بالىغا  ئىگە  بولىدۇ  .  
سىز   تۇرۇشلۇق  ئورنىڭىزدىكى   سوت  مەھكىملىرىگە  بېرىپ  ئەھۋالنى  مەلۇم قىلسىڭز
بولىدۇ  .  ئەدىليە  خادىملىرى مۇۋاپىق  ھالدا  بېقىش راسخۇتلىرىنى  بىكىتىپ بېرىدۇ .
ئىسلامدىمۇ  ئەلۋەتتە   ئاجراشقان  ئايالنىڭ  ھەققىنى  بېرىش ،بالىلارنىڭ  ئەھۋالىدىن
خەۋەر  ئېلىش   توغرۇلۇق   يوليۇرۇق  بېرىلگەن  .  بۇ  ھەقتە   ھەدىس ، ئايەت سۆزلەپ
يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق  .
ئېرىڭىزنىڭ  نامازغا  ئويغاتسىڭىز سىزنى  ئۇرۇشى ۋە  باشقا  چاغلاردىمۇ  سىزنى ئۇرۇپ
خورلاشلىرىغا  قارىغاندا  ،  ئىسلامىي  يول كۆرسەتسىڭىزمۇ  قايىل  بولمىغۇدەك  ...
بەك  قايغۇرۇپ  كەتمەڭ !  باللىرىڭىزنى  بۇ  دۇنياغا  ئاپرىدە  قىلغان  خۇدا  رىسقىنىمۇ
قۇشۇپ  ياراتقان  .  يولدا  قويغان خۇدا  ئاچ  قويمايدۇ  .
ئالدىنقى  تېمىڭىزدا   ،  دادىڭىز  ئېرىڭىزنىڭ  سىزنى  خورلىشى ،  ئۇرۇنسىز ئىشلارغا
ئۇرۇشىنى بىلىپ   ،  ئاجرىشىپ  كەت  دەپتىكەن .  ئەمدى  نىمە  جەھەتتىن سىزدىن
خاپا ؟ 
كىشىلىك  تۇرمۇشتا   ئادەمنىڭ  بېشىغا  كەلگەن  ئازاب  ـ  ئۇقۇبەت  ،  كىچىنى يۇرۇتقان
يۇلتۇزدەك   ئادەمنى   روھى  دۇنياسىنى  چېنىقتۇرۇپ  ،  ھاياتنىڭ  مەنىسى ، ئەھمىيتىنى
تونۇتىدۇ  .      سىز  چۇقۇم  بۇنىڭغا   توغرا  مۇئامىلىدە  بولۇپ  قەيسەرلىكنى ئۆزىڭىزگە
يار  قىلشىڭىز  زۆرۈردۇر .
يەنە  بىر  مەسلىھەتىم  _  ئۇدۇل كەلگەن  ،  دەردىڭىزنى  چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە
دەرىت  تۆكۈپ  يۈرمەڭ  !   بولمىسا  بىر  دەرىتنى  ئون قىلىۋالىسىز  ...  
  
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-28 09:56 PM