ھايۋانلارنىڭ تاكتىكىسى
(فىليەتون)
يولۋاس: دىگىنىمنى قىلماي قويمايمەن دەپ ھەيۋىمۇ قىلىمەن ، بەزىدە باشقىلارنىڭ خوشامەت قىلىشىغا پۇرسەتمۇ بېرىمەن
ئاغمىخان : كېچىدە ھەرخىل ئاماللار بىلەن توخو تۇخۇمىنى ئوغورلايمەن ، ئەتىسى ھىچ ئىش بولمىغاندەك توخوغا سالام بەرگىلى كىرىمەن
ئىت: ھەر قانداق ۋاقىتتا باشلىقنى ئىگەمنىڭ ئورنىدا كۆرىمەن ، قۇيرۇق شىپاڭلىتىشقا توغرا كەلگەندە قەتئىيلىك بىلەن قۇيرۇق شىپاڭلىتىمەن.
يىلان : ئومومەن ھەر قانداق ئىشتا ئەھۋالغا قاراش كېرەك. نەچچە يىللاردىن بېرى مەن گەرچە خارەكتىرىمنى ئۆزگەرتمەي كەلگەن بولساممۇ ، لېكىن ھالقىلىق پەيىتتە دەرھال قاسراق تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كوتولدىشىغا پۇرسەت بەرمەيمەن.
سىياھبېلىق: مېنىڭچە بولغاندا باشلىقلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى - سىز ئاۋارىچىلىققا يولوققاندا ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش.
سېغىزخان: بىزنى چۇشەنمەك ناھايىتى ئاسان ، خۇشھال ئىشلارنىلا يەتكۈزۈپ شۇم خەۋەرنى يۇشۇرۇش بىزنىڭ دوكلات يولىمىزدىكى بىردىن - بىر قائىدە.
جىگدىچى: مېنىڭ ئۆسۈشۇمدىكى سىر ناھايىتى ئاددى ، يەنى مەيلى قانداق ۋاقىت ، قانداق جاي بولسون ، قەتئى ھالدا باشلىقنىڭ جارچىسى بولوش.
ئۆمۈچۈك : مۇناسىۋەت باغلاشقا ماھىر بولوش كېرەك، يۇقۇرى- تۆۋەن ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ، ھەممىسى بىلەن تىل بىرىكتۇرىۋالسىلا ئىشنىڭ پۈتكىنى شۇ..
مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتى 2448-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 12:24 AM