مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ " مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى" ناملىق كىتابىدىن پارچىلار :
ئەمگەك ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ زۈرۈر ھاياتلىق ئېھتىياجىنى قامدايدۇ . ئەمما ،ئىنسان تىرىكچىلىك تەشۋىشلىرىدىن ئۆمۈر بويى قۇتۇلالماي، ۋاقتى ۋە زېھنىنى تالادا قالماسلىققا ياكى ئاچ قالماسلىققا سەرپ قىلىپ ئۆتسە ، ئۇنىڭ پۇتبول ياكى چېلىشىش مۇسابىقىلىرىنى كۆرگۈدەك ھەپسىلىسى بولمىسا ، شېئىر ۋە مۇزىكىلاردىن بەھرلىنىشكە زوقى بولمىسا ، تەبىئەتتىكى قۇشلارنىڭ خۇش ناۋالىرىغا قۇلاق سالغۇدەك ھالى بولمىسا ، ھەققانىيەتكە ئىنتىلگۈدەك ئالىيجانابلىققا جۈرئەت قىلالمىسا قانداق قىلغۇلۇق ؟! تەبىئىيكى ، بۇنداق ئىنسان ئۆزى ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشى ، باشقا بىر تاللاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىزدىنىڭ بېقىشى كېرەك .
ئەمگەك ، ئىدىيە ۋە پائالىيەت ... ئىدىيە پەيدا قىلالمىغان ياكى ئىدىيەنى ئادالەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلمىگەن ئەمگەك ئادەمنى تەپەككۈرسىز ھايۋان ياكى ماشىنا ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداقتۇر بىر ھاكىمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، ھەمىشە ھاكىمنىڭ ياشاش مەنتىقىسىگە بويسۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ . كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭدىكى شەخسىي ئارزۇ ۋە خاسلىقنىڭ ھۈجەيرىلىرى قۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايدىغان بولىدۇ .
ھاياتىي دۇنيانىڭ لەززەتلىرىگە ئەس- ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا بېرىلىپ ، چاھارپايلاردەك يەپ -ئىچكىنىدىن كېرىلگەنلەر قەھرىمان ياكى تىپ ھېسابلانغان يەردە ھېچكىمنىڭ قەلبى ئاسايىشلىق ۋە تىنچلىق تاپالمايدۇ . ھەر كىم ئۆز ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىزلەپ پايپاسلاپ يۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا رىقابەت، پۇرسەت ۋە خىرىس . ئۇلارنىڭ كۆزى كۆز ئالدىدىكى كونكىرىت ئادەملەرنى تونۇمايدۇ ، ئېگىز بىنالارنىڭ ئاراچلىرىدا قىمىلداپ يۈرۈشكەن شۇنچە زىچ ئادەملەر بىر-بىرىگە ناتونۇش ، يالغۇزلۇق ۋە تىت-تىتلىق مەيخانىلار ۋە تۈنەكخانىلارنىڭ تىجارىتىنى كۆپۈكتەك ئۆرلىتىدۇ .
تاپىنى ئانا يەرگە دەسسەپ تۇرۇپمۇ ۋەتەن تۇيغۇسىدىن بىخەۋەر ئادەملەر تالاي . ۋەتەندە ياشاپ تۇرۇپ ۋەتىنى بىلەن روھى ئالاقىسى بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئەخلەتچىلىك قىممىتى بولمايدۇ .
ۋەتىنىگە ئەقىدىسى بولمىغان جان باقتىلارنىڭ روھى ئاللىبۇرۇن باشقىلارنىڭ بوغۇشىدا ھالاك بولۇپ بولغان بولىدۇ .
تىل ئۆزۈڭدىن، يېزىق باشقىلاردىن، پۈتكۈل ئىش-ھەرىكەتكە قۇماندان بولىدىغان مەپكۇرە باشقىلاردىن ، مانا بۇ ئەزەرىيلەرنىڭ ھازىرغىچە بولغان تەقدىرى .
دۇنيادىكى ياۋايىلىقنىڭ تۈرى كۆپ . بىر مەدەنىيەتنىڭ يەنە بىر مەدەنىيەتكە بولغان ئۆچمەنلىكى تۈزۈملەشكەندە، بۇنىڭ ئۆزى زامانىۋى ياۋايىلىق بولۇپ ئۇنىڭ خەتىرىگە ھېچنىمە توغرا كەلمەيدۇ .
مەيلىلا، تەبىئەتنىڭ ئاسمىنى تۇتۇق بولسا ھېچقىسى يوق ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ چىراغ يېقىشىغا ھىچكىم كاشىلا بولمايدۇ . ئەمما ، سىياسەتنىڭ ئاسمىنى تۇتۇق بولسا، چىراغ يېقىش تۈگۈل، تۈزۈك يۆتەلگىلىمۇ بولمايدۇ .
ئىنسانىيەتچىل مەنىگە تويۇنمىغان مەدەنىيەت ھە دېسىلا ئۆزىنى باشقىلارغا تېڭىپ تەكەببۇر قىياپەتتە تۆر ئىگىلەشكە تىرىشىدۇ ۋە بارغانسېرى باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ .
" يامان ئىشلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار بىلەن، ئۇنىڭغىمۇ كۈچۈڭلار يەتمىسە تىلىڭلار بىلەن، ئۇنىڭغىمۇ كۈچۈڭلار يەتمىسە دىلىڭلار بىلەن رەت قىلىڭلار" دېگەن خىتابلار گويا كىشىلەرنىڭ قۇلىقىدىن كۆپ ئۇزاپ كەتكەندەك ئىدى .
ئىرقچىلىق قانۇن، ئەدلىيە ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سەھىيە ۋە تەنتەربىيە، نوپۇس قاتارلىق ساھەلەر بويىچە بىر ئىرقنىڭ يەنە بىر ئىرققا يۈرگۈزگەن بوزەك قىلىش سىياسىتىدۇر .
پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مىللەتچىلىك ياكى ئىرقچىلىق ئاخىرلىشىپ قالمايدۇ ، بەلكى يېڭى تۈس ئالىدۇ . بۇنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىگە قارىساق ئاسانلا چۈشىنەلەيمىز .
جەمئىيەتشۇناس داۋىد پوپېنو بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا " ئاز سانلىق مىللەت دېگىنىمىز ئىرقىي، ئىجتىمائىي ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، كەمسىتىش ۋە بوزەك قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغان كىشىلەر تۈركۈمىدۇر " دەيدۇ . ئۇ يەنە " ئاز سانلىق مىللەت" بىلەن " كۆپ سانلىق مىللەت" نىڭ پەرقى سانىنىڭ ئاز- كۆپلۈكىدە ئەمەس، بەلكى ھوقوقنىڭ ئاز- كۆپلۈكىدە، دەپ ئىزاھلايدۇ . بەزى مىللەتلەر ئۆزى كۆپ سانلىق تۇرۇپ ، باشقا يەرگە پاناھلىق ئىزدەپ كۆچۈپ بېرىش تۈپەيلى ، بۆلۈنۈپ ئاز سانلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . مىسالەن، ئەنگىلىيىگە كۆچۈپ بارغان بىنگاللىقلار ياكى تۈركلەردەك . بەزى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ يەرلىك مۇھىتىدا كۆپ بولسىمۇ ، ئۇ يەرگە يەرلەشكەن كۆچمەنلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالىدۇ . مىسالەن ، ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلاردەك .
نۇرۋېگىيىلىك ئىنسانشۇناس توماس خوللاند ئېرىكسون " گەرچە ئاز سانلىق مىللەت دېگەن سۆز ساندىكى ئاز - كۆپلۈكنى بىلدۈرسىمۇ ، كەسپىي ھۆججەتلەردە سىياسىي جەھەتتىكى بويسۇنۇشنى بىلدۈرىدۇ " دېگەنىدى .
ئەبەي تارىم ياقتۇرۇپ تەييارلىدى . داۋامى مۇشۇ ماۋزۇ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يوللىنىدۇ . بۇ كىتابنى ھەر بىرىمىزنىڭ سۆيۈپ، تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەنبە: مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى، ئاپتورى : ئابدۇقادىر جالالىدىن . شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى . 2012-يىل 4-ئاي 1-نەشرى، 1- بېسىلىشى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-24 03:38 PM