ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار بۇ جەميىتمىزدىكى يەنى مېنىڭ بىر تۇنشۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ قەلەمنى تەۋرەتتىم.
قېرىنداشلارنىڭ شۇ يامان يولدىن يېنىشقا نىيەت قىلغان قېرىندشمىز ئۈچۈن قولدىن كىلىشچە مەسلىھەت بىرشىنى ئۈمۈت قىلمەن.
ئەمدى گەپكە كەلسەك ئۇ دوستۇم يەنە قىز بولۇپ ئاققا خۇمار بولۇپ قالغان بۇنىڭ سەۋەپى ئىھتىياتسىزلىقتىن ئىچكىردە بولغان دىمەك ئۇنىڭ چكۋاتقىنغا بىر يىل بولدى ھازىر پۇشايماندا يەنە قەتئى نىيەتكە كېلىپ ئۇ ئاق نېجىسنى تاشلىماقچى ئاتا - ئاناسى ئۇ ئىشنى بىلمەيدۇ ھەم بىلدۈرۈشنىمۇ خالىمايدۇ خۇمارى ئىككى كۈندە بىر تۇتدىكەن شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلار ئۆشبۇ خەتلەرنى تېزىپ چىقتىم بۇ سۆزلەر شۇ قىزنىڭ سۆزى.
مەخسەت شۇ قېرىندىشمىزغا شۇنداق ئىشلار بىشدىن ئۆتكەنلەر بولسۇن ياكى شۇ جەھەتتە تەجىربىسى بار دوستلارنىڭ مەسلىھەت بىرشنى ئۈمۈت قىلىپ بۇ تېمىنى ماڭا يازدۇردى .
قېنى قېرىنداشلار يامان يولدىن يەنە شۇ ئاق ئىبلىستىن قۇتۇلۇشقا نىيەت قىلغان قېرىندىشمىزغا مەدەت ھەمدە توغرا تاشلاش ئۇسۇلىنى بىلدىغانلار ۋاقىت چىقرىپ شۇ قېرىندشمىزغا مەسلىھەت نەرسەڭلار .
ۋاقىت قىس ھەم بۇ ئىش بەكمۇ زۆرۈر بولغانلىقتىن ئېملا .تېنىش بەلگىلەرگە دېققەت قىلمىدىم كەچۈرگەيسىلەر
قېرىنداشلار قېرىندشمىزغا قېنى قولمىزدىن كىلىشچە ياردەم قېلايلى
مۇنبەر باشقۇرغۇچلارنىڭ بۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويشىنى ئۈمۈت قىلمەن
ئەمدى شۇ دوستۇمغا ئاتاپ يازغان مۇنۇ شېئرىمنى قىتىپ قويغۇم كەلدى
مەدەت بولاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
سېڭلىم
ئاق چەكمە سېڭلىم تېنىڭنى بۇلغاپ،
ياشىغىنى ئىسىل قەددىڭنى رۇسلاپ.
ئاشۇ ئاق ئىبلىس ئېلىپ كەتتىغۇ،
تالاي ياشلارنى يۈرەكنى داغلاپ.
يىغلاپ قالمىسۇن ئارزۇ-ئارمىنى،
ئاتا-ئاناڭنىڭ سەن ئۈمۈد نۇرى.
ئۇنۇتما ئۇلار ئارزۇلاپ باققان،
بولسۇن دەپ سېنى ئەلنىڭ بىر گۈلى.
خاراپ قىلمىغىن گۈلدەك چېغىڭنى،
بىھۇش يۈرمىگىن تاپقىن ئىسىڭنى.
يىغلايدۇ مىللەت ئازساڭ سەن سېڭىل،
تارتقىن ئەمدى بەس ئاقتىن ئۈزۈڭنى.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش
2012.8.20 كۈنى