白绿光 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 03:54 PM 
ئىنكاسىڭىزنىڭ مەنىسى چوڭقۇركەن ،ئازراق بىر نىمىلەرن ...
بۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دىگەن نەرسىنىڭ ماسسى بەك يۇقىرى .. ئادەتتە ماسسىسى قانچە يۇقىرى
بولسا تارتىش كۇچى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ .. خۇددى ئاي شارىغا باققاندا يەر شارىنىڭ تارتىش
كۇچىنىڭ يوقىرى بولغىندەك .. يەر شارىنىڭ تارتىش كۇچىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن سىكونتىغا 11 كىلومىتىر تىزلىكتىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن ئايرىلغىلى بولىدۇ .. قوياش سېستىمىسىدىن ئايرىلىش
ئۇچۇن چوقۇم 17 كىلومىتىر سىكىنوتلۇق سۇرئەت كېتىدۇ . سامان يولى سېستىمىسدىن ئايرىلىش ئۇچۇن 21 كىلومىتىر ... مۇشۇ تەرتىپ بويچە ھىساپلىساق يەر شاردىن بىر مىلىيون ئۈچ يۇزمىڭ ھەسسە چوڭ قوياش ئاران 6 كىلومىتىر تارتىش كۇچى كۈچلۇككەن ..بۇ پەقەت مېنىڭ ھىساپلاش
ئۇسۇلۇم . بەلكىم خاتا بولىشى مۇمكىن شۇنداقتىمۇ دەۋېتەي ...
سامان يولى سېستېمىسى بەلكىم قوياشتىن نەچچە مىلىيارد ھەسسە چوڭ .
ئەمدى گەپ شۇ قاراڭغۇ ئوڭكۈرنىڭ ماسسىسى غايەت زور بۇلۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ئۇچۇن
نۇر تېزلىگىمۇ يەتمىسە ! سىز ئاسمانغا تاش ئاتسىڭىز يېنىپ چۇشكەندەك .مېتورىتلارنىڭ يەر
شارىغا سوقۇلغىنىدەك . نۇرمۇ سېرتىغا چىقالمايدۇ .. ئەتراپىدىكى نەرسىلەر سۇرئېتى يېتەرلىك
بولمىسا چوگىلەپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ . قانچە يېقىنلاشسا شۇنچە كۆپ تارتىش كۇچىگە ئۇچرايدۇ
دە قاراڭغۇ ئوڭكۈرنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ . ۋە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ماسسى تەبئىى
ھالدا ئاشىدۇ دە تېخىمۇ يىراق جايلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ قاراڭغۇ
ئۆڭكۈرنىڭ ماسىسى غايەت زور بىر سان .
بۇ پەقەت مېنىڭ ھىس قىلغانلېرىم .. خاتالىق چوقۇم بار . دوستلارنىڭ خاتا جايلېرنى كۆرسىتىپ
بېرىشىنى سورايمەن .