ئامېرىكا ئالىملىرى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ پىلانېتلارنى يۈتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى
2012-يىلى 8-ئاينىڭ8-كۈنى
ئاستروفىزىك Jon Miller بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا:«سىز ئۇنى مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز بولىدۇ.بۇ پىلانېت بىر تەرەپتىن يۈتىۋېتىلگەچ،بىر تەرەپتىن چىرقىراۋاتىدۇ»دېدى.بۇ يەردىكى «ئۇ»نىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا «كۋازى دەۋرىيلىك تەۋرىنىش» (quasiperiodic oscillation) .
يەر شارىدىن 3900 مىليون يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى بىر يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىن سىگېنالنى تەكشۈرۈپ چىققان.بۇ سىگىنالنى Suzaku ۋە XMM-نيۇتون Xنۇرى تېلېسكوپى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىققان.ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇلار تەكشۈرۈپ چىققان سىگىنال سىلەرنىڭ مۆلچەرىڭلارغا ئۇيغۇن بولۇپ-سەييارىنىڭ قارا ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان.
بۇ ئەترەتنىڭ بايقىشى «ئىلىم-پەن (Science)» ژۇرنىلى تەرپىدىن خەۋەر قىلىنغان بولۇپ،نەشردىن بۇرۇنقى نۇسقىسىنى http://arxiv.org/abs/1208.1046 دىن كۆرۈڭ.
ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى Rubens Reis ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا : «قارا ئۆڭكۈر سەييارىنى يۈتىدۇ،سەييارىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى ئاۋال يىمىرىلىدۇ،سەييارىنىڭ قالدۇق پارچىلىرى قارا ئۆڭكۈرنى چۆرىدەپ يىغىش دېسكىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ» دەپ ئېيىتتى.«يىغىش دېسكىسى بارغانچە قىزىپ،بىز يىغىش دېسكىسى قويۇپ بەرگەن رادىئاتسىيەنىڭ قارا ئۆڭكۈر X نۇر دەستە رايونىغا ئىنتايىن يېقىنلىشىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.جىسىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ،كۋازى دەۋرىيلىك تەۋرىنىش پەيدا قىلدۇ،ئۇ بولسىمۇ بىز تەكشۈرۈپ چىققان سىگنال.»
بۇ بولسا تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ چىققان، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ پىلانېتلارنى يۈتىشى بولۇپ،غايەت زور قارا ئۆڭكۈر ئادەتتە يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بايقىلىدۇ.بۇندىن ئىلگىرى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر ئىزچىل تېنچ ھالەتتە بولۇپ،ھېچقانداق جىسىم ئىچىگە چۈشۈپ كەتمىگەچكە بايقالمىغان ئىدى.سەييارە پارچىلىنىپ ھەمدە قارا ئۆڭكۈر تەرەپىدىن يۈتىۋېتىلگەندىن كېيىن،بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.
سەييارىلەرنىڭ قارا ئۆڭكۈر تەرپىدىن يۈتىۋېتىلىشى-بۇ بايقاشنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى قالتىس،بۇندىن سىرت،بۇ بايقاشنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەھمىيىتى بار.چۈنكى بۇ ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن،ھەمدە ئارلىق بىزدىن تولىمۇ يىراق،بۇ قېتىملىق بايقاش ئاستروفىزىكلارنى ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى دەلىللەشكە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ.ئۇسۇلى بولسا،مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە ئۇ ئالەمدىكى باشقا ھەر قانداق جايدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
ھازىرغا قەدەر،ئالىملارنىڭ بايقاش نەتىنجىسى بىلەن يەر شارىغا تېخىمۇ يېقىندىكى نەتىنجىسى ئوخشاش.بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە باشقا فىزىكىلىق قانۇنلارنىڭ يەر شارى ئەتراپىغىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئالەمگە ئىشلەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
Reis ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا:«بۇ بىزگە،بىز يۇلتۇز ماسسىدىكى قارا ئۆڭكۈرنى تەكشۈرۈشىمىزدىن بايقىغان فىزىكىلىق ھادىسىنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ مىليون ھەسسىسىچىلىك قارا ئۆڭكۈردىمۇ بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇندىن بۇرۇن تىنچ ھالەتتىكى قارا ئۆڭكۈردىمۇ كۆرۈلدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ»دەپ كۆرسەتتى.ئۇ يەنە :«ئۇ فىزىكىنىڭ ئۆزگەرمەس خارەكتېرىنى ئىسپاتلىدى.فىزىكا مېنىڭ نەزىرىمدە كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ» دېدى.
تەرجىمە قىلغۇچى:شاكىرە
مەنبە: http://www.forbes.com/sites/alexknapp/2012/08/08/scientists-detect-star-being-devoured-by-supermassive-black-hole/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shakira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 10:02 AM