t629 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 04:28 PM 
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنى بولغاندىكىن نىمىشقا ئۇي ...
ئۆز تىلىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىگەندىكىن باشقىلار قەدىرلەپ بەرمەيدۇ،ئەسلى ئاشۇ ئاپتۇنومىيە قانۇنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ باشتىن ئاخىرغىچە ئۇمۇملاشتۇرۇش كىرەك ئىدى.ھەم ئارىمىزدا يۈرەكلىك ھالدا ئىسلاھات ئېلىپ بارالايدىغان باشلىقتىن بىرەسى بولسىمۇ(سەيپىدىن ئەزىز،تۈمۈر داۋامەت)تەك باشلىقلاردىن بىرەسى بولسىدى،بىزگە قارانچۇق لازىم ئەمەس ئەمەلىي ئىش قىلالايدىغان باشلىق لازىم ئىدى،ئەمما بىزگە باش بولغان كىشىلەر بۇنىڭ ھۆددىسىدن چىقالمىدى،بىزگە خەلق سايلىغان ھەقىقىي باشلىق كىرە ك ئىدى،ئەكىسچە يالغان بىلەت سانى بىلەن ئاكىلار ھوقوق بەرگەن قارانچۇق بىزگە باش بولىدۇ.دىيارىمىزدا ئۇيغۇر تۇرۇپ ئاپتونومىيە دىگەن نىمە شۇنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەر%70تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاپتۇنومىيە بولسا ئۇيغۇرچىنى ئۈستىگە،خەنزۇچىنى ئاستىغا يېزىش،خەنزۇ باشلىق ئۇيغۇرنى ئىشقا بۇيرىسا جان دىلى بىلەن قىلىش،ئۇيغۇر باشلىق ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى خەنزۇلارغا گىپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىك دەپ چۈشىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا weten520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 06:27 PM