مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3237|ئىنكاس: 51

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئانا تىل ئوقۇتىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا نۇتۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38649
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3809
تۆھپە نۇمۇرى: 147
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 09:39:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئانا تىل ئوقۇتىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا نۇتۇق  

ماھىرە ياسىن

(قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپ)


مائارىپ ئادەم تەربىيلەشنى مەخسەت قىلىدۇ. يېقىندىن بۇيانقى قوش تىل مائارىپى تۈزىلمىسىدە بىزدە توغرا پوزىتسىيىدە بولالماسلىق بىلەن بىر تەرەپلىمىلىك ھالىتى شەكىللىنىپ باشقا پەننىي دەرىسلەرگە ۋە خەنزۇتىلى ئوقۇتىشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئانا تىل ئوقۇتىشى ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتىشىغا سەل قاراش ھادىسىسى شەكىللەندى. قوش تىل ئوقىتىشى بىلەن ئانا تىل ئوقىتىشى ھەرگىزمۇ زىدىيەتلىك ئەمەس، ماھىيەتتە بۇ ئىككىسى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇيغۇر مائارىپچىلىقىمىزنىڭ نىشانى بولىشى كېرەك ئىدى. بىز پەننى دەرسنىلا ياكى باشقا تىلنىلا بىلىدىغان ماشىنا ئادەم تەربىيلىمەيمىز بەلكى ئىنسانىي روھقا، ئىنسانىي پىسخىكىغا ئىگە ئادەملەرنى تەربىيلەيمىز. ئىنسان روھىنى تەربىيلەشتىكى ئاساس دەل بىز ئۇزۇندىن بۇيان سەل قاراپ، خارلاپ قويغان ئانا تىل ئوقۇتىشىدا ئەكىس ئېتىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويدۇق.
ئوقۇغۇچىلار باشقا تىلنى باشقا دەرسنىمۇ بىلىشى كېرەك ئىنساننىڭ ئىنسانى نورمال پىسخىكىسى، تەپەككۇرى ئۆز ئانا تىلى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ، ئۆز ئانا تىل سەۋىيىسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا باشقا نەرسىنى بىلدۈرىمىز، ئۈگىتىمىز دىيىشىمىز ھەقىقەتەن بىمەنىلىك ئىدى.
ئەلۋەتتە ھەممەيلەننىڭ مەقسىتى مائارىپتىكى ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمما توغرا بولمىغان پوزىتسىيە بىزگە ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈنچە زىيان ئىلىپ كەلدى. بۇنىڭ زىيىنى يەتكۈنچە بار، بىر تەرەپكە ئاغمىچىلىق بىلەن مائارىپىمىزدا بىر مەزگىللىك ئەۋىج ئالغان ئانا تىل ئوقۇتىشىغا سەل قاراشتەك پاسسىپ پوزىتسىيىنىڭ زىيىنىنى تېخى ئالدىرماي ھىس قىلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
مەن باشقا نۇقتىلاردا ئارتۇق توختالماي ئاساسلىق قىلىپ ئۆزۈم ھېس قىلغان ئانا تىل ئوقۇتىشىنى قايتىدىن ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسدىكى پىكىرىلىرىمنى تۆۋەندىكى بەش تەرەپتىن نۇقتىدىن سۆزلەپ ئۆتەي.
1.ئەڭ ئالدى بىلەن مائارىپ ئورگانلىرى، مائارىپ تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك قۇرۇلمىلار ئانا تىل ئوقۇتىشىغا بولغان پوزىتسىيىسىنى تۈزىتىشى ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. بۇنداق دېيىشتە كۆزدە تۇتىدىغىنىم، ھەممەيلەن خىزمەتتە يۇقىرىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىمىز. قوش تىل ئوقۇتىشى ئوتتىرىغا چىققاندىن بۇيان بىر تەرەپلىمە ھالدا خەنزۇ تىلى ۋە باشقا پەن ئوقۇتىشىنى تەكىتلەپ ئانا تىل ئوقۇتىشىنى ئەھمىيەتسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەن ئومۇمىي كەيپىياتتا بۈگۈنكىدەك بىر تەرەپلىمىلىك ئەھۋال شەكىللەنگەن. بۇ خىل شامالنىڭ تەسىرىدە ئانا تىل ئوقۇتىشى بۈگۈنگە كەلگەندە كۆپىنچىمىزنىڭ نەزىرىدە ئاساسسىز پەن قاتارىغا چۈشۈپ قالدى.شۇڭا شۇ رەھبىرى ئورۇنلاردىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ئانا تىل ئوقۇتىشىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە ۋە قوللاشقا ئەھمىيەت بەرسە. بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ تۈزىلمىسىدە  ئىنچىكە تەرەپلەردىن چارە قوللىنىش كېرەك. مەن بىر قانچە نۇقتىنى كۆرسىتىپ ئۆتسەم: 1)ئالدى بىلەن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئېرىشكەن ئىمتىيازنىڭ ھەممىسىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئانا تىل دەرىسى بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىغا سەل قاراش ماھىيەتتە ئۆزىنى ئۆزى پەس كۆرگەندەكلا ئىش. ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئېرىشىشكە تېگىشلىك مەنپەتلىرىدىن بەھرىمان قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى ئىتىراپ قىلغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگەندە ئاندىن ياراغلىق ئانا تىل مائارىپچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. 2) مەكتەپلەرگە بولغان تەشۋىق تەربىيەنى كۈچەيتىش ھەر قايسى مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ئانا تىل ئوقۇتىشىنى ياخشىلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سىستىمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بولمىسا سۇنىڭ بىشى لاي بولسا ئاخىرىمۇ لاي دېگەندەك ۋەزىيەت كىلىپ چىقىدۇ.
2. مەكتەپ تەشكىلاتى ۋە رەھبەرلىرى پوزىتسىيىدە ئۆزگىرىش ياساپ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. مەسىلەن: 1)تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر قانداق بىر باشلانغۇچ مەكتەپنى ئايلىنىپ چىقساق خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۈگىنىش، تازلىققا رىئايە قىلىش، ساغلاملىق دېگەندەك نۇرغۇن تۈردىكى تەشۋىقات ۋارىقى شۇئارلارنى ئۇچىرىتالايمىز، ئەمما ئانا تىل ئوقىتىشىغا بېغىشلانغان بىرىمۇ يوق. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئانا تىل ئوقۇتىشمىزغا پوزىتسىيىمىزدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  بۇرۇنلاردا بولىدىغان «ئانا تىلىم ئانامنىڭ تىلى مىنى بۇلبۇلدەك سۆزلەتكەن، ئالتۇندەك ئەزىز قىلغان تىل» «ئانا تىلىم سۆزگەن تىلىم ، يۈرىكىمدىن كۆيگەن تىلىم» دېگەندەك مەزمۇندا تەشۋىق قەغەزلىرى چاپلىناتتى. ھازىر بۇنداق تەشۋىقاتلار تۈگەپلا كەتتى. ماھىيەتتە بۇنداق تەشۋىقات مەكتەپنىڭ ئومۇمىي كەيمىياتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىش پوزىتسىيىسىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 2)ئانا تىل پائىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تولۇقلاش كېرەك. بۇرۇنلاردا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق كۇرۇسلىرى ئېچىلاتتى ھازىر بۇلار ئوشۇقچە دەپ قارىلىدىغان بولدى. ماھىيەتتە بۇ تىپتىكى كۇرسلار ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى ياخشى پىسخىكا يىتىلدۈردىغان، قىزىقىشنى تاۋلايدىغان ياخشى پۇرسەت بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىققا، ئۆز ئىچكى دۇنياسى، تەپەككۇرىنى قەلىمى ئارقىلىق تىلى ئارقىلىق ئىپادە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەقسىتىمىز ئۈگەنگىنىنى ئىچىدىلا بىلىدىغان بىر توپ كىتاپ خالتىلىرىنى تەربىيلەش ئەمەس شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ماۋسۇمدا بىر بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى تاللاپ توپلام چىقىرىش، ئۇنىڭدىنمۇ تاللاپ ياخشى چىققان ئەسەرلەرنى تارىم غۇنچىلىرى ياكى پەرۋاز قاتارلىق ئوقۇشلۇقلارغا يوللاپ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا مەدەت بولىشىمىز كېرەك.
يەنە ئانا تىلدا نۇتۇق سۆزلەش، شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىش، كىلاسسىكلارنى تونۇشتۇرۇش دېگەندەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ. ھازىر مەكتەپلەردە پەقەت خەنزۇچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى ئاساس بولىۋاتىدۇ. بايا دېگىنىمدەك قوش تىل ئوقۇتىشى ھەرگىز ئانا تىل ئوقىتىشى بىلەن زىدىيەتلىك ئەمەس، شۇنىڭ جۈملىسىدە ئانا تىلدىمۇ نۇتۇق سۆزلىتىش بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى نورمال توغرا لوگىكىلىك پىكىر قىلىش ۋە دادىل سۆزلەش، كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇشقا يېتەكلەش بىز سەل قارىساق بولمايدىغان بىر بوشلۇق. چۈنكى ئانا تىل ئوقۇتىشىغا سەل قارالغاچقا باللارنىڭ گىپى باغانسىرى لوگىكىسىز، تاققا تۇققا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، يا ئىددىيىسىدىكىنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ. ھەتتا بىزنىڭ بەزى ئوقۇتقۇچىلىرمىزمۇ شۇنداق. سۆزلەش دېگەن قاتار سۆزنى تىزىپ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس، ئىنسان سۆزلىگەنىكەن لوگىكىلق، مەنتىقىغە ئۇيغۇن سۆزلىشى كېرەك ئەلۋەتتە بىز بۇنى ئانا تىل ئوقۇتىشىغا بولغان پوزىتسىيىنى تۈزىمەي تۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمىز.
بۇلاردىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنى باللا بايرىمى، دۆلەت بايرىمى دېگەندەك خاتىرە كۈنلەردە ئانا تىلدىمۇ تام گىزىتى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك....ئانا تىلدا يېزىقچىلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ.  قىلايلى دېسەك بىزنىڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت پىلانلىىرمىز جىق، ئەمما بىز قوللاشتىن ئايرىلىپ قىلىۋاتىمىز. بۇ خىل پالىيەتنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرغاندا ئوقۇغۇچىلاردا نورمال پىسخىكا،ھوشيار كاللا ۋە نورمال تەپەككۇر ۋە سۆزلەش، يۈرۈش-تۇرۇش ھالىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
3)مەكتەپ تەرەپ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋە ئوقىتىشىغا بولغان پزىتسىيىگە دىققەت قىلىش كېرەك. قېرى چۆرە، ياردار ئاقساق كارغا كەلمەس بولۇپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى ھېچنىمە يوق قۇرۇق ۋەيرانى بازىنى ساقلاشقا قويۇپ قويغاندەك خىزمەت ئېغىر كەلگەن، قاملاشتۇرالمايدىغان، كەسىپ ئەھلى بولمىغانلارنى ئانا تىل ئوقۇتىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بۆلۈپ قويۇش، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرغا سەل قاراش ياكى ئۇلارنى باشقا كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىردىن تۆۋەن ئورۇنغا قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بايا دېگىنىمدەك  ئانا تىلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى تەربىيلىمەي تۇرۇپ باشقا نەرسىنى ئۈگىتىپ چىقىمەن دېيىش قۇرۇق سەپسەتە. شۇڭا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان كەسپى تەلەپنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا ھەقىقىي كەسپى مۇھىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. مۇمكىن بولسا پىشقان، كەسىپتە قابىل، تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ مەكتەپتىكى ئانا تىل دەرىسلىرنى ئاڭلاپ پىكىر بىرىشكە تەكلىپ قىلىش ھازىرقىدەك ئانا تىل ئوقۇتىشىغا پوزىتسىيە سۇسلاپ قولغان، كەسىپچانلىق تۆۋەنلەپ كەتكەن شارائىتتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم يارىتىدۇ.
4)ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرنىمۇ ياخشى تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرنىمۇ داۋاملىق تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، كەسپىي سەۋىيەنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان كەسپىي لىكسىيە، پىكىر ئالماشتۇردىغان مۇلاھىزە يېغىنى ياكى سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.
3. ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ ئانا تىل ئوقىتىشىغا بولغان پوزىتسىيىسىنى تۈزەشكە يىتەكلەش، ئانا تىل كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا كەسپىدىن سۆيىنىدىغان ۋە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. مەن 28 يىللىك مائارىپچى، بۇ مائارىپ ھاياتىمدا ئۆتكۈزگەن بىر مەزگىلىمىزدىكىدەك ئانا تىلغا بولغان سۇسلۇق ۋە پەرۋاسىزلىقنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. باشقا كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىرنىڭمۇ ئانا تىل ئوقۇتىشىغا سەل قارىشى، ئەھمىيەتسىز دەپ قارىشى ھازىرقى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ كەسپىي قىزغىنلىق، غەيرىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئانا تىل دەرىسى دېگەن ئاسان ھەممە ئادەم بېرەلەيدۇ، ئەمما ھەممە ئادەم شۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالغانكى مەقسەت سىنىپقا كىرىپ بىر سائەتنى ئۆتكۈزۈش ئەمەس بەلكى بىر سائەتتە ئەڭ چوڭ ئۈنۈمنى يارىتىش، كەسىپ ئەسلى بولمىغانلار ياكى پاسسىپ پوزىتسىيىدىكىلەر ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ھازىرقى دەرىسلىكلىرىمىز ھەقىقەتەن ياخشى، نۇرغۇن ئېسىل مەزمۇنلىرىمىز بار. ئەمما بىزدە شۇنى قىزغىن يەتكۈزىدىغان كەيپىيات ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان سەمىمىيلىك بولمايۋاتىدۇ. مۇشۇ بويىچە داۋاملىشىپ ئانا تىل دەرىسلىك كىتاپلىرمىزنى ئوقۇشلۇق ئورنىغا چۈشىرىپ قويساق بولمايدۇ. ئانا تىل دەرىسلىك كىتاپلىرمۇ ھەقىقىي كەسىپ ئىگىسىنىڭ قولىغا چۈشكەندە ئاندىن قىممىتىنى يارىتالايدۇ. باشقا كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ ئانا تىل دەرىسلىك كىتاپلىرىنى ئوقىيالايدىغانلىقىدىنلا ھاياجانلىنىپ ئۇنى ئاددىي ياكى ئەھمىيەتسىز، ئۈگنمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىشى ئېغىر پاسسىپ كۆز قاراش.ھەممە ئادەمنىڭ ساۋادى بار ئوقىيالايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇننى چۈشىنىش ئەڭ مۇھىمى ئالدىدا ئولتۇرغان پاك غۇنچىلارغا ھوسۇلى بىلەن قىممىتى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىش باشقا بىر مەسىلە. خەت ئوقىيالىسىلا، گاچا بولماي سۆزلىيەلىسىلا بۇ ئانا تىل ئۆلچىمىگە چۈشكەنلىك بولمايدۇ. ئوقۇپ ماھىيتىگە يېتىپ چۈشىنىش، مەنتىقىلىق لوگىكىلق ، تولۇق مەزمۇنلۇق سۆزلەش باشقا گەپ. شۇڭا مائارىپچىلىرمىز، ئوقۇتقۇچىلىرمىز پوزىتسىيىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
4.جەمىيەتتىكى ئومۇمىي كەيپىياتقا بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتىشىغا بولغان پاسسىپ چۈشەنچىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئەسلى بۇرۇن ئۇنداق ئەمەستى، بىز ئۆزىمىز توغرا تۈزۈمنى توغرا قوللىنالماي بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىش بىلەن جەمىيەتتە، ئوقۇغۇچىلارنڭ ئائىلىسىدە ئانا تىل ئوقۇتىشىغا سەل قارايدىغان شۇنداق ناچار پوزىتسىيە پەيدا قىلىپ قويدۇق. نەچچە قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنى، ئائىلە زىيارىتىدە «ۋاي ئەدەبىيات كىتاپ كۆرۈپ ئولتاماي بىرەر جۈملە بولسىمۇ خەنزۇچە ئۈگەنسۇنەي يا ئۇنىڭدىن بى زۆرۈر نەرسە چىقمىسا» دېگەندەك ھەتتا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىنكاسلارنى ئۆز قولىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. شۇ شارائىتتا كەسىپ ئۈستىدىن ئانچە مۇنچە سۆزلىگەنمۇ بولدۇم ئەمما كەسپىمنى ناھايىتى سۆيگەن ھاياتىمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى مۇشۇ ئانا تىل كەسپىگە بېغىشلىغان ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بۇ تۈردىكى ئاڭسىز قاراشنى ئانا تىل كەسپىمگە ئېغىر ھاقارەت ھېس قىلدىم. بۇنىڭ ھەۋەپچىسى ئۆزىمىز. ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا دېگەندەك ئۆزىمىز پەيدا قىلغان پاسسىپ كەيپىياتنى ئۆزىمىز تۈزىمەي ئامال يوق. مەكتەپتە، ئوقۇتۇشتا ئانا تىل ئوقۇتىشىغا سەل قارالغاچقا جەمىيەتنىڭمۇ نەزىرىدىن چۈشۈشكە يۈزلىنىپ قالغان. شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىمۇ نورمال توغرا پوزىتسىيىگە يېتەكلەش. ئاتا-ئانىلار يىغىنى ۋە ئائىلە زىيارىتىدىكى تەشۋىقات ۋە توغرا تەلىم-تەربىيە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
5.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيسىدە ئىسلاھ ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلىرمىزمۇ ئومۇمىي كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ ئانا تىل دەرىسىكىگە سەل قارايدۇ. بايا مەن دېگەندەك ئانا تىل تەشۋىقاتىغىمۇ بەلگىلىك كۆڭۈل بۆلۈش، ياخشى پالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تۇرمىشىنى بېيىتىش، ئانا تىل دەرىسلىرىنى كەسىپ ئەھلىلىرى ياخشى جانلىق سۆزلەش، بايا سۆزلىگەن ھەر قايسى تەرەپلەر ياخشى ماسلىشىش  بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل كەيپىياتنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
خۇلاسە كالام، ئانا تىل ئوقىتىشىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ باشقا ئوقۇتۇشتا ئۇتۇق قازىناتتۇق دەپ كۈچەش بىمەنىلىك. نەچچە تەكرارلىغىنىمدەك توغرا روھى كەيپىيات ۋە نورمال ئىنسانىي روھى ھالەت بولماي تۇرۇپ باشقا نەرسىدە ئۈزۈپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسى ئانا تىل ئوقۇتىشى، شۇڭا مەن بارىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ھەم ئۆزىنىڭ تونۇشىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىمەن. بىز ئۆزىمىزنىڭ بىر ياقىلىمىلىق پاسسىپ پوزىتسىيىمىزنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ بىر ئىش قىلىپ بولالمايمىز. ئاۋال ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئانا تىل دەرىسلىرى بىلەن نورمال ئادىمىي تەربىيىگە، ئىنسانىي كەيپىياتقا، پىسخىك ھالەتكە، ۋە لوگىكىلىق مەنتىقىلىق نورمال تەپەككۇرغا ئېرىشسۇن ئاندىن باشقىدىنمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ.


2012-يىلى 6-ئاي


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kamran + 50 دەلىللەر يېتەرلىك
xadman0997 + 50 ئەھمىيتى چوڭقۇر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5553
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9698 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 10:38:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەتتاكى مىنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقوتقۇچۇم بالامنى خەنزۇچە مەكتەپكە بېرەيمىكىن، بىسىپ ئولتۇرۇپ ئۈگۈنىش قىلىشنى ئۈگىنىدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزەم بىر قوللۇق چىقىرىمەن دىگەن ئىدى .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83489
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 10:53:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل ئۇقۇتۇشىغا نىسبەتەن ئانا تىل دەرسى بىرىدىغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بەجبورىيىتى بۇلۇپلا  قالماي ،يۇقۇرى دەرجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ،باشقۇرغۇچىىرىنىڭ ئورتا ق مەسئولىيىتى...

ھەر دۇقمۇشتا قامچا بار ...

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19519
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 10:55:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە‹تىلىمىزنىڭ تەمىنى تەڭشەيلى› دىگەن ساتىرىك سۆز ئويۇنىنى مۇشۇ مەخسەتتە بەرگەن ئىدىم. بۇ ماقالىڭىزنى بەك ياخشى يېزىپسىز، رەخمەت سىزگە.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 822 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:15:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بالام يوق بالام بولسا چوقۇم ئانا تىلىمىزنى ئۇگۇنىدىغان مەكتەپتە ئوقۇتىمەن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31170
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 11448 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:32:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۇپ ئاساسى ،ئانا تىلىنى ئۇگەنمەي تۇرۇپ باشقا ھەر قانداق تىلنى مۇكەمەل ئۆگەنگىلى بولماس .

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8014
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6560 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:48:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بالىلىرىمىزغا ‹‹ قوش تىللىق ›› ئوقۇشمۇ يىتىپ ئاشىدۇ ، بىسىم بەكلا يۇقۇرى بالىلارغا ، تەتىلمۇ ئارامىدا ئەمەس ، بىر مۇنچە تەتىللىك تاپشۇرۇق ، ھەر جۈمە كۈنى يىغىۋېلىۋاتقان،،،،،،،،،،،،،،

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81424
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:49:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بويىچە كىتىۋەرسە ...........  يەنە 20 يىلدىن كىيىن ئۇيغۇرچە يىزىق ئەمەلدىن قىلىپ   كەلگۈسى ئەۋلاتلار  خەنلەرنىڭ يىزىقىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن ...........
يىزىقتىلا ئەمەس  سۆزلەشكەندىمۇ ئانا تىل ئىشلەتمەي  خەنچە سۆزلىشىدىغان بولۇپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ ..............   
شۇنداق قىلىپ بىر مىللەت يەر شارىدىن يوق بوپ كىتەمدۇ ........... بەك ئىچىنىۋاتىمەن ھالىڭغا ئانا تىل ...........!

كۆك بۆرە فىلىم ھاسىللاش يۇمشاق دىتاللىرى تەتقىقات ئىشخانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44484
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3655
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 4784 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:50:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز .
ئەگەر ئاناتىلغا كۆڭۇل بولمەي مۇشۇ بويىچى ماڭىدىغان بولساق 50 يىلغا بارمايلا دۇنيادىن بىر تىل يوقاپ كىتشى مۇمكىن .ئويلىنىپ كورەيلى قىرىنداشلار ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29984
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5118
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 12:15:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى يىلى ئىشقىپ مانجۇلارنى B.D.T دىن يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان مىللەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويۇپتىكەن ، مانجۇلارمۇ خېلى ھاكىمىيەت تۇتقان جۇڭگۇدا ئاشۇنداق چوڭ مىللەتلەرمۇ نەچچە يىلغا قالمايلا يوقاپ كىتىۋاتسا ، بىزنىڭ ھالىمىز قانداق بولار ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش