木拉丁 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:53 PM 
مۇشۇ سوقراتكام بىكارغا پەيلاسوپ ئەمەسكەن خوتۇنى يا ...
توغرا دەيسىز . سوقراتنىڭ داڭلىق پەيلاسۇپ بولۇپ چىقىشىغا دەل ھازازۇل خوتۇنى
سەۋەب بولغان . مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردا شۇنداق يېزىلغان .
تېمىدا بىلىملىك خۇتۇن ئېلىشنىڭ گىپى دېيىلىپتۇ .
بىلىملىك خۇتۇن قانداق بولىدۇ ؟ بۇ ھەر گىزمۇ قانداقتۇر بىر ئالىي مەكتەپتە
ئوقۇغان ، قولىدا دېپلومى بار ، نەچچە خىل تىل بىلىدىغان ئايالنى كۆرسەتمەيدۇ .
يېقىندا مەلۇم داۋالىنىش ئورنىدا بىر مەزگىل تۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى .
بۇ جەريانىدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان ، ماڭا مەسئۇل سېستىرا
بىلەن ئانچە ـ مۇنچە جەمىيئەت ، ئائىلە توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم .
ئۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى . مەكتەپ ياتىقىدا
قىزلارنىڭ تېلفۇنغا قاچلانغان سېرىق فىلىم كۆرۈشلىرى ، دېسكو ئورۇنلىرىغا
قاترىشى ، نەچچىسىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىپ بالا چۈشۈرگەنلىگى
كۆپىنچىسىنىڭ مەكتەپتىلا ئىپپىتىنى يۇقىتىدىغانلىقى توغرۇلۇق پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ
مەكتەپ ئادەمنى ئەخلاق ـ ساپالىق ، بىلىملىك قىلىدىغان ئۇرۇن ئەمەس
بەلكىم ، كۆڭۈل ئېچىش ئورنى ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالدىم .
خۇدايىم ، ئاشۇ ئوقۇۋاتقان سىڭلىم ۋە باشقا ھەمشىرلىرىمگە ئىنساب - ھايا
بەرگەيلا...
بىلىملىك ئايال _ كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ ئېرىگە ، ئاتا ـ ئانىللىرىغا
ئىتائەت قىلىپ ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، باللىرىنى ياخشى تەربىيلەشنى
بىلىدىغان ، ياسانچۇقلۇقتىن خالى،ئەرلىرىنىڭ تاپقان پۇللىرىنى تىجەشچانلىق
بىلەن ئىشلىتىدىغان ، ھەۋەسلەردىن خالىي ، ئېرى ئۇلارنىڭ چىرايىدىن
ئەمەس ، پاكىز ، ھايالىق ، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش ، ئىشچانلىقى
بىلەن سۆيۈنىدىغان ، ئەرلىرىگە ئىلھام بېرەلەيدىغان ، ئەپۇچان ، ئاقكۆڭۈل
مىھرىبان ئايالدۇر .
بويتاقلار _ كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلىپ كەتمەڭلار ! خۇدا ، ئۇچار ـ قۇش جانۇ
ـ جانۋارلارغىچە ئۆز جۈپتى بىلەن ياراتقان .ئۆزىمىز توغرا بولۇپ ئەخلاق - ئىتىقادلىق
بولۇپ پۇل تاپساق ؛ ياخشى خۇتۇن يېنىمىزدا ، كۆز ئالدىمىزدىلا...
يانچۇقتا پۇل يوق ، ياخشى خۇتۇن قالمىدى دېسەك دۇررۇس بولماس...
80 ـ يىللاردا ، بىرەر پارچە سالام خەت يا ئاھ ـ پاھ دېگەنلەرگە قىز كەلتۈرگىلى
بولسا ، ھازىر ، ماشىنا ، پۇل ، داچا بولۇشى كېرەك ! ھېچبولمىسا بىر ئۆينىڭ
مۇرىسىدىن ئىس چىقىرىپ ، خۇتۇننى باقالىشىمىز كېرەك !
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ، خىزمەتنى كۆپ قىلىپ تېرىشىپ ، ئىزدىنىپ پۇل
تاپايلى ! << پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا >> ، << پۇل بولسا ياخشى قىز ھەر جايدا >>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 02:55 PM