ئاشىق بولساڭ،تارتىنچاق بولما.
باغۋەن بولساڭ ئۈزگىن گۈلۈڭدىن،ئاشىق بولساڭ قورقما ئۆلۈمدىن.
قىزىلگۈلنىڭ تىكىنى بار،چىرايلىقنىڭ سەپكۈنى بار.
مۇھاببەت ۋاپاسى بىلەن،ھالاۋەت جاپاسى بىلەن.
ھەسرەت سۆزىدىن بىلىنەر،مۇھاببەت كۆزىدىن بىلىنەر.
ئۆزۈڭ سۆيگەننى ئالما،ئۆزۈڭنى سۆيگەننى ئال.
( ئۇيغۇر خەلق ماقال –تەمسىللىرى)
ياخشى ئەرنىڭ ئۆيىدە بىر يامان خوتۇن بولسا،بۇ دۇنيا ئەر ئۈچۈن دوزاختۇر.ھەزەر قىل،يامان خوتۇن باشقا بالا.
- سەئىدى
يولدا ئالدىرىغان ساڭا ھەمراھ بولالمىغاندەك،ساڭا دىلىنى بەرمىگەن ساڭا ئاشنا بولالمايدۇ.
- سەئىدى
گەپ ئاڭلىمايدىغان ئايال ئېرىنىڭ چاچ –ساقىلىنى بالدۇر ئاقارتىدۇ.
-لوقمان ھەكىم
بىلگىنكى ،بىلىملىك،ھايالىق ھەم ۋەجدانلىق ئائىلىدە تەربىيە تاپقان پاكىز قىزلار ھايا،ئىپپەت،مېھرى ۋە مۇھاببەت ئىگىلىرى بولۇپ،ئۇلار بىلەن قۇرغان ئائىلە تاتلىق ھەم تېنچ بولۇر.
- بەرخۇردا ئىبن مەھمۇد
ئەڭ ياخشى خوتۇن ھايالىق ۋە نومۇسلۇق بولىدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئائىلىدە باياشاتچىلىق ۋە بەرىكەتنىڭ سەۋەپچىسى بولىدۇ.
- مۇئىددىن جۇۋەينى
خوتۇننى گۈزەللىك ئۈچۈن ئەمەس،نومۇس ۋە ئىپپىتى ئۈچۈن ئال.ئەگەر ئىپپەت ۋە پاكلىقى بىلەن گۈزەل بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى.
- ئەللامە زەمەخشەرى
ئويلۇنۇپ يۈرمەي ئۆيلەن،پىشانەڭگە ياخشى خوتۇن يېزىلغان بولسا بەختىڭ،ئەگەر يامان خوتۇن يېزىلغان بولسا پەيلاسوپ بولۇپ يېتىشىسەن.
- سوقرات
شۇنداق قىزغا ئەلچى كىرگۈزۈلسۇنكى،بۇ قىزنىڭ مېھرى ئىسسىق،يۈزىدىكى ئالىيجانابلىق ۋە ئىپپەت نامايەن بولسۇن،پاكلىق ۋە پاكىزلىق پەردىسى ئارقىسىدا تەربىيلەنگەن ،چىرايلىق ئىش ۋە ئادەتلەرگە ئۆگىتىلگەن بولسۇن!بۇنداق قىز ئەڭ ياخشى تارتۇق بولۇپ،ياشلىق ۋە ھايات داستىخىنىنىڭ لەززىتىنى مول قىلىدۇ.
- بەرخۇردا ئىبن مەھمۇد
ئالغان خوتۇنۇڭ شۇنداق بولسۇنكى،خوتۇنلۇققا،ئۆي تۇتۇشقا لاياقىتى بولسۇن،ئۆي ئىشلىرىنى بىلىدىغان،ئۆزىنىڭ ھالال يولدىشىنى سۆيگۈچى ،ھايالىق،نومۇسلۇق،ئۆزىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى بولسۇن.
- قابۇس
مەنبە : مۇھاببەت
ئاپتورى:روزىمۇھاممەت مۇتەللىپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 11:58 AM