ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار. مەزكۇر تېما بىر قانچە كۈن ئىلگىرى يوللانغان "خەلىقئارالىق مەخپى تەشكىلاتلار" دىگەن تېمىنىڭ داۋامى............ بۇ تېمىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-84175-1-1.html
4- "سۇلايمان ئىبادەتخانىسى چەۋاندازلىرى" تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلات يەنە "مەسىھ قوغدىغۇچىلىرى" تەشكىلاتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مەزكۇر تەشكىلات ئەھلى سەلىپ مىلادى1099-يىلى پەلەستىنگە ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن يەنى بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدىن كىيىن خىرىستىئانلارنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتىكى تەسىر دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان،ئىسلامغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يۇشۇرۇن ھالەتتىكى مەخپى تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا قۇبۇل قىلىش پىرىنسىپى باشقا تەشكىلاتلارغا ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ،ئاساسلىق ئەزا قۇبۇل قىلىش ئوبىكتى يۇقىرى تەبىقىدىكى تەسىر دائىرىسى زور شەخىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرىت ،يەنە خىرىستىئان دىنىغا سادىق،ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى بار،قاتىللىق خۇمارى كۈچلىك تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك قىزىل كىرىست بەلگىسى چۈشۈرىلگەن ئۇزۇن ئاق كىيىم كىيىدۇ. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خىرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ كۈچلىك قوللىشىغا ئىرىشكەن. ئۇلار بۇ تەشكىلات خادىملىرىنى مەسىھ جەڭچىلىرى دەپ ئاتاشقان. ئەمما كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە بۇ تەشكىلات خىرىستىئان دۇنياسىدا بۈلۈنمىچىلىك پەيدا قىلغانلىقى تۈپەيلى مىلادى 1312-يىلى كاتولىك دىنى پاپاسى رىچارد بەشىنچى، فىرانسىيە پادىشاھى فىلىپ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ بۇيرۇقى ۋە بېسىمى ئاستىدا مەجبۇرى تارقىتىۋىتىلگەن. ئەنە شۇ دەۋىردىن باشلاپ بۇ تەشكىلات مەخپى ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بۇلۇپ،بۇلارنىڭ مەخپى ھەركىتى توغرىسىدا ئېنىق بىر ئۇچۇرلار بولمىسىمۇ، لىكىن خىرىستىئان دۇنياسىدا يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلىكلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان، بۇ تەشكىلات ماسۇنىيلارنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كىڭىيىشىگە ئەگىشىپ ماسۇنىيلار تەرىپىدىن قۇشۇۋېلىنغان دىگەن قاراشلار مەۋجۇت. ئەمما 2011-يىلى نورۋىگىيەدە يۈز بەرگەن قۇراللىق ئوق چىقىرىش قاتىللىق دىلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى،ئىسرائىليە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە نورۋىگىيىلىك ئەر فىرانىك سوراق قىلىنغان چاغدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەسىھ قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئۈزىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەنى سادىر قىلىشتا بازا تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنى، ياۋرۇپادىكى ئەكسىيەتچىل مىللەتچىلىك،دىنى ئىرىقچىلىقنى قوللايدىغانلارنىڭمۇ ئۈزىنى پىدا قىلىشتا بازا تەشكىلاتىدىن ئۈگىنىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇ سەۋەپتىن نورۋىگىيە ھۆكىمىتى مۇسۇلمانلاردىكى ئۈزىنى قۇربان قىلىش روھىنىڭ ناھايىتى كۈچلىك ئىكەنلىكنى، باشقا ئېقىمدىكىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ نورۋىگىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولماقتا.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قاتىلنىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق. ئۇ پەقەت بازا تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىنى ئۈلگە قىلغانلىقىنى ئيتقان. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
5-رىئونىزىم يەنى"يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتى"تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلات مىلادى17-ئەسىردە ئەنگىليەدىكى ئەيسانىڭ قايتىشى ئۈچۈن يەھۇدىلار پەلەستىنگە قايتىشى زۆرۈر دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى خىرىستىئان پىروسىناتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان قىساسچىلىق خارەكتىرىگە ئىگە مەخپى تەشكىلات. ئەمىليەتتە ئەينى چاغدا ئەنگىليەدە تەسىر دائىرىسى كۈچلىك بولغان ئەلمانىلار يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتىنىڭ پەردە ئاقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلىرى بۇلۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق يەھۇدىلارنى دۇنيادىكى 3 چوڭ دىننىڭ بىرى بولغان ئىسلام دىنىغا قارشى ئاۋانگارىت قوشۇنغا ئايلاندۇرۇماقچى بولغان. ئەلمانىلار قىساسچىلىق ھەركىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە يەھۇدى قان سېستىمىسىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ئەپسانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئورۇن-ۋاقىت شارائىتىغا ۋە ئىجرا قىلىدىغان ۋەزىپىسىگە ئاساسەن بەزىدە يۇشۇرۇن بەزىدە ئۇچۇق-ئاشكارا ھەركەت قىلىدۇ. تەشكىلات ئەزالىرى بىردەك مۇسۇلمانلار داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامى بىلەن داۋۇد تېغى دەپ ئاتايدىغان، ئىبرانىي تىلىدا سەھيون تېغى دەپ ئاتىلىدىغان تاغنىڭ نامى بىلەن سەھيونىي دەپ ئاتىلىدۇ. يەھۇدىلار ۋە قىسمەن ناسارالار بەزى تارىخى ئويدۇرما قوليازمىلارغا ئاساسەن مەزكۇر تاغنى قۇددۇس شەرىفتىكى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلى يېنىغا جايلاشقان دەپ قارىشىدۇ. سەھيونىيلارنىڭ ھەممىسى ئەرەپلەرنى ئىنتايىن ئۆچ كۈرىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ كونكىرىت نىشانى پەلەستىن زىمىنىدا پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا قارشى بۈيۈك يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت.{ ھازىرقى ئەمەلى رىئاللىقنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇلار بۇ نىشانىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى} بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1975-يىلى قارار ماقۇللاپ مەزكۇر تەشكىلاتنى ئىرقى ئايرىمچىلىقى كۈچلىك، ئەسەبى تەشكىلات دەپ ئىلان قىلغان بولسىمۇ ئەمما 1991-يىلىغا كەلگەندە بۇ قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
6-سەفەۋىيلەر باشچىلىقىدىكى "خەلىقپەرۋەرلىك ھەركىتى" تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بەزى رايۇنلاردا ئاشكارا بەزى رايۇنلاردا مەخپى ھەركەت قىلىدۇ. گەرچە خەلىقپەرۋەرلىك ھەركىتى ئۇمەۋىيلار دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ لىكىن ئابباسىيلار دەۋرىگە كەلگەندە جانلىنىشقا باشلاپ،ھاكىميەت ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىدىكى بىر كۈچكە ئايلانغان. ئەينى چاغدا بۇلار ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدىكى بىر تۇققان قېرىنداش ئەمىين ۋە مەئمۇن ئوتتۇرسىدا ئاداۋەت ئۇرۇقى چاچقان، مەئمۇن ئۆز قېرىندىشىغا قارشى مەزكۇر ھەركەتنىڭ ئەزالىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەن. كىيىن مەئمۇن غەلبە قىلغاندا خەلىقپەرۋەرلەر ھەركىتى نامىدىكى بۇ قۇتراتقۇلار ھاكىميەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىنى ئىگىللىگەن.بەزى تارىخچىلار ئەبۇ لۇئلۇئ فەيرۇزىنىڭ"ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن" خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ۋەقەلىكى بۇ تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەرىكەت قىلىشى ھىساپلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ تەشكىلات پارىسلاردا ئەرەپلەرگە قارشى ئۆچمەنلىك، دىنى ئېرىقچىلىق، مەزھەپچىلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەدەبىياتنى ئۈزلىرىنىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات قورالى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى شېئىر ئارقىلىق تەشۋىق قىلغان. فىردەۋسى،ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانى، ئابا بەكرى ئەلخەرەمىي،مەھمۇد غەزنەۋىي،رودىكىي قاتارلىقلاربۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان ئاساسلىق ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە شائىرلار ھىسابلىنىدۇ. خەلىقپەرۋەرلەر ھەركىتى تەشكىلاتى ئەرەپلەر ئارىسىدا بۈلىنمىچىلىك پەيدا قىلىپ ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن نەسىيرىييە، قەرامىتە دىگەنگە ئوخشاش كۆپلىگەن باتىل پىرقىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مىلادى1494-يىلى ئىسمائىل سەفەۋىي دىگەن كىشى سەفەۋىيچىلەر گوروھىنىڭ رەھبىرلىكىنى قۇلىغا ئالغاندا شىئە مەزھىپىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ كىشىلەرنى شىئەلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربى جەنۇبىدىكى غەيلان رايۇنىنى،ئىران-ئېراق زىمىنىنى كونتىرول قىلىپ،شىئە مەزھىبىنىڭ 12ئىمام ئېقىمىنى مەزكۇر رايۇنلاردا دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتكەن.
ئىرانلىق مەشھۇر مۇتەپەككۇر داۋۇد ئەلى خەلىقپەرۋەرلىك ھەركىتى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن سەفەۋىي ئېقىمى توغرىسىدا توختۇلۇپ : "سەفەۋىيلەر دىننى قالقان قىلغان،قىلغان پائالىيەتلىرىگەدىنى تۈس بىرىپ تۇرۇپ خەلىقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن،شىئە مەزھىبىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇشبۇ مەزھەبنىڭ ئاساسىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ كىشلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرغان ، نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن دىنغا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلغان باتىل گوروھ " دىگەن. دىمەك بۇلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەلى ۋەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىز باسارلىرى دەپ جار سېلىپ تۇرۇپ پارىسلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەسەبىي گوروھ.
ئەسكەرتىش: بەلكىم مەزكۇر تېمىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن. لىكىن مەن بۇنداق مەسىللەرگە قىزىققانلىقىم ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. ياقتۇرمىغان تورداشلارنىڭ پۈچەك ئىنكاس يېزىپ تېما يوللاش قىزغىنلىقىمغا سوغوق سۇ سەپمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ مۇنبىرىمىزنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىمەن.
باشقۇرغۇچىنىڭ ئەسكەرتىشى: يازمىلىرىڭىزنىڭ چۇقۇم مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! بولمىسا تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرۈلدۇ!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-4 08:23 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-6 01:54 PM):
http://forum.oro44.com/40.htmlمەنبە