ئومۇمى مەنىدىكى مەخپى تەشكىلات ئاتالغۇسى- ۋەزىپىسىنى،ئىچكى پائالىيەتلىرىنى مەخپى تۇتىدىغان، كۆزلىگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇئەييەن ئاڭ ۋە مۇئەييەن ئالاقىگە ئاساسلىنىپ مەخپى ھەرىكەت قىلىدىغان، ئورتاق پىكىرگە ئىگە كىشىلەر شەكىللەندۈرگەن ھەر خىل تىپ ۋە ھەر خىل خارەكتىرگە ئىگە مەخپى گورۇھلارنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ، خەلىقئارادا ھاكىميەت بىشدا تۇرىۋاتقان ھۆكىمەت ئەلباشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەر خىل خارەكتىردىكى مەخپى تەشكىلات ئەزالىرى دەپ قارالماقتا. چۈنكى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ خەلىقئارانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى،ئىجتىمائى ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور بۇلۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ئەلباشلىرىنىڭ ھاكىميەتنى تۇتۇپ تۇرالىشى ياكى قولدىن بىرىپ قۇيىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىللىرگە بۇ تەشكىلاتلار ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پىرىزدىنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى"
ئاساسلىقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ" قارار ماقۇللاش،پىلان تۈزىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزى تەۋە بولغان مەخپى تەشكىلاتنىڭ يوليۇرىقى بۇيىچە ئىش قىلىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر گوروھنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ قۇرۇلغان، شەخسىيەتچىلىك خارەكتىرى كۈچلىك تەشكىلاتلار بۇلۇپ،ئىنسانىيەتنىڭ زىيىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز ھازىرغىچە بايقالغان بەزىبىر خەلىقئارالىق مەخپى تەشكىلاتلار بىلەن قىسقىچە تۇنۇشىپ چىقايلى.
1-"بىلدېر بېرىگ تەشىكىلاتى"بۇ ئەزا سانى ئەڭ ئاز لىكىن تەسىرچانلىقى ئەڭ زور خەلىقئارالىق مەخپى تەشكىلات بۇلۇپ،بۇ تەشكىلات 1954-يىلى 29-ماي گوللاندىيەنىڭ ئاۋىستىربىك شەھىرىدىكى بىلدېر بېرىگ مىھمانخانىسىدا تۇنجى قېتىملىق ئەزالار كېڭىشى مەخپى يىغىنىنى ئاچقان. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ تەشكىلات ياۋرۇپادا يىلدا بىر قېتىم يىللىق يىغىن،ئامرىكىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئومۇمى كىڭەش مەسلىھەت قۇرۇلتىيى يىغىنى ئۆتكۈزىپ كەلمەكتە.تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان قۇرۇلتاي يىغىنىدا ئاساسلىقى ئەزالار ئوتتۇرسىدا تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرىكەت يۈنىلىشىنى بىكىتىش، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىش، ئەمەلى ساھالەرگە بولغان تەسىرچانلىق كۆچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر كېڭەش قىلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق ئومۇمى كىڭەش يىغىنىغا خەلىقئارانىڭ سىياسى،ئىقتىسادى ۋەزىيتىگە زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەت باشلىقلىرى، خەلىقئارالىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ باش دىرىكتورلىرى قاتارلىق نۇپۇزلۇق شەخىسلەر قاتنىشىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇئەييەن بىر خىزمەت بىناسى يوق بۇلۇپ، ئۇچىرشىش ۋە يىغىنلار كۆپىنچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مىھمانخانىلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ۋە يىغىن ئېچىلغان مەزگىلدە تەشكىلات ئەزالىرىدىن باشقا ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ يىغىن ئېچىلۋاتقان مىھمانخانىغا كىرىشى، ياتاق زاكاز قىلىشى چەكلىنىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ بۇ توغرىلىق خەۋەر تارقىتىش چەكلەنگەن بۇلۇپ،ئەزالاردىن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بەلگىلىمىسىدە تەشكىلاتقا ئەزا بولغۇچى چۇقۇم بەلگۈلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولغان بۇلىشى،يەھۇدىلارغا ئۆچمەنلىك قىلماسلىقى كىرەك دەپ بەلگىلەنگەن.تەشكىلاتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل بىر كومىتىت تەسسىس قىلىنغان.بۇ كومىتىت ئاساسلىقى تەشكىلاتنىڭ ئىچكى ۋەزىيتنى كۆزىتىش،
يېڭى ئەزا قۇبۇل قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى تەشكىلاتقا قۇبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى مەخسۇس تەربىيلىنىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسى سوتسىيالىزىم بىلەن دىمكۇراتىيەنى بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزىمنى دىمكۇراتىيەگە خىزمەت قىلدۇرۇش، خەلىقئارانى ئاتالمىش"ئەركىن دىمكوراتىيە" دىن پايدىلىنىپ كونتورول قىلىش ، خەلقئارالىق بىرلىككە كەلگەن ئەركىن دىمكۇراتىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىديىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش قاتارلىقلار. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنى2009-يىلى5-ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە گىرىتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادىكى ئاستىر خەلىقئارالىق مىھمانخانىسىدا ئېچىلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلىقئارادىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك شىركەتلىرى نوكىيا فورد ،ئاي بى ئەم ، قاتارلىقلار. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى:گىرىتسىيە زۇڭلىسى كوستاس كارمىل،فىنلاندىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتى فېركىن، شىۋىتسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كارىل بېلىت،ئامىركا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى"
ئىسمى تىلغا ئېلىنماپتۇ" ئامىركا پۇل مۇئامىلە مىنىستىرى "
ئىسمى تىلغا ئېلىنماپتۇ" دۇنيا بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روبىرت، ئىسپانىيە مەلىكىسى سوفىيا، گوللاندىيە مەلىكسى بېيا تېرىس ، ۋە ياۋرۇپا ئىتپاقى ئاساسى گەۋدىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار. بۇلار پەقەت بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىرغىچە ئاشكارلانغان يۇقرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇ تەشكىلات تەشكىلات خادىملىرىنى تايانىچ قىلپ پۇتۇن دۇنيانى كونتورۇل قىلىش ئۈچۈن ئىنسانىيەتكەزىيان يەتكۈزىدىغان ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەرەز تەشكىلات .
2-"ئاقارتقۇچىلار" تەشكىلاتى، بۇ مىلادى 1776-يىلى ماي ئېيىدا گىرمانىيەنىڭ بافارىيا شىتاتىغا جايلاشقان
گامىس ئونۋىرسىتىتىنىڭ خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قانۇن پەنلىرى ئوقۇتقىچىسى ئادام رىچارد تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلىقئارالىق مەخپى تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسى يۇناندا بارلىقىقا كەلگەن قەدىمقى يۇنان پەلسەپىسىنى ئاقارتىش، ئەلمانى فىكىرلەرنى تارقىتىپ، دىننى يۇقۇتىش قاتارلىقلار.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئۈزىنى ئەركىن مۇتەپەككۇرلار دەپ ئاتايدۇ. بۇ تەشكىلات ماسۇنىيلار تەشكىلاتىدىن كىيىنلا قۇرۇلغان بۇلۇپ دنغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ماسون بىلەن ئوخشاش. مىلادى 1857-يىلى كاتولىك دىنىغا سادىق فىرانسىيىلىك يازغۇچى جاستىين بىيورىل "ياقۇپ ئەۋلادى تارىخ تەزكىرىسى" ، " سۈيقەستكە تولغان دۇنيا" دىگەن كىتاپلىرىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ مەخپى خىزمەت قىلىدىغان سېستىمىلىق تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، شۇ دەۋىردە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن پاپانىڭ ئىمتىيازىنى قوغداۋاتقان پادىشاھ ھاكىميىتىگە قارشى كۆتىرىلگەن كومىنىستلار ئىنقىلابىنى ئاستىرىتتىن كونتورۇل قىلىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش خىيالىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ھازىر بۇ تەشكىلات بىرىنچى،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى،ۋىيتنام ئۇرىشى قاتارلىق ئۇرۇشلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ دۇنيانى ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەپ كىرگەن، كاپتالىزىم، كومىنىزىم، سوتسىيال مىللەتچىلىكى،يەھۇدى قىساسچىلىقى ،ئەيدىز قاتارلىقلارنى تارقىتىپ ئىنسانىيەتكە زور زىيان سالغان دەپ قارالماقتا.
3-"ماسۇنىيلار تەشكىلاتى" يەنە بىر ئاتالغۇسى "ئەركىن تاشچىلار" تەشكىلاتى بۇ تەشكىلات مىلادى 16-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قۇرۇلغان، ناھايىتى مەخپى ھەركەت قىلىدىغان سىرلىق تەشكىلات. بەزى قاراشلاردا ئېيتىلىشىچە بۇ تەشكىلات مىلادى1390-يىلى قۇرۇلغان. لىكىن كۈچلىك دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى 16- ئەسىر دەپ قارالماقتا.بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ناھايىتى مەخپى بۇلۇپ ھازىر بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى تەخمىنەن 6 مىليۇن ئەتراپىدا. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى مىتافىزىكا ئەخلاقى چۈشىنچىسىگە بەك ئىشىنىدۇ. شۇنداقلا دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ، ھاياتلىقنىڭ يارىتىلىشى قاتارلىق مەسىللەرگە باشقىچە قاراشتا قارايدۇ. گەپنى يىغىنچاقلىغاندابۇ تەشكىلاتمۇ تۈپتىن دىنغا قارشى، دىننى يۇقۇتىشنى نىشان قىلغان رەزىل تەشكىلات. ھازىر ماسۇن تەشكىلاتىنىڭ چۈشەنچىسنى ئاساس قىلغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ئامرىكا.
چۈنكى ئامىركا مۇستەققىل بولغاندىن بۇيان ئامىركىغا پىرىزدىنىت بۇلۇپ سايلانغان دۆلەت ئەلباشلىرىنىڭ16 سى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرراقى جورجى ۋاشىنگىتون، بېنجامىن فىرانكىلىن، روزۋېلىت قاتارلىقلار. ماسۇن ئاتالغۇسى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان نەزىريە تالاش تارتىشلىرى مەۋجۇت بۇلۇپ ماسۇن ئېنگىلىز تىلىدىكى مەلۇم بىر گىئومىتىريە ئاتالغۇسى دىگەن قاراش ئەڭ كۈچلىك قاراش ھىسابلىنىدۇ.
1979-يىلى ئەرەپ ئەللىرى ئىتپاقى2309-نۇمۇرلىق قارار ماقۇللاپ ماسۇن تەشكىلاتىنى يەھۇدى قىساسچىلىقىنى تەشۋىق قىلىپ ئىسرائىليەنى ئەرەپ دۆلەتلىرىگە قارشى ئىقتىسادى ۋە قورال كۈچى جەھەتتىن قوللىغان ئىرقى ئايرىمچى تەشكىلات دەپ ئىلان قىلغان.
داۋامى بار........ ئاللا خالىسا ئەتە يەنە داۋاملىق يوللىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇلۇپ، ئېنگىلىز تىلىدا كەلتۈرىلگەن بەزى ئورۇن جاي ئاتالغۇلىرى ۋە كىشى ئىسىملىرى ئەرەپ تىلى ھەرىپلىرى بىلەن ئېنگىلىز تىلى ھەرىپلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرىق تۈپەيلى توغرا تەرجىمە قىلىنماي قالدى. كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.