مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

ئەردەشىر ۋە گۇلنار ھەققىدە قىسسە(‹‹شاھنامە›› 9-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەردەشىر بىلەن گۈلنارمۇ ئۇلارنىڭ قوغلاپ كېلىشىنى پەملەپ ئاتلىرىغا قامچا ئۇرۇپ شامالدەك تېز چاپماقتا ئېدى.ئەنسىرەش تۈپەيلى  دەم ئېلىشنىمۇ خىيالىغا كەلتۈرۈشمەيتتى.بۇ دۇنيادا بەخت كىمگە يار بولسا ئۇنىڭغا دۈشمىنىدىن قىلچىمۇ ئازار يەتمەيدۇ.ئۇلار خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئات چاپتۇرۇپ ماڭغاندىن كېېيىن ئەردەشىرغا  ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن ھاردۇق يەتتى.ئۇلار بىر ئىگىز داۋاندىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ پەس تەرەپتىكى بىر بۇلاققا كۆزى چۈشۈپ قالدى.تەشنا ئادەم بۇلاق كۆرۈپ قالسا يانداپ ئۆتۈپ كەتكىسى كېلەتتىمۇ شۇڭا ئەردەشىر  گۈلنارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
-سۆيۈملۈكۈم،يول ئازابىنى خېلى تارتتۇق.قارىسام پەستە بىر بۇلاق تۇرىدۇ.شۇ بۇلاق بويىغا بېرىپ بىراز دەم ئالغاچ سۇ ئىچىپ تاماق يەۋالايلى.قارىسام بىزلا ئەمەس ئاتلارمۇ ئۇسسىغان ھەم ھارغاندەك،ئۇلارمۇ سۇ ئىچكەچ دەم ئېلىۋالسۇن.ھارغان ئۇلاغنى چاپتۇرۇۋەرسەك يولمۇ ئاۋۇمايدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلنار قوشۇلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى يولدىن چىقىپ  پەسلەپ يان تەرەپ چوڭقۇرلۇقتىكى بۇلاق بويىغا كەلدى. ئۇلار بۇلاق بويىغا كېلىپ ئەمدىلا ئاتتىن چۈشمەكچى بولىۋاتقاندا ئۇ يەردە ئىككى يىگىت پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇلاردىن بىرى ئەردشىرگە قاراپ مەسلىھەت تەرىقىسىدە  مۇنداق دېدى:
-تۇرقۇڭلاردىن قارىغاندا بىرەر يەردىن قېچىپ كەلگەندەك تۇرۇسىلەر،ئەقدىھا ئاغزىدىن خالاس بولۇپسىلەر،بۇ يەر توختاپ ئارام ئالدىغان يەر ئەمەس.ئەگەر ئارقاڭلاردىن قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا تۇتۇلۇپ قالمايلى دېسەڭلار ئات چۇلۋۇرىنى يەنىلا يولغا تارتىڭلار،يولدىن قالماڭلار!
ئەردەشىر گۈلنارغا قاراپ دېدى:
-سۆيۈملۈكۈم،بۇ يىگىت توغرا ئېيتىدۇ،بىز ئۇزاق يول باسقان بولساقمۇ تېخى خەتەردىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدۇق.بىز يەنىلا يولىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇ ئىچىش ۋە ئارام ئېلىشتىن ۋازكېچىپ يەنە يولغا چۈشتى.ئاتلار ئۇلارنىڭ غەرىزىنى چۈشەنگەندەكيولغا چىقىپ يەنە چېپىپ كەتتى.ھەقىقەتەن ئەردەۋانلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن بوراندەك تېزلىك بىلەن تاپ بېسىپ قوغلاپ كەلمەكتە ئېدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەردەشىرلار شۇ تەرىزدە ئۇزاق يول يۈرۈپ كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغاندا ئەرەپلەرنىڭ تولىمۇ گۈزەل بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى.بۇ چاغدا ئاتلارنىڭمۇ يولۇچىلارنىڭمۇ تەنلىرى بوشۇشۇپ ھىچبىر مادار قالمىغان ئېدى.
ئارىدىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ  قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغاندا  ئەردەۋانلارمۇ ئۇلارنىڭ  ئارقىدىن قوغلاپ يۈرۈپ بۇ شەھەرگە كەلدى. بۇ شەھەردە كېچە بولسىمۇ كوچىلاردا ئادەم بەكمۇ كۆپ ئېدى.ئەردەۋان يولدا ئۇچرىغان بىر كىشىدىن ئەردەشىرلارنى سۈرۈشتۈردى:
-ئەي ياخشى نىيەتلىك كىشى،بۇ يەردىن بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ  ئاتلىق چېپىپ ئۆتكىنىنى كۆردۈڭمۇ؟
-ئەي دىلى ئاپتاپتەك يورۇق تەلەيلىك پادىشاھ،كۈن ئولتۇرۇپ تۈن نىلرەڭ پەردە تاقاپچىققان، غەرىپ ئۇپۇقىنى لالەگۈن شەپەقلەر قاپلىغانچاغدا بۇ يەردىن ھەقىقەتەن ئۇزاق يول بېسىپ كەلگەن،ئۈستى -بېشىنى چاڭ توزان بېسىپ ،ئۇسسۇزلۇقتىن لەۋلىرى قۇرۇپ كەتكەن  ئىككى ئاتلىق ياش پەيدا بولۇپ، ئاتلىرىنى ئوقتەك تېز چاپتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى.ئۇلارغا بىر ئەلقار ئەگىشىۋاپتۇ،ئۇمۇ بوراندەك تېز چاپىدىكەن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرى مۇشاۋۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەردەۋانغا مەسلىھەت بېرىپ دېدىكى:
ئەي ئۇلۇغ پادىشاھىم،ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاۋەرمەيلى،قوغلىغاننىڭ ئورنىغا ئارقىمزغا يېنىپ ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ لەشكەر توپلايلى.ئۇلارغا ئەلقار ئەگىشىۋالغان بولسا بۇ ئۇلارنىڭ بەخت –ئىقبالىنىڭ نېشانىدۇر.بۇنداق ئامەتلىكلەرگە ئالدىراپ زىيان يەتمەس،پەلەك ئېتىمۇ قوغلاپ يېتەلمەس.ئەگەر ئارقىمىزغا قايتىشنى خوپ كۆرمىسىڭىز ئوغلىڭىز شايەتكە نامە يېزىپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈپ  بىر چاپاردىن نامە  ئەۋەتەيلى.ئۇ لەشكەر توپلاپ كەلسۇن.ئەگەر شاھزادە شايەت لەشكەر تارتىپ كەلسە ئەردەشىرغا مەيلى ئارقار،مەيلى شىر بولسۇن  قانداقلىكى نەرسە ئەگىشىۋېلىشتىن قەتئى نەزەر ئۇنى تۇتۇپ ئەدىپىنى بېرلەيمىز.
ئەردەۋان ئويلىنىپ قالدى.ئېسىگە مۇنەججىملەرنىڭ ئاچقان پالىدىكى سۆزلەر كەلدى.‹‹پالدىكى سۆزلەر راست چىقىۋاتامدۇ نېمە؟ ھەقىقەتەن ئەڭ ئامراق پەرزەنتىم ئىلكىمدىن قېچىپ كەتتى.ئۇنى ھەرقانچە قوغلاپمۇ يېتىشەلمىدۇق.قارىغاندا مەن تۇتقان دەۋران تۈگىگەن ئوخشايدۇ.ئەمدى چامامنىڭ بارىچە ئىش قىلىپ تۇراي.تەقدىر نىمە ئويۇنلارنى كۆرسۈتەركىن؟››

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشاۋۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلار قوغلاشنى توختۇتۇپ ھېلىقى ئەرەپ شەھىرىگە چۈشۈپ بىر سارايدا ئارام ئېلىشتى.
تۈن ئۆتۈپ تاڭ ئاتتى.شاھ:‹‹ قوشۇن ئارقىسىغا قايتسۇن!›› دەپ پەرمان چۈشۈردى.ئۇلار غەزەپ ۋە قايغۇدىن يۈزلىرى قومۇشتەك سارغايغان ھالدا رەي شەھىرىگە قايتىپ كېتىشتى.
ئەردەۋان رەيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باشقا شەھەردە قوشۇن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئوغلى رەيگە نامە ئەۋەتىپ مەخپى پەرمان چۈشۈردى مەزمۇنى مۇنداق ئېدى:‹‹سىڭلىڭ گۈلنارنىڭ ئىشىدا بىزگە بەختسىزلىك يۈزلەندى.ئەردەشىر ئۇنى ئازدۇرۇپ كاماندىن ئۇچقان ئوق كەبى تېزلىك بىلەن ئېلىپ قېچىپ كەتتى.ئۇنى قوغلاپ بېرىپمۇ يېتىشەلمەي يېنىپ كەلدۇق.پەرىزىمچە ئۇ پارىس مەملىكىتىگە قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن.ئۇلارنى تېزدىن ئىزدەپ تاپقىن.لېكىن بۇ ئىش ئەلدىن مەخپى بولسۇن!››


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 08:44:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەردەشىرلەر قېچىپ يۈرۈپ بىر دەرياغا يەتتى.شۇ كەمگىچە قوغلاپ كېلىۋاتقانلار يېتىشىۋالالمىغان بولغاچقا  قادىر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتتى:
-ئەي ئۇلۇغ خۇدا،مېنى بەدغەرەزلەرنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلدىڭ،مېنى قايتا تۇتقۇن قىلىپ بېىپ دۈشمىنىمنىڭ خانىمانىنى ئاۋات قىلمىدىڭ،شۇنۇڭ ئۈچۈن ساڭا مىڭلاپ شۈكۈر سانالار ئېيتىمەن!ئەمدى ئالدىمىزنى بىر دەريا توسۇپ تۇرۇپتۇ،بۇ دەريادىنمۇ ئامان –ئېسەن ئۆتكىلى نسىپ قىلغايسەن.
ئۇلۇق ئاللاھ ئىگەم ئەردەشىرنى بىر قېيىقچى بوۋايغا ئۇچراشتۇردى.بوۋاي ئەردەشىرنىڭ نۇرلۇق چىرايى ۋە كېلىشكەن بوي بەستىگە قاراپ ئۇنىڭ كەيانيلار جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋلدى.ئۇلار دەريا بويىغا كەلدى.چال قېيىقلىرىنى دەرھال  سۇغا چۈشۈردى.ئەردەشىرنىڭ كېلىشدىن خەۋەر تېپىپ بابەكنىڭ  ھىندى مەملىكىتى سىتەھىردىن ۋە ئىراندىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان لەشكەر ۋە ئەمەلدارلار بۇ يەرگە توپلاندى.كىمىكى دارا نەسلىدىن بولسا بەختى تەلىيى كۈلۈپ باقاتتى.ئەتراپتىكى ھەرقايسى  يۇرت -ئايماقلاردىكى كىشىلەر ئەردەشىرنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ  دەريا ۋە تاغلاردىن،شەھەر- قىشلاقلاردىن توپلىشىپ كېلىشكە باشلىدى. دېمەك ھەرقايسىجايلاردىن كەلگەن پازىل يىگىتلەر جاھانشاھ ئەردەشىرنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشتى. ئەردەشىر ئۇلارغا يۈز تۇتۇپ شۇنداق دېدى:
-مېنى دەپ جاي-جايلاردىن كېلىپ سېپىمگە قوشۇلغان ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلار،نامدار پالۋانلار،كىمگە ئەقىل -ئىدراك،ساغلام تەپەككۇر يار بولغان بولسا پاك دىل بىلەن سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار.ئىسكەندەر جاھاندا قانداق ئىشلارنى قىلدى؟ ئۇ جاھانگىرلىك مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى قويماي ئۆلتۈرۈپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ باغرىنى ئويدى ۋە تىلدى.ئالەمنى تەڭسىزلىك بىلەن تولدۇردى.سۇنماس قاسارىتى بىلەن تىللاردا داستان بولغان شاھ  ئىسفەندىيار مېنىڭ ئەجدادىمدۇر.شۇنداق تۇرۇپ بۇ ۋەتەنگە نىمە ئۈچۈن ئەردەۋان پادىشاھ بولۇپ قالدى؟! بىز بۇنىڭغا ‹‹يولسىزلىق›› دەپ نام بېرەيلى.ئۇنىڭ بۇ ناھەق قىلمىشلىرى ئەمدى تاماملىنىشى كېرەك.ئۇنى يوقۇتۇپ ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمنىڭ شانۇ –شەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت جەڭگىۋار يولدا ماڭا مەدەتكار بولۇڭلار. زوراۋانلانى يوقۇتۇپ ئۇلۇغ تەختىمىزنى قايتا قولغا ئالايلى. ئەي ئەھلى ئەرباپلار،بۇ سۆزلىرىمگە سىلەر نېمە دەپ جاۋاپ بېرەرسىلەركىن ؟ ياردەم بېرەلمەيدىغانلارمۇ ماڭا ئاق يول تىلەڭلار!
بۇ سورۇنغا، شۇ ئەنجۈمەنگە ھازىر بولغانلار كۆپۈنچىسى كۈچ-قۇۋۋىتى ئېشىپ -تېشىپ تۇرغان،قىلىچۋاز مەردلەر ئېدى.ئۇلار ئەردەشىرنىڭ تەسىرلىك نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا جان پىدالىق بىلدۈرۈپ ئۇ باشلىغان يولغا ماڭماقچى بولۇشتى.شۇڭا ۋەدە بېرىپ شۇنداق دېيىشتى:
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،بىز ھەممىمىز بابەكنىڭ ئەۋلاتلىرى،سېنىڭ دىدارىڭنى كۆرۈپ ھەممىمىز ئىنتايىن شادلاندۇق.بۇ يەردە يەنە ساسانىيلارمۇ جەم بولۇشۇپ سېنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا  بەل باغلاشتى.بىز ھەممىمىز سۆزۈڭنى ئاڭلايمىز. ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جېنىمىز ھەم تېنىمىز پىدايىڭ بولسۇن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55970
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-9-11
ئاخىرقى: 2012-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:19:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر،ئاخىرىنى كىتىمەن.

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 10:05:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەلىبىگە ئېرىشتۈردى.
سەن ئىككى جەھەتتىن بىزگە ئەزىزسەن.سەن ھەم خاسىيەتلىك ئىنسانسەن،ھەم بىزنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھىمىزسەن.بىز سېنىڭ ئەمرىڭگە قەتئى بويسۇنۇپ، ئەمرىڭنى تۇتۇپ تاغنىمۇ تالقان قىلىۋېتىشكە تەييارمىز.يولىمىزنى ھېچقانداق خەتەر توسۇيالمايدۇ.ئەگەر بىز بىرلىشىپ تىغ كۆتۈرىدىغان بولساق دۈشمەنلىرىڭنى تۈگەل يوقۇتۇپ قانلىرىنى دەريا كەبى ئاققۇزۇۋېتىمىز!
ئەردەشىر بۇ سۆزلەردىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ بېشى پەلەككە تاقاشقاندەك بولدى.دۈشمەنلەرگە بولغان غەزىپى ۋە قىساسخورلۇقى چېقىن چاقماقتەك كۈچلۈك مەرت قوللۇغۇچىلىرىغا تەھسىن ئاپىرىنلار ئېيتتى.ئۇلار باشقا ياققا كۆچمەي بۇ قۇتلۇق ئۇچرۇشۇش بولغان جايغا ئامەتلىك دەريا بويىغا ماكان تۇتۇپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشتى.قوللۇغۇچىلىرى بەكمۇ كۆپ بولغاچقا ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن بۇ يەردە بارا- بارا يېپ –يېڭى، ئاۋات،گۈزەل  بىر شەھەر بەرپا قىلىشتى.ئەردەشىر بۇ شەھەرگە پادىىشاھ بولۇپ ھۆكمىرانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.
بىر كۈنى سۆھبەت جەريانىدا ۋەزىرى ئەردەشىرگە دانا مەسلىھەت بېرىپ مۇنداق دېدى:
   -ئەي يۈكسەك پىكىرلىك،شانۇ- شەۋكەتلىك ئۇلۇغ  شاھىمىز،ئۆزلىرى شەھرىيارلىق تاجىنى ئۇزاققىچە مۇستەھكەم كىيەي،دۆلىتىمنى قۇدرەت تاپقۇزاي دېسىلە ئەلنى ئەدلى –ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپ ئاۋام پۇقرانىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەيلا.شاھلىق ئىشلىرىنى پارىس مەملىكەتلىرىدىن قۇتلۇق قىلغايلا.بىز بۇ زىمىندا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئالدى بىلەن ئەردەۋانغا قارشى جەڭ باشلىغايلا.شۇندىلا شان-شۆھرەت تېپىپ يۇلتۇزلىرى پارلايدۇ.سانسىز مال -دۇنياغا ئېگە بولۇپ كۈچ -قۇدرەتلىرى ئاشىدۇ.ئەگەر ئۇنداق قىلماي دۈشمەنگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش، كۈچۈيىۋېلىش پۇرسىتى بېرىپ قويساق ئۇ بىزگە خەۋىپ-خەتەر ۋە غەم قايغۇ كەلتۈرىدۇ.ھازىر دەل ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى.چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ تەختى سىلىنىڭكىدىن ۋەيرانە،لەشكىرى كۈچ -قۇدرىتىمۇ بىزدىن خېلىلا  ئاجىزدۇر.
بۇ كېڭەش ئەردەشىرگە ماقۇل كەلدى.ئۇنىڭ قەلبىدىكى تەشۋىش ۋە غەم تۇمانلىرى يوقالدى.ئەتىسى قۇياش چىقىپ ئاپتاپ تاغ ئۈستىدىن باش كۆتۈرگەندە ئەردەشىر سىتەھىرگە قاراپ يولغا چىقتى.بەھمەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ دەرغەزەپ بولدى.لېكىن غەزەپ بىلەن ئىش ھەل قىلغىلى بولمايتتى.ئۇ ئۆز لەشكىرى كۈچىنىڭ ئاجىز كېلىپ قېلىپ ئەردەشىر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ شەرمەندە بولۇشتىن ،ھەتتا بېشىغىمۇ ئىگە بولالماي قېلىشتىن قورقۇپ قالغان ئېدى.ئۇ ئامالسىزلىق ئىچىدە جۇدۇنلاپ چارە ئىزدىدى.ئاخىر بىر قارارغا كېلىپ قوشۇنلىرىنى يىغىپ ياۋغا قارشى سەپ تۈزدى.
جەھرەم مەملىكىتىدە تەباك ئىسىملىك نامدار بىر پادىشاھ بار ئېدى.ئۇ قەلبى ساپ سۇدەك پاك،ئەلنى ئەدلى- ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپ خەلقىنى غەم-ئەلەمگە دۇچار قىلمايدىغان دانا پادىشاھ ئېدى.شۇنداقلا ئۇنىڭ نازىنىنلىقتا داڭقى چىققان يەتتە ئوغلى بار ئېدى.ئۇ بۇرۇندىنلا بەھمەندىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ توغرا يول تۇتقان،يامانلاردىن نەپرەتلىنىپ ياخشىلارنى دوست تۇتۇدىغان دانا پادىشاھ ئېدى.
  ئۇ ئەردەشىر ھەققىدىكى ماختاشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىشلىرىغا مەدەتكار بولۇش،ھەق -ئادالەتكە ھامىي بولۇش ئۈچۈن ئوغۇللىرىنى يېنىغا ئېلىپ،بارلىق لەشكەر-سىپاھلىرىنى سەپكە تىزىپ،ناغرا - دۇمباقلىرىنى گۈمبۈرلىتىپ ئەردەشىرنىڭ يېنىغا كەلدى.ئۇ كېلىپلا ئەردەشىرنىڭ چېھرىگە نەزەر سېلىپ ئۇنىڭ قۇدرەتلىك شاھلارغا خاس سالاپىتى،قۇياش كەبى نۇر بالقىپ تۇرغان نۇرلۇق رۇخسارىنى كۆرۈپ قايىللىقى ۋە مايىللىقى ھەسسىلەپ ئاشتى.دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ئەردەشىرنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ باردى –دە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئايىقىنى سۆيدى.ئەردەشىرنىڭ ئاتىسى ساسان ھەققىدە ئورۇنلۇق ۋە شېرىن كالاملىق ماختاش سۆزلىرىنى قىلىپ دوستانىلىقىنى ئىپادىلىدى.ئەردەشىرمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن ئىززەت- ھۆرمەت كۆرسۈتۈپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.لېكىن تەباك تەرەپباللا ناھايىتى نۇرغۇن لەشكەر ۋە سىپاھ بىلەن كەلگەن بولغاچقا ئۇنى ئەردەۋاننىڭ ماڭا قارشى ئىچكى ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتكەن سۈيىقەستچى ئادىمىمىكىن  دەپ گۇمان قىلاتتى.شۇ كەمگىچە كۆپ جاھان تۇتقان زېرەك مويسىپىت بۇنى تېزلا سېزىۋالدى.ئەردەشىرنىڭ ئەندىشىسىنىمۇ چۈشەندى.شۇڭا ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ ئۆزىنىڭ ئەردەشىرگە بولغان چىن ساداقىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرسىغا ئۇستا ۋە زەندنى قويۇپ ،تەڭرىنىڭ بۈيۈك نامىنى ياد ئەيلەپ تۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ قىلچىلىكمۇ يامان نىيىتى يوقلۇقى،پەقەت ئەردەشىرگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا مەدەكار بولۇش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە كەلگەنلىكى ھەققىدە قەسەم قىلىپ بەردى:
  -ئەي ئۇلۇغ شەھرىيار،مەن سېنىڭ ئەردەۋانغا قارشى لەشكەر تارتىپ كەلگەنلىكىڭنى بىلىپ ،ساڭا قوشۇلۇش ۋە چىن دىلىم بىلەن ياردەم بېرىشكە ئىنتىلىپ بارلىق قوشۇنلىرىمنى توپلاپ ئالدىڭغا كەلدىم.ئەگەر ئېيتقانلىرىم يالغان بولۇپ ساڭا ئالا نىيەتلىك قىلسام مەن تەرياكنىڭ ئۆمرى بىداۋا بولسۇن.بىلسەڭ مەنمۇ ئەردەۋاننىڭ زۇلمىدىن كەمپىرىدىن جاق تويغان يىگىتتەك راسا تويغانمەن.مېنى بىر يوشۇرۇن دۈشمەن دەپ  ئەمەس‹‹ مېھرىبان بەندەم كەلدىئۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سادىق دىلكىشىم ›› دەپ چۈشەن.
بۇ سۆزلەر بىلەنئەردەشىرنىڭ كۆڭلىنىبۇلۇتلۇق ئاسماندەك  قاپلىۋالغان  ئارىدىكى گۇمانلىق تۈگۈنلەر يېشىلىپ،كۆڭلى خۇددى باھار قۇياشىدىن نۇر ئالغاندەك ئىللىدى.قەلىب ئاسمىنىمۇ ئوچۇق ئاسماندەك ئېچىلىپ كەتتى.شۇڭا خۇشاللىنىپ:‹‹بۇ مەرد كىشىنى بۇندىن كېيىن ئۆز ئاتام ئورنىدا كۆرەي،بارلىق نامدارلارغا باشلىق قىلىپ ئورنىنى بارچىدىن ئۈستۈن قىلاي›› دەپ ئويلىدى.
شاھنىڭ دىلى بەدگۇمانلاردىن ئادا بولغاندىن كېيىن ئىشلىرىنى قوللاپ شۇنداق كۈچلۈك ياردەمچىنى ئەۋەتكەن تەڭرىگە چىن ئىخلاسى بىلەن تەسەننالار بىلدۈردى.چۈنكى تەڭرى ئەزىز  بەندىلىرىگە ياخشلىق يولىدا رەھنەما ئېدى.ھەرقانداق ئىش قىلىشقا مۇرەببى بولغان قادىر خۇدا ئېدى.ئۇ پەلەك كۆكسىدە مۇزەپپەر تۇرۇپ ئالەم ئىشلىرىنى باشقۇراتتى.ئۇلۇغلۇق دەرىخى ئۇنىڭدىن ھەرۋاقىت نەپكە ئېرىشەتتى.
ئەردەشىر ئىبادەتخانىدىن چىقىپ قەسىرگە قاراپ ماڭدى.خەزىنىچىسى يېنىدا بىرگە كېلىۋاتاتتى.شاھ خەزىنىدىن نۇرغۇن دىنارلارنى ئېلىپ چىقىپ قوشۇنىغا تارقىتىپ بېرىپ لەشكەرلەرنى خوش قىلدى.بۇ ئىلتىپات لەشكەرلەرنى روھلاندۇردى.ئۇلار يولۋاستەك كۈچ ۋە جاسارەتتە  بەھمەن بىلەن جەڭ قىلماق بولۇپ سەپەرگە ئاتلاندى.
ئىككى قوشۇن ئۇچراشقاندىن كېيىن جەڭ تەلەپ قىلغۇچى مەرد باتۇرلار كۆكرەكلىرىنى كېرىپ،نەزىىرنى رەقىپلىرىگە تىكىپ  مەيدانغا چۈشۈشكە تەييارلىنىشتى. ئىككى تەرەپ چېرىكىلىرى ئوڭدا ۋە سولدا سەپ تۈزۈشكەن بولۇپ نەيزىلەر ۋە ھىندى قىلىچلىرى قوللاردا يالتىرىشاتتى.ئۇرۇش باشلىنىۋىدى، ئىككى قوشۇن قارىمۇ -قارشى ئىككى كۈچلۈك دولقۇندەك بىر –بىرىگە ئۇرۇلدى.خۇددى ئىككى كۈچلۈك ئارسىلان بىر بىرىگە تاشلانغاندەك لەشكەر بىلەن لەشكەر،باتۇر بىلەن باتۇر بىر-بىرىگە ئېتىلىپ غەزەپ بىلەن ئېلىشىپ كەتتى.جەڭ راسا قىزىپ قانلار ئېرىق-ئېرىق بولۇپ ئېقىشتى.جەڭ شۇ خىلدا كەچ كىرگۈچە داۋام قىلدى.يەرنى ئادەم،كۆكنى بولسا چاڭ توزان قاپلاپ كەتتى.ئاسمان نىگاھى سۈرمە رەڭ بولغان چاغدا تەباكنىڭ سىپاھلىرى ئۇرۇشقا كىرىشتى.قەڭ تېىىمۇ دەھشەت تۈس ئادلى.لېكىن دەل شۇچاغدا بىردىن كۈچلۈك شامال چىقىپ يەرۇ-ئاسمان زۇلمەت رەڭگە كىردى.ھىچكىم ھىچكىمنى كۆرەلمەي قالدى.شۇنداقتىمۇ قەڭ داۋاملىشىۋەردى.ئەردەشىر قوشۇننىڭ ئالدىدا ئەجدىھادەك سۈر ھەيۋە بىلەن ئۇچۇپ دۈشمەننى باتۇرلارچە قىرماقتا ئېدى.بەھمەن بىلەن ئەرداۋان ئۇنىڭ كۈچ -قۇدرىتىنى تونۇپ يەتتى.ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىپ تەڭ بولالمايدىغانلىقنى تۇيۇپ جەڭدىن قاچماققا تەمشەلدى.دەھشەتلىك جەڭدە قالايمىقان ئوق يامغۇرىدا ئەردەشىرنىڭ نەچچە يېرىگە ئوق تېگىپ يارىلانغان بولسىمۇ لېكىن يارىسىغا پەرۋا قىلماي باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىۋەردى.ياۋۇز دۈشمىنىڭ قاچماقچى بولۇۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ئارقىسىدىن دەمبەس قەدەم قوغلاپ ماڭدى.ياۋ لەشكەرلىرىمۇ جەڭدىن چېكىنىپ سىتەھىر شەھىرىگە قاراپ قېچىشقا يۈزلەندى.بۇ شەھەرنىڭ سېپىل ۋە خەندەكلىرى تولىمۇ مەزمۇت بولغاچقا بەھمەن بۇ شەھەردىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتى.ئالەمگە شۇ تەقلىت شۆھرەت سېلىپ مەردانە باتۇر شاھنىڭ ھېساپسىز شىر يۈرەك سىپاھلىرى تەرپ-تەرەپلەردىن كېلىپ ئۇنىڭغا مەدەت ۋە يار يۆلەك بولدى.پەۋقۇلئاددە كۈچ-غەيرەت ئاتا قىلىپ دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭدە غەلىبىگە ئېرىشتۈردى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خەۋەر ئەردەۋانغا يەتتى.مەغلۇبىيەت ئازابى ئۇنىڭ دىلىنى چۇلغىۋالدى.شۇڭا دېدىكى:
-يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق ئىش چەرخى پەلەك تەرىپىدىن يەنى خۇداۋەندە كەرىمنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ.تەقدىر ئەزەلنىڭ ئىشلىرى ئەزەلدىن شەپقەتسىزدۇر.ئۇنىڭدىن ھىچكىشى قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس.مەن بۇرۇن ئەردەشىرنى مۇنچىۋالا كۈچىيىپ كېتىدۇ،مەرت،نامدار ئالەمگىر بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ دەپ پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.مانا بۈەۈن ئۇنىڭغا سائادەت گەنج( بايلىق) ئىشىكىنى ئاچتى.ئامىتى ئوڭدىن كەلگەچكە ھەممە ئۇنى قوللاپ ناھايىتى تېزلا زور قوشۇن تۈزەلىدى...
دېگەندەك ئەردەشىرنىڭ ئامىتى تازا كېلىۋاتاتتى.نامى ھەريان تارىلىپ ئۇنى قوللايدىغانلار تەرەپ ترەپتىن قوشۇن تارتىپ  كېلىپ ئۇنىڭ قوشۇنلىرىغا قوشۇلماقتا ئېدى.مانا بۈەۈن گىل بىلەن دەيلەممۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ بۇ توپقا قېتىلىپ ئەردەشىرنىڭ كۈچىنى ئاشۇردى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق كۆپ لەشكەرلەر يىغىلغان ئىدىكى سانىنى ئېلىپ بولمايتتى.لەشكەرلەر سەپ تۈزۈپ ماڭغانلىرىدا ئۇلارنىڭ تاپانلىرىدىن توزىغان چاڭ -توزان ئىگىز ئۆرلەپ ھەتتا ئايغا قەدەر يەتكەندەك بىلىنەتتى.ئەردەشىرنىڭ قوشۇنلىرى جەڭ مەيدانىغا كۈچلۈك شامالدەك توسقۇنسىز يېتىپ كەلدى.ئەردەۋاننىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قىساسخورلۇقى تۇتۇپ ئاللىبۇرۇن سەپ تۈزۈپ بولغان ئېدى.بۈگۈنكى  بۇ جەڭگە بارلىق لەشكەرلىرىنى توپلاپ ئەردەۋان ئۆزىمۇ كەلگەن ئېدى.ئىككى زور قوشۇن ئىككى زور ئەجدىھادەك دەھشەتلىك تۇتۇشىدىغان بۇنداق ئۇرۇش كەمدىن كەم ئۇچرايتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش