مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2080|ئىنكاس: 155

ئەردەشىر ۋە گۇلنار ھەققىدە قىسسە(‹‹شاھنامە›› 9-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 05:41:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پادىشاھ ئەردەشىر ۋە گۈلنار ھەققىدە قىسسە  (‹‹شاھنامە›› توققۇزىنچى بۆلۈم)
ئەشكانىيلار پادىشاھلىقى دەۋرى (ئىككى يۈز يىل داۋام قىلغان)
  ئىران شاھى دارا ئىسكەندەر بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ پۈتكۈل خانىدانىدىن ئامەت كەتتى.دارانىڭ ساسان ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئېدى.ئۇ ئاتىسىنىڭ جەڭدە ئۆلگەنلىكنى ئاڭلاپ شۇئان ئوردا ئاتخانىسىدىن بوراندەك تېز چاپىدىغان ئاتتىن  بىرنى تاللاپ مىنىپ  ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.ساسان ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ بولۇپمۇ خاتىرجەم بولالمىدى. ئۇ بۇ زىمىندا تۇرۇۋەرسە ئىسكەندەرنىڭ ئادەملىرىگە تۇتۇلۇپ قېلىپ  قەستكە ئۇچراشتىن بەكمۇ قورقتى.شۇڭا  ھىچيەردە توختىماي،كېچە -كۈندۈزلەپ يول يۈرۈپ ئاخىرى ھىندىستان زېمىنىغا  باش ئېلىپ چىقىپ كەتتى.ئەينى دەۋردە ھىندىستان ھازىرقىدەك بىرلىككە كەلمىگەن دۆلەت بولغاچقا ئۇنىڭ ھەر بىر شەھەر ئايمىقى ئۆز ئالدىغا بىر پادىشاھلىق زېمىن ھېساپلىنىپ ئايرىم -ئايرىم پادىشاھلىرى بار ئېدى. ساسان قېچىپ بارغان ھىندىستان مەملىكىتىنىڭ شاھىنىڭ ئىسمى بابەك ئېدى.ئۇ چوڭ پادىشاھلاردىن بىرى بولۇپ خەلقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى.بابەك شاھنىڭمۇ ھەرقايسى يايلاقلاردا  
چوپانلارغا باقتۇرىدىغان ھەددى –ھېساپسىز مال چارۋىلىرى بار ئېدى.
ساسان يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ ئاخىر بابەكنىڭ يىلقىلىرى بېقىلىدىغان بىر چوڭ يايلاققا يەتتى.بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېتى ئاللىقاچان سەپەر ھارغىنلىقلىرىدا ئۆلۈپ ساسان پىيادە قالغان ئېدى.ھەددىدىن زىيادە ھېرىپ چارچاش،ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن ئۇ داۋاملىق مېڭىۋېرىشتىن ۋاز كېچىپ بۇ يايلاققتا تۇرۇپ قالماقچى بولدى. شۇڭا دەرمانسىز پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ چوپانلار قېشىغا كەلدى.باش چوپان بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى بۇ يەردە ئېلىپ قېلىشنى،چاكار ئورنىدا ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىش بېرىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئۆتۈندى.
مال بېقىش تەس كېلىپ تۇرغان ھورۇن چوپانغا قۇرسىقىنى بېقىش ھېسابىغا ھەقسىز ياردەملىشىشنى  خالايدىغان تەييار ياردەمچى كەلسە  خوش بولمايتتىمۇ؟! باش چوپان ئۇنىڭ تەلىپىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ساساننى بۇ يەردە ئېلىپ قالدى.بۇ چاغدا ساسان تېخى ئەمدىلا  12-13ياشلارغا كىرگەن  گۆدەك بالا ئېدى.ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي بۇ يەردىن پاناھلىق تېپىلغىنىغا خوش بولۇپ بىرنەچچە يىل پادا باقتى.ئىنساپسىز باش چوپان ئۆزى كىگىز ئۆيىدە ئارام ئېلىپ راھەت كۆرۈپ بىچارە ساساننى ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا سېلىپ يەتكىچە بوزەك قىلىۋالدى.ساسان تايانچىسىز بولغاچقا قۇرسىقى تويغۇدەك تاماق،ئۇچىسى يېپىلغۇدەك كىيىمگە ئىگە بولغىنىغا خوش بولۇپ ئۈن تۈنسىز ئىشلەۋەردى.ئىشلىگەندىمۇ ئەڭ ياخشى ئىشلىدى.شۇنداق بولغاچقا كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا يېشى چوڭىيىپ, بويى ئۆسۈپلا قالماي ئەمىلىمۇ ئۆسۈپ،چوپانلار ئارىسىدا ھۆرمەت ئېتىبار تېپىپ, ئاخىر
ھېلىقى ئىنساپسىزنىڭ ئورنىغا باش چوپان بولۇپ قالدى.
  ئەمدى گەپنى ھىندى شاھى بابەكتىن ئاڭلايمىز.بىر كۈنى كېچىسى بابەك چۈش كۆردى،چۈشىدە بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ بىر ئىش كۆردى.ئۇنىڭ چۈشىدە ئاجايىپ كېلىشكەن بىر باتۇر ئەزىمەت ئايان بولدى.(ئۇ ساسان ئېدى،لېكىن شاھ ئۇنى تېخى تونۇمايتتى) ئۇنىڭ چۈشىدە ئايان بولۇشىچە ساسان بىر زور جەڭۋاز پىلغا مىنىۋالغان،قولىغا ھىندى شەمشىرى تۇتۇپ چاققان-چەبدەس  ھەركەتلەر بىلەن شاھانە سۈپەت  جەڭ قىلىۋاتقانمىش.جەڭدىن كېيىن ھەممە ئەل خالايىق ئۇنى يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەتلەپ توپلىشىپ كېلىپ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ  
تازىم قىلىۋاتقانمىش.بۇ ئەزىمەت شۇ قەدەر خۇشخۇي،شۇ قەدەر سالاپەتلىك،شۇ قەدەر كېلىشكەن ئىكەنكى قۇياشتەك چېھرىنى بىر كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئىككى كۆرمەكنى ئارمان قىلىپ قالارمىش.ئۇنىڭ نەپىسى شۇنچىلىك خۇشبۇي ئىكەنكى ،ئەتراپقا خۇشبۇي ھىد تارقىتىپ زېمىننى ياشناتقىدەكمىش.ئۇنى كۆرگەن ھەربىر كىشى دەرت ھەسرەتلىرىنى ئۇنتۇپ شادىمانلىق ئىچىدە ئۇنىڭ ھۆسنىگە ئەسىر بولارمىش.
  ئىككىنچى كۈنى ئاخشىمى بابەك يەنە شۇ چۈشنىڭ ئاخىرىنى كۆردى. بابەك چۈشىدە  ساسان بىلەن خۇشال -خورام ھالدا بىرگە تۇرغۇدەك.ساسان بۇ چۈشتە بىر ئاتەشپەرەس سۈپىتىدە نامايەن بولدى.ئۇ قولىغا ئىسسىز ھالەتتە  
يالقۇن چېچىپ تۇرغان بىر مەشئەلنى ئېلىپ ، بېشىدىن ئىگىز قىلىپ كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەك.بۇ مەشئەل ئوتىنىڭ كۈچلۈك نۇرلىرى ئۇنىڭ بېشىدا چاقپەلەكتەك ئايلىنىپ ئەتراپنى نۇرغا پۈركەۋاتقۇدەك.ئۇنىڭدىن ئىپاردەك كۈچلۈك خۇش بۇي ھىد ئەتراپقا تارىلىپ دىماغلارغا ھوزۇر ئاتا قىلغۇدەك.
  بۇ غەلىتە ئىككى چۈش بابەكنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ غەمگە سېلىپ قويدى.شۇڭا ئۇ تەرەپ تەرەپكە چاپار ئەۋەتىپ ھەرقايسى جايلاردىن  داڭدار ھۆكۈما ۋە ئۇستا چۈش تەبىرچىلىرىنى ئوردىسىغا يىغدۇرۇپ كېلىپ ئۇلارغا چۈشىنى بايان قىلىپ بېرىپ چۈشىنىڭ تەبىرىنى سورىدى.بۇ چۈشكە تەبىر بېرىشكە يىغىلغان ھۆكۈما ۋە  تەبىرچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك  ئاجىز كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ  بىلىمسىزلىكىنى تەن ئالدى.شاھ ئۇلاردىن قاتتىق ئۈمىتسىزلىنىپ يىغىلغان بارلىق ھۆكۈمالارنى جازالاشقا پەرمان بېرىپ زىندانغا يوللىدى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاغ ئىچىدە زاھىت بولۇپ پىنھان تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ،پۈتۈن ھىندى دىيارىدىكى  ئەل -خالايىق پېشىۋا ھېساپلاپ ھۆرمەتلەيدىغان ،خىزىر سۈپەت پاكىز  قېرىغان بىر زاھىتنىڭ بارلىقى شاھقا مەلۇم قىلىندى. شاھ ئۇمەرالىرىنى ئەۋەتىپ ئۇ مويسىپىتنى ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن  
ئوردىسىغا چاقىرتىپ كەلدى. شاھ ئۇنىڭغا چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ بېرىپ چۈشىنىڭ تەبىرىنى سورىدى.
-       مەن بۇ چۈشكە جاناپلىرى قانائەت قىلغۇدەك تەبىر بېرەلەيمەن،-دېدى قېرى زاھىت ئۇچتەك ئاقارغان ساقاللىرىنى سىلاپ تۇرۇپ،  -مەن بىر شەرت قويىمەن،ئەگەر  جاناپلىرى شەرتىمنى ئورۇنلىسا مەن بۇ چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى شۇ ھامان تولۇق بايان قىلىپ  
بېرىمەن.
-       
نىمە شەرت ئېدى؟ تارتىنماي سوراۋەرسىلە موللام،مەن شەرتلىرىنى ئورۇنلاپ بېرىمەن!
-       
مېنىڭ باشقا شەرتىم يوق،چۈش دېگەن خەيرلىك نەرسە،چۈش كۆرگۈچى ئەلنى رازى قىلىدىغان خەيرلىك ئىشلار بىلەن كۆپرەك شۇغۇللانسا چۈش ياخشىلىققا يۈزلىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا چۈش ئىگىسىگە ئاپەت بولىدۇ.ئۇلۇغ شاھىم،ئەگەر سىلى ‹‹چۈشۈم ياخشىلىققا بىشارەت بولۇپ ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرسۇن!›› دېسىلە، مەندىن بۇرۇن ھوزۇرلىرىغا تەبىر بېرىشكە كېلىپ جازاغا بۇيرۇلغان نەچچە يۈز تەبىرچى ھۆكۈمانى جازادىن خالاس قىلىپ ئۆيلىرىگە قايتۇرىلا.مەن شۇندىلا چۈشلىرىگە تەبىر بېرىمەن.بولمايدىكەن مەنمۇ سۆزلىمەيمەن،چۈشلىرىمۇ تەبىرسىز قېلىۋېرىدۇ.ئاقىۋەتلىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ شاھىم!
-       سەن چۈش تەبىرىنى سۆزلەۋەر،ئەگەر چۈش تەبىرىنى توغرا سۆزلەپ مېنى  
غەمدىن خالاس قىلالىساڭ ئۇ ھۆكۈملارنىڭ ھەممىسنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپلا قالماي سېنى دۇنيادىن بىھاجەت قىلىۋېتىمەن.
-       
ئەشۇ بىر شەرتىمنىلا ئورۇنلىسىلا بولدى شاھىم،مەن دېگەن دۇنيا بايلىقلىرى ۋە مەئىشەتلىرىدىن قول ئۈزگەن ئادەم.
-       
شەرتىڭنى قوبۇل قىلدىم،قېنى چۈش تەبىرىنى سۆزلە!
-       ئەي ئامەتلىك پادىشاھ،مەن سىلىىنى بۇ چۈشنىڭ مەزمۇنىدىن ئاگاھ قىلاي،سىلى  چۈشلىرىدە كۆرگەن ئۇ كىشى يامان ئادم ئەمەس بەلكى زاتى كېرەمدۇر.ئاددى ئادەملەردىن بولماستىن بەلكى ئۇلۇغ  شاھلار ئەۋلادىدىندۇر.بۇنداق چۈش كۆرگۈچىگە ئامەت يار بولۇپ ئاپەت يىراقلاشقۇسىدۇر.چۈشلىرىگە بىشارەت شۇكى، ئۆزلىرى پات پۇرسەتتە ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ مۇراد مەقسەدلىرىگە يەتكۈدەكلا.يەنە شۇمۇ ئېنىق بولسۇنكى، چۈشلىرىدە ئايان بولغان ئۇ خۇش تەلئەت يىگىتنىپات يېقىندا  
ئوڭلىرىدىمۇ كۆرگۈدەكلا،ئۇ يىگىت تۈپەيلىدىن بەخت ئىقباللىرى بۇرۇنقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە زىيادە بولغاي.
بۇ چۈش تەبىرى شاھ بابەكنى بەكمۇ خۇشال قىلىۋەتتى.بۇ تەبىرچى سوغاتلارنى ئالغىلى ئۇنىمىغاچقا باشقا تەبىرچىلەرنىڭ ھەممىسىنى جازادىن كەچۈرۈم قىلىپلا قالماي تەبىرچىگە ئاتىغان سوۋغاتلىرىنى نەچچە ھەسسىلەپ ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ئاندىن ھەممىسىنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى.
ئەمدى گەپنى يەنە ساساندىن ئاڭلايمىز.
قىش كۈنلىرىدىن بىر كۈنى تاغقا يانداش يايلاقتا قار كۆچۈپ بابەكنىڭ نۇرغۇن چارۋىلىرىغا زىيان يەتتى.باش چوپان ساسان بۇ ئىشتىن قاتتىق ئىزتىراپ چەكتى.شاھقا مەلۇم قىلاي دېسە غەزەپ قىلىشىدىن قورقتى،مەلۇم قىلماي دېسە كېيىن چارۋىلارنىڭ سورىقى بولغاندا تېخىمۇ جاۋاپ بېرەلمەي قېلىشىدىن،سەۋەبىنى چۈشەندۈرەلمەي تۆھمەتكە قېلىشىدىن قورقتى.شۇڭا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلىش مەقسىدىدە  
شاھ ھوزۇرىغا كەلدى.
ساسان بابەكنىڭ ھوزۇرىغا كەلگەندە شاھ يالغۇز ئېدى.ساسان ئۇچىسىغا چەكمەن چاپان كىىيىۋالغان،ئۈستى بېشىنى غىچ قار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ تولىمۇ بىچارە ھالەتتە ئېدى.شاھ چارۋىلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقنى ئاڭلاپ ئاچچىقلىنىپ قالدى.بابەك ئاچچىغى بىلەن باش چوپانغا نەزەر سېلىۋېتىپ ئۇنى نەدىندۇر بىر يەردە كۆرگەندەك ھىس قىلىپ نەدە كۆرگەنلىكىنى دەمال ئېسىگە ئالالمىدى.شۇنىڭ بىلەن مۇئامىلىسىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىپ ئۇنى ئۆزىگە يېقىن كېلىپ  ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى.ساسان شاھنىڭ يېنىغا كېلىپ يېقىن ئولتۇرغان چاغدىلا شاھ ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرگەن ھېلىقى يىگىت ئىكەنلىكنى تونۇۋالدى.بۇ تونۇش شاھنى تولىمۇ خۇشال قىلىۋەتتى.تەبىرچى:‹‹ ‹ئۇ يىگىت بىلەن ئوڭلىرىدىمۇ ئۇچرىشىلا،ئۇ يىگىت سىلىگە ناھايىتى كۆپ بەخت -ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ› دېمىگەنمىدى.مانا ئۇنىڭ بەرگەن  تەبىرى توغرا چىقىپ بۇ يىگىت بىلەن  
ھەقىقەتەن ئوڭۇمدىمۇ ئۇچرىشالىدىم.ئەمدى بۇ يىگىتنىڭ قەدەم بەرىكاتى بىلەن شۇ كەمگىچە قانچە قىلساممۇ ئەمەلگە ئاشمىغان ئوغۇل پەرزەنت كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.بۇ يىگىت زادى كىم بولغىيدى؟ مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تېگى تەكتىنى ئېنىقلاپ كۆرەي،ئەگەر ئىسىل نەسەپلىك كىشىلەر ئائىلىسىدىن بولسا قىزىمنى بېرىپ كۇيئوغۇل قىلىۋالاي،ئۇنىڭدىن ئوغۇل نەۋرىلىك بولۇپ قالسام تەڭرىنىڭ بەرگىنى شۇ،ئوغۇل نەۋرىمۇ ئۆز ئوغلۇمغا ئوخشا ش ئەمەسمۇ؟!››دېگەنلەرنى ئويلىدى.
شاھ ئويلىغىنى بويىچە ساساندىن ئىسمىنى ۋە نەسەبىنى سورىدى.ساسان باشت ئېھتىياد قىلىپ كىملىكنى،ئەسلى نەسەبىنى ئېيتىپ بېرىشتىن قورقتى.لېكىن شاھنىڭ چىراي تۇرقى ۋە مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭ ياخشى ئادەملىكىنى،ئۆزىگە قارىتا قىلچە يامان نىيىتى يوقلىقنى سېزىۋېلىپ راست گەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدى:
-ئايا شەھرىيار،مەن بىر خەستە قۇللىرى،قۇلنىڭ خوجىسىدىن سىر يوشۇرمىقى جىنايەتتۇر.مەن سىلىگە قىلچە يوشۇرماستىن ئەسلى نەسەبىمنى ئاشكارىلاپ بېرەي،ئەمما بۇندىن بۇرۇن سىلى  
سىرىمنى خەققە ئاشكارىلىماسلىق،ماڭا زىيانكەشلىك قىلماسلىق توغرىسدا ۋەدە بەرسىلە!
-ئەي چوپانلار باشلىقى،سەن مەندىن خاتىرجەم بولغىن.مەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغان،كىشىگە بىھۇدە ئازار بەرمەيدىغان،سىر ساقلايدىغان،ياخشىلارنىڭ قەدرىگە يېتىپ قولۇمدىن كېلىدىغان بارلىق ياخشىلىقلارنى قىلىدىغان پادىشاھتۇرمەن.شۇڭا مەندىن تەشۋىشتە بولمىغىن،ئەسلى نەسەبىڭنى قىلچە يوشۇرماستىن بايان قىلغىن.تەڭرى نامىدا قەسەم قىلىمەنكى، ساڭا ھەرگىزمۇ زىيانكەشلىك قىلمايمەن.
-ئەي ئۇلۇغ شەھرىيار، مېنىڭ ئىسمىم ساساندۇر.مەن ئىران شاھى دارانىڭ ئوغلى بولىمەن.مېنىڭ بوۋامنىڭ ئىسمى ئەردەشىر،ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ نامى بەھمەن،بەھمەن بولسا ئىسفەندىيارنىڭ ئوغلىدۇر.ئىسفەندىيار بولسا باتۇر گۇشتەسىپنىڭ پەيۋەندىسىدۇر.
بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ بابەك تولىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى:
-ئەي ئەزىز ئوغلۇم،مەن سېنى تونۇماي ئەدەپسىزلىك قىپتمەن. سەن ئەسلى ئىراننىڭ مۇبارەك ئۇلۇغ پادىشاھلىرىنىڭ نەسەبىدىن ئىكەنسەن.ئاۇلۇغ پەرۋەردىگار سېنى ماڭا نۇرلۇق قۇياش قىلىپ ئەۋەتىپتۇ.سەن ئارقىلىق تا شۇ كەمگىچە بەختسىزلىك زۇلمىدىن تاڭ ئاتماي كېلىۋاتقان  قاراڭغۇ دۇنيارىمنى يورۇتۇپتۇ.سەن ئەمدى ھەرگىز يېتىم ئەمەس.ئاتام ئۆلدى دەپ كۆڭلۈڭنى ھەرگىز  
يېرىم قىلمىغىن.بۈگۈندىن ئېتىبارەن مانا مەن سېنىڭ ئاتاڭ.سەن ماڭا ئوغۇل بولغىن.نۇرلۇق چېھرىڭ بىلەن ئاستانەمنى قۇياش كەبى يورۇتۇپ مۇنەۋۋەر قىلغىن!
شاھ شۇنداق ئىسىل سۆزلەرنى قىلىپ ساساننى ھاممامغا ئەۋەتتى.ئۇ ھاممامدا يۇيۇنۇپ،كىر -توڭرىلاردىن ئازاد بولۇپ،شاھ بەرگەن شاھزادىلەرگە خاس ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ  
قۇياش كەبى نۇر چېچىپ ھاممامدىن چىققىنىدا، شاھ چۈشىدىكى قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرغان ھېلىقى يىگىتنى قايتا كۆرگەندەك بولدى.شاھ ئۇنىڭغا ئىسىل كىيىم كېچەكتىن باشقا پەھلىۋانلارغا خاس ئىسىل ئات،قۇرال- ياراق،شاھزادىلەرگە خاس ئالىي قەسىر ۋە خاس كۈتكۈچى خىزمەتكارلارنىمۇ تەيىنلەپ بەردى.ساسان بىر كۈندىلا ئىتائەتمەن بىقۇۋۇل قۇلدىن، ئالىي نەسەپلىك شاھزادىگە، خوجايىنغا ئايلاندى.شۇ تاپتا خوشلۇقتىن ساساننىڭ بېشى ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بولغان ئېدى.شاھ يەنە ئۇنىڭغا ھەددى ھېساپسىز مال- دۇنيا بېرىپ غەنىي قىلىۋېتىپلا قالماي ئارزۇلۇق قىزى-يۈرەك پارىسىنىمۇ بېرىپ ئۇنى ئۆزىگە كۇيئوغۇل قىلىۋالدى.

ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يوللاندى.ئاخىرى ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللۇنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 05:41 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 05:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بابەكنىڭ ئايجامال قىزى  ساسان بىلەن توي قىلىپ توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يۈزى ئاپتاپ مىسالى بىر ئوغۇل تۇغدى.بۇ ئوغۇلنىڭ سىيماسىدا ئۇلۇغ بوۋىسى ئەردەشىرنىڭ روھى جىلۋىلىنىپلا قالماي، چېھرىسىدىمۇ شاھلىقنىڭ زەۋقى ئايان بولۇپ تۇراتتى.ساسان پەرزەنتىنىڭ چېھرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئەردەشىر دەپ قويدى.بۇ پەرزەنت بابەك جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆز گۆھىرى ئېدى.شۇڭا ئۇنى يەردىمۇ قويماستىن باغرىغا يېقىپ دېگۈدەك چوڭ قىلدى.بۇ بالا تولىمۇ زېرەك ۋە شوخ ئېدى.شۇڭا كۆرگەنلا كىشىنىڭ زوقى كېلەتتى:‹‹ئەي ئوغلۇم،ئۆمرۈڭ پەلەكتەك ئۇزۇن،بەختىڭ دېڭىز سۇيىدەك بىپايان ۋە قۇرۇماس بولسۇن ››دەپ دۇئا قىلىشاتتى.بۇ بالىغا ئاتا –ئانىسىدىن كۆرە بابەك ھەممىدىن بەك ئامراقلىق قىلاتتى.كېچە-كۈندۈز يېنىدىن ئايرىلماي سايىسىدەك بىللە يۈرۈپ جېنىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايتتى.ئۇنى پۈتكۈل دۇنيا بايلىقلىرىدىن،ھەتتا تاجۇ-تەختىدىنمۇ ئەلا بىلەتتى.شۇڭا بۇ بالىغا بوۋىسى بابەكنىڭ ئامراقلىقى نەزەرگە ئېلىنىپ ‹‹بابەكان ئەردەشىر››دېگەن لەقەم سىڭىپ قالدى.بۇ بالا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن شۇ زاماننىڭ ئەڭ دانا ھۆكۈما ئالىملىرىنى ئۇستازلىققا  تەكلىپ قىلىپ بىلىم ۋە ھۈنەر ئۆگەتتى.ئۇ ئىنتايىن زېرەك بولغاچقا قايسىلا ئىلىم ئۆگىتىلمىسۇن ئۇنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالاتتى.شۇنداق قىلىپ ئەردەشىر ئۇستازلىرى  ئۆگەتكەن بارلىق بىلىملەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئۆگەندى.شۇڭا داڭقى چىقىپ ‹‹ئەردەشىر مەيلى پەننى بىلىم،مەيلى ھەربى بىلىمدە بولمىسۇن ھەممىدە كامالەتكە يېتىپتۇ.ئۇ مول بىلىمى بىلەن زىمىننى ئاسماندىكى ئاي كەبى  يورۇق قىلغۇدەك›› دېگەن تەرىپ-تەسۋىرلەر  تەرەپ- تەرەپلەرگە تاراپ كەتتى.
‹‹ھىندى شاھى بابەكنىڭ ئەردەشىر ناملىق بىر ئوغلى بار ئىكەن.ئۇ شۇنداق بىر يىگىت بولۇپ يېتىلىپتۇكى،گۈزەللىكتە ھەممىنى بېسىپ چۈشەرمىش.شۇنداق باتۇر ئىكەنكى،جەڭ پەيتلىرىدە شىر كەبى ھەيۋەت بىلەن مەيدانغا كىرسە ھىچكىم تاقابىل تۇرالماسمىش.شۇنداق خۇشخۇي ۋە يۇمۇرىستىك ئىكەنكى،بەزمىلەردە چولپان كەبى پارلاپ پۈتكۈل بەزمە ئەھلىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغۇدەك››دېگەنگە ئوخشاش  تەرىپلەرنى رەي مەملىكىتىنىڭ  ئەينى زاماندىكى ئىسكەندەرسىمان چوڭ پادىشاھى بولغان ئەردەۋانمۇ ئاڭلىدى.ئۇ  بۇ تەرىپلەرنى كۆپ ئاڭلىغاچقا، ئۇنىڭدا ئەردەشىرنى بىر كۆرۈش ھەۋىسى پەيدا بولدى.بابەك ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىنىڭ شاھى بولغاچقا، ئۇنىڭغا نېمە دېسە گېپى ئۆتەتتى.شۇڭا ئۇ ئەردەشىرنى ئۆز يېنىغا ئەۋەتىپ بېرىش توغرىلىق بابەككە خەت يېزىپ ئەۋەتتى.خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئېدى:
  ‹‹ھىندى شاھى بابەككە،ساڭا سېغىنىشلىق سالام! بىلىشىمچە سەن دانىشمەن،پەھلىۋان،پاك-دىل، ھەقىقەت ئىشىدا ئادىللىق بىلەن ئىش تۇتۇدىغان پادىشاھدۇرسەن. مەن ساڭا شول خۇسۇستا نامە يازدىمكى،مەن ئوغلۇڭ ئەردەشىر ھەققىدە خىلمۇ- خىل تەرىپلەرنى ئاڭلىدىم.كۆڭلۈمدە ئۇنى بىر كۆرۈش زوقى پەيدا بولدى.شۇڭا مۇشۇ نامىنى ئوقۇغان زامان ئەردەشىرنى تېزدىن بىز تامان ئەۋەتكەيسەن.مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ مال-دۇنيا تارتۇق قىلاي،باتۇرلۇق خىسلىتىگە يارىشا خىزمەت بېرىپ باھادىرلارغا باش قىلىپ بەلگىلەي.شۇنداقلا ئۆز پەرزەنتلىرىم قاتارىدا كۆرۈپ قەدرىنى قىلىپ، ئالىي سارايلاردا تۇرغۇزاي،شۇندا  ئۇ مېنىڭمۇ پەيۋەندىم بولسۇن!...›› نامىدە گەرچە ياخشى سۆزلەر يېزىلغان بولسىمۇ لېكىن بابەك كېچە كۈندۈز يېنىدىن ئايرىمايدىغان كۆز نۇرىنى تەلەپ قىلغان ئېدى.بابەك ئۇنىڭدىن بىر كۈن ئەمەس بىر سائەت ئايرىلىشقىمۇ تاقەت قىلالمايتتى.ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ئۇ بۇ جۇدالىققا قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟!لېكىن بابەككە بۇ پەرمانغا بويسۇنمايمۇ ئامال يوق ئېدى.شاھ ئىلاجسىزلىق ئىچىدە قىينىلىپ ،كۆزلىرىدىن قانلىق ياشلىرىنى تۆككىنىچە بىرەر پايدىلىق مەسلىھەت ئالماق نىيىتىدە دانىشمەن  ۋەزىرىنى يېنىغا چاقىرتتى.دېدىكى:
  -ئەي ۋەزىرىم،شاھ ئەردەۋان ماڭا خەت ئەۋەتىپئوغلۇم  ئەردەشىرنى ھوزۇرىغا ئەۋەتىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىپتۇ.مانا بۇ ئۇنىڭ مەكتۇبى،ئوقۇپ باققىن.مەن ئەمدى پادىشاھقا نامە يېزىپ مەخسۇس ئەلچىدىن ئەۋەتەي.مەكتۇپتا دىلىمدىكى بارلىق يۈرەك سۆزلىرىمنى بايان ئېتەي.پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ يۈرەك تارىنى چېكەي.ئۇنىڭغا ئوغلۇمنى زور ئۈمىد بىلەن ئەۋەتكىنىمنى،ئۇ مۇقەددەس دەرگاھقا بارغان چېغىدا شاھلارغا مۇناسىپ ئىززەت ھۆرمەتلەرنى قىلىپ ياخشى كۈتۈۋالسۇن.بەخت بىلەن قۇتلىسۇن.شاھنىڭ باشقىچە غەيرى يامان نىيىتى بولۇپ قالسا تەڭرى كۆڭلىگە ئىنساپ- تەۋپىق بېرىپ كۆڭۈلسىز سوغاق شاماللاردىن ساقلىسۇن...
شاھنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ۋەزىرمۇ ئۆز كۆز قارشلىرىنى بايان قىلدى.ئۇ شاھقا، ئەردەۋاننىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇش ،ئارتۇقچە غەم ئەندىشىلەردە بولماسلىق، شاھزادىنى ياخشى جابدۇتۇپ، نۇرغۇن قىممەتلىك  سوۋغا- سالاملار بىلەن ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەرنى بەردى.
مەسلىھەتكە بىنائەن باباەك خەزىنىسىنى ئاچقۇزدى.غەزىنىدىن ئەردەشىرگە ناھايىتى كۆپ مال-دۇنيالارنى بەردى.ئۇنىڭدىن غەزىنىسىدىكى ھىچبىر قىممەتلىك نەرسىسىنى ئايىمىدى.ئۇلاردىن باشقا ئۇچىسىغا كېيىشكە شاھانە زەر لىباس،ياراق قىلىشقا ئىسىل گۈرزە،شەمشەر- قىلىچلارنى بەردى.ئۇلاردىن باشقا ھەمراھ بولۇپ مېڭىشقا مىڭلاپ ياش، قىران،باتۇر چاكارلار،يېتەرلىك ئىسىل ئارغىماقلار،چىنچە زەر بېزەكلەر،ئېسىل بىساتلار...نى بېرىپ سەپەرگە جابدۇتتى.بۇندىن كېيىن ئەردەشىرنىڭ خوقىسى ئەردەۋان بولاتتى.شۇڭا ئۇنىڭغا ‹‹خوجىسى ئالدىغا قۇرۇق بارمىسۇن،بۇ سوۋغا سالاملىرى ئارقىلىق ئىززەتلىك بولسۇن›› دەپ ئىلكىدە بارنى ئايىماي بەردى.بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ، شاھزادە ئەردەشىر قۇتلۇق ۋاقىتنى تاللاپ  ھەمراھلىرى بىلەن رەي شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.
يىگىت سەپەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ رەي شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.ئۇ ئەردەۋاننىڭ ئالىي بارگاھى ئالدىغا كەلگىنىدە،  شاھ ئۇنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرىدىن شادىمان بولۇپ ،ئۆزى ئالدىغا چىقىپ  قىزغىن قارشى ئا لدى ۋە ھوزۇرىغا ئېلىپ كىرىپ تەختى يېنىدا ئىززەتلىك مېھمان سۈپىتىدە ئولتۇرغۇزدى.ئاندىن بابەكنىڭ ئەھۋالى،سەپەر جاپالىرى ھەققىدە قىزغىن ئەھۋال سورىدى.ئەردەشىر شىرىن زۇۋان بولۇپ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن جاۋاپ بېرىپ ۋە رەھمەت –تەشەككۈرلەر بىلدۈرۈپ شاھنى تېخىمۇ مايىل قىلىۋالدى.سۆھبەتتىن كېيىن پادىشاھ ئەردەشىرنى زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋېلىپ ھاردۇق سوراش  ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتاپ خىلمۇ -خىل لەززەتلىك تائاملارنى تەييارلاپ شاھانە زىياپەت سورۇنى ھازىرلىدى.رەڭدار كىيىملەرنى كىيىشكەن مۇلازىملار، باقاۋۇللار زىياپەت زالىدا ئايىقىنى يېنىك قىلىشىپ خىزمەتكە تەييار بولۇشتى.بارلىق تەييارلىقلار پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن ئەردەشىر رەينىڭ نامدار ئۇلۇغلىرى بىلەن زىياپەت سورۇنىغا كىردى ۋە شاھ كۆرسەتكەن ئورۇنغا بېرىپ مەمنۇنلۇق بىلەن ئولتۇردى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 05:54:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يىزىۋىتىپ ئاندىن ئالدىرماي ئوقۇي تىما ئىگىسىگە رەخمەت ھارمىغايسىز

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2139
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىن-ئاخىر بىر ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى....بىر ئوقۇۋېتەي!!!!!!!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4252
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:58:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە قايتا نەشىر قىلغۇدەك دېگەندەك بىر گەپلەر بولۇنغان ‹‹شاھنامە››نى جىمىپلا كەتتىغۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79970
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 08:47:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈقوپ بولوپ ئىنكاس يازاي دىگەن ،كەينىگەقارسام يەنە باركەن،شۇڭا ئاۋال ئىنكاس يىزىۋىتەي دىدىم .مەن توت قور خەتنى يىزپ بۇلغىچە شونداق تېلىپ كىتىدو قولوم ،سىز قانداق يىزىپ بۇلغانسىز ،،،؟رەھمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taturyul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 08:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتا ئىنكاس يېزىپ قويۇپ ئاندىن ئوقايچۇ رەھمەت سىزگە

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇياش كۆكتىكى شەپەق تەختىگە چىققىنىدا ئالەم رۇم قىزىنىڭ چېھرىدەك نۇرلاندى.ئەردەشىر ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن غەزىنىچى غۇلامنى چاقىرتىپ ئۇ ئارقىلىق شاھ ئەردەۋانغا ئېلىپ كەلگەن بارلىق  قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.شاھ ئەردەۋان ئۇ سوۋغىلاردىن كۆرە يېنىغا بىر داڭدار پالۋاننىڭ قوشۇلغانلىقىدىن تېخىمۇ بەكرەك خۇشال بولغان ئېدى.شۇڭا بۇ يىگىتكە  بىسيار ھۆرمەتلەرنى كۆرسۈتۈپ خۇددى ئۆز ئوغلىدەكلا ئەزىزلىدى.ئەردەشىرگە ھەر كۈنى شاھزادە-ۋەزىرزادىلەر ۋە باتۇر لەشكەرلەرنى ھەمراھ قىلىپ قويۇپ  زىياپەت،شاتلىق بەزمىسىى،شىكار دېگەندەك كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان،ياشلار ياخشى كۆرىدىغان  پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىپ كۆڭلىگە غەم ۋە زېرىكىش دېگەنلەرنى قىلچە يېقىن كەلتۈرتمىدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ ئەردەۋاننىڭ ئۆزلىرىنى شەھرىيار چاغلايدىغان تۆت  باتۇر ئوغلى بار ئېدى.بىر كۈنى ئۇ ئەشۇ تۆت ئوغلى بىلەن بىرلىكتە شىكارغا چىقتى.ئەردەشىرمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە چىققان بولۇپ شاھقا ياندىشىپ بىللە كېلىۋاتاتتى.چۈنكى شاھ ئۇنىڭغا بەكمۇ ئامراق بولۇپ قالغان بولۇپ نەگىلا بارسا سايىسىدەك ئەگەشتۈرىۋالاتتى.ئۇلار بىر دەشتتە ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىرىدا يىراقتىن بىر قۇلان كۆزگە چېلىقتى.لەشكەرلەر ئۇنى كۆرۈپلا چۇقان -سۈرۈن كۆتۈرۈشۈپ،بەس –بەستە ئات چاپتۇرۇپ  قۇلاننى قوغلاپ كېتىشتى.دەل شۇ چاغدا كىمدۇ بىرى ئەردەشىر مىنىۋالغان تۇلپارغا ئارقا تەرەپتىن  قامچا ئۇرۇۋەتتى.قامچا يېمىسىمۇ ‹‹چاپىمەن›› دەپلا چاپچىپ  تۇرىدىغان توسۇن ئات چۆچۈپ كېتىپ  ئەردەشىرنى ئېلىپ چاڭ توزۇتقىنىچە بوراندەك چېپىپ چىقىپ كەتتى. تۇلپار شۇ چاپقىنىچە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ بارا-بارا قۇلانغا يېقىنلاشتى.ئردەشىر چېپىپ كېتىۋېتىپ يېنىدىن ئوقياسىنى ئالدى- دەقۇلاننى نىشانلاپ بىر تال ئوق ئاتتى.ئوق خۇددى ئاقار يۇلتۇزدەك تېز سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ نەق قۇلاننىڭ سېنىغا تەگدى.قۇلان شۇ بىر ئوق زەربىسى بىلەنلا موللاقلاپ يىقىلىپ چۈشۈپ قايتا ئورنىدىن تۇرالمىدى.شاھ ئېتىنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ يىقىلغان قۇلانغا يېقىنلىشىپ كەلدى ۋە قۇلانغا نەزەر سېلىپ  ئوقنىڭ قالتىس مەرگەنلىك بىلەن دەل جايىغا ئېتىلغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2527
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24711
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7235 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن بۇ ئوقنى كىمنىڭ ئاتقانلىقىنى بىلەلمىدى. شۇڭا ئاتقۇچىنى ماختاپ مۇنداق دېدى:
-تا شۇ كەمگىچە ھىچكىم بىر ئوق بىلەنلا قۇلان ئېتپ يىقىتالىغان ئەمەس.بۇنى كىملا ئاتقان بولسا تەڭدىشى يوق مەرگەن ئىكەن.قولى ئەسلا دەرت كۆرمىسۇن!
بۇ ماختاشنى ئاڭلاپ ئەردەشىرنىڭ دىلى چوغدەك يېلىنجاپ كەتتى،شۇڭا ھاياجان ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلدى:
-ئەي شاھىم ،ئۇ ئوق مېنىڭ ئوقۇم،قۇلاننى مەن ئاتقان !
-ياق،ياق،يالغان ئېيىتىۋاتىسەن،-دېدى شاھنىڭ چوڭ ئوغلى،-ئۇ دېگەن مېنىڭ ئوقۇم،قۇلاننى مەن ئاتتىم! ھممەيلەنگە ئايانكى، مېنىڭ بىر تال ئوقۇممۇ زايە كەتمەيدۇ.ھەرقانچە چوڭ قۇلان ياكى كىيىك بولسىمۇ مەن بىر تال ئوق بىلەنلا موللاق ئاتقۇزۇۋېتەلەيمەن.
-بولدى تالاشمايلى،-دېدى ئەردەشىر،-مەرتلەرگە يالغان سۆز پەقەت ياراشمايدۇ.بۇ باياۋان تولىمۇ كەڭرى ،شۇنداقلا بۇ يەردە  قۇلان –كېيىكلەر بەكمۇ كۆپ ئىكەن. ئەگەر سەن مېنىڭ ئاتقىنىمغا قايىل بولماي  ‹‹ئۇ قۇلاننى مەن ئاتتىم›› دەپ دەۋا قىلماقچى بولساڭ، باشقا بىرىنى ئېتپ سىناپ باق.ئەگەر دەل تەككۈزەلىسەڭ بوپتۇ، بۇ غەلىبە ساڭا مەنسۇپ بولسۇن!
ئەردەشىرنىڭ بۇمەرتلەرچە سۆزى گەرچە يوللۇق بولسىمۇ، لېكىن ئەردەۋان ئۇنىڭدىن ‹‹ئەردەشىر ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ ئوغلۇمنى كەمسىتتى››دەپ  قاتتىق غەزەپلەندى.شۇڭا ئۇ ئەردەشىرگە نەپرەتلىك قاراپ مۇنداق دېدى:

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش