AZIZMAN يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 06:50 PM 
قوي كالا بورداقچىلىقدا سانائەت تۇزى ئىشلەتسە بۇلامدۇ؟
كالا قويلارغا مەخسۇس ھايۋانات يەم-خەشەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئىشلىگەن كېسەك شەكىللىك ياكى تۇلۇقتاش شەكىللىك ئورگانىك يالانچۇق تۇزلارنى بىرىش بەلگىلەنگەن، ھايۋان دەپلا كەلسە-كەلمەس بىر نەرسىلەرنى بىرىش چارۋۇچىلىق ئىلمىدىمۇ چەكلىنىدۇ ، بۇنىڭغىمۇ قانۇن بار .
ئەمدى بۇ تېمىدىكى تۇز مەسىلىسىگە كەلسەك ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلىكەن ، مەنمۇ بۇدا قېتىم نان ئالسام چۇقۇم تۇزىنى سۈرۈشتۈرىمەن ، يەنە كىلىپ بىزنىڭ يۇرتلاردا ئۇتۇن ياكى كۈمۈردە ياقىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۇرۇپ يەيدىغان بۇلۇپ قالدى ، بايقاپ باقسا ، ئۈرۈك ئوتۇنى ياكى قارا كۈمۈردە ياققان ناننىڭ تەمى ئاسمان پەلەك پەرق قىلىدۇ ، كاۋاپلارمۇ شۇنداق ،
ئۇيغۇر يىمەك ئىچمەكلىرى تۈرى تولىمۇ خىل ، ئىستىقبالى زور ، ئەمما ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئەنئەنە ۋە ھالاللىققا رىئايە قىلمىساق ئاز كۈن ئۆتمەي باشقىلار تەرىپىدىن يىمەكلىرىمىز «ئەخلەت يىمەكلىك » سانالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ...........