نان ئەڭ بىخەتەر يېمەكلىكمۇ؟
2012-7-3 13:21:21 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (565.12 KB)
ئالدىنقى ئايدا مەن ئىدارىدىكىلەرنى تەشكىللەپ بازار تەكشۈرۈش جەريانىدا تۇيۇقسىز (ۋەزىپەمنىڭ سىرتىدا) ناۋايلارنىڭ "سانائەت تۇزى" (
工业用盐) ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدۇق. ناۋايلار ئاساسى جەھەتتىن 10-12يېشىدىن باشلاپ ھۈنەر ئۆگىنىدىغان بولغاچقا خەنزۇچە خەت تونۇمايدۇ . سانائەت تۇزى (50كىلوگىراملىق خالتا) سىرتىغا (سانائەت تۇزى، يېمەكلىككە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ) دېگەن خەنزۇچە خەت بېسىلغان. 50كىلوگىراملىق سانائەت تۇزى بىلەن يودلۇق تۇزنىڭ ئوتتۇرىسىدا 30يۈەن ئەتراپىدا پەرق بولغاچقا ناۋايلار شۇ تۇزنى ئىشلىتىپتۇ.
2012-7-3 13:19:58 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (135.61 KB)
سانائەت تۇزى
بىر ھەپتە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئالتە ئورۇن ۋە تارماقلار بىرلىكتە "مەخسۇس تۈزەش"ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ نەتىجسىدىن چۆچۈپ كەتتۇق. ئىشلىتىش نىسبىتى: ناۋاي %75، تەييار خېمىر ئىشلەش ئورنى %50، گازىر قورۇپ ساتقۇچىلار%90.
مەخسۇس تۈزەش، تەربىيە-تەشۋىقات قىلغاندىن باشقا تۇز مونوپول ئىدارىسىغا خالتا ئۈستىگە ئۇيغۇرچە خەت بېسىش توغرىسىدا ئالاقە ئەۋەتتۇق.
كۆپىنچە نان سېتىۋالغان چاغدا چۆپقەت بولۇپ قالغان بىر ياكى بىرنەچچە ناۋايخانىدىنلا سېتىۋالىمىز. سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن زادى قانداق تۇز ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى سوراپ باقساق ئۆزىمىزگە ياخشى.