مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2773|ئىنكاس: 23

گۈلچاينىڭ بازىرى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 08:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    گۈلچاي - كىشىلەر خىمىيىۋى دورا ۋە خىمىيىۋى قوشۇلمىلاردىن بېزار بولۇۋاتقان ۋە ئۆزىنى تارتىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە ناھايىتى تەبئى دورا ۋە تەبئى رەڭ قوشقۇچ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا گۈلچاينىڭ ۋاقىتلىق تۆۋەن باھاسىدىن مەيۈسلەنمەسلىك كېرەك. ئاڭلىسام بىر قىسىم دېھقان قېرىنداشلار يىغىش تەننەرقىمۇ چىقمايدىكەن دەپ ئەتىيازدىن بېرى جاپا تارتىپ تېرىپ پەرۋىش قىلغان گۈلچايلىرىنى تەرمەيلا ھەيدىۋىتىۋاتقۇدەك. بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال. گۈلچاينىڭ ھازىرقى باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەپ:
   1. بۇ يىلقى تېرىلىش كۆلىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى تۈپەيلىدىن بىراقلا زور تۈركۈمدە بازارغا سېلىنغانلىقتىن بازار ھەزىم قىلىپ بولالمايۋاتىدۇ.
  2. گۈلچاي بازىرى نۆۋەتتە پەقەت ئاساسلىق تېرىلغان رايونلاردىلا بولغانلىغى، باشقا رايونلاردىكى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى بازىرىنىڭ ئېچىلمايۋاتقانلىغىدىن.
  3. يۇقىرىقى تورداشلىرىمىز ئېيىتقاندەك ئىچكى ئۆلكىلەردىكى چاي توپ تارقىتىش بازارلىرىدا سودىگەرلەر گۈلچاينى ناھايىتى تۆۋەن باھادا يىغىۋالغان بولسىمۇ لىكىن سېتىپ چىقىرىش باھاسىنى مونوپۇل قىلىۋىلىپ كونا باھانى تۆۋەنلەتمەي قارا نىيەتلىك بىلەن يۇقىرى پايدا كۆزلەۋاتقانلىغىدىن.
  لىكىن ھازىرقى قىسقا مەزگىللىك بازار ئەھۋالىغا قاراپلا گۈلچاينىڭ بازىرىنى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئىنكار قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى :
   1. گۈلچاينىڭ دورىلىق ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى، بۇ جەھەتتە باشقا دورىلىق ۋە ساغلاملىق ئۈنۈمى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈلۈۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئۈنۈمى چاغلىق بولغان نۇرغۇن يەرلىك مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا گۈلچاينى ھەقىقەتەن دورا دىيىشكە بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ دورا ھازىرقى دەۋىردىكى نۇرغۇن «ئاقسۆڭەكلەر كېسەللىكلىرى» نىڭ دورىسى يەنى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا ئىستىمال قاتلىمىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك بۇ خىل كېسەللىكلەر ( يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قان مېيى، قان تومۇر توسۇلۇش، قان تومۇر تارىيىش، يۈرەك ۋە جىگەرنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىش.....دىگەندەك) ئومۇمىيۈزلۈك دىگۈدەك مەۋجۇت. دىمەك گۈلچايدا  ئېچىشقا بولىدىغان غايەت زور بازار بوشلۇغى بار. گەپ پۇقرالارغىچە يەتكۈزگىلى بولىدىغان تەشۋىقات ۋە مۇۋاپىق باھادىكى پارچە سېتىش بازىرى مەسلىسى.
  2. گۈلچاينى قۇرۇتۇۋالغاندىن كىيىن ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن، ھازىرقى بىر مەزگىلىك تۆۋەن باھادىن مەيۈسلەنمەي ياكى تاشلىۋەتمەي ياخشى يىغىپ قۇرۇتۇپ ساقلىۋالسا چوقۇم پۇل قىلغىلى بولىدۇ.
  گۈلچاينىڭ بازىرىنى ئېچىش ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە مېنىڭچە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:
  1. ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە يىتەكلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاساسلىق تېرىلىدىغان ئورۇنلاردىكى ھۆكۈمەتلەر دېھقانلارنى گۈلچاينى سۈپەتلىك يىغىپ قۇرۇتۇشقا يىتەكلەش ھەمدە كۆركەم، بازار ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق نەپىس ئورالمىلارنى زاكاس قىلىپ باستۇرۇپ، گۈلچاي مەھسۇلاتىنى ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە خەلقارا بازارلارغا كىرەلىگۈدەك سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
   2. ھۆكۈمەت يىتەكلىشىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىىسىگە قاتناشتۇرۇپ بازار ئېچىش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، يەرمەنكىگە قايسىبىر ئىدارە ياكى ھۆكۈمەت ئورگىنى نامىدىن ئەمەس بەلكى دېھقانلار كەسپى جەمىيىتى، كەسپى ھەمكارلىق كاپراتىپى ياكى يەرلىك شېركەتلەرنى يىتەكلەپ قاتناشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭدىلا ئاندىن ھەقىقى بازارنى ئاچقىلى بولىدۇ.
  3. دېھقانلار يەككە شەخىس سۈپىتىدە بازارغا كىرىپ چوڭ بازارنى ئاچالىشى مۆمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇيۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، كەسپى جەمىيەت ياكى كوپراتىپ قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق بازار ئېچىش، ئورتاق مەھسۇلات بىلەن ئۇيۇشۇپ، بازاردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يولىغا مېڭىش كېرەك.
   4. كوپراتىپ، شېركەت ۋە ياكى چوڭ كەسپى ئائىلىلەر ئەزالىرىنى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى بازارلاردا پارچە سېتىشقا تەشكىللەپ تارقىتىش، بەك تۆۋەنمۇ بولمىغان، بەك يۇقىرىمۇ بولمىغان مۇۋاپىق باھادا بېۋاستە ئىستىمالچىلارغا سېتىش ئارقىلىق بىرى مۇۋاپىق باھا بىلەن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ سېتىۋىلىشى ۋە تونۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ بازار ئوبروتىنى تېزلىتىش، سېتىلىش مىقدارى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئىككىنچىسى مۇۋاپىق باھا ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن يارىدەم بېرىش نوقتىسى بولغان ئۆلكىلەرنىڭ بازىرىنى ئېچىشقا تەشكىللىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6707
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8345
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىخانلا زىيان تاتمىسا بوللاتتىغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62626
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1456 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يىلى تاغام ئېتىزنىڭ قىرلىرىغا تېرىپ خىلى كىرم قىلغان،شۇنىڭ بىلەن بولىدىغان ئش ئوخشايدۇ دەپ بۇ يىل ئاشلىقمۇ تېرىماي يىرىنىڭ ھەممىسىگە تېرىپتۇ،ئەمدى قانداق قىلاكىن تاڭ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:52:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىت ئىسىت بۇ چاينىڭ جاپاسىنىڭ تۇلىلىقى ۋايۋاي، قانداق بولاكىن تاڭ

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

http://1001keqa.blogbus.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4725
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 10:38:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ گۈلچاينىڭ پارىڭى

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئىشەنمەيمەن ساڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6159
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20049
تۆھپە نۇمۇرى: 1444
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 10:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيەت غالىپ.شۈكىرىسى يوق،نەپسى يامان،كبىرلىك،پايدىنى ئالدىن بۆلۈشكەنلەر،قىرىندىشى تىرىسىمۇ ئىچى تارلىق قىلغانلار،بىر-بىرىگە ئان ئىچكەنلەر،،مانا بۇلار گۈلچاي تىرىغانلار،،،جىق ,,,,

قىنى كۆرەرمىز،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  نەسىنىڭ بىزنىڭ مەللىدىكى كىشىلەر بەزىلىرى ئۇرۇپ قوي-كالىلارغا بەسە يەنە بەزىلىى شۇ پېتى يەرنى ھەيدىۋەتتى  ساتاماي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79507
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3672
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:26:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسلىق چايئىچىپ كۆنگەنلەر ئارىسىدا بۇگۈلچاي تېخى دىگەندەك تۇنۇش ئەمەس .مەن 2-ئايدا جىياڭسۇدىكى چايچىلاردىن سورىسام بۇنداق 菊花دەيدىغان چاينى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان .ئۇلارجىياڭسۇ،جېجىاڭ،فۇجىئەندىن چىقىدىغان يېشىل چاينى ساتىدىكەن .دىمەك بۇچاينىڭ بازىرى تېخى دىگەندەك شەكىللەنمىدى.كەلگۈسى يىللاردا ئاللاھ رىسقىمىزنى كەڭ قىلار ئامىن

كۆرئىتقا باش بولسا ئارسلان،ئىتلارمۇبۇلۇر ئارسلانسىمان
گەربولسا ئۇئىت ئارسلانغاباش.ئارسلانلارمۇھەم ئىتتەك ھامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74080
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3322
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 01:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋەندىكى ئادرېستىن گۈلچاينىڭ گۇاڭجۇدىكى بازار باھاسىنى كۆرۈپ باققايسىلەر.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-83622-4-1.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82200
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 02:25:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىسە مەنمۇ ساتماي ھە ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش