مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: نۇراخۇن

گۈلچاي 昆仑雪菊 دىن كىچىككىنە خۇشخەۋەر ۋە مەسلىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمۈد ۋە جاسارەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72773
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3816
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 08:16:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توققۇزىنچى ئايلاردا رەسمىي بازىرى ئېچىلغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى ......

شۇ گۈل چاينى تېرىغان بىچچارە دىھقانلار قانچە خۇشال بولغان بۇلاتتى .......

سەبىر ئەڭ ياخشى تاللىشىمدۇر .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4142
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 242 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 08:43:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گۈل چاي پۇل بولمىسا چاتاق چىقىدۇ ،نۇرغۇن دېھقانلىرىمىز ھوسۇلسىز قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 08:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا باھاسى تىزرەك ئۆسسىمۇ بوپتىكەن. ئاشۇ دېھقانلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4196
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 429 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 10:37:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يللىرى يوقمۇ يا مەن كۆرمىگەنمۇ  ،بۇيىل كۇرىۋاتىمەن بۇ چاينى،  يول يولدا سېتىپ يۇرۇيدىغۇ  .

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8794
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1275 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:36:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8794
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1275 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:38:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74080
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3451
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 05:03:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! مەن مۇشۇ تېمامنىڭ 21-ئىنكاسىدا يازغان ۋەدەمگە ئاساسەن گۇاڭجۇدا گۈلچاينىڭ باھاسىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكى ۋە گۈلچاينىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە قانداق كېسەللەرگە شىپا بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بۇ يەردىكى گۈلچاي توپ بازىرىغا باردىم. گۇاڭجۇدىكى گۈلچاي توپ بازىرى ئىككى قەۋەتلىك، ئۈچ قاتارلىق سېلىنغان چاي توپ دۇكانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، چوڭ-چوڭ سېلىنغان بۇ چاي دۇكانلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن يۈزچە چىقىدۇ. مەن يىگىرمە نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر يەشىك گۈلچاينى ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ گۈلچاي ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن بارغان ۋاقتىمدا، بىرىنچى قاتاردىكى بىر قانچە دۇكاندارلاردىنلا سورىغانىدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى ئېيتقانىدىم. ئۇ چاغدا ئۇلار ۋاقتىنچە گۈلچاي ئالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئېلىشنى باشلىسا سۈپىتى ناچارراق گۈلچاينىڭ بىر جىڭىنى ئىككى يۈز كويدىن يۇقىرى ئالىدىغانلىقىنى  دېگەنىدى. ئەمما گۈلچاينىڭ ئالاھىدىلىكى، قانداق كېسەللەرگە شىپا بولىدىغانلىقى ۋە چەتئەللىكلەرگە قانچە پۇلدىن ساتىدىغانلىقىنى دەپ بەرمىگەنىدى. شۇڭا مەن بۈگۈن گۈلچاي توپ بازىرىنىڭ ئىككىنچى قاتىرىدىكى دۇكانلارغا باردىم ھەم ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى دېمىدىم. ئۇلارنىڭ، سىز قەيەردىن؟ دېگەن سۇئاللىرىغا، مەن تۈرك مىللىتىدىن، دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار مېنى تۈركىيەلىك ئوخشايدۇ، دەپ قېلىشتى ھەم ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشتى.
تۆۋەندىكىسى گۇاڭجۇ خەلقئارالىق چاي (جۈملىدىن گۈلچاي) توپ بازىرىنىڭ ۋېۋىسكىسى
DSC03031.JPG


بۇ گۈلچاي توپ بازىرىنىڭ ئىككى قاتىرىدىكى بىر دۇكاننىڭ رەسىمى.
DSC03027.JPG


بىز ئاۋۋال گۈلچاي توپ بازىرىنىڭ ئىككىنچى قاتىرىدىكى بىر دۇكانغا كىرىپ، دۇكانداردىن؛ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان، قاندىكى ماينى تازىلايدىغان ۋە ئۇرۇقلىتىدىغان چايلاردىن بارمۇ؟ دەپ سورىدۇق. دۇكاندار بىزگە شۇ ھامان كىچىك بىر قاپقا قاچىلانغان گۈلچاينى كۆرسەتتى. ئۇ كىشى گۈلچاي قېپىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان گۈلچاينىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شىپالىق رولىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، گۈلچاينىڭ يەنە باشقا بىر قانچە كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۆۋەندە ئاشۇ گۈلچاي قېپىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆتەي.
گۈلچاي قان بېسىمى، قاندىكى ماي ۋە شېكەر ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا شىپا بولغاندىن باشقا يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش ئورۇقلىتىش، زۇكام ۋە ئاستا خاراكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئېگە.
خەنزۇچە بىلىدىغان دوستلارنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە ئاشۇ قاپتىكى گۈلچاينىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شىپالىق رولىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى رەسىمگە تارتىپ يوللىدىم.
(كەچۈرۈڭلار، رەسىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللىيالمىدىم. شۇڭا رەسىمنى ھازىرلا كېيىنكى ئىنكاسىمدا يوللايمەن).



DSC03025.JPG

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74080
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3451
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 06:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(بۇ ئۈستىدىكى ئىنكاسىمنىڭ داۋامى):
گۈلچاي قان بېسىمى، قاندىكى ماي ۋە شېكەر ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا شىپا بولغاندىن باشقا يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش ئورۇقلىتىش، زۇكام ۋە ئاستا خاراكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئېگە.
مەن ئەسلى خەنزۇچە بىلىدىغان دوستلارنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئاشۇ گۈلچاي قېپىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى رەسىمگە تارتىپ قويغانىدىم. لېكىن يۇقارقى ئىنكاسىمدا يوللىغان رەسىملەرنىڭ سىغىمىغا دېققەت قىلمايلا يوللىۋېتىپتىكەنمەن، بۇ مۇنبەردە بىر ئادەمنىڭ بىر كۈندە يوللايدىغان ھۆججەت ۋە رەسىملەرنىڭ سىغىمىغا چەك قويۇلغاچقا بۈگۈن يوللىيالمىدىم. شۇڭا خۇدايىم بۇيرۇسا ئەتە ئەتىگەندە رەسىملەرنىڭ قالغىنىنى يوللايمەن. كۆرۈرمەن تورداشلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگىنىمدىن بەكلا خىجىلمەن. شۇنداق بولسىمۇ تۆۋەندە گۇاڭجۇ گۈلچاي توپ بازىدىكى گۈلچاي باھاسى توغرىسىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمنى يوللاشنى داۋاملاشتۇراي.
بۇ بىز كىرگەن دۇكانلارنىڭ بىرى.
DSC03029.JPG


شۇنداق قىلىپ بىز دۇكانداردىن بۇ بىر قاپ گۈلچاينىڭ باھاسىنى سورىدۇق، دۇكاندار 120 كوي دېدى ھەم قاپنىڭ ئىچىدىن كىچىك بىر سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان گۈلچاي (يۇقارقى ئىنكاسىمدا يوللىنىپ كەتكەن ئۈچىنچى رەسىم) نى چىقىرىپ، بۇ بىر خالتىسى بەش كوي دېدى.
بىز بۈگۈن گۈلچاي توپ بازىرىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قاتىرىدىكى بىر قانچە دۇكانلارغا كىردۇق ھەم گۈلچاينىڭ بىر كىلوسىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇلار بىزگە؛ سۈپىتى ياخشى گۈلچايلارنى 900 دىن 800 كويغىچە، ئىككىنچى خىلدىكى گۈلچايلارنى 600 دىن 650 غىچە بېرىمىز دەپ جاۋاب بېرىشتى. بىز ئۇلارغا، بىز توپ سېتىۋالىمىز، شۇڭا ئەرزانراق بېرىڭلار، دېسەك، ئۇلار؛ يۇقاردا دېگىنىمىز توپ باھاسى، ئەگەر پارچە ئالىمىز دەپ قالساڭلار ئۇنىڭدىن قىممەت دەپ جاۋاب بېرىشتى. (بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار؛ ئۇلاردىن ھازىر گۈلچاي ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى، ئالسا قانچە پۇلدىن ئالىدىغانلىقىنى سوراپ باقمىدىڭىزمۇ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن. مەنمۇ شۇنداق سوراپ بېقىشنى ئويلاشقان، لېكىن تۈنۈگۈن بىر دوستۇم ئاشۇ گۈلچاي توپ بازىرىغا بېرىپ سوراپ كەلگەنىدى، ئۇلار ھازىر ۋاقتىنچە ئالمايمىز دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ) .
مانا بۇ مېنىڭ بۈگۈن گۇاڭجۇ گۈلچاي توپ بازىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىم. مەن بۈگۈن گۈلچاي توپ بازىرىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرگەندىن كېيىن، گۈلچاي تېرىغان جاپاكەش دېھقانلىرىمىز گۈلچاينى تېزراق قولدىن چىقىرىۋېتىش غېمىدە بولماي، گۈلچاينى قۇرۇت چۈشۈرۈپ قويماي، سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەي پاكىزە ساقلاش ئامالىنىڭ غېمىدە بولسىكەن دېگەن كۆز قاراشقا كەلدىم. چۈنكى گۈلچاي بىر قىسىملىرىمىز ئويلىغاندەك پەقەت چايلا بولماستىن، بەلكى دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، دەملەپ ئىچىلىدىغان دورا چاي ئىكەن. يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر، گۈلچاينى تاماكا ياساشقا ئىشلىتىدىكەن، شۇڭا ئۇنى سېتىش ھارام دېگەن گەپلەرنى تارقىتىپتۇ (بىزنىڭ يۇرتتا). مېنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي يالغان گەپ. چۈنكى مەن مەيلى توردىن بولسۇن ياكى گۈلچاي ساتىدىغانلاردىن بولسۇن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم. ئەگەر راستىنلا گۈلچايدا تاماكا ياسايدىغان ئىش بولغان تەقدىردىمۇ گۈلچاينى سېتىش مېنڭچە قەتئىي ھالال. چۈنكى ئۈزۈمدىمۇ ھاراق ياسايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ئۇنىڭلىق بىلەن ئۈزۈم سېتىش ھارام دەپ چەكلەنگىنى يوق.


DSC03028.JPG

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:08:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  گۈلچاي - كىشىلەر خىمىيىۋى دورا ۋە خىمىيىۋى قوشۇلمىلاردىن بېزار بولۇۋاتقان ۋە ئۆزىنى تارتىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە ناھايىتى تەبئى دورا ۋە تەبئى رەڭ قوشقۇچ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا گۈلچاينىڭ ۋاقىتلىق تۆۋەن باھاسىدىن مەيۈسلەنمەسلىك كېرەك. ئاڭلىسام بىر قىسىم دېھقان قېرىنداشلار يىغىش تەننەرقىمۇ چىقمايدىكەن دەپ ئەتىيازدىن بېرى جاپا تارتىپ تېرىپ پەرۋىش قىلغان گۈلچايلىرىنى تەرمەيلا ھەيدىۋىتىۋاتقۇدەك. بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال. گۈلچاينىڭ ھازىرقى باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەپ:
   1. بۇ يىلقى تېرىلىش كۆلىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى تۈپەيلىدىن بىراقلا زور تۈركۈمدە بازارغا سېلىنغانلىقتىن بازار ھەزىم قىلىپ بولالمايۋاتىدۇ.
  2. گۈلچاي بازىرى نۆۋەتتە پەقەت ئاساسلىق تېرىلغان رايونلاردىلا بولغانلىغى، باشقا رايونلاردىكى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى بازىرىنىڭ ئېچىلمايۋاتقانلىغىدىن.
  3. يۇقىرىقى تورداشلىرىمىز ئېيىتقاندەك ئىچكى ئۆلكىلەردىكى چاي توپ تارقىتىش بازارلىرىدا سودىگەرلەر گۈلچاينى ناھايىتى تۆۋەن باھادا يىغىۋالغان بولسىمۇ لىكىن سېتىپ چىقىرىش باھاسىنى مونوپۇل قىلىۋىلىپ كونا باھانى تۆۋەنلەتمەي قارا نىيەتلىك بىلەن يۇقىرى پايدا كۆزلەۋاتقانلىغىدىن.
  لىكىن ھازىرقى قىسقا مەزگىللىك بازار ئەھۋالىغا قاراپلا گۈلچاينىڭ بازىرىنى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئىنكار قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى :
   1. گۈلچاينىڭ دورىلىق ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى، بۇ جەھەتتە باشقا دورىلىق ۋە ساغلاملىق ئۈنۈمى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈلۈۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئۈنۈمى چاغلىق بولغان نۇرغۇن يەرلىك مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا گۈلچاينى ھەقىقەتەن دورا دىيىشكە بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ دورا ھازىرقى دەۋىردىكى نۇرغۇن «ئاقسۆڭەكلەر كېسەللىكلىرى» نىڭ دورىسى يەنى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا ئىستىمال قاتلىمىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك بۇ خىل كېسەللىكلەر ( يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قان مېيى، قان تومۇر توسۇلۇش، قان تومۇر تارىيىش، يۈرەك ۋە جىگەرنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىش.....دىگەندەك) ئومۇمىيۈزلۈك دىگۈدەك مەۋجۇت. دىمەك گۈلچايدا  ئېچىشقا بولىدىغان غايەت زور بازار بوشلۇغى بار. گەپ پۇقرالارغىچە يەتكۈزگىلى بولىدىغان تەشۋىقات ۋە مۇۋاپىق باھادىكى پارچە سېتىش بازىرى مەسلىسى.
  2. گۈلچاينى قۇرۇتۇۋالغاندىن كىيىن ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن، ھازىرقى بىر مەزگىلىك تۆۋەن باھادىن مەيۈسلەنمەي ياكى تاشلىۋەتمەي ياخشى يىغىپ قۇرۇتۇپ ساقلىۋالسا چوقۇم پۇل قىلغىلى بولىدۇ.
  گۈلچاينىڭ بازىرىنى ئېچىش ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە مېنىڭچە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:
  1. ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە يىتەكلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاساسلىق تېرىلىدىغان ئورۇنلاردىكى ھۆكۈمەتلەر دېھقانلارنى گۈلچاينى سۈپەتلىك يىغىپ قۇرۇتۇشقا يىتەكلەش ھەمدە كۆركەم، بازار ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق نەپىس ئورالمىلارنى زاكاس قىلىپ باستۇرۇپ، گۈلچاي مەھسۇلاتىنى ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە خەلقارا بازارلارغا كىرەلىگۈدەك سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
   2. ھۆكۈمەت يىتەكلىشىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىىسىگە قاتناشتۇرۇپ بازار ئېچىش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، يەرمەنكىگە قايسىبىر ئىدارە ياكى ھۆكۈمەت ئورگىنى نامىدىن ئەمەس بەلكى دېھقانلار كەسپى جەمىيىتى، كەسپى ھەمكارلىق كاپراتىپى ياكى يەرلىك شېركەتلەرنى يىتەكلەپ قاتناشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭدىلا ئاندىن ھەقىقى بازارنى ئاچقىلى بولىدۇ.
  3. دېھقانلار يەككە شەخىس سۈپىتىدە بازارغا كىرىپ چوڭ بازارنى ئاچالىشى مۆمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇيۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، كەسپى جەمىيەت ياكى كوپراتىپ قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق بازار ئېچىش، ئورتاق مەھسۇلات بىلەن ئۇيۇشۇپ، بازاردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يولىغا مېڭىش كېرەك.
   4. كوپراتىپ، شېركەت ۋە ياكى چوڭ كەسپى ئائىلىلەر ئەزالىرىنى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى بازارلاردا پارچە سېتىشقا تەشكىللەپ تارقىتىش، بەك تۆۋەنمۇ بولمىغان، بەك يۇقىرىمۇ بولمىغان مۇۋاپىق باھادا بېۋاستە ئىستىمالچىلارغا سېتىش ئارقىلىق بىرى مۇۋاپىق باھا بىلەن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ سېتىۋىلىشى ۋە تونۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ بازار ئوبروتىنى تېزلىتىش، سېتىلىش مىقدارى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئىككىنچىسى مۇۋاپىق باھا ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن يارىدەم بېرىش نوقتىسى بولغان ئۆلكىلەرنىڭ بازىرىنى ئېچىشقا تەشكىللىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23888
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7238
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1577 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:46:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axin يوللىغان ۋاقتى  2012-7-25 12:56 PM
بىر يېرىم ئايدىن كىيىن ئۆتكۇزۇلىدىغان ياۋرۇپا-ئاسىيا  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .بۇ يەرمەنكە قاچان، قايەر دە ئېچىلدۇ .تەپسىىي ئېنىق دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

يا تارىخنى يارىتىمىز،يا تارىخنى يازىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش