مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3444|ئىنكاس: 28

‹بۇ قىز مىنى ئالداپتۇ!!!›نىڭ .......... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1183 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 08:02:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        <بۇ قىز مېنى ئالداپتۇ!> نىڭ ئاپتورى،تورداشلار ياخشىمۇسىلەر؟ئەزىز تېنىڭلار ئامانمۇ؟
ئۆزگىپىمگە كەلسەم،مەن نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا <بۇ قىز مېنى ئالداپتۇ!> دېگەن ئەسەرنى ئوقۇپ ناھايىتى قىزىققان،شۇنداقلا ئۆزۈمنى ئۇنۇتقان ھالدا بېرلىپ ئوقىغان ئىدىم. بىراق كۆپۈنچە ئوقۇرمەنلەرمۇ بىلىدۇ،تېما ئېگىسىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقىت چىقىرالماي،بىزلەرنى(جۈملىدىن مېنىمۇ) تەشنا قىلىپ قويغىنى راست.كۆپىنچىلىرىمىز شۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا تەشنالىقىمىزنى بىلدۈرگەن ۋە ئاپتورنىڭ ۋاقت چىقىرالماي ۋاقتىدا يازالمىغانلىقىنى توغرا چۈشەنگەن بولساقمۇ بىراق ئاز بىرقىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىز ئەسەر قىزغىنلىقىدا ئاپتوردىن ئاغرىنغان يەرلىرىمۇ بولدى،بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىمىز ھەمدە شۇلارغا ۋاكالىتەن ئاپتورنىڭمۇ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىسرانىمغا يېڭىدىن ئەزا بولىۋاتقان ۋە بۇ ئەسەرنى تېخى كۆرۈپ باقمىغان تورداشلارغا ئاسانلىق توغدۇرۇش،خاتا چۈشىنىشلەرنى ئازايتىش مەخسىتىدە بۇ ئەسەرنى باشقۇرغۇچى ۋە تېما ئېگىسىگە ۋاكالىتەن بىر پۇتۇن تېما شەكلىدە يوللاپ قويدۇم.(ئاپتور ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ھازىرغىچە ئۇشبۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بولالمىغانلار بار.مەنمۇ ئاپتوردىن سوراش ئارقىلىق يوللاپ بولۇنغىنىدىن خەۋەر تېپىپ ئاندىن بۇ ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدىم.بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى3،7،15،16،22،27،33،40،49،ئىنكاس بەتلىرىدە بار.) شۇڭا يۇقىردا ئېيتىلىپ ئۆتكەندەك بۇيەرگە قايتا يوللاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.ئاپتورنىڭ،باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋەتورداشلارنىڭ مېنى ئاتۇقچە ئىشقا ئارلىشىۋىلىپ نېمە قىلىدۇ دەپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىردا تېما ئىگىسىگە سالامەتلىك،ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن.(ئاخىرى بولسا تارتىنماي يوللاۋېرىڭ ھە.)


بۇ قىز مىنى ئالداپتۇ!!!  


1-قىسىمى          https://uyghur-archive.com/misranim/thread-68237-1-1.html


     ھەي ، بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە ،يەنە  بىر تۇرۇپ  بىر خىل چۈشۈنۈكسىز خىياللار ئىچىدە بىر خىل بولۇپ قالىمەن . ئۇ قىزنىڭ ئوغۇللارنى ئالداش تىخنىكىسىغا قايىل بولۇپ بىر خىل كۈلۈپ كىتىمەن ، ئىشقىلىپ زادى بىر خىللا...

    ئالدىنقى قىتىم ئۇيۇشما باشلىقىنىڭ چىشىنى مەن تۈكۈۋەتكەن دەپ يالغان گۇۋاھلىق بىرىپ گەرچە مەكتەپتىن  چىكىندۇرۇلۇپ  كەتكىلى ئاز قالساممۇ ، مەكتەپتە يۈزۈم خىلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى ، خىلى قىزلار ئاتايىتەن ماڭا تىلفۇنىنى خاتا ئۇرۇۋالغان بولدى ، قاش ئاتتى ،تاش ئاتتى  .... ئىشقىلىپ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم ، مەن دىگەنغۇ كۆڭلۈم چۈشمىسە باشقا بالىلاردەك قىزلارنى ئاقماق قىلىپ يۈرمەيمەن دەپ . ۋاي بولدىلا يەنە دىسەم ئىشەنمەيسىز ، نەق گەپنىلا دەي ...



                  XX                      XX                       X                     XX

    بۇ ئىش مۇنداق بولغانىدى .

    ئالدىنقى قىتىملىق ئىشتىن تۇرمۇشۇمدا خىلى ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ كۈنلىرىم بىر خىل زىرىكىشە ئۆتەتتى ، تۇرمۇشۇمدا بىر نىمە كەمدەكلا ئۆتەتتى ، راس دىسەم تۇرمۇشۇمدا كام بولغىنى قىز يەنە كۆڭلۈمدىكىدەك قىز كەم ، گەرچە ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللقىدا ئوقۇۋاتساممۇ مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قىزنى ياقتۇرۇپ قالمىدىم ، مەن ياخشى كۆرۈپ قالساملا كىمنىڭ قىزى بولىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم قوغلىشاتتىم ...

    بىر كۈنى ياتاقدىشىمنىڭ دىگىنى بويىچە كىيۇ كىيۇ رىمنى ئىچىپ دوسىتلار تورى (朋友网)  دىن بىزنىڭ مەكتەپتىن باش سۈرىرىتى چىرايلىق قىزلارنى تاللاپ قاچىلىلاشقا باشلىدىم . بىز كەمدىن كىيۇ كىيۇ رىم لىپىلداشقا باشلىدى قارىسام گۇلبانۇ ئىسىملىك بىر قىز قوشۇلۇپتۇ .بىر كەمدىن كىيىن خەت كەلدى :

   -ياخشىمۇسىز  ،كىمۇ؟

   - ياخشى ، ئىسمىم ئەلقۇت سىزنىڭچۇ؟

   -گۇلبانۇم .

   -ھە ، قايسى ئىنىستوتتا ئوقۇيسىز ؟

   -مەن بوغالتىرلىق ئىنىستوتىدا سىزچۇ ؟

   _مەن سىتاستىكا ئىنىستوتىدا .

  - ھىم ، ئۆيىڭىز قەيەردە؟

   - بۆرتالا جىڭدىن .

   -...

   شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ كەچلىك تاماقنىمۇ يىيىشنى ئۇتتۇپ قاپتىمەن ، ياتاقدىشىمغا تىلفۇن قىلىپ تاماق ئالغاچ كىرىشىنى ئىيتىپ قويۇپ يەنە پاراڭلىشىۋەردىم  ، گىپىمىز بىر يەردىن چىقىۋاتاتتى .

-سىز نەدە ھازىر ؟-دەپ سورىدىم .

-ھاممالارنىڭ ئۆيىدە .

-دەرىس يوقمىدى ؟

-ياق ، ئالدىنقى ھەپتە بىڭگور يەپ قويۇپ ئانگىنارىم قوزغىلىپ قالدى ، مۇئەللىمدىن روخسەت سورىدىم ، ئوپىراس قىلدى ،گىلىم كەچتە بەك ئاغىرىپ كىتىدۇ ئۇخلىيالماي بەك قىينىلىپ كىتىمەن ، ھەمرا بولۇپ مەن بىلەن پاراڭلىشىڭە .

-چاتاق يوق ، مەنمۇ كۈندە ئويۇن ئويناپ سائەت1لەردە ئۇخلايمەن .   

-سىز بەك ياخشىكەنسىز ، رەھمەت !

....

-سىنىپىمىزدا بىرلا مەن ئۇيغۇر ،ياتاقتىمۇ شۇ ،ياتاقنىڭ ھاۋاسى بەك ياخشى ئەمەس ياتاقتا ياتسام گىلىم تىخىمۇ ئىچىشىپ كىتىدۇ ،شۇڭا كەچتە ھاممالارنىڭكىگە يىنىپ كىلىمەن . ئىشقىلىپ مەكتەپتە ئانچە كۆپ تونۇشلىرىم يوق يالغۇز يۇرۇيمەن ، تاماققىمۇ يالغۇز چىقىۋاتقان...

   بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بۇ قىزغا تىخىمۇ ھىسداشلىقىم قوزغالدى ،چۈنكى مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق ئىدىم ھىچكىم مىنى ئارىغا ئالمايتى ، يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى يالغۇزچىلىق تارتىپ باققان ئادەم بىلىدۇ دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بەردىم . كىيۇ كىيۇ بوشلىقىغا كىرسەم رەسىمى يوقكەن ، ماڭا رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ بەردى ، دىگەندەك چىرايلىق بولمىسىمۇ ماڭا بەكلا ئوماق كۆرۈندى .

-بەكلا ئوماقكەنسىز !

-ۋىيى ، ئادەمنى خىجىل قىماڭە !

-راس دەۋاتىمەن  .

-خى خى رەھمەت !

   كاللامدا جەڭ بولۇپ كەتتى ، ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ دەپ سورايمۇ ؟ بەك بالدۇرما يا ؟ توختا، كاللاڭنى ئىشلەت ئەلقۇت !

-بەلكىم كەينىڭىزگە ئوغۇللار كىرۋىلىپ ئاراملىق بەرمەيدىغاندۇ   ؟ خى خى ...

- ياقەي ، ئۇنداق ئەمەس .

-مەن سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەن .

-قەيەردە ؟

-مەكتەپ باغچىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئوغۇل دوستىڭىزمۇ ئىشقىلىپ بىرى بىلەن ئولتۇرغىنىڭىزنى كۆردۈمغۇ دەيمەن ، تازا ئىسىمگە ئالالمايۋاتىمەن ...

-خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايسىز ، مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم يوق ، ھەم ئۇ يەردىكى ئورۇندۇقلاردا بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن ئولتۇرۇپ باقمىدىم .

- ھە ، كەچۈرۈڭ ،راسلا خاتا كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن  .

   ئىشقىلىپ بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتىم ... شۇنداق قىلىپ كەچ سائەت 2گىچە پاراڭلىشىپتۇق . ئاخىرى بىر بىرىمىزگە قىيالماي ياخشى چۈش كۆرىشىمىزنى تىلەپ چۈشۈپ كەتتۇق . شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ ئۇيقۇ كىلەمدىغان ، نۇرغۇن پىلان ، نۇرغۇن ئامانلار مەندە بۇرۇن تولۇقسىزدا مۇشۇنداق كەچتە ئۇخلىيالمايدىغان ھىسيات بولۇپ باققانىدى ، ھەي قانچە يىللار بولۇپ كەتتى ھە ؟  50ياشلىق كىشىلەرنىڭ 20 يىشىغا قايتىپ قالغىنىدەك بىر خىل ھىسيات مىنىڭ قەلبىمنى چىرمىۋالغانىدى ، گۇلبانۇ ئۇخلىغانمىدۇ  ياكى مەندەك خىيال قىلىۋاتقانمىدۇ ؟ ئۇخلايچۇ بولدى ،ئۇياققا ئۆرۈلۈپ بۇ ياققا ئۆرۈلۈپ بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن ...

  ئەتىسى قوپۇپ سائەتكە قارىسام  9يىرىم بولۇپ كىتىپتۇ  ،  قوپۇپلا كومپىيىتىرنى قوزغىتىپ ئۇدۇل يۇزنىمۇ يۇيماي كىكىيۇ نى ئاچتىم  ، قارىسام ئۇ قىز يوقكەن ، مەن :<<ھەي ئوماق قىز خەيىرلىك سەھەر ، بۇگۈنكى ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن !>> دەپ خەت قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆچۈرەي دىيىشىمگە  لىپىلداپ قالدى ، قارىسام گۇلبانۇكەن ئەسلى يۇشۇرن ھالەتتە ئىكەن،ئۇ:

-ھە ھۇرۇن ، ئەمدى قوپقان ئوخشىمامسىز ؟ ھازىر سائەت 10 بولاي دىدى ،سىزگە ئەمدى سەھەر  بولۇپتىدە ؟- دەپ ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگەن ئىپادىنى ئەۋەتتى .

-ياق ياق  ، بالدۇرلا قوپقان شۇ ئەمدى ئاچتىم ،- ما ئىشنى ھەجەپ ماد بولۇپ قالدىم دەپ ئويلىدىم .

-سىزچۇ نىمىش قىلىۋاتىسىز ؟

-مەن ئەتتىگەن قوپۇپ ناماز ئوقۇپ بولۇپ ھاممالارغا ناشتا تەييارلاپ ، ئۇلارنى يولغا سىلىۋىتىپ ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ كىنو كۆرۈپ ئولتۇرغان .

    ئىچىمنى بىر خىل ئىللىق سىزىم قاپلىۋالدى .  ھەجەپ ھە؟ئاللاھ  بۇ قىزنى ماڭا ئۇچراشتۇردى ،  ئەلقۇت   بۇ قىزنى قاچۇرۇپ قويما ؟ قوغلاش نىمە كۆرسەڭ مەيلى   ... دەپ ئۆز ئۆزۈمگە خىتاب قىلىۋەتتىم .

-كامىرانى ئىچىڭە سىزنى كۆرەي ،_دىدى ئۇ :

_ مىنىڭ ھازىر كىچىككىنە ئىشىم چىقىپ قالغانىدى سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ ھە !

_ھىم ، ماقۇل .

مەن قوپۇپلا ئۇخلاش كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ يۇزلىرمنى يۇيۇپ چاچلىرىمنى تاراپ، ياتاققا قارىسام قالايمىقانچىلىق ،ئەنۋەر تىخىچە ئۇخلاۋاتىپتۇ ، مەن كامىرانى ئىچىپ بىقىپ كۆرىنىدىغان دائىرىنى رەتلەپ تازلىۋىتىپ ، كومپىيىترنىڭ ئالدىغا كىلىپ :

-مەن كەلدىم دەپ يازدىم .

-ھە ئەمدى ئىچىڭە !

   ئاچسام ئۇ قىز ئاچمىدى .

_سىز قىنى ؟

-مىنىڭ كامىرا يوق  ئۈستەللىك كومپىيىتىر ،  سىز بەك كىلىشكەنسىز ھە ؟

-ياقەي .

-ياتىقىڭلار ، بەك رەتلىكەن ھە! ئوغۇل بالا تۇرۇپ ياتاقنى رەتلىك تۇتۇدىكەنسىلەر .

-ئەلۋەتتە ! خى خى .

-ئاخشام رەھمەت ھە سىزگە !

-قانداق دەيسىز ؟

-مىنى دەپ كىيىن ئۇخلىدىڭىز  .

-ياقەي ، بۇ بىز ئىتىپاق ئەزالىرىنىڭ خەلىق ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك بۇرچى ، خى خى .

-خى خى بەك قىززىقچىكەنسىز ،-ئۇ يەنە :

- ھەي توختىڭە ؟

-نىم بولدى؟

-مۇنداق دەڭ ، سىز ھەجەپ ئاكتىپ ئىتتىپاق ئەزاسىكەنسىز ھە ، ھەممە قىزلار ئۈچۈن كىچىچە ئۇخلىماي پاراڭلىشىپ بىرىدىغان ئوخشايسىزدە ؟

  ئاپلا ، ما ئىشنى قىززىقچىلىق قىلىمەن دەپ خاتا تۇيغۇ بىرىپ قويغان ئوخشايمەن ، لىكىن يەنىلا خۇش بولدۇم ، باشقىلار قانداق ئويلايدىكى ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بۇ گىپى ماڭا مىنى كۈنلىگەندەك تۇيغۇ   بەردى .

-ياقەي ، مۇنداقلا دەپ قويغان ، ھامىنى ئويۇن ئويناپ كەچ ياتاتىم  شۇڭا ، خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ .

-خى خى  مەنمۇ چاقچاق قىلىپ قويدۇم، - دىدى . ھەنىم بولسا كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى ،ئۇ يەنە :

-ھەي مەن تاماققا تۇتۇش قىلاي كىيىن پاراڭلىشايلى .

-سىز تاماق ئىتەلەمسىز ؟

-ئەلۋەتتە ، لەغمەننى بەك ئوخشىتىمەن  .

-راسما ؟ مەن لەغمەنگە بەكلا ئامراق !

-خى خى  ئەلۋەتتە ، چاچتەك سوزاپ سوغۇق شاللاپ ، ئەتكەن لەغمىنىمنى دادام 2تەخسىنى كۆرمىدىم دەپ يەۋىتەتتى  .

-نىمىندا ياخشى .

-نىمە ياخشى دەيسىز ؟

-ھە ، ھىچنىمە ؟

-ھىم ئۇنداق بولسا مەن چۈشۈپ كەتتىم ، كىيىنرەك پاراڭلىشايلى!

-ئاللاغا ئامانەت !

-ئاللاغا ئامانەت !

-ھە راس ، تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى سورىسام بولارمۇ؟

-1نى ھارغىچە بىسىڭ ،خى خى ...

.....

   ئىشقىلىپ ئۇ تاماق ئىتەلەيدىكەن ، بولۇپمۇ كۈندە يىسەممۇ چىقمايدىىغان لەغمەننى ،تىلفۇن نۇمۇرىغا ئالدىرما ئەلقۇت ، كۈنلەر تىخى ئۇزۇن ئىشنى ياخشى ئويلىشىپ پۇختا قىل، ئىسىڭدىمۇ ؟<<يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس !>>   قەلبىمدە بىر خىل تىخىمۇ ئىللىق سىزىم ،  پەقەت تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىللا....

توۋا ، خۇددى چوڭ ئەيسا دىگەندەك بۇ قىز ماڭا لاتارىيەدىن چىققاندەكلا چىقىپ قالدى دىسە، ھەي  گۇلبانۇم ئۇزاقتىن بىرى نەلەردە يۇرگەنسىز ؟ ئارىدىن 2كۈندەك ئۆتتى ، كومپىيىتىرىمنىڭ ئىكرانىغا ئۇ قىز ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن رەسىمنى چىرايلىق بىزەپ چىقىرۋالدىم ، ياتاقداشلىرىم سەل ھەيران بولۇپ سورايتى:
-مۇھەبىتىڭما؟
-سەندىمۇ قىزلارغا سوقىدىغان يۇرەك باركەن ھە؟ توۋا ...
-بۇ ھازىر كىكىيۇدىكى مەشۇقسىز ئاشىق، باللار ...
-ئاداش بۇقىز تازا چىرايلىق ئەمەسمۇ نىمە ؟ سەل پاناقكەن؟
-نەدىكى قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ يۇرگىچە تۆت ھوشۇقنىڭ ئىچىدىكى سۇمەييە بىلەن ئارلاشساڭ بولمامدۇ ،گىپىڭنى بەك قىلىدۇ شۇنداقلا قاش ئاتساڭ يامپاش ئاتىدۇ خى خى...
-....
   ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدىم ، ئۇ قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىن كىيىن ئوينىغان ئويۇنلىرىم ئويۇن بولمىدى ، بىر دەم ئويۇن ئويناپلا كىيۇكىيۇغا قارايتىم . ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ :
  -گۇلبانۇم تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بىرىڭە؟_دىدىم.
-ھى ھى  مەنمۇ دەپ بىرەي دەپ تۇرغان ،17955644521، سىزنىڭچۇ ؟
-182XXXXXX
-سىزگە تىلفۇن قىلاي ھە ؟
-خى خى ماقۇل .
   بىر خىل ھاياجان ئىلكىدە تىلفۇننى باستىم ، يۇرۇگۈم سىلىپ كىتىپ باراتتى ، ئاۋازى قانداقراقتۇ ؟ تىلفۇن قىلسام سىز ئۇرغان نۇمۇر مەۋجۇت ئەمەس دەيدۇ ، قايتا ئۇرساممۇ شۇنداق :
-ھەي نۇمۇرىڭىز خاتا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ <<قۇرۇق نۇمۇر >> دەيدۇ .
-ھا ھا ھا ، ئەخمەق !
- نىمە بولدى ؟ خاتا دەپ بەرگەنما ؟
-179 دىن باشلانغان نۇمۇرنى كۆرۈپ باققانما ؟ خى خى ...
   ھەي توۋا ماۋۇ كاللامنى ، راس ئۇنداق نۇمۇر يوق ھە ؟
-شەيتان ، مىنى ئالداپسىزدە دەڭە ؟
ئۇ نۇمۇرىنى دەپ بەردى ، مەن تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ:
_ئەسسالاممۇئەلەيكوم ،-دەپ تىلفۇننى ئالدى .
-ۋەئەلەيكوم ئەسسالام ، ئاۋازىڭىز نىمىندا بوش چىقىدۇ ؟
-شۇ ئەپىراس قىلدى گىلىمنى چىڭراق سۆزلىيەلمەيمەن .
-ھە مەكتەپكە قاچانلىققا كىلىسىز ؟
-يەكشەنبە كەچتە بارىمەن ، ئالدىمغا چىقارسىز ھە ؟ ھى ھى
-سىز ئۇنىسىڭىزلا ئەلۋەتتە چىقىمەن !
-...
   شۇنداق قىلىپ ئۇ قىزنىڭ ئاۋازى بوش چىقسىمۇ پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاڭلاپ دىگەندەك يىرىم سائەتتەك پاراڭلىشىپتىمەن . قاچانمۇ يەكشەنبە كىلەر دەپ يەكشەنبىنى 8 كۆز بىلەن كۈتتۈم ،كەچتە تىلفۇن قىلىشىپ گەپلىرىمىز تۈگىمەيتى ، دەرس ۋاقتىدا ئۇچۇر يوللىشىپ تىلفۇن قولىمىزدىن چۈشمەيتتى، ياتاققا كىرىپلا ئۇدۇل كىيۇكىيۇ نى ئاچاتتىم . ئۇنىڭ :<< سىزگە دىسەم ھازىر ئالىي مەكتەپ قىزلىرى ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتىدۇ ، قەيەردە ئويۇن بولسا كەچتە ياتاققا قايىتماي ئوينايدۇ ، كىيگەن كىيىملىرىگە ، ئىشلەتكەن گىرىملىرىگە ئوبدانلا پۇل خەجلەيدۇ ، بىر بىرى بىلەن ئۇ جەھەتتە <رىقابەت ئىڭى >بەكلا كۈچلۈك ، ھەممە كەلگۈلۈك بىچچارە ئوغۇل دوسلىرىغا كىلىدۇ ، ئۇلار تاماقنى ئوغۇل دوستىنىڭ پۇلىغا يەيدۇ ، ئويۇننىمۇ شۇلارنىڭ پۇلىغا ، ئۆزىنىڭ پۇلىغا كىيىم ،گىرىم بۇيۇم  ئالىدۇ  ، بىچچارە ئوغۇللار پۇلى تۈگسىمۇ چاندۇرماي ئۇنىڭ بۇنىڭدىن قەرز سوراپ ،ئۆيدىكىلىرىنى ئالداپ ئۆتىدۇ . ئۇندا قىزلار بىزنىڭ يۇزىمىزنىمۇ تۆكۈپ بولدى .>>  بۇ گەپلىرى ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىمنى ، ئىشەنچىمنى تىخىمۇ ئاشۇرۋەتتى .
  ئۇ ھەقىقەتەن راسىت دەيدۇ  ، دىمىسىمۇ مۇھەبىتى بار ياتاقداشلىرىم شۇنداق ،ئاي ئاخىرىدا پۇل سورىمايدىغان ئادىمى قالمايدۇ ، ئاتا ئانىسىغا يالغان سۆزلەپ تىلفۇن قىلىشلىرى ... ھەي ، تولىسى ئويلاپ قالاتتىم ، نىمە پايدىسى؟! 90% ئاخىرى چىقمايدىغان مۇھەببەت ، بىچچارە ئاتا ئانىلار باللىرىنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئۇلاردىن قانچىلىغان ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندۇ ؟ ئەمما بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ... بولدى سۆزلىمەيچۇ ؟ شۇڭا مەن بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپتە قىزلارغا ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدىم  ، شۇڭا كۆڭلۈمدىكى مەھبۇبەم ماڭا يولۇققىچى ئىغىر-بىسىق بولدۇم .دەرستە دىگەندەك ياخشى بولمىساممۇ ئىشقىلىپ ئىنتىھانلاردىن قىلىپ قالماي ، ئانچە دەرس تاشلىماي ، بىكار بولسام   مەيدانغا چىقىپ پۇتبول ئويناپ، ياتاقتا  كومپىيىتىرئويۇنى ئويناپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىمەن . بەزىلەرگە قارىغاندا ئوبدانلا ياخشى، خۇدايىم خىلى ئىنسابلىق قىلىپ يارىتىپ قويۇپتۇ . بەزى تونۇشلىرىم چوڭ شەھەرگە كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنى تۇتالمىدى ، سەل ئىگىزگە چىقىپ ئەپراپنى كۆزىتەلمىدى ، ھەتتا قاراڭغۇلۇقتىكى مەينەت، تار كوچىلارغا كىرىپ قىلىپ ئۆزلىرىگە ئەيدىز ... دىگەندەك ساقايماس كىسەللەرنى يۇقتۇرۋىلىپ گۈزەل ، جۇشقۇنلۇققا تولغان ياشلىقىنى كۆز ياشقا ، تۈگىمەس پۇشايمانغا  تىگىشتى ، ئاتا ئانىلىرى قانچىلىك ئازاب چىكىۋاتقاندۇ ھە ؟  
   كۈتە كۈتە يەكشەنبىمۇ بەكلا تەستە كەلدى .
   مەن چۈشتە تازلىق قىلىپ ، كۆرۈشكەندە كىيىدىغان كىيىملىرىمنى رەتلەت تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ قىز سائەت 6 دە كىلىدىغان بولدى  ، توۋا ماۋۇ ۋاقىت بۇگۈن ھەجەپ تەستە ئۆتتى ، ھىچ ئىش خۇش ياقمىدى .

شۇنداق قىلىپ تولا سائەتكە قاراپ ،ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەي ئۇنى بۇنى قىلىپ يۇرۇپ سائەتنى ئاران 5 قىلدىم ، ئۇنىڭ تىلفۇنىغا :<<ماڭدىڭىزما ،سىزنى ساقلاپ كۆزۈم 4 بولۇپ كەتتى .>> دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويۇپ،  تاماكىدىن بىر قاپ ئىلىپ قوشنا ياتاقتىكى  دانىيارنى ئىزدەپ ماڭدىم ، ئۇنىڭ <<چاچنى شەكىلگە كەلتۈرۈش >> تىخنىكىسى ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى ، چىچىنى ھەر خىل پاسوندا تاراپ يۇرەتتى  تەييارلىقتا سىنىپ تەربىيىچىمىز ئۇنىڭغا <<ساتىراش>> دىگەن نامنى ئىئانە قىلغانتى شۇنىڭدىن تارتىپ ھەممىسى ئۇنى ساتىراشچان دەپ چارقىرىدۇ  ، كىرسەم ياخشى ياتاقتا يالغۇز ئىكەن . ئۇ مىنى كۆرۈپ :
-ھوي بىزنىڭ قەھىرىمان ، ياتىقىمىزغا قەدەم تەشۋىرىپ قىلغىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ، ھى ھى ...
- ۋاي مىنى بۇندىن كىيىن قەھىرىمان دىمىگىنە بولدى ، ئالە چىكە مانى !
-ھوي ، ماڭا تاماكا ئىلىپ قاپسەنغۇ ، قەھىرىمانىمىزنىڭ قانداق ئىشلىرى بولسا كەمىنە تەييارمەن !
- ھى ھى ۋاي لاۋزا ، ھىلىقى موسا-پوسىلىرىڭنى ئىلىپ چىقە بىزنىڭ ياتاققا چىچىمنى بىر كىلىشتۇرۇپ ئوڭشاپ قويە .
-ھوي ، كۆرۈشۈشۈڭ باركەندە ، كىچىك ئىشقۇ  ئۇندا يىرىڭ بولسا ماڭە ،- دەپ ئۇ بىزنىڭ ياتاققا چىقىپ 20 مىنۇتتەك  ئۆزىنىڭ بارلىق ھۆنىرىنى چىقاردى .
-ھە ئەمدى ئەينەككە قاراپ باقە ؟ غەلبە قىلىپ قالساڭ بىزنى بىرەر جوزا مىھمان قىل ھە ؟
-ۋوي ، ئوقۇماي  ساتىراشلىق قىلغان بولساڭمۇ جىنىڭنى گۈلدەك بىقىپ كىتەلەيدىكەنسەن  ، مىھمان قىلىشتا چاتاق يوق!  
-ھىلىقى كومپىيىتىرىڭنىڭ ئىكرانىغا چىقىرىۋالغان قىز شۇمۇ؟
-كىيىن بىلىپ قالىسەن ، خى خى .
...
  مىنىڭ ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغىنىم  بىر دەمدىلا  ئەتراپتىكى 5،6 ياتاققا پۇر كىتىپتۇ .  ياتاقتىكىلەر مىنى ساز قىلىشقا باشلىدى .
-ئاداش ئىشتىنىڭنىڭ يىپى ساڭگىلاپ قاپتۇ .
-ئايىغىڭنىڭ چەمى ئاجراپ كىتىپتۇغۇ ، ئۇ قىز كۆرۈپ قالمىسۇن .
-چىچىڭغا ساتىراشچان نىمە ئىشلەتتى ؟
-...
ئۇلارغا ئالىيىپ قويۇپ ئىشىكنى جالاققىدە يىپىپ چىقىپ كەتتىم . ياتاقنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇ قىزغا تىلفۇن قىلدىم ، ما ئىشنى كۆرۈڭ تىلفۇنى ئىتتىككەن ، بەلكىم توكى تۈگىگەندۇ ، مەن بىكەتنىڭ يىنىدا ساقلاپ تۇراي  . دەپ بىكەتنىڭ يىنىدا چىقىپ تۇردۇم . ئۇياققا مىڭىپ بۇياققا مىڭىپ سائەت 6يىرىم بولۇپ كەتتى ، ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىپ دىگۈدەك سائەتنى 7 قىلدىم ، يەنىلا قارىسى يوق . كاللامدا مىڭ خىيال ، ئەزەلدىن تارتىپ ئادەم ساقلاشقا ئۆچ بولغاچقا ئاچچىقىم 80گە چىقتى ، توختىماي تىلفۇن قىلىۋاتىمەن ، يەنىلا ئىتىك ئاخىرى سائەت 7 يىرىم بولۇپ كەتتى . ياتاققا قايتاي دىسەم تىخى  ، ئاۋۇلارنىڭ شاڭخوسىغا قالىمەن . شۇنىڭ بىلەن تورخانىغا كىرىپ 2 سائەتتەك ئولتۇرۇپ ياتاققا كىردىم . كىرسەم ھەممىسى باركەن  ئۇلار گۈررىدە ئەتراپىمغا ئولاشتى.
-ئاداش كۆرەشتىڭما جانانىڭ بىلەن ؟
-قانداراق قىزكەن ؟_ ھەي بىچچارە بايقۇش يالغان سۆزلە ئەمدى ! مەن بىز خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا :  
-ھىم كۆرەشتىم ، رەسىمىگە قاراپ ئانچە چىرايلىق ئەمەسمىكى دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئەمما ...
-ھە قانداقكەن ، سەتمىكەن ؟
- خاتا خاتا ، ئاي دىسەڭ ئاي ئەمەس كۈن دىسەڭ كۈن ئەمەس ، چىرايلىق بولغاندىمۇ ئالامەت چىرايىق قىزكەن !
-فىگورىسىچۇ ؟
-مىجەزىچۇ ؟  _ئۇلار تىخىمۇ قىزىققىپ سوراشقا باشلىدى .
-فىگورىغا گەپ كەتمەيدىكەن ، بىر تال ئەيىپ تاپالمايدىكەنسەن ، مىجەزى قىشتا يۈز يۇيىدىغان ئىسسىق سۇدەك بەكلا يىقىملىقكەن..._ گىپىمنى زەن سىلىپ ئاڭلاۋاتقان ئەنۋەر :
- توۋا مانىڭدا توڭگوزدەك تەلەي باكەن دىسە ، مەن مۇشۇ كەمگىچە ئارلاشقان قىزلىرىمنىڭ سانىنى بىلمەيمەن ، لىكىن بىر بىرىدىن ئۆتە مايماق ...
-قىزلارمۇ ئادەمگە قاراپ يولىقىدۇ ، مايماققا مايمىقى دىگەندەك ، ھى ھى .
-باللا باللا  ئەلقۇتنىڭ گىپىنى ئاڭلايلى ، قەيەردە ئايلاندىڭلار ، تەلەپ قويىۋەتىڭما ؟ _ ماۋۇ سوئاللارنى ، مەن تىخىمۇ پەخىرلەنگەن ھالدا :
-بالىلار توختاپ تۇرۇڭلار ھە ، ھاجەتخانىغا چىقىپ كىرەي !
-ۋوخخو ئىشىۋالدى ما يىتىم ئەمدى .
-توغرا چۈشۈنەيلى باياتىن بىرى قىزبالىنىڭ يىنىدا بارالماي قىسىپ ئولتۇرغان ئوخشايدۇ .
-ھا ھا ...
مەن چىقىپ كىرسەم ياتاققا دانىيار كىرىپتۇ ، ئۇ مەندىن :
-ئاداش كۆرەشمىدىڭما ؟-دەپ سورىدى ، مەن :
-ياقەي كۆرۈشۈپ  تىخى بايام كىردىم .
-تورخانىدا ئولتۇردۇڭلارما؟
-ياقەي ، قىز بالىنى تورخانىغا باشلامسەن كالۋا ؟
- سىنى بىر سائەتنىڭ ئالدىدا مەن مۇھەببىتىم بىلەن تورخانىغا كىرگەندە شۇ يەردە ئولتۇراتتىڭغۇ ؟
   -مەن مەن...  ،- نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، ما ئىشنى .
    ياتاقتىن قىقاس چىقىپ كەتتى ، شۇ كۈنى بالىلار مىنى 1 سائەتتەك شاڭخو   قىلدى . ھەي ئوغۇل بالا بولۇپ قاپتىمەن نىمە ئامال ئىشقىلىپ چىدىدىم ئىچىمدە گۇلبانۇمنى مىڭنى تىللىۋەتتىم ... 2- ئىزدەمدىكەنمەن ، خەپ !!!
   كەچ سائەت 10 دىن ئاچتى ، قولۇم تىلفۇنغا كىتىپ باراتتى ،  ياق ياق ئۇرمايمەن ! ئۆزى مەندىن كەچۈرۈم سورىشى كىرەك ،  ئاخىرى سائەت 11 بولغاندا چىدىمىدىم ئۇنىڭغا تىلفۇننى مەن قىلمىدىم ئۆزى قىلىنىپ كەتتى . خىلى ئوزاق سايرىغاندىن كىيىن ئۇ تىلفۇننى ئالدى ، مەن :
  - مۇزىكىلىق قوڭغىراقنى ئالماشتۇرۋاپسىزدە بىردەمدە ،-دىدىم .
- ياق بۇرۇنقىسىغۇ ؟
-ھىم بۇرۇنقىسىمۇ ؟ بايا سائەت 6دىن 9 غىچە سىزنىڭ مۇزىكىلىق قوڭغىرىقىڭىز :<<来电管家提醒您>> كەن شۇڭا دەيمىنا ؟
- ھا ھا ھا ، - ئۇ تىخىمۇ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ بىر ھازا كۈلىۋەتتى ، ئاندىن :
-ھەي راسلا بەك سەت بولدى ، ئۆيگە ھاممانىڭ مىھمانلىرى كەلگەن ئىدى ، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم تىلفۇنۇمدا توك قالماپتىكەن ، كەچۈرۈڭ ھە !
  ئويلاپ قالدىم ، بىر قىتىملىق ئىش ئۈچۈن ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمەي ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن سەل كەڭ قورساق بولايچۇ  ، دەپ كەچۇرۋەتتىم . بىر دەم پاراڭلاشقاندىكىن ئۇماڭا:
- ئەلقۇت سىزگە بىر گەپ دەي دىگەنىدىم ...
-نىمە گەپ دەۋەرىڭە ؟
-مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم!
-ھە بۇ بۇ..،- بۇگەپنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشمنى بىلەلمىدىم.
-كەچۈرۈڭ ، مەن مىنكاۋخەن ئادەتتە بەكلا تۈز ، مەن سىزگە ئىچىمدىكى گەپنى دىدىم .
  بىر تۇرۇپ بۇ قىزنىڭ ئىتتىكلا بۇنداق دىگىنىدىن بۇ قىزدىن گۇمانلىنىپ قالدىم ، بىر تۇرۇپ راس مىنكاۋخەنلەر ھەقىقەتەن بەكلا تۈز بولىدۇ بەلكىم مەندەك ھىسياتتىدۇ ... ھەي نىمە دىيىش كىرەك .
-گەپ قىلىڭە ، مىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز مەيلى ئىشقىلىپ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا ئىقرار.
_گۇلبانۇ مۇنداق گەپ ، ئەمەلىيەتتىمۇ مەندىمۇ شۇنداق تۇيغۇ بار ، لىكىن  ئىككىمىز كۆرۈشۈپ باقمىدۇق . بۇ ئىشقا ئالدىراقسانلىق قىلمايلى ، ئاۋال بىر مەزگىل دوسىت بولۇپ بىربىرىمىزنى چۈشۈنەيلى .
-ھىم ، بىز قىزبالىنىڭ ئوغۇل بالىغا شۇنداق دىيىشى ئاسانمۇ ؟
-ياقەي خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ .
-مەن بىلەن ئارلاشقىڭىز يوقكەندە ؟
-ياقەي ،ئۇنداق ئەمەس  مەن شۇ
-ئۇنداق بولسا ئارلاشتۇق . بۇگۈن 4.17 كۈنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ .
-بۇ بۇ ..
-نىمە دۇدۇقلايسىز ئوغۇل بالا تۇرۇپ ،- بۇ گەپ ۋىجدانىمغا تەگدى ، ئارلىشىپ كۆرەپ باقاي مۇنداراق بولسا ئايرىلىپ كەتسەممۇ بولىدىغۇ دەپ ئويلىدىم .
-ئۇنداق بولسا ئارلىشايلى !
-توۋا سىزگە مەن تەلەپ قويغاندەك بولدۇم ھە ؟
-ھى ھى ئوخشاشقۇ ...
-....
   شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بىلەن ئۆزەممۇ بىلمەي ئارلىشىپ قالدىم ، ئىشلىرىم پىلانىمدىكىن ئىتتىك بولۇپ كىتىپ باراتتى  ، بىر تۇرۇپ گۇمانلانسام بىر تۇرۇپ بىشىمغا كەلگەننى كۆرەيچۇ  دەپ ئويلىدىم ...

كۈنلەر بىر خىل ئۆتۈشكە باشلىدى ،  مەن ئارلىشىپ ئەتىسى گۈلبانۇم جىڭغا قايىتىپ كەتتى ، يەنە كۆرىشەلمىدۇق ، ھەر قىتىم تىلفۇندا ئۇ :<<سىزنى سىغىندىم دەيىتتى ،قاچانمۇ كۆرىشەرمىز!>> دەيتتى  ، راس گەپنى قىلسام بۇرۇنلاردا تىلفۇن پۇلۇم ئىيىغا 60 سۇمدىن ئىشىپ كەتسە تىلفۇنۇم كۆزۈمگە بەكلا سەت كۆرۈنۈپ ھازىر ئۇ قىز بىلەن تونۇشۇپ كۈندە سائەت سائەتلەپ پاراڭلىشىپ كىتەتتۇق . بىر كۈنى ئۇ :
  -سىرتقا چىقامسىز ،-دەپ سورىدى  .
-ھەئە ھىلى تاماققا چىقىمەن .
-جىنىم تىلفۇنۇمغا 10 سۇم قاچىلاپ قويىڭە ، مەن ئۆيدە يالغۇزتىم پەسكە چۈشەلمەيمەن ، مەكتەپكە بارغاندا بىرىۋىتىمەن.
-ۋاي مىنى نىمىندا پىسسىق چاغلاپ قالدىڭىز مۇشۇمۇ گەپما ئەمدى ؟_دىدىم يالغان ئاچچىقلىغان قىياپەتتە .
-ھى ھى ، ياقەي !
-قاچانلىققا قايتىپ كىلىىسز ؟
-جۇمە كۈنى قايتىمەن خۇدايىم  بۇيرىسا ئالدىمغا چىقارسىز ھە؟
-مەنغۇ چىقىمەن ، لىكىن چىققاندا تىفۇنىڭىز يەنە ئىتىك بولۇپ قالارمىكىن ديمەنغۇ ؟
-خى خى  تىخىچە ئۇنتۇپ قالماپسىزدە ، بۇندىن كىيىن ئۇنداق بولمايدۇ جىنىم !
-ئۇنداق بولسا ھەر قانداق ئىشىم بولسىمۇ تاشلاپ چىقىمەن ئالدىڭىزغا ؟
-ھەي ، ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئاپام دادامغا دىدىم .
-ۋاي نىمندا بالدۇر ؟ ئۇلارغا دەپ نىمە قىلارسىز ؟
-نەدە ، مەن بىر تاللا بالا ، ئۇلار مىنىڭ بۇ ئىشىمغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ  ھەر قىتىم سورايدۇ تىخى مەندىن ، رەسىمىڭىزنى كۆرسەتكەنىدىم .
-ئۇلار نىمە دىدى؟
-ئاپام مىنىڭ بولغۇسى كۆيئوغلۇم بەك كىلىشكەن ، ئىغىر -بىسىق چىراي بالىكەن دىدى . دادام بىر بىرىڭلارنى قەدىرلەپ ، ئۆز-ئارا ياردەم قىلىشىپ كۆيۈنۈشۈپ ئۆتۈڭلار دىدى.
-ھى ھى ئۇلار توغرا دەپتۇ .
-ۋىيەي ، ماختانچۇق .
-...
قىز بالىنىڭ ، ھەم ئۇنىڭ مىنى تۇنجى قىتىم جىنىم دىيىشى ئىدى ، كۈنەلمىسەممۇ ئىشقىلىپ قەلبىمدە بىر خىل ئىللىق سىزىم پەقەت بىر خىللا ... ئۇنىڭدىن ئاساسى جەھەتىىن گۇمانلانمىدىم ،  گۇمانىم قوزغالسىمۇ، كۆڭلۈم :<<ئۇ دىگەن مىنكاۋخەن ، مۇشۇنداق ئوچۇق -يورۇق ،تۈز بولىدۇ .>> دەپ بانا تىپىپ بىرەتتى.  تاماققا چىققاندا تىلفۇنىغا 10 سۇم قاچىلىسام پىخسىقىلىق بولۇپ قالمىسۇن دەپ 50 سۇم قاچىلاپ قويدۇم . ئەمەلىيەتتە مىنىڭ تىلفۇنۇممۇ 2 كۈندە بىر پۇل قاچىلا دەپ تۇراتتى .
  ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان بۇ 2 ھەپتىنى بىر خىل ھاياجاندا ، كۈتۈشتە ، زىرىكىشتە ، تىت-تىتچەلىكتە ، ياتاقدىكىلەرنىڭ شاڭخولىرى ئاستىدا ئىغقىلىپ يامان تەسلىكتە ئۆتكۈزدۈم . شۇنداق قىلىپ جۈمە كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى . لىكىن ئۇ :<<مەن دادام بىلەن بىللە ماڭىدىغان بولدۇم ، دادام بىلەن كۆرىشەمسىز ؟>>دىدى . ھەي ! ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ،  مەن:<< بولدى ، شەنبە كۈنى كۆرىشەيلى! دادىڭىز بولسا خىجىل بولىمەن!>>  دەپ قويدۇم . بىز شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن سۇ ئۈستى باغچىسىغا بىرىپ ئويناپ كىلىدىغان بولدۇق . ئۇ ئەتىسى يەنى شەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10لاردا يىغلامسىراپ تىلفۇن قىلىپتۇ . مەن بىر قىسما بولۇپ كەتتىم :
-نىمە بولدى سىزگە بىرى بىر نەرسە دىمىگەندۇ؟
-ياق
-ئەمسە نىمە بولدى ؟  دەڭە ئادەمنى تەقەززا قىلماي !
-بايا دورىخانىغا كوچا ئابتۇبوستا ئولتۇرۇپ كەلگەنىدىم ، پورتمالىمنى ئوغرى ئىلىۋاپتۇ .
-شۇ ئىشمىتى يىغلىماڭ بولدى جىنىم ئۆزىڭىز ساق بولسىڭىزلا بولدى . - توۋا جىنىم دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپتىمەن . مەن يەنە :
-ئىچىدە نىمىلەر بار ئىدى ، كىملىك بانكا، كارتىلىرى بارمىدى ؟
-مەن كىملىك بىلەن بانكا كارتىسىنى ئەزەلدىن پورتمالغا سالمايمەن ، ئۇلارنى يانچۇقۇمغا سىلىپ قويغانىدىم ، ئىچىدە دادام ئاخشام بەرگەن 800 سۇم نەق پۇل ، دادام ئىلىپ بەرگەن ئالتۇن ئۈزۈكۈم بار ئىدى ، ھۈ ھۈ ..._
ئۇنىڭ يىغلىغىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ كەتتى . ئۇ يەنە :
-دادامغا نىمە دەرمەن ئەمدى مەن دورىخانىنىڭ يىنىدا تىخى دورا ئالمىدىم .
-دادىڭىزغا تىلفۇن قىلدىڭىزما ؟
-ياق ياق دادامغا دىسەم بولمايدۇ ، ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئىلىپ بەرگەن ئۈزۈكنىڭ يۈتكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئۇقتاتمايمەن .
-ھامىنى ئۇقىدۇ بىر كۈنى .
-يىنىمغا پۇل چۈشكەندە ئۆزەم ئوخشاشتىن بىرنى ئىلىۋالىمەن .
-ما قىزنى ، تىخى دورا ئالمىدىڭىزما ؟
-ياق .
-دورىغا قانچىلىك پۇل كىتەتتى ؟
-260  سۇم ئەتراپىدا .
-بانكا كارتىڭىز يىنىڭىزدا بارغۇ؟
-ھەئە
-ماڭا نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ بىرىڭە ؟
-نىمە ؟ ماڭا پۇل سىلىپ بەرمەكچىما؟
- ھەئە
-ۋاي ياق ياق ، بولدى مەن ھازىر باشقا ساۋاقدىشىمغا تىلفۇن قىلىپ باقىمەن .
-مىنى يات كۆرىۋاتامسىز  ، مەن ئوغۇل دوستىڭىز ئەمەسما؟
-ياق خاتا چۈشەنمەڭ !
- ئۇنداق بولسا ئەۋەتىپ بىرىڭە ، يىنىمدا بەكمۇ جىق پۇل يوق سىزگە 300 سۇم سىلىپ بىرەي ، قالغان ئىشلارنى كىيىن ئويلىشايلى .
-ئەلقۇت سىزگە قانداق رەھمەت ئىيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن !
-بولدى ، كۆپ ئويلىماڭ ، بولامدۇ ئوماق! ئۆزىڭىز ساق بولسىڭىزلا بولدى .
-ھىم ، مەن ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بىرەي !
-ئۇنداق بولسا چۈشتىن كىيىن كۆرىشەرمىز سىز دورىڭىزنى ئىلىپ تىزراق قايتىڭ !
-ماقۇل ، چۈشتىن كىيىن كۆرىشەيلى .
-...
   ئۇنىڭغا چۈشتىن باغچىدا خەجلىمەكچى بولغان 300 سۇمنى ئەۋەتىپ بەردىم . يىنىمدا ئىشىپ قالغان پۇل چۈشتىن كىيىن خەجلەشكە يەتمەيتتى . مەن ئىككى ئاغىنەمگە تىلفۇن قىلدىم ، ئۇلارغا :
-ئاداش كىچىككىنە ياردەم قىلساڭ بولاپتىكەن؟-دىيىشىمگە ئۇلار كىلىشىۋالغاندەكلا  :
-ئاداش پۇلدىن باشقا قانداق ياردەم بولسا مەن تەييار !-دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلىدى .
  ھەي ، ئامال يوق ئەلقۇت ئۆيۈڭگە تىلفۇن قىل ، داداڭغا يالغان سۆزلە ئەمدى ، بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ساڭا .
  ئامال يوق ، يۇمشاقراق ئاپامغا تىلفۇن قىلدىم ، بىر دەم ئەركىلىۋەتكەندىن كىيىن :
-ئاپىجان ، پۇل ئەۋەتپ بىرىڭا ؟-دىدىم ،
-بالام سنىڭ تۇرمۇش پۇلىڭنى ئەۋەتىپ بەرگىلى 2 ھەپتە بولدىغۇ ، بۇنداق ئىتتىك خەجلەپ بولمىغانسەن !
-ياقەي ، تۈگەپقۇ كەتمىدى ، شۇ ئەمدى ياز كىردى ، يازلىق كىيىملىرىم يوقتى ، چۈشتىن كىيىن چىقىپ كىيىم ئالاي دىگەنىدىم .
-ھىلىقى چاغدا ئالدىڭغۇ ؟
-ئاپا ئۇ ئەتىيازلىق كىيىم ،ھىلىمۇ كىيىۋاتىمەن ئىسسىقتا .
-قانچە ئەۋەتىمەن ؟
-8 قەغەز خى خى ...
-ئەرزانراق كىيىم ئالساڭ بولمامدۇ ئوقۇغۇچى بولغاندىكى .
- ۋاي شۇ بىر قۇر ئالسام ئاران يىتە ؟
-ماقۇل مەن ھىلى چىقىپ ئەۋەتىپ بىرەي !
-ھى ھى  مىنىڭ ئاپىجانىم بەك ياخشى ،دۇنيادا ئەڭ چىرايلىق جۇما!
- بولدى بولدى ، ماڭىلا كۈچۈڭ يىتىدىغۇ سىنىڭ .
-ياقەي ، ئوغۇل ئاپىسىغا ئامراق ئەمەسمۇ ؟
-...
   شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن بىرى قىلمىغان ئىشنى قىلدىم ، باشقىلار ئالدىمدا پارقىرىتىپ قوياپ مۇھەبىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈن ،ئولتۇراشلىرىغا ئاتا -ئانىسىنى ئالداپ تىلفۇن قىلسا ، نىمە جاپا ؟ ۋىجدانسىزلار دەپ ئويلايتىم ، بۇ ئىش مىنىڭ بىشىمغىمۇ كەلدى . ھەي مۇھەببەت ئادەمنى راسلا ھەر كويغا سىلىۋىتىدىكەن ! ئۆز-ئۆزەمگە :<<بۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق >>دەپ ۋەدە بەردىم .
  شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كىيىنمۇ كەلدى ، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسام يەنە ئىتىك ، قولومدىكى تىلفۇننى ئاتاي دىسەم ، سەل قىممەتكەن  پۇتۇمنى بىرنى شىلتىسام كارۋاتنىڭ تۆمۈرىگە تىگىپ كىتىپ كۆكۈرۈپ كەتتى . بىر سائەتتەك توختىماي تىلفۇن قىلسام ، يەنىلا شۇنداق ...
  ئاناڭنى ، سەندىن باشقا قىز يوقما ماڭا ؟ دەپ 4 ھوشۇقنىڭ بىرى بولغان سۇمەييە نىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى تىپىپ تىلفۇن قىلدىم . ئۇ ئەركىلەپ :
-ۋەي ، كىمۇ ؟-دەپ ئالدى تىلفۇننى .
-مەن تونىمىدىڭىزما؟
-ھە ھە ، ئەلقۇتكەنغۇ  ۋوي بىزگىمۇ تىلفۇن قىلىپ قالىدىكەنسىز ھە ؟ نۇمۇرىڭىزغا قارىماي ئاپتىمەن .
-تىلفۇن قىلسام بولمامدىكەن ؟
- ھى ھى  بولىدۇ بولىدۇ .
- نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟
- شۇ كەچتە ئولتۇرۇش بارتى شۇ يەرگە جابدۇپ دىگەندەك ؟
-بارمىسىڭىز بولمامدۇ ؟
-بىرەر ئىش بارمىدى ؟
-كەچتە مەن بىلەن ئولتۇرىڭە ؟
-راسمۇ يا ؟
-يالغىنى بارمىدى ئەمسە ؟
-ياقەي ، ئاڭلىسام مۇھەببەت تىپىۋاپسىز ، مۇھەبىتىڭىز خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن دەيمىنا ؟
-نىمە مۇھەببەتكەن ئۇ ، ۋاقتىڭىز بارمۇ يا؟
-مەن ئويلىشىپ باقاي !-دىدى ئۇ جۇدۇنۇم ئۆرلەپ تۇرغاندا ئەركىلەپ  .
-ۋاي ۋاي ، زادى ۋاقتىڭىز بارمۇ يوقمۇ ؟
- ھى ھى  با با بولدى سىز بىلەن باراي ، نەگە بارىمىز ؟
-ك ت ۋ غا بارايلى .
-ئىككىمىز يالغۇزما ؟
-كىمنى ئىلىۋالغۇڭىز بار؟
- ھىچكىمنى، مەيلى ئەمسە مەن جابدۇپ بولۇپ سىزگە تىلفۇن قىلاي !
-مىنىڭ ئادم ساقلاش بىلەن خوشۇم يوق بالدۇراق بولارسىز .
- ھى ھى  ماقۇل .
    تىلفۇننى قويۇپ گۇلبانۇغا يەنە تىلفۇن قىلدىم ،يەنە ئىتىك ... كارۋاتتا بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىمچە ئۇزاققىچە يىتىپ كىتىپتىمەن . توۋا ئۇ قىز مىنى ئالداۋاتامدۇ نىمە ؟ ئالدىنقى قىتىممۇ شۇنداق بۇ قىتىممۇ شۇنداق  ، يا بولمىسا مەن بەك يىقىنچىلىق قىلىپ كىتىپ بارغاچقا ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۇرىۋاتامدۇ يا ؟  يا بولمىسا مىنى سىناۋاتامدۇ ؟ .... كاللامدا مىڭ خىيال بىر كەمدىن كىيىن تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى ، مەن گۇلبانۇممىكىن دەپ ئىكرانغا قارىسام سۈمەييە ئىكەن . ئۇ ئەركىلەپ :
-ئالو !- دىدى.
- ھە ئالو ، تەييار بولۇپ بولدىڭىزما ؟
- ھەئە سىزچۇ؟ مەن ياتىقىڭلارنىڭ ئالدىدا،- توۋا سۈرئەت دىگەن باركەن ھە !دىدىم ئىچىمدە :
-مەن ھازىرلا چۈشەي !
-بولىڭە سىزنى ساقلاپ قالدىم .
-مانا ھازىر .
  بىنانىڭ ئالدىغا چىقىتىم ، نىمىسىنى دەي ؟ ئۇ خۇددى ئامىرىكا كىنولىرىدىكى دىسكوخانىدىكى قىزلاردەك ياسانمىسىمۇ ئىشقىلىپ قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ياسىنىپتۇ ، مىنىڭ پاچىقىم بار دىگەندەك كالتە كوسار ، يەنە بىر نىمەممۇ بار دىگەندەك ياقىسى خىلىلا ئويماق كۆڭنەك ... چاچ دىگەننى مەنمۇ تەسۋىرلەپ بىرەلمىگىدەك ئىشقىلىپ بىر خىل پاسون .... مەن :
-ساقلىتىپ قويدۇم ھە ؟
-ياقەي !
- سىزگە بىر گەپ دەي ھە ، چوقۇم ماقۇل دەڭ ؟
-نىمە گەپ دەڭە ئاۋال ؟
-كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ چىققان بولسىڭىز بولاپتىكەن ، مەن ساقلاپ تۇراي -دىدىم بەكمۇ تەسلىكتە ، ئۇمۇ بويانلىرىدىن تارتىپ قىزىرىپ كەتتى .
-ماقۇل ...- ئەمسە ساقلاپ تۇرۇڭ ،- ئۇ ئوشۇقمۇ گەپ قىلماي كىرىپ كەتتى .  
   توۋا ، مەن نىمە بولاۋاتىمەن ؟ نىمىگە سۈمەييەنى چاقىرىپ چىققىنىمنى ئۆزەممۇ تازا بىلەلمەيمەن ، گەرچە سۈمەييەنى ساقلاۋاتساممۇ يەنىلا خىيالىمدا گۇلبانۇم ، كاللام بىر خىل گادىرماچ  ، چۈشىنىكسىز  خىياللار ئىچىدە ...

-بۆھ !-چۆچۈپ كەينىمگە قارىسام ، سۈمەييە چىقىپ بولاپتۇ ، ئۇ بىر پىرقىرىۋىتىپ :
-بۇ كىيىمىم قانداقراقكەن ؟-دىدى .
-ھە بۇ خىلى بولىدىكەن.
-زاماننىنڭ كەينىدە قالغان .
-ئىشقىلىپ سىز بىلەن ئۇنداق ماڭسام ،تونۇشلار ھەدەڭما؟ دەپ سورىمىسۇن دىدىمغۇ ، خى خى .
-ساراڭ ، ئۇنداق بولسا ھازىر سوراپ قالسا نىمە دەيسىز ؟
-مۇھەبىتىم دەپ قويەمەن ھى ھى .
-2-مۇ 1-مۇ؟
- ۋاي بولدى ماڭايلى !
  ئۇ ھىجاراپ كىلىپ مىنى قولتىقلىۋالدى . مەنمۇ ئۇشۇق گەپ قىلمىدىم . ئۇ قىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن مەكتەپتىن 3 بىكەت يىراقتىكى بىر ك ت ۋ غا باردۇق . ..
  ئەتىسى ئەتتىگەندە  بىشىم ئاغىرىپ ئويغىنىپ كەتتىم ، قارىسام بىر ياتاقتا يىتىپتىمەن  ، يەنە بىر كارۋاتتا سۈمەييە . بۇ نىمە ئىش  ؟ ھە نىم بولسا قارىسام ئۈستىمدە كىيىملىرىم ، باركەن بىر ئايىغىمنى ساپتىمەن بىرىنى سالماپتىمەن ، كىيىملىرىم قۇسۇق يۇقى ، بىشىم بولىشىغا لوقىلداپ ئاغرىيتى ، ئاخشامقى ئىشلار غۇۋا ئىسىمدە  .
مەن ئۇنى ئويغاتتىم ، قارىسام بىر يۈزىنىڭ يىنى كۆكىرىپ ئىششىپ كىتىپتۇ . مەن ئۇنىڭدىن :
-بۇ يەرگە قانداق كىلىپ قالدۇق ؟-دەپ سورىدىم . ئۇ ماڭا تەتۈر قاراپ گەپ قىلمىدى ، مەن :
-بىرەر ئىش بولدىما ؟ ماڭا نىمىگە ئاچچىقلاپ قالدىڭىز ؟-ئۇنىڭ ئاغزى ئىچىلىشقا باشلىدى :
-ھىم سىزمۇ ئوغۇل بالا بولدىڭىزما ؟  ئاخشام ياخشى مەن بولۇپ قاپتىكەنمەن بولمىسا كۆرىدىغان كۈنىڭىز باركەن ، ئىچمەڭ دىسەم :<سىنىڭ نىمە كارىڭ !>دەپ بولىشىغا ئىشتىڭىز ، ئاندىن قۇستىڭىز  ، ئاشۇ يەردە يۈزۈمنى بەكلا تۆكىۋەتتىڭىز ، ساۋاقدىشىم بولۇپ قاپسىز بولمىسا شۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ كىتەتتىم ، بۇ ياتاققىمۇ ئاران تەستە سۆرەپ ئىكىردىم  ، مەن داۋخو ئايىغىڭىزنى سالغۇزۇپ قوياي دەپ بىر پۇتىڭىزنىڭكىنى يىشىشمغا :< ماڭا يىقىن كەلمە قانجۇق > دەپ بىرنى تەپتىڭىز  ، خەپ ! تىخى ئۇنى ئاز دەپ كەچكىچە گۇلبانۇم ، گۇلبانۇم دەپ چىقتىڭىز ،-ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن سۆزلەۋاتاتتى ، مەن بولسام بىشىمنى ئىچىمگە تىقىپ ئاڭلاۋاتاتتىم ، -ئەسلى خەققە ئۆچىڭىز باركەندە ، مىنى ئولتۇرۇپ ، ناخشى ئىيتىپ كىلەيلى دەپ  چاقىرسىڭىز تىخى ئوشۇق ئويلاپ كىتىپتىمەن . ..
  ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىقىۋاتقان يىشىغا ، بولۇپمۇ مەسچىلىكتە تىپىپ كۆكەرتىۋەتكەن  يۈزىگە قاراپ بەك ئىچىم ئاغىردى . ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ  قولۇم بىلەن يىشىنى ئىيتىپ قويسام مەيدەمگە بىشىنى قويۇپ تىخىمۇ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى . ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولۇپ كەتتى . كىچىكىمدىن باشلاپ قىز بالىنىڭ كۆز يىشىغا چىدىيالمايتىم  ، سىڭلىمنى مەكتەپتە  بىرەرسى يىغلاتسا ، ياكى بوزەك ئەتسە  جىنىمنى  تىكىپ قوياتتىم . مەن ئۇنىڭغا:
- مەن مۇنچىغا چۈشۈپ چىقاي بەك ھاراق پۇراپ كىتىپتىمەن ، ئاندىن دوختۇرخانىغا بارايلى ، مىنى كەچۈرۈڭ ئاخشام خۇدۇمنى ئۇخماي قاپتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانچە ھاراق ئىچمىگەندىكى ئىتتىكلا مەسىت بولۇپ قاپتىمەن .
  بىز ياتاقتىن چىقىپ ، دوختۇرخانىغا كىرىپ ئۇمىڭ  يۇزىنى تاڭدۇرۇپ دورا ئىلىپ چىقتۇق  ، ئۇ يىنىمدا ماڭاتتى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا قارىسام ئۇمۇ ماڭا قاراپتىكەن ، كۆزلىرىمىز دوقۇرىشىپ قالدى ،  ئەتتىگەنكى ئىللىق  قۇياش نۇرى ئۇنىڭ چرايىنى تىخىمۇ نۇرلاندۇرىۋەتكەنىدى ، مەيىن شامال ئۇنىڭ دولىسىغا چۈشىرىۋالغان چاچلىرىنى يەلپۇتۇپ تۇراتتى .  كاللامدىن  :<<بۇ قىز ئەسلى گىرىىم قىلمىسا نەچچە ھەسسە چىرايلىقلشىپ كىتىدىكەن .>> خىيالمۇ كەچتى .  ئۇ :
-نىمە بولدى قاراپ كەتتىڭىزغۇ ، بانۇرىڭىزغا ئوخشىتىپ قىلىۋاتامسىز ؟-دىدى .
-ياقەي ، سىز گىرىم قىلمىسىڭىز تىخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىدىكەنسىز ، ئاۋۇ ئاق داكىمۇ بەك يارىشىپتۇ .
-ۋىيى ما  گىپىنى بەك ئەسكىكەنسىز ،-دەپ  ئۇ مىنى قولتۇقلىۋالدى. كۆزەمگە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆزىگە لىق ياش ئىلىپ ماڭا  قارىدى .  مەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ :
-مىنى كەچۈرۋىتىڭ ھە سۇمەييە ، مەن مەسلىكتە ھىچنىمىنى بىلمەپتىمەن .
-ئىپادىڭىزغا قارايمەن ! ھى ھى .
-بولىدۇ ئىپادەمنى چوقۇم ياخشىلايمەن ، نىمە يەيسىز؟
-سىز نىمە يىسىڭىز مەنمۇ شۇنى يەيمەن ؟
-مەن ياپىلاق توغرانغان ئىشەك گۆشى يەيمەن ، يەمسىز ؟
-ھى ھى مەينەت ، ساراڭ .
-كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچەيلى .
-مەيلى .
...  
   شۇنداق قىلىپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم . تىلفۇننى ئاچسام گۇلبانۇم ماڭا 2 قىتىم تىلفۇن قىلىپتۇ ھەم :<<تىلفۇننى ئىچىپلا ماڭا تىلفۇن قايتۇرۇڭ .>> دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويۇپتۇ .مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم :
-ئەسسالامۇئەلەيكوم بامۇ سىز ئەجەپ ئەنسىرەتتىڭىز مىنى؟
-ۋەئەلەيكومئەسسالام   ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ مان ساق سالامەت!-دىدىم توڭلا قىلىپ.
-مەن ئەنسىرمىسەم كىم ئەنسىرەيدۇ ؟ تۈنۈگۈنكى ئىشنى سىزگە نىمە دەپ چۈشەندۈرىشىمىنى بىلەلمەيۋاتىمەن ئەلقۇت؟
-ھىم ، بولدى مەن يا كىچىك بالا بولمىسام ئالدىنقى قىتىممۇ شۇنداق بولدى .
-ياق ياق ، راس گەپنى قىلسام تۈنۈگۈن مىنىڭمۇ سىز بىلەن سۇ ئۈستى باغچىسىغا بىرىپ ئوتتەك ئويناپ كەلگۈم بار ئىدى ؟
-ھە ئۇنداق بولسا؟
-تۈنۈگۈن سىز ماڭا 300 سۇم ئەۋەتىپ بەردىڭىز ، ئۇ يەرگە بارساق خىلى پۇل كىتىدۇ سىزنى يەنە چىقىمدار قىلغۇم كەلمىدى  سىزمۇ ئوقۇغۇچى تۇرسىڭىز شۇ ئاتا ئانىڭىز ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلغا قاراشلىق شۇڭا .
-ئەمسە مىنى ساقلاتقىچە ئۇچۇر ئەۋەتىپ قويسىڭىز بولمامدۇ ،كاللىڭىزغا مىنىڭ سىزنى  ساقلاپ ياتاقتا ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ  تىت -تىت بولۇپ كىتىۋاتقان ھالىتىم كۆز ئالدىڭزىغا كەلمىدىما؟
-سىزگە نىمە دەپ ئۇچۇر يولىىشىمنى بىلەلمىدىم ، ئىشىم چىقىپ قالدى دەي دىسەم تىخى ... مەنمۇ تەڭقىسلىقتا قالدىم ، يەنە بىر كەچۈرۋىتىڭ بولامدۇ جىنىم ؟
  ئويلاپ قالدم ، ئۇمۇ مىنى ئويلاپتۇ . دىمىسىمۇ تۈنۈگۈن پۇلنى بەك تەستە ھەل قىلدىم . يەنە بىر كەچۈرەيچۇ كىلەر قىتىم يەنە ،ۇشۇنداق بولۇپ قالسا گىپىم بار .
- ھە بولاپتۇ ، مەرتەم مەرتەم 3 مەرتەم دەپتىكەن  ، بۇ قىتىم يەنە كەچۈرەي .
-ھى ھى  سىز بەك كەڭ قورسا جۇمۇ جىنىم !
-ھە قورسىقىمنىڭ كەڭلىكىدىن مايكامغا پاتمايۋاتىدۇ ...
-ھى ھى
-ھەي قاچانلىققا  كىلىسىز مەكتەپكە ؟
-مەنمۇ ئىنىق بىلمەيمەن .
-دۈشەنبە كۈنىدىكى  <<تەنھەرىكەت يىغىنى >>  غا كىلەرسىز ، مەن 1500 غا 100 مىتىرغا قاتناشتىم .
- ھە ، ئەسلى بارماي دىگەن سىز قاتناشقان بولسىڭىز مىنىرال سۇنىڭ ئىككى بوتۇلكىسىغا  شىغىل قاچىلاپ بىرىپ سىزگە مەدەت بىرەي ئەمىسە.
-يەنە مۇزىكىىق قوڭغىرىقىڭىز ئالمىشىپ قالارمۇ؟
-ۋاي بولدى ئۇ گەپنى دىمىڭە ؟
-خوپ !
-...

يەنە تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ دۈشەنبە  قىلدىم ، ئەگەرلىكتە بۈگۈن گۈلبانۇم تىلفۇنىنى ئىتۋالسا ياكى ئەرزىمەس باھانىلەرنى تىپىپ كەلمىسە مىنىڭ ئۇنىڭغا دەيدىغان گىپىم بارئىدى ،ئەلۋەتتە . ئەتتىگەندىلا ئورنۇمدىن قوپۇپ  ئۇنىڭغا  :<< خەيىرلىك سەھەر ، ماڭدىڭىزما سىزنى ساقلاپ قالدىم !>> دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم ، بىر كەمدىن كىيىن ئۇ :<<سىز قاچانلىققا يۈگىرەيسىز ؟>> دەپ قايتۇردى . مەن :<<چۈشتىن كىيىن سائەت 2 يىرىملاردا 100 مىتىرغا يۈگۈرەيمەن .>> دىسەم ئۇ :<< ئۇنداق بولسا سىز يۈگۈرگەندە باراي ، ماقۇلما جىنىم ؟>>  دىدى ، سەل ئاچچقىم كەلسىمۇ ، نىمە ئامال مەندە ماقۇل بولدۇم . چۈشتىن كىيىن سائەت بىرلەر ئەتراپىدا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسام خەنزۇغا ئۇرۇۋاپتىمەن :<<你拨打的电话已停机!>> دەيدۇ . يىرىم سائەتتەك يەنە ساقلاپ باقتىم ، يەنە شۇ . بەلكىم تۈنۈگۈن دورا ئىلىپ يىنىدا پۇل قالمىغان بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم ، چىقىپ تىلفۇنىغا 20 سۇم قاچىلاپ قويدۇم ، ئۇرسام يەنە شۇنداق ، يەنە كىرىپ 30 سۇم قاچىلىدىم ئۇرسام يەنىلا شۇنداقكەن . ئاخىرى  كىرىپ سۈرۈشتە قىلسام تىلفۇنىدا 80 نەچچە سۇم پۇل باركەن . بۇ ئىشنى كىرىپ ياتاقدىكىلەرگە دىسەم ئۇلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، ئەنۋەر ئاران كۈلكىدىن ئۆزىنى بىسىۋىلىپ :
  -يې ، قانچىگە كىردىڭ ؟ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ  زاماننىڭ كەينىدە قال دىسە مۇشۇنداقمۇ قالامسەن ؟ توۋا ماۋزىدوڭنىڭ ۋاقتىدا ياشاۋاتقاندەك ھە ؟ ھا ھا ...
- ۋاي دىگىنە زادى نىمە ئىش ؟
-يې ئۇ دىگەن ئاددىي ھۈنەر بىر  قەستەن توختىىپ قويغىلى بولىدۇ تىلفۇننى ، ھاھا ، ئەخمەق نىمىكەنسەن !
   خەپ گۇلبانۇم خەپ ! ئاچچىقىم ماۋۇ قىتىم بىراقلا 100گە چىقتى ، ئۇ قىزدىن ئەمدى ھەقىقىي گۇمانلاندىم . راس ماۋۇ ئىشنى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تىلفۇن پۇلى تۈگسىمۇ 24 سائەتكىچە تىلفۇن ئالغىلى ئۇچۇر كۆرگىلى بولىدۇ ،ھە ؟ ماۋۇنى ھەجەپ ئويلىماپتىمەن ...
چۈشتىن كىيىن مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا بەدەن قىززىتقاچ بوغالتىرلىق ئىنىستوتى ئولتۇرغان يەرگە بىرىپ شۇنچە قارىساممۇ ئۇ قىزنىڭ قارىسىنى ئۇچرىتالمىدىم . قىرىشقاندەك ئۇ قىزنى ئىزدەۋاتسام  سۈمەييە يىنىمغا كىلىۋىلىپ ماڭا مەدەت بىرىپ ، سۇ تەڭلەپ كەتتى . ئاچچىقىمدا بىر سىلكىۋىتەي دەپ ئويلاپ تىخى ساقايمىغان يۈزىگە قاراپ سوغۇق كۈلۈپ قويدۇم ، مۇسابىقىدە ئاچچىقىمدا قاتتىق يۈگۈرۈپ 1- بولۇپ كىتىپتىمەن ، ئۆزۈمگە ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم . يۈگۈرۈپ كەلسەم يەنە شۇ سۈمەييە مىنى يۆلەپ ، ماقتاپ دىگەندەك ... ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلۇقىمغا كىرمەيتى .
  كەچتە تىلفۇن قىلسام 2 سائەتتەك ئۇلانمىدى ، خەق بىلەن سۆزلىشىۋاتىپتۇ . ئاخىرى سائەت 12دىن ئاشقاندا خەق بىلەن پاراڭلىشىپ بولدى . تىلفۇن قىلسام ئالدى ، مەن :
-كىم بىلەن شۇنداق ئۇزۇن پاراڭلىشىپ كەتتىڭىز ؟-دىدىم توڭلا قىلىپ :
-شۇ دادام بىلەن .
-ماۋۇ گەپنى مىنى كىچىك بالا چاغلاپ قاپسىزدە ؟ دادىڭىز بىلەن ساق 2پاراڭلىشىپسىزدە ؟
- شۇ شۇنداق بولۇپ قالدى ، بىشىم ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ ، مەن ئۇخلاي !
-نىمىنى ئۇخلايسىز ؟ باياتىن بىرى سىزگە 2 سائەتتەك تىلفۇن قىلدىم .
-نىمە گەپ بارتى؟
-بۈگۈن كەلدىڭىزما مەكتەپكە ؟
-ھەئە باردىم لىكىن تىلفۇنۇم توختاپ قاپتىكەن سىز بىلەن ئالاقە قىلامىدىم .
-ھىم تىلاۇنىڭىز توختاپ قالدى ھە؟
-ھە
-ئەتتىگەن ماڭا ئۇچۇر قايتۇردىڭىز ھە ؟
ھەئە
-دىمەك ئەتىگەندە تىلفۇنىڭىز تىخى توختىمىدى دىگەن گەپ ، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 24 سائەت ئىچىدە  تىلفۇن توختاپ قالسىمۇ كەلگەن تىلفۇننى ئالغىلى بولىدۇ ، سىزنىڭ ئالاھىدە ئوخشىمامدۇ ؟ بەلكىم تاپشۇرۋالغانسىز مان ئەخمەق بىلمەي تىلفۇنىڭىزغا 50 سۇم قاچىلىۋىتىپتىمەن !
-ۋىيى قاچىلىغان پۇلغا ئىچىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ !
-ياق، ئاغرىغان يۈرىگىمگە ، بىچچارە ھىسياتىمغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ.
-ئەمدى ئۇخلايلى ! قالغان گەپنى كىيىن دىيىشەيلى ماقۇلما؟
-توختاڭ !
-مەن ئۇخلىدىم بىشىم بەك ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ .
  ئۇ شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويىۋەتتى ، ئاندىن ئىتىۋەتتى . ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھىس قىلدىم !   توۋا ، مەن نىمە بولۇپ قالدىم ؟ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ :<<ھىسياتنى ئەقىل ئۈستىگە مىنىدۈرۈپ قويساڭ غاپىللىققا قاراپ يول ئالىسەن !>> دىگەن گەپلىرى كەلدى . توۋا ، نىمىشقا بۇ  ئىشلارنى ماۋۇ كور ھىسيات كۆزەمدە ئەمەس بەلكى ئەقىل كۆزۈمدە كۆزۈتەلمىدىم ... شۇ كۈنى قانداق ئۇىلاپ قالغىنىمنى بىلمەپتىمەن . ئەتىسى چۈشتىن كىيىن ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىپ ئەڭ كەينىدە قەلدىم . ئاندىن كىيىن سۈمەييە بىلەن مەكتەپ باغچىسى ، يەنى بىزنىڭ ياتاقدىكىلەرنىڭ گىپى بويىچە <<ھايۋاناتلار باغچىسىغا>>   بىرىپ ،ئولتۇرۇپ ھەممە ئىشنى دەپ بەردىم . ئۇ ماڭا ئۇ قىزنى سۈرۈشتۈرۈپ بەرمەكچى بولدى ئۇنىڭ تىلفۇنىغا رەسىمىنىمۇ كىرگۈزۈپ بەردىم ،لىكىن سۈمەييەنىڭ سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئىلان قىلىشنىشىچە ، بوغالتىرلىق ئىنىستوتىدا ئۇنداق قىز يوق بولۇپ چىقتى ...
   بىر ھەپتە بولدى كاللام قۇپقۇرۇق ، ئۆز ئۆزەمگە :<<ئاشۇنداق بىر ئالدامچى ئۈچۈن نىمىگە ھەسرەت چىكىسەن !>> دىسەممۇ ، قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرى بىر خىل ئىيتىپ بەرگۈسىز پۇچلىناتتى ، شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بىرى بىرىگە بۇنداق ھىسسياتتا بولۇپ باقماي تۇنجى قىتىمدىلا  كەلگەن بۇ زەربە قەلبىمنىڭ نازۇك يەرلىرىنى ئازاپلايىتتى ، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسام  ئۇلانمايدۇ   ، مىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋىتىپتۇ . خەقنىڭ تىلفۇنىدا تىلفۇن قىلىپ :<<مەن ئەلقۇت پاراڭلىشايلى !>> دىيىشىمگە تىلفۇننى قويىۋىتىدۇ .  بىر كۈنى بۆرتالانىڭ رايۇن نۇمۇرى باشلانغان بىر تىلفۇن كىلىپ قالدى ، نۇمۇرغا قاراپ يۈرۈكۈم سىلىپ كەتتى . مەن :
-ئەسسالاممۇئەلەيكوم !-دەپ تىلفۇننى ئالدىم .
-ۋەئەلەيكومئەسسالام ، ئەلقۇت بولامسىز ؟-بىر ئوتتۇرا ياش كىشىنىڭ ئاۋازى ئىدى .
-ھەئە ئۆزىڭىز ؟
-مەن گۇلبانۇمنىڭ دادىسى بولىمەن ، سىزگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى ،- ئۈستۈمدىن بىرى بىر چىلەك سۇ قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم ، ئۆزەمنى ئوڭشاپ :
- ، ھە ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ، ھاممالار سالامەتتۇ ؟
-ھەئە سالامەتچىلىك ، شۇ ئالدىنقى قىتىم گۇلبانۇم ئۆيگە كەلگەندە ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى دىگەنىدى ، بىز خۇشال بولغانىدۇق ھەم جىق تەربىيە بەرگەنىدۇق ،  لىكىن تۈنۈگۈن تاغىسى تىلفۇن قىلىپتىكەن بىر نەچچە كۈندىن بىرى تاماقمۇ يىمەپتۇ ، مەكتەپكىمۇ بارماپتۇ  ، ئۇ ئۇنداق گەپلەرنى سورىيالماپتۇ  ، سىز ئۇنىڭ بەلكىم تۇنجى مۇھەبىتى ئاراڭلاردا بىرەر ئىش بولغانمىتى ؟ مەن ئەمدى دادىسى بولغاندىكىن ئامال يوق سىزگە تىلفۇن قىلدىم توغرا چۈشۈنەرسىز ؟

- ھە ، بەكمۇ چوڭ ئىش يوق ، شۇ كىچىككىنە گەپ تەگىشىپ قالغانتۇق يامانلاپ قالغان ئوخشايدۇ ، تىلفۇن قىلسام ھىچبىر ئالاي دىمەيدۇ . - مەن گاڭگىراپلا قالدىم ، ئەمدى دادىسىغا ئۇ گەپلەرنى دىيىشنىڭ ئورنى يوق دەپ ئويلىدىم  ،دادىسى نىمىگە ماڭا تىلفۇن قىلىپ يۈرۈيدۇ ؟ بەلكىم بىر تاللا قىز بولغاندىكىن ھەم مىنكاۋخەن بولغاندىكىن گەپلىرىنى ئۆيدىكىلىرىدىن ئايىماي، بەلكىم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى مۇشۇنداقتۇ ، ئالدىنقى قىتىم ياسىنمۇ مۇھەبىتىنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرەشتىغۇ تىلفۇندا .  
-ھە ئۇنداق بولسا بالام ، ياخشى ئۆتەڭلار ، گۇلبانۇنىڭ سىنىپىدا ئۇيغۇر يوقكەن ، ئۆزى يالغۇزلا يۈرۈيدىكەن مەكتەپتە ، بىزمۇ شۇ بىرەر ئوغۇل دوس تاپسا بەلكىم ياخشى بولۇپ كىتىەر دەپ ئويلىغانىدۇق ، ئۇ بەك ئوچۇق يورۇق ، كچىككىدىن ئەركە ئۆگىنىپ قالغان ،سەل ئەركە مىجەزى كۆپ  ، ئانچە -مۇنچە ئوتۈپ كەتسە ھەممىمىز ئەركەك بولغاندىكى سەل كەڭ قورساق بولساق بولىدۇ .
-چۈشەندىم ئاكا ، مەن ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ياخشى ئۆتىمەن.
-ھىم ،ياخشى مەن تىلفۇن قىلىپ دەپ قوياي سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزنى ئالسۇن ، سىزگە ئىشىنىمەن!
-رەھمەت ماڭا ئشەنگىنىڭىزگە ، ئۇنى چوقۇم قەدرلەيمەن !
-ھىم ، خىلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم تەتىلدە بىكار بولسىڭىز بۇ يەرلەرگە كىلىپ تۇرۇپ كىتىڭ !
-ۋاقتىم چىقسا چوقۇم بارىمەن!
- ئاللاغا ئامانەت بالام ئەمسە .
-ئاللاغا ئامەنەت ھاممامغا سالام ئىيتىپ قوياسىز .
-بولىدۇ بولىدۇ ...
   يەنە كاللامدا جەڭ پاتىلاپ كەتتى ، زادى قانداق قىلسام بولا ؟  
:<<ئۇ قىز ئالدامچى بولسا ھەر قانچە بولسىمۇ دادىسى تىلفۇن قىلىپ يۇرمەس ؟  دادىسى بولمىسىچۇ ؟>> <<  ياق ياق دادىسى ئەلقۇت ، گەپلىرىگە قارا ، ھەم نۇمۇرمۇ بۆرتالانىڭ نۇمۇرى . >> << ئۇنداق بولسا سۈمەييە ئۇنداق قىز يوقكەن بوغالتىرلىق ئىنىستوتىدا دەيدىغۇ ؟>> << بۇ گەپكە ئىشەندىڭما ؟  بىلىپ قوي سۈمەييەنىڭ ساڭا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ ، بەلكىم قەستەن قىلدى ، يەنە ئويلا ! شۇنچىلىك چوڭ بىر ئىنىستوتتىن بىر قىزنى تىپىش ئانچە ئاسان ئەمەس  ، ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس !>> << ئەمسە قانداق قىلىمەن ؟>> << تىلفۇن قىلىپ باق ، ئىشقىلىپ ئۆزەڭمۇ ياخشى كۆرىسەن  ، بىر كۆرىشىپ باقمامسەن؟>> <<......>>  .
  شۇنداق قىلىپ گۇلبانۇمغا يەنە تىلفۇن قىلىنىپ كەتتى ، ئەمما مەن قىلمىدىم ئۆزى قىلىنىپ كەتتى . خىلى ئوزاق سايرىغاندىن كىيىن ئالدى تىلفۇنىنى :
-ۋەي !
-ۋەي گۇلبانۇم ياخشى تۇردىڭىزما ؟
-ياخشى ئەمەس ، ئالدامچىغا تىلفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ سىزنى يەنە ئالدىۋىتىمەن .
-نىمىلەرنى دەيدىغانسىز ، مىنىڭ ئورنۇمدا تۇرۇپ ئويلىنىپ بىقىڭە ؟
-ئەلقۇت يىنىمغا پۇل چۈشكەندە پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرىمەن .
-ۋوخخو يەنە شۇ گەپما؟  پۇلنىڭ گىپىنى قىلماڭ بولامدۇ ؟ بايا دادىڭىز بىلەن تىلفۇندا پاراڭلاشتىم .
-دادام سىزگە راس تىلفۇن قىلدىما؟
-ھەئە .
-ماۋۇ ئىشنى قىلما دەپ شۇنداق دىسەممۇ ؟ نىمە دەيدۇ ؟
-سىزنى ئاغىرىپ قاپتۇ ، ياخشى ئۆتەڭلار بىر بىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار!- دىدى.
-سىز مىنىڭ كۆڭلۈمگە ئازار بەردىڭىز ،- ئۇ مىشلداپ يىغلاشقا باشلىدى . ماۋۇ گەپنى  ، ئاچچىقىمدا بىر سۆزلەي دەپ ئويلاپ ، دادىسىنىڭ ئوغال بالا سەل كەڭ قورساق بولىشى كىرەك دىگەن گىپى ئىسىمگە كىلىپ قالدى .
-كەچۈرۈڭ ، 3 قىتىم كىلىمەن دەپ كەلمىگەچكە مىنىڭمۇ ئاچچىقىم كىلىپ قاپتۇ .
-بىلىمەن  بىلىمەن ، سىزگە مەنمۇ نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيمەن!
- بولدى بولدى ، ئۆتكەن ئىشنى تەگىمەيلى .
-ئەلقۇت!-دىدى ئۇ بىر خىل تىترەڭگۈ ئاھاڭدا :
-ھە ، نىمە گەپ بولسا دەڭە !
-مىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟
-سىز دەپ بىقىڭە ؟
-سىزدىن سوراۋاتىمەن .
-سىز مىنى ياخشى كۆرگەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى كۆرىمەن سىزنى !
-مەنمۇ شۇ جىنىم ، ھى ھى -ئۇ يىغا ئارىلاش كۈلدى . مەندە   ئەتراپىمدىكى تۇمانلار تارقاپ كەتكەندەك ، يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەمنى تاپقاندەك بىر خىل ھىسيات بولدى . ئۇ يەنە :
-ئەسلى سىزگە تىلفۇن قىلىپ كەچۈرۈم سوراي دىگەنىدىم ، لىكىن مىنى ئالدىدىڭىز دىگەن بىر گىپىڭىز مىنى نەچچە كۈن يىغلاتتى ، قولۇم تىلفۇنغا كىتىدۇ ، لىكىن ئۆزەمنى بىسىۋىلىپ يەنە ئۇرمايمەن . ئەسلى يىنىمغا پۇل چۈشكەندە پۇلىڭىزنى ئىلىپ بىرىپ :<مەن سىزنى ئالدىمىغان ھەقىقى ياخشى كۆرگەن > دەي دىگەنىدىم .
-ۋاي جاھىل ، مەنمۇ بۇ كۈنلەرنى بەك تەستە ئۆتكۈزدۈم . ئەمدى قانداق گەپ بولسا ئاياشماي دەيلى ماقۇلما ؟ مىنى ئۆزكۆرۈڭ ، ھە راس قاچانلىققا كىلىسىز ؟
- يەكشەنبە بارىمەن!
-ۋايجان ، يەنە   4 كۈن ساقلامدىم .
-ساقلىيالمامسىز ؟
-ساقلىشىم ساقلايمەن ، لىكىن سىزنى بەك سىغىنىپ كىتىدىكەنمەن !
-ھى ھى
-كۈلۈۋاتىسىزغۇ ؟
- بۇ بىر بەخىت كۈلكىسى .
-ۋاي ماۋۇ شائىرنى .
- ھى ھى ئەلقۇت مىنى سۆيەمسىز ؟
-بايا دىدىمغۇ ؟
-ئەمسە مىنى تىلفۇندا بىرنى سۆيۈپ قويىڭە؟
-يوق گەپنى قىلمىڭە ؟ ئادەمنى ئىزار تارتقۇزماي .
-بولىڭە ، مۇھەبىتىم بولغاندىكى .
-توختاپ تۇرۇڭ ھە ، مەن سىرتقا چىقاي .
- ھا ھا  تارتىنچاق ، چىقتىڭىزما ؟
-ھەئە چىقتىم .
-بولىڭە ؟ - تىلفۇننىڭ يىنىغا ئازىمنى ئەكىلىپ :<<ھاببا >>  دەپ قويدۇم .  
-ھى ھى ، ھەي مەن بەك كەيفاڭ ھە ، ياتاقتىكىلەرمۇ  ئوغۇل دوستىغا شۇنداق دەيدۇ .
-بەك شەيتانكەنسىز ، شۇلارنى دوراپسىزدە .
-ھى ھى ...
  توۋا ، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئويلىرىنى، قەلبىمدىكى مەن تاپماقچى بولغا قىزنى ، بولۇپمۇ خاتىرەمگە يازغان :<< سەن قارىساڭ ساڭا قاراپ كۈلگەن قىزنى ئەمەس ، بەلكى لەپپىدە قىزارغان قىزنى مەڭگۈلۈك ھەمرا قىل ، ئۇنىڭ قىزىرىشى گويا ئەتتىگەندىكى  شەپەق قىزىلى  ، ئۇنىڭ قىزارغان يۈزىدە مىللىتىڭنىڭ ئىتىقادى ، شەرمى ھاياسى ئەكىس ئىتىدۇ ، بۇ نىمىدىگەن تەڭداشسىز ساپ گۈزەللىك ھە ! ئۇنىڭدىن ئۆتە گۈزەللىك ئىزدەپ نەگە بارىسەن ، ئەگەر بارساڭ ماڭغان پۇتلىرىڭ ئاقساق ، قارىغان كۆزلىرىڭ ئەما ، بولۇپمۇ قەلبىڭ ئەما بولىدۇ .... >> دىگەن قۇرلارنى  ئۇنتۇپ كەتىتىم ، ئىدىيەلىرىم ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە  بويىچە مىڭىۋاتاتتى ، كۆڭلۈم بىر خىل ئۆز ئۆزۈمگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم .  لىكىن كۆڭلۈم ھەممە ئەيىپلەرنى ئاقلالايتى  راس ، ئولتۇرىۋىلىپ مۇھەببەت توغۇرلۇق ھەر خىل فورمىلالارنى ئىجاد قىلىپ ئۇنى ھەر تەرەپكە سۆرەپ باقساقمۇ لىكىن شۇ ئىش ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىشىغا كەلگەندە ، كۆڭۈل دىگەن بۇ نەرسە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن ، ھەر قانداق قانۇنىيەت بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تەتۈر ھۆكىمنى تىپىپ بىرەلەيدىكەن  . بەلكىم ھەقىقىي قەھرىمانلار ئۇنىڭغا قارشى چىققاچقا كۆڭۈلنى بويسۇندۇرغاچقا   نامى تارىخنىڭ شانلىق مۇقەدىمىسىدە جۇلالالىنىپ تۇرغانمىكى ....
  شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئەپلىشىپ بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايىتتۇق ، راس گەپنى قىلسام سۈمەييە ماڭا بەلكىم  قارا سانىغان بولىشى كىرەك دەپ ئويلىدىم ، ەۇمان قىلغانسىرى راستەكلا بىلىنىپ كەتتى . ئۇنىڭ دەرستە يىنىمغا كىلىپ ئەركىلەشلىرىگە ، ئۇنى بۇنى  قىلىشلىرىغا پەرۋا قىلمىدىم ... .
ئارىدىن  3 كۈن ئۆتتى  ،  ئۇنىڭ تىلفۇنى تولىسى <<通话中>> بولۇپ قالاتتى ، سورىسام  پالان دوستۇم ، پوكۇن دوستۇم ، مەن  دوستۇم بىلەن پاراڭلاشسام بولا ؟ دىگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى ...  شەنبە كۈنى ياتاقتا پۇتبول مۇنبىرىگە  bbs.putbol.cn>> چىقىپ    خەۋەر كۆرۈپ ئولتۇرسام ، بىرى كىيۇكىيۇرىمنى قاتتى قارىسام تونۇمايدىغان ئوغۇل بالىكەن ، مەن رەت قىلىۋەتتىم <<ئەمما قىز بالا بولغان بولسا قىتىپ قوياتتىم  ھى ھى>> ، يەنە قىتىپ سۆز قالدۇرۇپ قويۇپتۇ ، ئۇ گۇلبانۇمنىڭ نۇمۇرىنى يىزىپ<< ماۋۇ نۇمۇرنى تونامسەن پاراڭلىشايلى !>> دىدى . مەن شۇ زامانلا كىيۇ كىيۇ رىنى قاتتىم . ئاندىن :
-ياخشىمۇ سەن كىمۇ؟ مىنىڭ كىيۇ كىيۇرىمنى قانداق قاتتىڭ ؟ _ دىدىم .
-ئالدىرىما ؟ ماۋۇ نۇمۇرلارنى تونامسەن ؟- ئۇ گۇلبانۇمنىڭ  كىيۇ كىيۇ ، تىلفۇن نۇمۇرلىرىنى ئەۋەتىپ بەردى .
-سەن كىمۇ زادى ؟ مىنى قانداق قاچىلىغىنىڭنى دەپ بەرسەڭ سەن بىلەن پاراڭلىشىمەن ، بولمىسا كىيۇكىيۇ رىڭنى يۇيىۋىتىمەن !
ئۇ گۇلبانۇمنىڭ  كىيۇكىيۇ بوشلۇقىدىكى ، مەن ئۇنىڭ بوشلىقىغا كىرگەن ئىزىمنى كىسىپ ماڭا ئەۋەتىپ بەردى .

ئۇ گۇلبانۇمنىڭ  كىيۇكىيۇ بوشلۇقىدىكى ، مەن ئۇنىڭ بوشلىقىغا كىرگەن ئىزىمنى كىسىپ ماڭا ئەۋەتىپ بەردى . ئاندىن :
-مەن بىلەن پاراڭلىشامسەن ؟-دەپ سورىدى .
-سەن كىمۇ ؟ ەۇلبانۇم بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭ بار ؟
-سەنچۇ ؟ بۇ گەپنى مەن سورىسام بولىدۇ ئەسلى .
- ھى ھى  ما گەپنى ماقۇل ئاڭلا ئۇ مىنىڭ مۇھەببىتىم .
-راس دەۋاتامسەن يا؟
-يالغىنى بارمىكەن ئەمسە؟
-مەنمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتى .
-بولدى بولدى ، مۇشۇ كىيۇكىيۇ دىگەن نەرسىدىن جاق تويدۇم جۇما؟
-توختاپ تۇر ھە؟
  ئۇ ماڭا گۇلبانۇم ئەۋەتىپ بەرگەن رەسىملەرنىڭ ھەممنى ئەۋەتىپ بەردى ، تىخى ئۆزىنىڭ رەسىمى بىلەن ئۇ قىزنىڭ بىر رەسىمنى كىرىشتۇرۇپ لاھىيلىۋاپتۇ . مىنى توك سوقىۋەتكەندەك بولۇپ كەتتى ، مەن :
-كامىرا بارما؟ يۈزتۇرانە پاراڭلىشايلى  ،-دىدىم ،ئۇ:
-بار سەنمۇ ئاچقىن!- دىدى.
  بىز پاراڭلاشتۇق ئويۇننىڭ قىززىقى ئەمدى چىقتى ،ئۇمۇ بىر ئالدانغۇچىكەن ،ئۇ سانجى ئىنىستوتىدا ئوقۇيدىكەن ،ئۇمۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ دوسىتلار تورىغا كىرىپ قاچىلاپتىكەن ئۇ قىزنى  ، قىززىق يىرى ئۇنى ئالدىغا ئۇسۇلى بىلەن مىنى ئالدىغا ئۇسۇلى ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ چىقتى ، تىخى دورىخانىغا بىرىش يولىدا پورتمالىنى يۈتتۈرۋەتكىنىدىن تارتىپ ئۇ بىچچارە 500 سۇم ئۇرۇپ بېرىپتىكەن كارىغا ، ھەم نۇرغۇن قىتىم تىلفۇنىغا پۇل قاچىلاپ قويۇپتۇ ، ئەڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگىنى ئۇ ئاتايىتىن سانجىدىن بىزنىڭ مەكتەپكە كۆرۈشكىنى كەلگەندە تىلفۇنىنى تىيىڭجى قىلىۋاپتۇ ،ئۇ بىچچارىمۇ  ئاتايىتەن سانجىدىن كەلگەنگە چۇشلۇق كۆرەشمەي ئەكىسچە  تىلفۇنىغا 50 سۇم پۇل قاچىلاپ بىرىپ كىتىپتۇ ،تىخىمۇ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگىنى ئۇ بالا ئۆزى مەكتىپىدىكى قوغلاشماقچى بولغان قىزنى تاشلاپ قويۇپ بۇ دەللىنىڭ گىپىگە مەھلىيا بولۇپ كىتىپ ئۇ قىز ىىلەن كارى بولماپتۇ . تىخىمۇ قىززىق يىرى ئۇنىڭغىمۇ بورتىلانىڭ رايۇن نۇمۇرى بىلەن باشلانغان نۇمۇردا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم تىلفۇن قىلىپ :<<مەن گۇلبانۇمنىڭ دادىسى ، گۇلبانۇم نەچچە كۈن مەكتەپكە بارماپتۇ ، تاماقمۇ يىمەپتۇ ئاراڭلاردا بىرەر ئىش بولغانمىتى ؟>> دەپ تىلفۇن قىلسا بۇ ئاداشمۇ ئىشىنىپ كىتىپ گۇلبانۇمغا تىلفۇن قىلىپ يارىشىپ قاپتۇ . تىخى بۇ دەللە ئۇ بالىغىمۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئاپام دادامغا دىدىم  ، ئۇلار بەك خۇش بولۇپ كەتتى ، دەپتۇ  . ئۇ بالا نەچچە ۋاقتىن بىرى تىلفۇنىنىڭ كەچتە تولىسى :<<通话中》بولۇپ قالغىنىدىن گۇمانلىنىپ ئۇ قىزنىڭ كىيۇكىيۇ بوشلىقىغا كىرگەن ئوغۇل بالىلارنى قاچىلاپ پاراڭلىشىپ ماڭا كەپتىكەن   . ئۇ ئىغىر ئۇ ھ تارتىپ :
-ئاداش بىز ئوغۇل بالىلار ھىسياتقا بەك ئىتتىك ئالدىنىپ كىتىدىكەنمىز ، راس گەپنى قىلسام پۇلغۇ مەيلىتى لىكىن ئۇنىڭ ياخشى سىلىق سۆزلىرىگە قاراپ ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم ، بولاپتۇ بۇمۇ بىر دەرس بولدى ، لىكىن  دەللە قانجۇق مىنىڭ ھىسياتىمنى ئالدىدى ، نۇرغۇن ۋاقلىرىمنى زايا قىلدۇرۋەتتى ...
-ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن ؟
-ھىلى تىلفۇن قىلىپ راسا بىر تىللايمىكىن دەيمەن .
-ئاخماق بولما ئاغىنە .
-قانداق دەيسەن ؟
-ئۇنداق كەسپىي بەز ، مەرەز پاقىسى ، يۈزى ئىشەكنىڭ تىرىسىدىن قىلىنلاپ كەتكەنلەرگە سىنىڭ تىلىڭ ھەرگىزمۇ ئۆتمەيدۇ ، خۇددى ئوبۇرنىدىكى پوقتەك يۈزىگە چىۋىن قونۇپ قويغاندەك تەسىرمۇ قىلمايدۇ .
-ھا ھا ھا نەق توغرا دىدىڭ ئاداش نەق شۇنداق قىزكەن ، ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟
-بىزمۇ دۈم چۈشۈرەيلى .
-ھەي ئاداش ئۇلار بىزدەكلەرنىڭ نەچچىسىنىڭ بىشىنى پىرقىرتىپ پىرقىرىتىپ قويىۋەتسە ، ئەسلىمىزنى تاپالماي يۈرۈيدىكەنمىز ئۇلارنى دۈم چۈشەرگىلى بولارمۇ ؟
- كاللا ئىشلەتسەك بولىدۇ ،<<تۈرمىدىن قىچىش>>نى كۆرگەنمۇ ؟
-ھەئە كۆرگەن بەك ياخشى كىنو ، لىكىن بۇ ئىش بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار .
-خى خى ياخشى كۆرمەپسەن ئاداش .
-قانداق دەيسەن ئاداش ؟
-كىيىن بىلىپ قالىسەن ، سەن ئەڭ ياخشىسى ھازىر ئۇ <<مۇھەبىتىڭگە>> ئىككىمىزنىڭ پاراڭلاشقىنى ھەرگىز دىمە ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىشىنى پىرقىرىتىپ پىرقىرىتىپ قويۇۋەتكەندە سەن دەپ بەرگىنىمنى ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىپ قاقاقلاپ كۈلسەڭلا بولدى .
-ھى ھى  ئىشقىلىپ دىققەت قىل ئاداش ، نىمە قىلىدىغىنىڭنى مەنمۇ ئوشۇق سورىماي كىيىن دەپ بىرەسە ، يەنە بىر دەپ قوياي دىققەت قىل ، ئۇلارنى بەك بوش چاغلاپ قالما ؟
-ھىم چوقۇم ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ ئىش قىلىمەن.
-شۇنداق قىل ، تونۇشۇپ دوس بولۇپ ئۆتەيلى ئاغىنە .
-بىر دوستۇمنىڭ كۆپەيگىنىدىن خۇش بولدۇم .
-مەنمۇ شۇ!- دىدى ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن .
-ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ئاداش .
-بولىدۇ .
-...
  بىز تىلفۇن نۇمۇرلىرىمىزنى قالدۇرۇشۇپ قويۇشتۇق .
... ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشپ چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالدىم ، ھەي ئەلقۇت كىچىككەنسەن ! دەيتىم ئۆزۈمگە  بۇ قىتىم ئانچە قايغۇرۇپ كەتمىدىم ، قەلبىمنى بىر خىللا چۈشۈنىكسىز ھىسياتلار قاپلىۋالدى ، تۇنجى قىتىم بىر قىزنى ئويلىغان،  شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن گۈزەللەرنى قىلغان بۇ بىچچارە قەلبىم بىر خىل چۈشۈنىكسىز خىياللار ئىچىدە داۋالغۇيتى ،پەقەت بىرخىللا  ... خەپ گۇلبانۇم ئىسىملىك ئالۋاستى ، سىنى ئالۋاستى دىسەم بەلكى ئالۋاستىغا سەل ئۇۋال قىلغان بولامەن ، ئىشقىلىپ ئىنسان نەسلىدىن بولمىغان مەقلۇق ! يەنە قايسى بىچچارە بايقۇشلارنى ئالداۋاتقانسەن ...
  نۇرغۇن خىياللارنى قىلدىم ، ئۇنى دەسستىدىغا قاپقاننىمۇ ئويلىشىپ قويدۇم . ئاندىن سۈمەييەگە تىلفۇن قىلدىم :
-ئەسسالامۇ ئەلكوم !- دەپ ئالدى ئۇ تىلفۇننى .
-ۋوي ۋەئەلەيكوم ئەسسالام !
-ۋوي دەپ كەتتىڭىزغۇ ؟
-ماۋۇ قىتىم ئالو دىمىگەندىڭىز شۇڭا يىڭىلىقلار خاتىرەمگە قىتىپ قويدۇم .
-ھى ھى ، ھە يىڭىلىقلار خاتىرىڭىزدا يەنە نىمىلەر بار ؟
-بىر يەرگە بارمايدىغانسىز ؟
-ياق مىنى كەچكىچە ياتاقتا ئولتۇرمايدىغان كۆرۈپ قالغانما ؟
-ياقەي ، ئەمدى دەم ئىلىش كۈنلىرى<<ئۆگىنىش قىلىپ >> سەل ئالدىراش بولۇپ قالاتتىڭىز دەيمىنا ئەمدى .
- ھى ھى ئەسكىلىكىنى .
-ۋاقتىڭىز بولسا باغچىغا بىرىپ ئايلىنىپ كىلەيلى !
-قايسى باغچىغا بارىمىز ؟
-مەنزىرىسى ئەڭ چىرايلىق ، پۇلنى ئەڭ ئازز خەجلەيدىغانغا خى خى .
-بىرىنجى دەرىجىلىك  <<پىخسىق>>لىق گۇۋاھنىمىسى تارقىتىپ بەرمىسەم سىزگە .
-ياقەي بۇنى پىخسىقلىق دىمەيسىز <<ئىىقتىسادچىللىق >> دەيمىز ، ئۇلۇغ جۇڭخوا مىللەتلىرى ئەزەلدىن ئىقسادچان خەلىق شۇ مەنمۇ شۇنداقتە .
- خى خى  ھىلى كۆرۈشەيلى ئەمىسە !
-ھەي ، بالدۇراق بولارسىز ھە ، مەن سىزنى كۈندە كۆرۈپ تۇرغاندىكى ئۇن خاتىسىغا بىشىڭىزنى ئازراق تىقسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە راس گەپنى دىسەم سىز گىرىم قىلمىسىڭىز نەچچە ھەسسە چىرايلىق بولۇپ كىتىدىكەنسىز .
-ۋىيى قاچاندا تۈگە مۇشۇ گەپلىرىڭىز تۈگۈلۈۋىلىپ گەپنىڭ ئەڭ سىسىقىنى قىلىسىز زادى ، گىرىم قىلماي سىرتقا چىقسام بىر نىمەن كەمدەك بىلىپ قالىدۇ .
-ھە يولدا ساقچىلار گەرىم قىلمىغانلارنى تۇتۇۋاتىدۇ دەيدۇ .
-ھە ماقول ماقول !!! بولدىما؟
- ھى ھى ئىتتىك بولۇڭ ئەمىسە .
-ماقا !  
   توۋا ھازىر كۆڭلۈم جايىدا بولمىسىلا سۈمەييە ئىسىمگە كىلىدىغان بولۇپ قالدى ،  ياتاقدىكىلەرمۇ بۇنى بىلىپ مىنى يەنە شاڭخو قىلىشىپ تۇراتتى :
-ئاداش بايا كۆردۈم سۈمەييە بىر كىلىشكەن بالىنى قولتۇقلاپ كىتىپ بارىدۇ.
-ئاخشام كەينى ئىشىككە چىققانىدىم قاراڭلار بالىلار بىر نوچى ماشىنا كىلىپ توختىغانىدى سۈمەييە دىكىسلاپ چىكىتىپ بارىدۇ ، ئىچىدىكى بىر 50 ياشلىق ئادەمغۇ دەيمەن ھا ھا ھا مانى مەن دىمىدىم ھە  ...
-...
مەن بەزىلەر بىلەن گەپ تەگىشىپ قالسام يەنە بولۇپ بىرەتتى :
-ئەلقۇتچان  سۈمەييە مۇھەبىتىڭلار  بولمىغاندىكى تىرىكمەڭلار بۇلارنىڭ ھەممىسى چاقچاق ، ياىشى كۆرسەڭلار راس گەپنى  دەڭلا بىزمۇ ئۇنداق دىمەيمىز ! ھى ھى .
بۇنداق چاغدا دىمىم ئىچىگە چۈشۈپ كىتەتتى ، راس يا ئۇ مىنىڭ مۇھەبىتىم بولمىسا تىرىكىپ نىمە قىلىمەن ؟
  شۇ كۈنى سۈمەييە بىلەن باغچىغا بىرىپ تازا قانغۇدەك ئويناپ كەلدۇق  ، ھەر قانچە قىلساممۇ  ئۇ مىنى 10 تىيىن پۇل خەجلەتمىدى .
  كەچتە گۇلبانۇمغا تىلفۇن قىلسام 2سائەتتەك ئۇلانمىدى خەق بىلەن سۆزلىشىۋاتىپتۇ ، ھەي يەر شارىنىڭ قەيەرىدە يەنە قايسى بايقۇش ئۇنىڭ جىنىم دىگەن سۆزلىرىگە ئالدىنىۋاتقاندۇ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . ئۇنى بابلاشنىڭ پىلانلىرىنى سوققاش ئۇخلاپ قاپتىمەن.

يەنە تاڭ ئاتتى ، تاڭ ئىتىش بىر خىل نورمال ئەھۋال ،بىز ئادەملەر شۇ نۇرغۇن كۈندۈز ۋە كىچىلەر ئارىسىدا ياشايدىكەنمىز  . مۇمامنىڭ كىچىك ۋاقتقمدا :<<بىز بۇ دۇنياغا قونغىلى كەلگەن مىھمانلار !>>  دىگەن بۇ  گىپىنى چۈشەنمەپتىكەنمەن ، تۇرمۇشنىڭ ئەگرە توقايلىرى ماڭا بۇنۇقتىنى ھىس قىلدۇرىۋاتىدۇ . سانلارنىڭ چىكى يوق لىكىن ھاياتنىڭ چىكى 0 كەن ... بىز تۇرمۇشتا  نۇرغۇن نۇغۇن ئىشلارغا دۇچ كىلىمىز ، شۇ ئىشلاردىن نۇرغۇن خۇلاسىغا ئىگە بولىمىز ، ھەم شۇ يەكۈنىمىز ئاستىدا ئۆزىمىزگە قائىدە ياساپ شۇ قائىدە ئىچىدە ياشاپ  باقماقچى بولىمىز لىكىن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىرىشىش ، ئىتىقاد ، داۋاملاشتۇرۇرش... دىگەنلەر  ئاچچىق رىئاللىق ئاستىدا  قەلىبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بىسىلىپ قالىدۇ ، گىپىم خاتاما ، قايسى ئوغۇل بالىنىڭ ئوغرى ، يانچۇقچى ئاتالغۇسى بار قايسى قىزنىڭ جا... ئاتالغۇسى بار ؟! بۇ خۇددى قىز بالىلارنىىڭ كوچىدا سىتىۋاتقان ، قايناپ كىسلاتالىشىپ كەتكەن يۈندە ياغدا پىشۇرۇلغان مالاچىرنىڭ زىيانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يىيىشىگە ، كىشىلەرنىڭ تاماكىنىىڭ زىيىنىنى بىلىپ چەككەندەكلا بىر ئىش ...  ئۈزۈپ چىقانلارنىڭ تولىسى  ئۆز ئەقىدىسى بىلەن ياشىغانلار بولىشى  ...
   سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم ھە ! گەپكە كەلسەك گۇلبانۇمغا ئەتتىگەندە تىلفۇن قىلسام ئالمىدى . كەچكە يىقىن قىلسام ئۇلاندى ئەمما ئالمىدى ، بەلكىم كەلمەسلىكنىڭ باناسىنى ئويلىشىپ بولالمىغان ئوىشايدۇ ، مەن ئاخىرى :
-جىنىم مەن بەكلا خۇشال بولۇپ كىتىۋاتىمەن  ، ماڭا لاتارىيە چىقتى ، 500مىڭدىن كۆپرەك ، ھىچكىمگە دىمىدىم تىخى ، مەن مۇئەللىمدىن 1ھەپتىلىك روخسەت سوراپ قويدۇم ، پۇلنى ئۆز رايۇنىمىزدىن نوپۇس دەپتىرى ، كىملىك ، گۇۋاھچى دىگەندەكلەرنى ئىلىپ بىرىپ ئالىدىكەنمىز  ، سىزنى مىنى ئۇزۇتۇپ قويغىلى چىقسىكەن دەپ تىلفۇن قىلسام ئىلىنمىدى ، مەن مىڭىشقا تەييارلىنىپ بولدۇم ، كەچ سائەت 8نىڭ ماشىنىسى بىلەن ماڭىمەن ، بىزنىڭ گۈزەل كۈنلىرىمىز تىخى ئالدىمىزدا ، سىزنى سۆيىمەن ! -دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم .
ئالھەزەل بىرەر سائەت ئۆتكەندىكى ، ئۇماڭا ئۇچۇر قايتۇردى :
- راسما ، نىمىندا ياخشى سىز دائىم ئوينايمەن دىگەن ھىلىقى پۇتبول لاتارىيسىما ؟  تىلفۇنۇمنى ئاۋازسىز قىلىپ تەڭشەپ قويغانتىم ، ئاڭلىماپتىمەن جىنىم ، بولمىسا سىزنى چوقۇم ئۇزاتقىلى چىقاتتىم ، يولدا دىققەت قىلارسىز ، بىرىپلا تىلفۇن قىلىۋىتىڭ ، دادام ئاپاملارغا سالام ئىيتىڭ ھى ھى ، مەنمۇ سىزنى بەك بەك بەك سۆيىمەن جىنىم .
ماۋۇ ئۇچۇرنى كۆرەپ قاتتىق كۈلكە بىسىپ كەتتى . مەنمۇ چاندۇرماي :
- ماشىنا ئەمدى ماڭدى ، تىلفۇنۇمغا پۇل قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ، سىز قاچىلاپ قويىڭە  توختاپ قالسا ئەتە ئۆيدىكىلەر ئالدىمغا چىقسا كۆرىشەلمەيمەن جىنىم . ئەمدى قايىتقاندا ئالدىمغا چىقارسىز  ئوماق؟
- ماقۇل مەن ھىلى قاچىلاپ قوياي .ئەلۋەتتە چىقىمەندە ئالدىڭىزغا .
-...
  ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يىزىپ ئۇنى ئوبدانلا ئىشەندۈردۈم . نىمىسىنى دەي تىلفۇنىمغا 10 سۇم قاچىلاپتۇ ، ھەقىقەتەن مەردلىك قىلىپتۇ .
  شۇنداق قىلىپ 3 كۈندەك ئۇ بەكلا ئاكتىپ بولۇپ كەتتى . ئۇچۇر دىگەننى ۋالاقشىتىۋەتتى يوللاپ ، تىلفۇن قىلسا ئەگەر دەرىستە ، ياكى ئۇنىڭ گۇمانى قوزغالغىدەك يەرلەردە بولسام يىنىمدا دادام بار دەپ ئالمىدىم . ئۇنىڭغا  10 گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈك ۋە نۇرغۇن كىيىم كىچەك دىگەندەكلەرنى ئىلىپ بىرىدىغان بولدۇم  ھى ھى .  ئۇنىڭغا :<<ئەسلى شەنبە قايتاي دىگەن لىكىن سىنى بەك سىغىنىپ كەتتىم ، پەيشەنبە قايتىدىغان بولدۇم ، ئايروپىلاندا قايتىمەن ئالدىمغا چىقىپ تۇرۇڭ >> دىدىم . ئۇ ماقول بولدى . ئىشقىلىپ ئىشلار خىلى ئويلىغىنىمدەك بولاۋاتاتتى . مەن پەيشەنبە ئەتتىگەندە ئۇنىڭغا چۈشتىن كىيىن سائەت 4:30  دە چۈشىمەن ، دەپ ئۇقتۇرۇپ قويدۇم ، ئۇ ئالدىمغا چىقىدىغان بولدى . چۈشتىن كىيىن ئۇ سائەت 4:20 لەر ئەتراپىدا تىلفۇن قىلدى ، مەن بىسىۋەتتىم ، ئۇ:
-جىنىم سىزباياقى قونغان ئايروپىلاندىن چۈشتىڭزما ، مەن سىزنى ساقلاۋاتىمەن نىمىگە تىلفۇننى ئالمايسىز؟ كوچا ئابتۇبوستا بەك تەستە كەلدىم ، تولا يول تورىلىپ قىلىپ ، ھىلىمۇ ياخشى بالدۇرلا ماڭغانىدىم -دەپ ئۇچۇر يىزىپتۇ ، بىر ھازا ھوزۇرلىنىپ كۈلۈۋەتكەندىن كىيىن :
-جىنىم ئالدىڭىزدا بەكلا خىجىلمەن ! ئالدىمغا تاغاملار ماشىنىسىنى ئىلىپ چىقىپتىكەن ، ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۇلار بىلمەيتى ، بىز كەچتە كۆرىشەيلى!- دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويدۇم ، ئۇ قاقشاپ كەتتى ، لىكىن مەن سىلىق گەپلەر بىلەن ئۇنى ماقۇلغا كەلتۇردۇم . كەچتە تىلفۇن قىلسام ئۇ :
-مەن تاغاملارنىڭ ئۆيىدە ئەتە بىزگە 2سائەتلا دەرس بار ، شۇنىڭدىن كىيىن كۆرىشەيلى !-دىدى ، بىز نۇرغۇن پىلانلارنى قانداق نىمىلەرنى  ئالدىغاندىن تارتىپ ھەممىسىنى دىيىشىپ بولدۇق . ھا ھا ئەتە ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرەششەم ھە؟ ھى ھى ...ئەتىسى سائەت 11 لەردە بىز بەختىيار زەرگەرخانىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا ئۆزقولۇم بىلەن ئۈزۈك تاقاپ قويماقچى بولدۇم .
   كۈتە كۈتە ئەتىمۇ كەلدى ، مەن بەختىيار زەرگەرخانىسىنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ تۆمۇر يول ئىدارىسى ئەتراپىدا ئىكەن ، ئۇنىڭغا تاكسىغا چىقىپلا كىلىڭە ئىتتىكرەك دەپ قويدۇم ، قەلبىمدە مىڭ تەشۋىش ، ئۇ زادى قانداراق قىز بالىدۇ ؟... ئالاھىزەل 40 مىنىۇتلاردىن كىيىن بىر تاكسى كىلىپ توختىدىن ئىچىدىن بىز قىز چۈشتى سىنچىلاپ قارىسام گۇلبانۇم ئىكەن ئىشقىلىپ بەك سەت بولمىسىمۇ خىلى بولۇپ قالىدىغان قىزكەن  .  ئۇ مىنى ئىتتىكلا تونۇۋالدى ، كۈلۈپ دىگۈدەك ئالدىمغا كەلدى ، مەن :
-ئەسسالامئەلەيكوم سىزنىمۇ  كۆرىدىغان چاغ بولىدىكەن ھە ؟-دىدىم .
-ۋەئەلەيكوم ئەسسالام ئەلۋەتتە كۆرەلەيسىزدە مەن سىزنىڭ تۇرسام ھى ھى .
بىردەم ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا :
-سىزگە بىر ئۈزۈك كۆرەپ قويدۇم ، قورسىقىم ئىچىپ كوركىراپ ئاۋال تاماق يىۋالايلى ، ئاندىن كىرىپ ئۈزۈكنى ئىلىپ باشقا يەرلەرگە بارايلى .
-مەيلى شۇنداق قىلايلى ، مەن تىخى ئەتتىگەنلىك تاماق يىمىگەنىدىم .
  بىز ئاشخانىغا كىتىپ بارغاچ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يولدا ئۇچرىغان 2،3 تىلەمچىگە سادىغە بەردى . بىز داڭلىق تامىقىمۇ قىممەت بىر ئاشخانىنى تىپىپ شۇنىڭغا كىرمەلچى بولدۇق ، مەن ئاشخانىنىڭ يىنىغا كەلگەندە  ، يىنىمنى ئاقتۇرۇپ :
-ئاپلا يىنىمغا ئانچە كۆپ  پۇل سالماپتىمەن ، ھەممە پۇل كارتىدا ئىدى ، ئاخشام دوسلىرىمنى مىھمان قىلىپ ، يىنىمدىكى پۇل تۈگەپتۇ  بىرەر بانكا تاپايلى ،-دىدىم قىلچە چاندۇرماي :
-ۋاي بولدى مەندە بار مىڭىڭە !_دىدى ،ئۇ بىز كىرىپ ئادەم ئاز يەرگە ئورۇنلىشىپ  200 نەچچە يۈەنلىك ئەڭ قىممەت تاماقلاردىن بۇيرۇتتۇق . بىز تاماق يىگەچ ئۇياق بۇياقتىن تاققا تۇققا پاراڭلارنى قىلدۇق ، ئاخىرى پۇرسەت كەلدى ھە ؟ ئۇنىڭدىن تۇيۇقسىزلا :
-ئىسمىڭىز نىمە ؟-دەپ سورىدىم .
- ۋاي ساراڭ . - دىدى ماڭا قارىماستىن :
-ھەقىقىي ئىسمىڭىز نىمە؟- ئۇ ماڭا قاراپ چىرايى ھەيرانلىققا تولدى ، مەن بىر ھازا كۈلۈۋەتكەندىن كىيىن:
-سىزگە بىر شۇم خەۋەر ئىيتاي ھە ؟
-نىمە؟
-ماڭا لاتارىيە چىقمىغان ، ئۆيگىمۇ كەتمىگەن !-ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى :
-سىزمىنى ئالدىدىڭىزما؟
-  ھى ھى  بەك قىززىق ھە بەكلا قىززىق ، كىم كىمنى ئالدىدى ،- ئالدىنقى قىتىم ئالدانغان ھىلىقى بالىنىڭ نۇمۇرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ - ماۋۇ نۇمۇرنى تونۇيسىزغۇ دەيمەن ؟  ئەركىننىڭ نۇمۇرى. ھىلىمۇ ئۇ مىنىڭ كىيۇكىيۇ رىمنى قىتىپ سىزنى بايقاپ قالدۇق ، بەكلا سەت بولدى ھە ، جىنىم .
  قاغدالما قىز ، بىزدەمدىلا ھەممىنى چۈشۈنۈپ بولدى ، ئۇ ئاغزىنى ئىيىتپ :
-بولدى ، مەن ماڭاي !- دەپ قوپتى ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋىلىپ :
-ۋاي ئولتىرىڭە بولدى ، <<مۇھەبىتىم >>  بولغاندىكى ، قىززىق گەپلەرنى قىلىشىپ ئولتۇرايلى، راس گەپنى قىلسام سىزگە قىززىقىپ قالدىم ،- تىلفۇنۇمغا 110 نۇمۇرنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ،_ بۇ نۇمۇرمۇ تونۇشقۇ دەيمەن ھە ھى ھى  !-دىدىم  ،ئۇ ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كىيىن :
-بولىدۇ ، راس گەپنى قىلسام  مەنمۇ سىزگە قىززىقىپ قالدىم .
-گەپكە كىلەيلى ، تىخنىكىڭىز ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپتىكەنسىزدە  ، مىنىڭغۇ سىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن كىچىككىنە پۇلغا ئىچىم ئاغرىمىدى ، لىكىن غايىۋى دۇنيادا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم ، ھىسياتىمغا ئىچىم ئاغرىدى .
- ھا ھا ھا ، بۇ ئادەتتىكى ئەھۋال . مەن ئوغۇللارنى ماۋۇ بەش قولۇمنى چۈشەنگەن دەك چۈشىنىمەن !-ئۇ بەش بارمىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ - ماۋۇ باش بارماق ، قىزلارنى باشقۇرۇشنى ئۆزىنىڭ گپىنى ئاڭلىتىشقا ئامراق سەل مەنمەنچى  شۇڭا باشقىلارنى ماختىغاندا مۇشۇنى كۆرسىتىمىز ئەمەسما ، قىز بالا گىپىنى ئاڭلاپ بەرسىلا ئىتتىكلا پەلەي كىيىدۇ ، ماۋۇ بىگىز بارماق .....
       ماۋۇ نامسىز بارماق ....... ماۋۇ چىمچىلاق بارماق ........ ماۋۇ ئوتۇرا بارماق ، بۇ خىلى بولۇپ قالىدۇ ، باش تەرىپىدىن باشقا يىرى سىرىتنى كۆرەلمىگەچكە قالاقراق لىكىن باش تەرىپى يامان ، پەلەينى ئەڭ بۇرۇن كىيگەن بىلەن ئەڭ بۇرۇن پەلەينى تىشىۋىتىدىغىنى مۇشۇ _دەپ ئۇ ئوتتۇرا بارمىقىنى ماڭا كۆرسەتتى _سىز مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىكەنسىز . پەلەيچىنى خىلى ئاخماق قىلىدىڭىز بىڭسىڭىز باركەن .
- ھا ھا ھا ، نىمىندا قىززىق ، بۇ ئوخشىتىشلار ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيىرىڭىزنى ئىسپاتلىدى .
-ياق ياق ئەمدى سىزگە ھەممىسىنى دەۋىتەي ، مەن جىڭلىق بۇرۇن سەيجىڭدا ئاشخانىدا ئىشلىگەن ، شۇڭا ھەممە يىرىنى بىلىمەن . كىيىن بىرى بىلەن توي قىلىپ ئاجىرشىپ كەتكەن ، ھازىر ئۆيدە بىكار چىلىق،كىرىمىم خلى يامان ئەمەس .
- ھا ھا ھا مۇنداق دەڭ ، دۇنيادا ئۆ  زىنىڭ پوق يەۋاتقىنىدىن پەخرلىنىپ يۇرگەن ئادەممنى   تۇنجى    كۆرىشىم . -ئۇ يەنە ئوتۇرا بارمىقىنى چىقىرىپ :
-مانىڭغا يىساب ، سىز خلى يامانكەنسىز ، مەن جىڭدىن كىلىپ كەتكۈچە ، خىلى پۇلغا كىرا قىلدىم ، بۇ يەردە ياتاقتا ياتتىم ، تۈنۈگۈن بۈگۈن تاكسىغا خىلى كۆپ پۇل خەجلىدىم  . تىخى ماۋۇ تاماق دىگەندەك  ھى ھى...
-راس ، ئۇ پۇللارنىڭ سىزدە تۇرغىنىدىن شۇ جاپاكەش شوپۇرلاردا ، ئاشپەزلەردە تۇرغىنى ياخشى .
- ياخشى پىكىر قىلدىڭىز  ھى ھى
-ئاۋازىڭىز ئوڭشالماپتۇدە .
-يىرىم يىلنىڭ ئەتراپىدا چوڭ ئەپىراس قىلغان .
-ھە بىڭگورنىڭ چوڭىنى يىۋاپسىزدە تازا سوغۇق كەپتۇ .
-ھا ھا  شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ . غۇلجىلىقلار چاقچاقنى ياخشى قىلىدۇ خىلى ئەقىللىق .
- بولدى بۇ تاماقنى يەنە يىگۈم يوق ، ئەسلى سىزگە نەسىھەت قىلاي دىگەن ، سىزگە نەسىھەت قىلغاندىن مەكتەپكە قايتىپ مەيدانغا چىقىپ 2 مەيدان يۈگۈرسەم شۇ ياخشى ئوخشايدۇ سالامەتلىكىمگە پايدىلىق ، سىزگە يەنىلا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ياخشى يول ھىدايەت تىلەيمەن، كۆڭلىڭىزگە ئىنساب بەرسۇن ، يەنە بىر گەپ بۇندىن كىيىن ھەرگىز ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئۇلار مىنىڭ سۈيۈملىك مىللىتىمنىڭ كەلگۈسى .-بۇ گەپنى دىگۈچە تىتىرەپ كەتتىم .
-توغرا مەنچىمۇ بۇ تاماقنىڭ مەززىسى قالمىدى ، تارقىمايدىغان سورۇن يوق ، بۇ دەرىسنى خىلى كۆپ پۇلغا ئوقۇدۇم ھى ھى .
-بەك قىززىق ھە !
- ھەئە بەكلا قىززىق ،-ئۇ يەنە -مەكتەپكە قايىتسىڭىز يولىمىز بىركەن ، مەن تۆمۈر يول ئەتراپىدا ياتاق ئىلىپ قويغان .
-مالىكولىلارنىڭ تەرتىپسىز ھەرىكىتىنى بىلەمسىز ، تولۇقسز خىمىيەسىدىكى ئەڭ ئاددي مەزمۇن ؟
-بىلىمەن.
-مەن ناچار مالىكولاردىن ئۆزەمنى يىراق تۇتۇپ يۈرۈيمەن !
- ھا ھا  ياخشى مالىكولاكەنسىز .
-بەك قىززىق ھە ؟
- ھەئە ئۆتە قىززىق .
-مەن بۇيەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن سىزنى تونۇمايمەن ، سىزمۇ ھەم مىنى لىكى يەنىلا ئاللاھدىن سىزگە ھىدايەت تىلەيمەن . ھىدايەت تاپسىڭىز سالامەت بولغايسىز خوش !
   .............
     كاللامدا يەنە مىڭ خىيال ،دۇنيادا مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ بار ھە ؟ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا ھەر قىتىم كەلسەم كۆرىدىغان دىۋانىلەرنى كۆردۈم ، قارىماي ئۆتۈپ كەتتىم . تۇيۇقسىز بىر كىچىك بالا :
-ئاكا غورا ئىلىڭە ئەرزان!-دىدى ، ئۇنىڭغا قاراپ بىر خىل مەسلىكىم كەلدى . كوچا ئابتۇبوسقا 1 يۈەن ئايرىۋىلىپ گەرچە غورىنى ياقتۇرمىساممۇ قالغان پارچە پۇللارغا غورا ئىلىۋەتتىم .

ئۇ قىزغا ئالدىنىۋاتقان ماڭا ئوخشاش ئوغۇللارغا بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە بىر تۇرۇپ ئاچچىقىم كىلەتتى .  ئەگەرسىرتتا  تاماششىبىن بولغان بولسىڭىز ناھايىتتى ئىتتىكلا بىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ، لىكىن ۋەقەگە قاتناشقۇچى بولسىڭىز ئەھۋال ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن . ئۇ  قىزدىن ھەقىقەتەن نەپرەتلەندىم ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ئازراقمۇ ئۆكۈنمەيدىغان ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغا تەربىيە قىلاي دىگەن لىكىن ئۇنىڭ پارڭلىرىدىن پايدىسى يوقلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇزاق پاراڭلاشقۇم كەلمىدى . ھىلىقى مىنىڭ كىيۇكىيۇرىمنى قاتقان يەنە بىر ئالدانغان بالىغا ھەمىسىنى دەپ بەردىم . ئۇ:
-ئاداش ھەقىقەتەن يامانكەنسەن ، بىزنىڭ ئەقىل كۆزىمىزنى ھىسيات ئىتىۋىلىپ سىرتنى كۆزىتەلمىگەن بولساق ، ئۇنىڭكىنى پۇل ئىۋاپتۇ ، سەنغۇ دەردىڭنى چىقىرىۋاپسەن ، مىنىڭمۇ كىچىككىنە چىققاندەك بولدى . لىكىن بەكلا ئىتتىك قويۇۋەتتىڭمۇ نىمە ئۇنى ؟-دىدى.
-بەلكىم شۇنداق بولۇپ قالغاندۇ ؟ لىكىن ئۇنىڭغا ئۆردەككە سۇ سىڭمىغاندەك مەندەك بىرەرسىنىڭ گىپى سىڭمايدىغان چىراي ، ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشماي دىدىم ،كىچىككىنە ئاچچىقنى دەپ  بىرەر ئىش چىقىرىپ قويغاننىڭ پايدىسى يوق !
-ئويلىغىنىڭمۇ توغرا بولۇپتۇ !
-...
    ياشىغانكەنمىز بۇ دۇنيادا كۆرمىگەننى كۆرۈپ تۇرىدىكەنمىز ، ھەر خىل شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىكەنمىز ، مۇھىمى شۇنىڭدىن ئالغان تەسىرات ئىكەن . ئۆزىنىڭ خاتا باسقان قەدەملىرىدىن ئىبرەت ئىلىپ توغرا يولنى كۆرەلمىگەن  ؛ توغرا باسقان قەدەملىرىدىن بىرەر قائىدىنى خۇلاسە قىلالمىغان ئادەملەر بەلكىم  <<يا ھالال ئەمەس يا ھارام ئەمەس >> ياشاپ  بۇ دۇنيادىن ئۆتىشى مۇمكىن .
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى بىر نەچچە ياش چوڭىيىپ قالغاندەك ھىسياتتا بولدۇم . قىززىق يىرى سۈمەييەنى كۆپ ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم . خىلى يىقىن ئاغىنەم تۇرسۇن بىر كۈنى :
  -ئاداش سۈمەييەنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغانسەن ؟-دەپ سورىدى .
-نىمە دەيدىغانسەن ئاداش ئۇ ئىككىمىز دوسىت !-دىدىم مەن ئۇنىڭ يۈزىگە قارىماي .
-راسىت گىپىڭنى قىلە ئاداش ؟
-ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن .
-دىمەك سەندە خىلى مايىللىق باركەن ، مەن سىنى يىقىن ئاغىنەم دەپ سىنىڭ ئىشلىرىڭغا ئارلىشىپ قالدىم .-دىدى ئۇ .
-رەھمەت ئاداش راس گەپنى قىلسام سۈمەييەگە بىر خىل كۈنۈپ قالغاندەكلا ، بىر قىسما بولساملا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلغۇم ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئايلانغۇم كىلىپ قالىدۇ  .
-بۇنى مەنمۇ ھىس قىلىپ قالدىم، ئىشقىلىپ ئاداش سىنى خىلى ياخشى چۈشىنىمەن ، مۇشۇ مۇھەببەت ئىشىدا قاتتىق دىقەت قىلغىن ، سۈمەييە توغۇرلۇق خەقنىڭ ئارسىدا ياخشى گەپ يوق .
-لىكىن مەن ئۇنى ئۆزگەرتەلىشىمگە ئىشىنىمەن ، ئۇ قىز گىپىڭ توغرا بولسا بەك ئاڭلايدۇ ، قارشى چىقمايدۇ ؟
-يەنە ئۆزەڭنىڭ گىپىنى قىلىسەنغۇ ؟ گەپ چۈشەنمەمسەن ، سەن مۇشۇ كەمگىچە بىرەرسى بىلەن تۈزۈك ئارلىشىپ باقمىغان ، گەپنىڭ ئوچۇقىنى دەي سۈمەييە پاك بولمىسىمۇ قۇبۇل قىلامسەن؟
-توۋا دە ئاداش ، مىنىڭ ۋىجدانىمنى تىخى ئىت يەپ كەتكىنى يوق ، سەن نىمىگە ئاساسلىنىپ ئۇ قىزنى ئۇنداق دەيسەن ؟
-ئىشقىلىپ داڭقىنى جىق ئاڭلاپ كەتكەن  تۆت ھوشۇقنىڭ  ، رازىيە بىلەن مەرفىيە ھازىر كەسىپلىشىپ كىتىپتۇ ، ئاداش ،-ھەيران قىلىپ سورىدىم :
-قانداق دەيسەن ؟
-ھىچكىمگە دىمە ، ئۇلار شەنبە يەكشەنبە بەكلا پۇل تاپىدىكەن ، تىخى مەكتەپتە مەخسۇس شۇنداق قىزلارنى چوڭ لاۋبەنلەرگە تونۇشتۇرىدىغان <<سولامچىلار >> شىركىتى باركەن ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جۇمە كەچتە ئايروپىلان بىلەن ئىچكىرگە قاتناپ ئىچكىرىدىكى چوڭ لاۋبەنلەردىن پۇلنى سۈزۈپ يەكشەنبە كەچكە ئۈلگىرىپ كىلىدىكەن ، ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇيغۇر قىزلار ئىكەن ، چۈنكى لوبەنلەر ئۇيغۇر قىزلارنى ئىزدەيدەيدىكەن بۇنى ماڭا مۇھەببىتىم دەپ بەردى .
-سۈمەييە ئۇندا ئەمەستۇ ؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن ئىتتىكلا :
-ياق ياق ، مەنمۇ سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنى بىلىپ قىز دوستۇمدىن سورىسام ئۇ ئۇنداق قىلمايدىكەن ، لىكىن شۇلار بىلەن  يىقىن ئۆتىدۇ ، ئويلىشىپ ئىش قىل ئاداش .
  -رەھمەت ئاداش ساڭا !
  مەن تۇرسۇننىڭ گەپلىرىدىن :<<دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئىيتار ، دوسىت يىغلىتىپ.>> دىگەن ھەقىقەتنى تىخىمۇ ھىس قىلىپ يەتتىم .  سۈمەيينىڭ مىنىڭچە ئۇنچە پۇلغا ئىھتىياجى يوق ، چۈنكى ئائىلە شارائىتى ئوبدانلا ياخشى . لىكىن ئۇنىڭ پاكلىقىغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن ،  ئۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ ، مەندىمۇ شۇنداق ھىسىيات بار . ھەي قانداق قىلسام بولار ؟...
  مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنى ئىزدىمىدىم ، لىكىن ئۇماڭا تولا تىلفۇن قىلاتتى . بىر كۈنى بىز كەچتە يەنە ئايلانغىلى چىقتۇق . ئۇنىڭغا شۇنچى قىزغىن مۇئامىلە قىلاي دىسەممۇ تۇرسۇننىڭ گەپلىرى ئىسىمگە كىلىپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالاتتى ، بىز ئۇ يەر بۇ يەردىن تاققا تۇققا پاراڭلىشىپ كىرىپ كەتمەكچى بولدۇق . مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ياتىقىمنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ئۇچۇر كەلدى قارىسام سۈمەييەكەن . ئۇ:<<ئەلقۇت مىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟>> دەپلا يىزىپتۇ . مەن ئۇچۇر قايتۇرمىدىم ، نىمە دەپ قايتۇرىمەن . لىكىن مەن سۈمەييە بىلەن يىقىن ئۆتكەندىن بىرى ئۇنىڭغا بولغان قاراشلىرىم پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنىدى ، چۈنكى ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ .  بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى ، قالغان 3 ھوشۇقتىن يىراق قىلماقچى بولدۇم ئۇنىڭ ماڭا بارلىقىنى بىغىشلالايدىغىنىغا ئىشىنەتتىم . بىر تۇرۇپ تۇرسۇننىڭ گىپىنى ئويلاپ كۆڭلۈم لاسسىدە بولۇپ قالاتتتى . ئاخىرى 2 سائەتتىن كىيىن يەنى  نۇرغۇن چىرماش خىياللاردىن كىيىن ئۇنىڭغا :<<ياخشى كۆرىمەن!>> دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم . ئۇ بىر دەمدىن كىيىن ئۇچۇر قايتۇردى :<<نىمىگە ماڭا  دىمەيسىز   ؟>> دىدى . يەنە نىمە دىسەم بولار ، ئاخىرى نۇرغۇن زىدىيەتلىك خىياللاردىن كىيىن كۆزۈمنى يۇمۇپلا نىمە كۆرسەم مەيلى دەپ :
- سۈمەييە ئەسلى مەن دەي دىگەن ، سىزدىن بىرگەپ سوراي ھەرگىز كۆڭلىڭىزغا ئالماڭ ، مىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز ماڭا راسىت گەپ قىلىڭ ، سىزنىڭ پاكلىقىڭىز بارمۇ ؟
  بۇ ئۇچۇرنى يوللىغاچ قوللىرىم تىترەپ كەتتى ، ئۇنىڭ ماڭا راسىت گەپ قىلىدىغىنىغا ئىشىنەتتىم . بىر سائەت ساقلىغان بولساممۇ ئۇ ئۇچۇر قايتۇرمىدى . ھەر خىل خىياللارنى قىلدىم ، ئۇنىڭدىن بۇ سوئالنى سورىغانغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم . بىچچارە قىزچاق نىمە بولۇپ كىتىپ بارغاندۇ ؟ئۇ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا بەلكىم قاتتىق پۇشايمان قىلىپ كىتىۋاتقاندۇ ؟  
ئۇ مەن بىلەن يىقىن ئۆتكەندىن بىرى خىلى كۆپ ئۆزگەرگەنىدى ، ئۇنىڭغا قىزلارنىڭ ئوغۇللارنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايدىغان كىيىملەرنى كىيىشىغا ئۆچلىكىمنى  ، ھەم بۇنىڭ يامانلىقىنى ئۇقۇغان ھەدسلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ تولىمۇ قايىل قىلارلىق دەپ بەرسەم ھەم ئۇنىڭ بۇندىن كىيىن بۇنداق كىيىم كەيمەسلىكىنى ئىيىتسام ئەتىسى ئۇ ماڭا تىلفۇن قىلىپتۇ ، ئۇ ماڭا :<<يۈرىڭە بۈگۈن ئىنقىلاب قىلىمىز ؟>> دىدى ، مەن ھەيران قىلىپ :<<نىمە ئىنقىلاب ؟>> دىسەم ئۇ چىققاندا بىلىسىز دىدى ، ئۇ مىنى باشلاپ شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىلىپ چىقتى . ئۇنىڭ قولىدا كىيىم سىلىنغان  سومكا تۇراتتى ، ئۇ  كىيىملىرىنى سومكىدىن چىقىرىپ يايدى  قارىسام  ھەممىسى ھىلىقىندا دىسكوخانىدا كىيىدىغان كىيىملەركەن ، ئۇ چاقماق چىقىرىپ ھەممىسىنى كۆيدۈرۋەتتى . بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ  كۆزۈمگە ئىسسىىق ياش كىلىپ كەتتى ، لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئوتنىڭ يىنىدىكى ئۇنىڭ چىرايى باشقىچىلا نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى ، مەن ئۇنىڭ ئۆزگەرگىنىغا گىپىمنى ئاڭلىغىنىغا ھەم مىنى ھۆرمەتلىگىنىغا ھەقىقەتەن خۇش بولدۇم ، بۇ چاغدىكى گۈزەل ھىسياتنى ئوغۇل بالا بولسىڭىز ھەقىقەتەن ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز ... ئۇ مەن بىلەن بازارغا بىرىپ تولا دۇككان ئارىلاپ مىنى قاقشىتىپ ھاردۇرۇپ  دىگەندەك مىنىڭ پىكىر بىرىشىم بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا خاس كىيىملەرنى ئالدى ئۇنىمىسام ئۇنىماي ماڭا مايكىدىن بىرنى ئىلىپ بەردى .بۇ ئۇنىڭ ماڭا قىلغان1-سوۋغىسى ئىدى ،ئۇ بۇرۇنقىدەك بەكمۇ گىرىم قىلمايدىغان  بولدى ، ئۇ ماڭا بارا بارا شۇنچىلىك سۈيۈملۈك كۆرىنىشكە باشلىدى ...
  ...  شۇنداق گۈزەل خىيالار بىلەن بىر تۇرۇپ كۈلۈپ بىر تۇرۇپ كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ دىگەندەك بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئەتىسى ئۇ دەرىسكە چىقمىدى ياتاقداشلىرىدىن سورىسام ئۇلار :<<بىزمۇ بىلمىدۇق ئاخشام بىر كىچە دىگەندەك يىغلاپ چىقتى ، سورىساق دەپ بەرمىدى .>> دىدى ،ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم پۇشايماندا ئۆرتىنىپ كەتتى . ئىسىت نىمىگىمۇ دىگەندىمەن ، سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپلا قۇتۇلسام بولمامدۇ ؟ مەن 3 سائەتتىن چىقىپ  ئۇ ياخشى كۆرىدىغان سىرىق ئاش ئىلىپ ئۇنىڭ ياتىقى ئالدىغا بىرىپ 5،6  قىتىم تىلفۇن قىلسام بىسىۋىتىپ  ئالمىدى ، ئاخىرى ئۇنىڭغا :
- مىنى كەچۈرۈڭ سىزدىن ئەسلى ئۇنداق سورىمىسام بولاتتى ، سىزگە تاماق ئەكەلدىم سىز ياخشى كۆرىدىغان سىرىق ئاش ،مەن ياتىقىڭلارنىڭ ئالدىدا چىقىپ ئىكىركىتىڭ ، كىچىكىنە بولسىمۇ تاماق يەڭ ماقۇلما ؟-دەپ ئۇچۇر يازسام ئۇ قايتۇرمىدى . ئاخىرى ياتىقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ باشقىلار دەرستىن چۇشكىچە ساقلىدىم ، ياتاقدىشىغا تىلفۇن قىلىپ تاماقنى بىرىپ قويدۇم ، يىرىم كۈن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم   .  چىۋىن يەۋالغاندەكلا ئۆتتۈم ئۇ يا تىلفۇنۇمنى ئالمىدى :<< چىقىڭە كۆرىشەيلى!>>  دەپ ئۇچۇر يازساممۇ قايتۇرمىدى ...
  ... كەچ سائەت 11 لەردە تۆت ھوشۇقنىڭ بىرى مەرفىيە ماڭا تىلفۇن قىلىپتۇ ، كۆڭلۈم بىر ئىشنى سەزگەندەك تىترەپ كەتتىم ، ئۇ:
-سىز سۈمەييە بىلەن بىللىما؟-دىدى .
-ياق ياق  مەن ياتاقتا ، ئۇ ياتاقتا يوقما ؟
-يوق تىلفۇن قىلساق ئالمايۋاتىدۇ  ، سىز تىلفۇن قىلىپ بىقىڭە ئاخشاممۇ ، بۈگۈنمۇ يىغلاپلا چىقتى .
- ماقۇل ماقۇل .
  مەن تىلفۇننى قويىۋىتىپلا ئۇدۇل سۈمەييەگە تىلفۇن قىلدىم . ئۇ تىلفۇننى ئالدى :
-سۈمەييە سىز نەدە ھازىر ؟-دىدىم ئالاقىزادە بولۇپ ، ئۇ گەپمۇ قىلماي تىلفۇننى تۇتۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭغا شۇنداق يالۋۇردۇم ، ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى . ئىچىم ئاچچىقتىن ئۆرتىنىپ كىتىپ باراتتى . گەپلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرغان تۇرسۇن يىنىمغا كىلىپ قولۇمدىن تىلفۇننى ئىلىپ ئۇنىڭدىن ئاران گەپ ئالدى . ئۇ ھازىر ئىككىمىز باشتا بىرىپ مەن مەس بولۇپ قالغان ك ت ۋ دا ئۆزى يالغۇر ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قاپتۇ .
  مەن كىيىملىرىمنى چالا پۇلا كىيىپلا ئاياغنىمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمەي  ساپما كەش بىلەن ، سىرتقا ماڭدىم . ما ئىشنى كۆرۈڭ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاللىبۇرۇن تاقاپ بولۇپتىكەن . مەن گۈزەتچىنىڭ ئىشىكىنى ئۇردۇم ، ئۇ خەنزۇ ئىدى ، بەكمۇ تەستە قوپتى .  مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى دىسەم كىسىپلا:
- ئىشىكنى ئىچىپ بىرىشىم مۇمكىن ئەمەس  ، مىنى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ كەتسۇن دىسەڭ ئىچىپ بەرسىەم بولىدۇ . - دىدى . بىر كەمدىن كىيىن تۇرسۇن كەينىمدىن چىقىپتۇ . ئۇمۇ شۇنداق دىسە ،يەنە ياق دىدى ، مىنىڭ ئاچچىقىم 80 گە چىقتى . تۇرسۇن مىنى بىسىپ ، يانچۇقىدىن 100 يۈەننى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىسە ئۇ پۇلغا قاراپ قويۇپ ، يەنە بىشىنى لىڭشىتتى . مەن سۈمەييەگە تىلفۇن قىلدىم ، ئەتراپتا ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى يۈرۈگۈم تىخىمۇ سىلىپ كەتتى ، ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ يەنە گەپ قىلماي تۇراتتى . مەن ئۇنىڭ ھىچ ياققا مىدرماسلىقىنى ھىلى بارىمەن دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتىم . ئەنسىرگەندىمۇ بەكلا ئەنسىرىدىم ، چۈنكى بۇنچە چوڭ شەھەردە يىرىم كىچىدە سىرتتا ھەر قىسىم كىشىلەر بولاتتى . مەن يانچۇقۇمدىن 200 يۈز سۇم چىقىرىپ باياقى 100 سۇمغا قوشۇپ بەرسەم ئۇ :
-مىنى تەڭقىسلىقتا قويماڭلار ، سىلەرگە ياردەم قىلغۇم بار لىكىن بر ئىش چىقىپ قالسا مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمگە ئىلىپ بولالمايمەن.-دىدى . مىنىڭ ئەس يادىم سۈمەييەدە قالغانىدى . ئۇنىڭ گپى قۇلىقىمغا كىرمەيتى . مەن ۋارقىراپ:
- ئىچىپ بەرمىسەڭ  ئەينەكنى چىقىپ چىقىمەن .- ئاچچقىمدا ، پۇشايماندا تەلۋىلىشىپ كەتكەنىدىم  كۆزۈمگە ھىچنىمە كۆرۈنمىدى . ئۇ قاراپمۇ قويماي ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . مەن ئەينەكنى چاقاي دەپ كەينىمگە يىنىپ  يۈگۈرۈپ كىلىشىمگە تۇرسۇن مىنى
تۇتىۋالدى . ئۇ :
-ئاداش ئاچچىقىڭغا ھاي بە ، ماۋۇ قىتىم بىراقلا قوغلاندى بولىسەن بىكار ، مەن ئامال تاپتىم .-دىدى ، مەن
-نىمە ئامال ئاداش ؟   -ئۇ قۇلىقىمغا :
-دىرىزىدىن ئارتىلىپ چۈشىمىز .-دىدى . يۈرۈگۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىغا  قايىل بولدۇم  ۋە :
-جان دوستۇم !_دەپ ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاغلىدىم .
   بىز ياتاققا يۈگۈرۈپ كىرىپ  ، ھەمىسىنى ئويغىتىپ كۆپە يوتقانلىرىنىڭ كىرلىكلىرىنى ئىلىپ چىڭڭىدە بىر بىرىگە باغلىدۇق ، بىچچارە ياتاقداشلىرىم ئەھۋالنى بىلگەچكە بىرى بىر نەرسە دىمەي ھەممىسى ماڭا ياردەملەشتى . قىيىشقاندەك 2-قەۋەتنىڭ دەرىزلىرىمۇ تۆمۈر چىۋىقلار بىلەن توساقلىق ئىدى .تۇرسۇن ئىككىمىز  3-قەۋەتتىن سىرىلىپ چۈشتۇق پەسكە ، سىرتقا چىقىپ بىر دەم تۇرساق بىرەرمۇ تاكسى كىلەي دىمەيدۇ .  مەن:
- يۈگرەيلى ئاداش 3 بىكەت ئارىلىق!-دەپ يۈگۈردۇق ، يۈگۈرگەندىمۇ بارلىق كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم ، سۈمەييە  مىنى كەچۈڭ ھازىر يىنىڭىزغا بارىمەن ...
   ك ت ۋ نىڭ ئالدىغا بارسام مەندىن چوڭراق ئىككى لۈكچەك سۈمەييەنى تارتىۋاتىپتىكەن ، سۈمەييە بولسا ئۇلار بىلەن قارشىلىشىۋاتىپتۇ . مەن يىقىن يىقىن ئەتراپتىن بىر  بىر پىجو پوتۇلكىسى تىپىپ تىگى تەرىپىنى چىقىپلا  يۈگۈرۈپ بىرىپ ئۇ ئىككىسىنى ئىتتىرىۋىتىپ سۈمەييەنى كەينىمگە ئۆتكۈزۈپ ئۇ ئىككىسىغا زەردە بىلەن :
-يوقىلىش ! قايسىڭ يىقىن كەلسەڭ ئۆلتۈرىۋىتىمەن !-دەپ ۋارقىرىدىم . ئۇ ئىككىسى مىنىڭ تەلۋىلەرچە تۇرۇقۇمغا قاراپ ھاڭ تاڭ قىلىشتى ، بىر كەمدىن كىيىن تۇرسۇنمۇ يىتىپ كەلدى ، ئۇ بىر قاراپلا ھەممە ئىشنى بىلدى. ئۇ تىلفۇنىنى چىقىرىپ ، ئۇ ئىككىسىغا :
-ئەڭ ياخشىسى تىزرەك كىتىڭلار مەن ساقچى چاقىرىپ يۈرۈشنى ئانچە خالىمايمەن!_دىدى . ئۇ ئىككىسى :<<خەپ!>> دەپ كىتىپ قالدى . ئۇھ ، بوتۇلكا تۇتقان قولۇم  توختىماي تىتىرەيتى ، قولۇمدىن قان ئىقىۋاتاتتى ،  مىنىڭ كۆزۈم بولسا بىر نۇقتىغا تىكىلگىنچە قىتىپ قالغان ئادەمدەك تۇراتتى . تۇرسۇن قولۇمدىن بوتۇلكىنى ئىلىپ يىراققا تاشلىۋەتتى .  سۈمەييە مىنى كەينىمدىن قۇچاقلاپ دۈمبەمگە بىشىنى قويۇپ ، ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئەزگىدەك  يىغلاپ كەتتى .  ئاھ ، يۈرۈگۈم پىچاقتا تىلغاندەك ئىچىشىۋاتاتتى ... ئۇ چادىكى ئازابىم تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىدى . بەلكىم بىچچارە سۈمەييە مىنىڭدىن ئۆتە بولۇپ كىتىۋاتقاندۇ . شۇ چاغدا ھىسياتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم ...
  بىز دورىخانىدىن دورا ئىلىپ ، بىر ياتاققا كىرىپ كەتتۇق ، سۈمەييە كىرىپ مەيدەمگە بىشىنى قويۇپ يىغلاپ يىغلاپ ئۇخلاپ قالدى  . تۇرسۇن ئورۇندۇقتا بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە كۆز ئالدىدىكى ئىشلار كۆرۈپ ھىلىدىن ھىلىغا تاماكا چىكىپ ئولتۇراتتى . مەن سۈمەييەنى ئاستا ياتقۇزۇپ ئايىغىنى سالدۇرۇپ ، ئۈستىگە يوتقان يىپىپ قويۇپ   تۇرسۇن بىلەن سىرتنى ئايلىنىپ كاللىنى  سەگىتىپ كىرگىلى ماڭدۇق . ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقنى تۇرسۇن بۇزدى :
-قانداق قىلاي دەۋاتىسەن ئاغىنە ؟
-نىمىنى دەيسەن ؟
-سۈمەييە بىلەن ئارلىشامسەن ، ئۇ قىز بەكلا تۈگۈشۈپ كىتىپتۇ ، سەنمۇ ئوبدانلا ياخشى كۆرۈپ قاپسەن ، ئۇنى تۈزەپ كىتەلەيدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن ؟ _ تۇرسۇن مىنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى ، مەنمۇ ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلەتتىم ، سىر ئاياشمايدىغان بىردىن بىر ئىشىنىدىغان يىقىن دوستۇم مۇشۇ ئىدى .
-ئاداش ، بۇ سوئالىڭ ھاياتىمدا ئۇچرىغان ئەڭ تەس سوئال بولدى . كاللام قۇپقۇرۇق ، مەنمۇ سەندەك ئويلايمەن لىكىن مىنىڭ ئىچىم بەك كۈچلۈك ئاداش !
-بىلىمەن ، دۇنيادا ئازمايدىغان ئىنسان يوققۇ ئاداش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەنئەنىۋى قاراش ، ساڭا راس گپىمنى دەي سىنى ئەڭ يىقىن كۆرىۋاتىمەن ، -ئۇ تاماكىدىن يەنە بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ئىغىر تىنىۋىتىپ - مىنىڭ مۇھەبىتىمنىڭمۇ پاكلىقى يوقكەن !-دىدى . مەن ئۇنىڭ بۇگەپلىرىدىن ھەيران قالدىم :
-ئاداش نىمە دەۋاتىسەن ، سەن ئۇنى ئەنئەنىۋى قاراش دەپ ئىمانىڭدىن ئاجراپ كەتمە ، دىنىمىزدا ئىنىق قائىدىلىرى بار .
-ئاداش مەنمۇ ھىسياتىمنى كونتىرول قىلالمىدىم ، مەن ئۇنىڭسىز كۈنلىرىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن ، ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ ھەم مىنى ...
  ئۇ تاماكىسىنى كۈچەپ كۈچەپ شورايتى . مەن كەسكىن قىلىپ :
- لىكىن مەن ساڭا ۋەدە بىرەي ئاداش سۈمەييە بىلەن ئارلىشىشىم مۇمكىن ئەمەس ، ئۆزۈم ئىقرار ئۇنى ياخشى كۆرۈپ  قالدىم ، لىكىن ئىشقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇنى قۇبۇل قىلالمايمەن .
  ئۇ تاماكىسىنى تىخىمۇ كۈچەپ چەكتى ، مەن گەپتە كەتكۈزۈپ قويغىنىمنى بىلىپ :
-كۆڭلىڭگە ئالما ئاداش ، ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ . ئۇنى ئىنسان نۇقساندىن خالىي ئەمەس ، ئىككىڭلارغا بۇرۇندىن تارتىپ بەكلا مەسلىكىم كىلىدۇ ، مىجەزىڭلارمۇ بەكلا چىقىشىدۇ ، تولىسى سىلەرنى <<خۇدا قوشقان بىر جۇپلار>> دەيدۇ .
-...
     شۇنداق قىلىپ كۈنلەرمۇ ئۆتىۋەردى ، لىكىن سۈمەييە مەندىن ئۆزىنى تارتىپ يۈردى ، لىكىن مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ  ،  بىللە چىقىپ ئايلىنىپ يۈردۈم . ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزگەردى مىنىڭ تەلىپىم بىلەن ئۇ ياتاق ئالمىشىپ چىقىپ كەتتى ، قالغان 3 ھوشۇق بىلەن ياتمىدى ، ھەم ئۇلار بىلەن ئانچە ئالاقە قىلمىدى . ئۇ مەندىن 1 ياشتەك كىچىك بولغاچقا ئۇنى سىڭىل قىلىۋالدىم ، مەن ئۇنى ئۇ مىنى شۇنچە ياخشى كۆرۈشسەكمۇ لىكىن بىز ئاكا - سىڭىللاردەك ئۆتتۇق . ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا خەنزۇلار كۆپ ھەم ئاتا ئانىسى ئۇنىڭغا ئىسلام توغۇرلۇق تەربىيە بەرمىگەچكە ، مىنىڭچە ئۇ شۇنداق چوڭ بولۇپ قالغانىدى . ئۇ تاماق يەپ بولۇپ دۇئا قىلىشى بىلەنلا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلەتتى .ئۇنىمۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان <<جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى>> ژورنىلىغا مۇشتەرى قىلىپ قويدۇم ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىسلام دىنىنى ئىلمىي چۈشەندۈرىدىغان تور بەتلەرنى دەپ بەردىم . كىيىن ئۇنىڭغا چىرايلىق ياغلىقتىن بىرنى ،ئۇيغۇچە ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدىلىرى بار كىتابتىن بىرنى ئىلىپ بەردىم .  ئۇ ئىككىمىز 20 كۈندەك ئەتىگەن قوپۇپ خالىي يەرگە بىرىپ ، ئۇ ئىككى كۈندە بىر سۈرە يادلىدى ، مەن ئىنگىلىزچە يادلىدىم . شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر ۋاق ناماز باشلىۋالدى .
   بۇرۇنقى زىرىكىشلىك ھاياتىمنى قايىتىدىن گۈزەل مەنەلارغا ئىگە قىلدىم . سۈمەييەنى ھىلىمۇ ياخشى كۆرىمەن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ھىسياتىمنىڭ بىر ئاكىنىڭ  سىڭلىسىنى ياخشى كۆرگەندەك بىر خىل ھىسياتقا ئۆزگىرىشىنى ، ئۇنىڭ ھىسياتىنىڭمۇ بىر قىزنىڭ ئاكىسىنى ياخشى كۆرگەندەك ھىسياتقا ئۆزگىرىشىنى ياراتقۇچى ئاللاھدىن تىلەيمەن!

                                                      خاتىمە

     ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، شۇنداق قىلىپ سىلەرنى قاقشىتىپ ، تولا كىرگۈزۈپ ، ئۆزۈممۇ بەكلا خىجىل بولۇپ دىگەندەك بۇ ئەسىرىمنى روياپقا چىقاردىم ، بەلكىم بەزىلىرىڭلار ئويلاپ قالغان بولۇشىڭلار مۇمكىن بۇ ئەسەرنىڭ يىزىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ ، چۈنكى بۇ بىر مۇھەببەت تىمىسى دەپ ، پىكىرىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمەن . راس گەپنى قىلسام نىمىگە بۇنى مەۋھۇم دۇنياغا يولىغىنىمنىمۇ ئۆزۈممۇ ئىنىق ئىيتىپ بىرەلمەيمەن ، بۇ يەردە چوڭ سۆزلىگىدەك قالپاق يوق.  چۈنكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ پايدىسى بولۇشى ناتايىن ، خۇددى نىمىشقا كۆڭلىمىز پۇششا سىرتقا چىقىپ ئايلىنىمىز ، ساياھەت قىلىمىز . دىگەندەك، مىنىڭ  بۇ ئەسىرىم شۇنداق   بۇ تۇرمۇشنىڭ قايغۇ ھەسرەتلىرى  ، ئىگىز پەس يوللىرىدا ھىرىپ كەتكەنلەرگە شۇ ساياھەت قىلغاندەك بىرەر ھاردۇقىنى چىقىرالىسا ئۆزۈمنى بەخىتلىك چاغلايمەن ؛ ھەم  بۈگۈنكى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ تىلفۇن كىيۇكىيۇ قاتارلىق نەرسىلەرگە ئىتىكلا ئالدىنىپ قالماسلىقىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن .  ھەم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دوسىت بۇرادەرلىرىم بۇ ئەسىرىمدىن  خىلى بىر نىمىنى ھىس قىلسا ئۆزۈمنى تىخىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىمەن .   

  ئەڭ ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ئىشىغا ئۇتۇق ، بولۇپمۇ سۈمەييە بىلەن تەقدىرى ئوخشاش قىزلارغا ئاللاھتىن ئۇلارغا ھىدايەت تىلەيمەن !

  تىخىمۇ ئاخرىدا گىرمانىيەنىڭ بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدە ئۇتۇشىنى ، ھەم ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشىنى تىلەيمەن ھى ھى .

   ئەلقۇتنىڭ سەزگۈزەشتىلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى ، كىيىن بۇنىڭ يەنە قانداق قىزىقارلىق ياكى ئەھمىيەتلىك ئىشلىرى بولسا سىلەرنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىمەن .



                                                             ئاپتورى:ئىسيانكار75   (esyankar75)






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 10:40 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaLGundi + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10064
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

~

مەنمۇ بەك قىزىقىپ ئوقۇغان بۇ ھىكايىنى ،لىكىن كەينى كۆڭلۈمدىكىدەك چىقمىغان بۇتىمىنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز~!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabinur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 09:36 PM  


ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز جۇمۇ !منىڭچە تېما ئېگىسى ھەم ئۇقۇرمەنلەر سىزنىڭ بۇ ئەجرىڭىزدىن سۈيۈنۈپ قالدۇ...تېما ئېگسى ۋاقىت چقىرالماي بىر پۈتۈن ئەسەر قىلىپ چىقىپ بۇلاماپتۇ ..سىز يا بۇ ئەسەرنى ئۆزڭىزنىڭ قىلۋالمغان تۇرسىڭز شۇنداق ياخشى ئشىتن بىرنى قىپسىز .منىڭچە بۇ ئارتۇق ئىشقا ئارلشۋالغانلىق بولمايدۇ..ئەجىرڭىزگە تەشەككۈر، شۇنداقلا مەزكۇر تېمنىڭ ئەسلى ئاپتۇرغمۇ تەشەككۈر............... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbelik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-27 09:18 PM  


سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2331 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 10:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 10:48:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىم-جاپا»نىڭ‹يۈزسىزلىك قىلاي دىسە بىردەملىككەن› دىگەن ئەسىرىنىمۇ مۇشۇنداق رەتلاپ قويغان بولسا ،شۇنداق بەك ئوقۇغۇم باتتى!!!
(باشقۇرغۇچىلار رەتلەپ قويغىنىدا خاتالىق باركەن)

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ھەي~~كۆزۈمدىن يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20877
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6373
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:20:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز`~
مەكتەپ ھاياتىمدا بىرەر قىزغا   قاراپمۇ قويمىغان ئېي سەبىي چاغلىرىم

ھەي~~كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزغىچى  پىياز ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:27:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەمىنىمۇ تور دۇنياسىدىن چىكىنگەنتىم ئاشۇ تىمىنى دەپ يەنە مۇشۇ مۇرەككەپ مەۋھۇم دۇنياغا قەدەم بىسىپ مانا سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا پۇتلۇشۇپ يۈرۈپتىمەن مىسرانىمدا تىمسىقلاپ؛


ئەجىرىڭىزغا تەشەككۈر؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1183 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-7-27 11:13 PM
قىلغان ئەجرىڭىزگە چۇشلۇق ھىكايىنىڭ ئاپتۇرى ئىسيانكار  ...


كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى.بۇنداق قىلىشىممۇ ھەممىمىز ئۈچۈن! رەھمەت!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخمەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 12:03 AM  


Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6428
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5692 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 12:23:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى قىپسىز ، مەنمۇ تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم .

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش