ئۇيۇشما باشلىقىنىڭ چېشىنى مەن تۆكۈۋەتتىم!!!
(ھېكايە)
بۇنى كۆرۈپ مىنى لۇكچەك ياكى ئاچچىقى بەك يامان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلاپ قالدىڭىز بەلكىم... ئالدىرماڭ ھازىر دەپ بېرىمەن.
مەن ئالىي مەكتەپكە چىققىنى 3يىل بولاي دېدى ، ئىشقىلىپ كۈنلىرىم مىڭ زېرىكسەممۇ ، تېرىكسەممۇ ئۆتىۋاتىدۇ... بۇ يەردە مىنى تونۇيدىغانلار بەك ئاز ، قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىچىدە 3يىلغچە ئىسمىمنى تۇتۇپ بولالمىغانلىرى بار . راس گەپنى قىلسا ئۇلاردا ئەيىپ يوق ، مەن ئۇلاردىن ئاغرىنمايمەن ، مىنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىمنى باشقىلار بىلمەمدىكى تاڭ؟ ھەممىسى مىنى تونۇمايدىغاندەك ، مەن بۇ مەكتەپكە ئارتۇقچە ئادەمدەكلا... ياتاقتىكىلەر تاماققا ماڭسىمۇ مىنى چاقىرمايدۇ... باشقىلار كېلىپلا خېلى نام تاپتى ، بەزىلەرنى باشقا فاكولۇتتىكى قىزلار ئاتايىتىن ئۇلارنى ئېزدەپ دوس بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇلار ناخشىنى قاتتىق ياخشى ئېيتىدۇ ياكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە نەتىجە قازىنىدۇ... لېكىن مەنچۇ ھېچنىمىدە يوق ، يا دەرستە ياخشى ئەمەس ، يا ئويۇندا ياخشى ئەمەس ، يا ھالال ئەمەس ياھارام ئەمەس دېگەندەكلا . ئۆزەمچە بەزەن قىزلار بىلەن تونۇشۇپ باقايمىكى دەيمەن لېكىن مەن مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قىزنى ياقتۇرۇپ قالمىدىم. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەنسىز ھە؟ راس ، خېلى ۋىژدانىم بار ، مەن ياخشى كۆرمىسەم باشقىلاردەك بىكاردىن قىزلارنى ئاۋارە قىلمايمەن . مەن بىلەن ئىنگىلىزچىگە بىر سېنىپتا قاتنىشىدىغان بىر قىز ئۈمرۈمگە كىلىپ تۇنجى قېتىم ماڭا قىززىقىپ قالغاندەك بېلىندى .مىنىڭ ئىنگىلىزچىدە ھېچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ مەندىن يالغانلاردىن ئۇنى بۇنى سورايدۇ ، بىر قېتىم مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇمنى سورىغانتى(ئۈمرۈمدە تۇنجى قىتىم قىزلارنىڭ مەندىن چ چ نۇمۇرۇمنى سورىشى) مەن:<< چ چ رىم يوق !>> دەپ قويدۇم . قانداقكەنمەن ، راسلا خېلى ئالىيجاناپكانمەنما؟ ۋاي بولدى بۇيەردە تولا سۆزلەپ سېلەرنى ئاۋارە قىلماي نەق گەپنىلا قىلاي ھە!
پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش شۇجىسى ... بۇ گەپنى ئاڭلىسام بۇرۇن مىنى خېلى سۈر باساتتى ، ئۇنىڭ يوغان كۆزئەينەك ئىچىدىكى مەن سېلەرنى لاۋدارىڭلار دېگەندەك تۇيغۇ بېرىدىغان يۇمۇق كۆزلىرى كېلىۋالاتتى . سېنىپتىكى خېلى خېلى نانقىپىلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى ، ئۇ سېنىپنى ئارىلاپ قالسا ئۇلارمۇ يالغانلاردىن كېتابقا قارىۋالاتتى. راس گەپنى قىلسام ئۇنىڭ مەكتەپتىكى يۈزى بەزەن سېنىپ مەسئۇللىرىدىنمۇ چوڭراق ئېدى. چۈنكى ئۇ مەكتەپتىكى خېلى قېيىن دېلولارنى پاش قىلىپ ھەتتا مەكتەپ مۇدىرىنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشكەنتى.
ئۇ دېلو يۈز بەرگەن كۈنى(جۈمە) ، كەچلىك تاماقتىىن كىرسەم ياتاقتىكىلەر تورخانىغا تۈنىگىلى كېتىپ بولاپتۇ.
ۋاي نىمە كۆرىگەن باش بۇ دەپلا مەن ئۆزۈم يالغۇز تورخانىدا تۈنىگىلى كەتتىم .
ئەتىسى ئەتتىگەندە ياتاققا كەلسەم يەنە ھېچكىم يوق ، مەن قوشنا ياتاققا كېرىپ باقسام ھەممىسى تۇرۇپ كېتىپ قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ :
_تازا ياخشى بولاپتۇ گۇينىڭ بالىسىنى ، ئۆزىنى بۇ مەكتەپنىڭ پادىشاھى دەپ ھېسابلاييتى.
_شۇنى دېمەمسەن تېخى چېشىنى تۆكىۋېتىپتۇ خى خى..
_قانداق ئوغۇل بالا قىلغاندۇ ؟ ئاشۇنىڭ چېشىغا ئۇرغان قوللىرىنى بىر تۇتىۋالسام...
مەن قىززىقىپ ئالىمدىن :
نىم بولاپتۇ ئاداش دېسەم؟ ئۇماڭا قاراپ قويۇپ :
_ھېچنىمە،_دىدى.
ئاڭغىچە مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى كىرىپ كەلدى(ئاشۇ ياتاقتا ياتاتتى).ھەممىسى قانداق بولۇپتۇ دەپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراشتى. ئۇ كونا ئادىتى بويىچە ئۆزىنىڭ تاماششىبىنلىرىغا بىر قارېۋېتىپ تاماكىدىن بىرنى چېقىرىپ سۆزلدى:
_تۆت كۆزنى بىر ئۇيغۇر ئۇرۇپ قوياپتۇ ، ئاخشام سائەت 9لەر ئەتراپىدا <<مۇساپىسىز >> غا ئۆزى يالغۇز مېڭىپتىكەن ، تۇيۇقسىز كەينىدىن بىرى كېلىپ كەينىگە قەرىپ يېقىتىپ تۆت _بەش مۇش ئۇرۇپ قوپالماس قىلىپ نەچچىنى دەسسۋېتىپ كېتىپتۇ ، ئۇ ساراڭ ئۇنى دەسسەپ بولۇپ ئۇيغۇرچە تېللىغان ئوخشايدۇ ،ئۇ مىنى ئۇرغان ئۇيغۇر دەيدۇ...
_قاندا ئىككى يۈرىكى بار نىمىدۇ ئۇ؟
_مۇشتىنىڭ خېلى تورى باركەن ھە، تۆت مۇش بىلەن قوپالماس قىلىۋەتكەندىكى .
_قاتتىق ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن بىرى ئوخشايدۇ .
_ياخشى بولاپتۇ.
مۇئاۋىن يەنە سۆز باشلىدى .
_كوچىدا چىراق بولمىغاندىكى ئۇرغان ئادەمنى تاپماق تەسكە چۈشكىدەك تۇتىۋالسا قوغلاندى قېلىۋېتىشى مۇمكىن.
_ياقەي ، قوغلاندى قىلمىقى تەس جۇما باللا ، يەنە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ سېناپ باقىمىز دەمىكىن ، بۇلتۇر مۇئەللىمنى قىز دوستىغا يېقىنچىلىق قېلىۋاتىدۇ دەپ ئۇرغان نوچىنى قوغلىمىدىغۇ؟
_ ئۇنىڭ دادىسى باشلىق تۇرسا .
_......
.... مانا 2 كۈن بولدى ، بۇ دىلو پۈتۈن مەكتەپكە پۇر كەتتى ، تېخىچە ئۇرغان ئادەمنى تاپالمايۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئۇرغۇچىنى ماختىغان گەپلەرنى ئاڭلىدىم ... سېنىپتىكى <<تۆت ھوشۇق>> (سىىنىپتىكى ئەڭ گۈزەل دائىم بىللە يۈريدىغان تۆت قىز )لارنىڭمۇ ئۇ ئوغۇل بالىنى ماختىغان گەپلىرىنى ، تىخى دوس بولغۇسى بارلىقىنىمۇ ئوغۇرلۇقچە كېتابقا قارىغانلىق بولۇپ ئاڭلىۋالدىم. كاللامغا تۇيۇقسىزلا بىر خېيال كرلىۋالدى....
بۈگۈن كەچ سېنىپتا بىزنىڭ سېنىپنىڭ باللىرىنى ئەڭ گۇمانلىق دەپ مەكتەپنىڭ ئەخلاق مۇدىرى بىزگە مەخپىي يېغىن ئاچتى . ئۇ ئاۋال تۆت كۆزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ، ئۇنىڭ مەكتەپتە ئويناۋاتقان رولىنى ماختاپ سۆزلىۋەتكەندىن كېيىن ، مۇدىرنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆزىگە تاپشۇرغانلىقىنى ، ئۇرغۇچىنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى ، ئەگەر ئۇرغۇچى تېپلسا ئۇنى قوغلاندا قىلىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلسا گۇناھىنى تونۇش قاتارىدا 1_دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ بىر مەۋسۇم سېناپ باقىدىغانقىنى ، ھەم ئۆزىنى مەن ئەركەك گېپىمدە چوقۇم تۇرىمەن دېدى .... كاللامدا 3_دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ كەتتى. نۇرغۇن خېياللار... مەن ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ:
_مەن ئۇرغانتىم ..._دېدىم . ھەممىسىنىڭ كۆزى ماڭا تېكىلدى ... نۇرغۇنلىرى ھەيرانلىق ئاۋازىنى ئېچىگە يۈتەلمەي چېقىرۋەتتى . ئەخلاق مۇدىرى ماڭا قارىۋەتكەندىن كېيىن:<< كەينىمدىن ماڭە>> دېدى. ئۇنىڭ گەرچە كېرىپ باقمىساممۇ نامىنى تولا ئاڭلىغان جازا مەيدانى بولغان ئىشخانىسىغا كىردىم . ئۇ ناھاييتتى مۇلايىملىشىپ كەتكەنىدى . مەندىن ئىشنىڭ ئەسۋالىنى تەپسىلىي دېيىشىمنى سورىدى. مەن باشتا سەل تەمتىرىگەن بولساممۇ كىيىن ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىپ ، مىنىڭ ئۇ تۆت كۆزگە بۇرۇندىن تارتىپ ئۆچلىكىمىنى بىر ئۇرۇش نېيىتىمنىڭ بارلىقىنى ، ھەم ئۇنى ئۇ كۈنى قانداق ئۇرغانلىقىمنى راس بولغاندىنمۇ ئاشۇرۇپ ناھاييتىتى ياخشى تەسۋېرلەپ بەردىم....
ئارلىقتا خېلى ئىشلار بولدى ، ئاز قالدىم يالغان قەھرىمان بولۇمەن دەپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ قالغىلى ، ئەخلاق مۇدىرى گېپىدە تۇردى ئارلىققتا خېلى قاتراپ ماڭا بىر مەۋسۇم سېناش جازاسى بەردى ... شۇنىڭدىن تارتىپ مىنى مەكتەپتە تونۇمايدىغان ئادەم قالمىدى . مەن تونۇمايدىغان گۈزەل قىزلارمۇ مىنى كۆرسە ماڭا قاراپ دوسلىرى بىلەن كۇسۇرلىشىپ كۈلۈشۈپ ئۆتۈپ كىتىدۇ ، باششقا فاكولۇتتىكى نەچچە قىز نۇمۇرۇمنى ياتاقداشلىرىمدىن سوراپتىكەن ، ياتاقداشلىرىم مەندىن دەپ بېرەيمۇ ، سىمدەك قىزلار دەپ سورىدى . لېكىن مەن ياق دېدىم...
شۇنداق ھايات ئۆتۋېرىدۇ ، ئۇ سىزنى تونۇمايدۇ چۈنكى ئۇ بىر سۇبىكتىپ نەرسە ... بەزىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ ، جامائەتلەر بىلەن جىنازىغا سېلىپ ياخشى خەتمە _قۇرئان قىلىپ ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويىمىز ، ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇنى ھېچكىم ئەسلىمەيدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا چىكىتتەرەكمۇ ئېزى يوق . شۇندا ھايات دېگەن بۇ ئۇقۇم سۇبىكتىپ نەرسە لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى بار . ئۇ بارلىق ئاۋازى بىلەن ھەر كۈنى مەۋجۇتلۇق ، مەۋجۇتلۇق.....دەپ توۋلايدۇ....
مەنبە : مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esyankar75 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 02:54 AM