70-يىللاردا ھەربىچە ماشرەڭ كىيىم كىيىش،ۋەلسىپىت ،كىيىم تىكىش ماشىنىسى،قول سائىتى سېتىۋېلىش .ئازراق ھاللىق ئائىلىلەردە رەڭسىز چايكا ماركىلىق سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىنى سېتىۋېلىش مودا ئىدى،رادىئو ئاڭلاشمۇ خېلى مودا بولدى.يېڭى يېزىقچە قىزىل راۋاقتىكى چۈش،سۇ بويىدا....قاتارلىق رومانلارنى ئوقۇش مودا ئىدى.كىچىك بالىلار رەسىملىك كىتاپ كۆرەتتۇق،تولىسى رەڭسىز كىچىك كىتاپچە ئىدى.ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش كىنو كۆرۈش ئىدى.
80-يىللاردا ياپونىيەنىڭ ئۈنئالغۇلىرى مودا بولۇپ،غەرپنىڭ دېسكو مۇزىكىسىنى ئاڭلاش،شاڭگاڭنىڭ گۇمپا كىنولىرىنى كۆرۈش،كاناي ئىشتان كىيىش،ئوغۇللار چاچنى گەدەنگە قويۇش ۋە تولغىما ئۇسسۇل مودا بولدى،بۇ ۋاقىلتلاردا جەمئىيەت بەكمۇ قالايمىقان،ئوغرى بۇلاڭچى كۆپ،توپلىشىپ جىدەل چىقىردىغان ئىشلارمۇ مودا ئىدى.يەنە كېلىپ مۇھەببەتلەشكەنلەر ھىندىستاننىڭ كىنولىرىنى تولا كۆرۈپ ھە دېگەندە دورا ئىچىۋېلىپ ئۆلىۋېلىشمۇ مودا بولغانىدى.موتو سېتىۋېلىش ياشلارنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى بولۇپ،چېخىسلوۋاكىيىنىڭ جاۋا ماركىلىق موتوسىنى مىنىش تولىمۇ مودا بولدى،كېيىن ياپونىيەنىڭ ياماخا،خوندا،سۇزۇكى موتولىرى بازارنى قاپلاپ كەتتى،جوڭگونىڭ جالىڭ،شىڭفۇ ماركىلىق موتولىرىمۇ بار ئىدى.80-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ تېلىۋىزور ئائىلىلەرگە كىردى،ئاساسەن ياپونىيەنىڭ خىتاچى،سوني،توشىبا ماركىسىدىكى رەڭسىز 9-12سۇڭلۇق ساندۇق تېلېۋىزور بولۇپ،تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ ئازلىغى،مازلىغىنى ھازىرقى بالىلار ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.شۇنداقتىمۇ چاڭچىلە بولسىمۇ كۆرەتتۇق
.gif)
90-يىللارنىڭ بېشىدا ئوغۇللار چېچىنى بۈدرە قىلىدىغان،قىزىل ساپما كەش كىيىدىغان،ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىش،تار شىم،پادىچى ئىشتىنى ۋە چاپىنى كىيىش بىرمەھەل بازار تاپتى.داپەنجى يېيىش ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا بەكمۇ ئالقىشلىق ئىش ئىدى.كوچا-كوچىلاردا سىنقويغۇ ئۆيلىرى بولۇپ،توپ-توپ بولۇشۇپ سىنئالغۇ كۆرۈشەتتى.كېيىن چاقىرغۇ دېگەن نەرسە پەيدا بولدى،بىر مەھەل ياشلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى چاقىرغۇ ئېسىش بولۇپ،ئاددىسى سېفىرلىق،ياخشىسى خەنزۇچە خەتلىك ئىدى،ياخشىلىرى 2000يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ شۇ ۋاقىتقا نىسبەتەن بەك قىممەت ئىدى.يانفوننىڭ ئەجدادى بولمىش داگېدا پەقەت ئاز بىرقىسىم بايۋەتچىلەرنىڭ قولىدا بولۇپ،ئاۋام پۇخرالار ئارىسىدا ئومۇملىشالمىدى،چۈنكى باھاسى 20مىڭ يۈئەنلىك كېسەك چوڭلۇغىدىكى قوپال بۇ ئاپپاراتنى ئادەتتىكى كىشىلەر سېتىۋالالمايتتى.كېينچە ئۇيغۇرچە خەتلىك چاقىرغۇ بازارغا سېلىنغاندا،يانفون ئومۇملىشىشىقا باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن چاقىرغۇ تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىپ،يانفون شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشقا يۈزلەندى.ئويگە تېلېفون ئورنىتىشمۇ مودا بولۇپ كەتتى.
2000-يىللاردا يانفوندا ئۇچۇر يوللاش باشلاندى،كومپيوتېر ئۆيلەردە ئومۇملىشىىشقا باشلىدى،تورخانىغا كىرىپ تورغا چىقىش،قۇرۇق پاراڭ ئەۋجىگە چىقتى.تور ئويۇنلىرى قىزىپ كەتتى.ئۇيغۇر جەمئىيىتگە ئەڭ چوڭ ئاپەت خېروئىن پەيدا بولدى،ياشلىرمىز ئاق ئالۋاستىغا دۈم چۈشۈشتى.
يېقىنقى 10يىل كىشىلەر بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرشقا يۈزلەندى،شەخسى ماشىنا ئېلىش موتونىڭ ئورنىنى ئالدى.يانفون ئىشلەتمىگەن ئادەم قالمىدى.ئىنتېرنېت تورى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەقىياتلارغا ئېرىشتى.تور دۇنياسى بۇ دۇنيادىكى مەۋھۇم دۇنيا سۈپىتىدە دۇنيانى بىر-بىرىگە زىچ باغلىدى.تىلىمىزدا ئايفون،ئايپەد،يېشىل چىش،ئېلكىتاپ،ئېلخەت،بىلوگ،مىكرو بىلوگ،قاتناش قىستاڭچىلىغى،دىبا،ۋاڭبا،دەيكۇئەن،سۇغۇرتا........ ئاتالغۇلىرى مودا بولۇپ كەتتى.ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش شىددەت بىلەن ئومۇملاشتى.بالىلار ئانا تىلدىن قوش تىلغا،قوش تىلدىن تاق تىللىققا يۈزلىنىش مودا بولۇشقا باشلىدى،نۇرغۇن ئانا تىللىق سىنىپلار چۆلدەرەپ،تاقىلىپ قالدى.لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆزلۈك ۋە كىملىگى توغرىسىدا قايتىدىن ئويلىنىش،ئىزدنىش ئويغاندى،كىشىلەر بۇ دۇنياغا قايتىدىن كۆز ئاچقاندەك ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە باشقىچە بېقىشتى.ھاراق-شاراپ ئىچىش،ئويۇن-تاماشا،كەيىپ-ساپا 80-90-يىللارغا قارىغاندا خېلىلا پەسكويىغا چۈشتى.ھازىر ئۈرۈمچىدە شاراپسىز توي ،ئانا تىل قىزغىنلىغى مودا بولىۋاتىدۇ،بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن غەم يېيىش ۋە شۇ توغىرلىق پاراڭ مەسلىھەتلەر كۆپ بولدى.
دەپ كەلسەم بەك جىقكەن.....................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Suchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 01:14 AM