ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
بۈگۈن مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كەپ قالدى، بۇرۇن نۇرغۇن نەرسىلەر مودا بولۇپ ئۆتتى ھەم بولىۋاتىدۇ. بەزى نەرسىلەر قانداق تېز كەلگەن بولسا شۇنداق تېز كەتتى ، بەزىلىرى بولسا تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ قىممىتى ھەم رولىنى يوقاتماي تۇرمۇشىمىزدا بىزبىلەن بىللە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە . ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك ھەممىمىز بىرلىكتە بۇرۇن تۇرمۇشىمىزدا مودا بولغان ھەم يېڭىلىقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىشلار ھەم نەرسىلەرنى بىرەردىن دەپ باقساق. ئىشىنىمەنكى بۇ چوقۇم بەك پەيزى بولىدۇ . بۇتوغۇرلۇق خېلى كۈلكىلىك ئىشلارمۇ چىقىپ قېلىشى مومكىن .ئەلۋەتتە،ئۆتمۇشنى ئەسلەپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق مىنىڭچە .
ئەمسە مەن باشلاپ بېرەي ھە.
بۇرۇن چاقىرغۇ بەك مودا بولغانتى ھە بىر مەزگىل . ئۇ چاغلاردا چاقىرغۇنى بەلگە قىسىپ كۆڭلەكنىڭ پېشىنى ئۇنىڭغا ئېسىپ باشقىلارغا كۆرسۈتۈپ مېڭىشىپ كىتەتتى بەزىلەر ، مەنمۇ ئۆزەمنى ئۇنداق قىلمىغان دىيەلمەيمەن ئەلۋەتتە.......
ئەمدى سىلەرگە كەلدى بالىلار ، قېنى تارتىنماي دەپ باقمامسىلەر........
ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆتمۈشتە مودا بولغان نەرسىلەرنى ئىشلارنى كىيىملەرنى ھەم بىزگە خوشاللىق ھەم قايغۇ ئېلىپ كەلگەن بۇيۇملارنى ،ئۇنتۇلۇپ كەتكىلىۋاتقان مۆجىزە خاراكتىرلىق كەشپىياتلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى
مەنبە:- ئىچكىردىكى بىر گېزىتتن ئالغان ئىلھامىم
ئەسكەرتىش :- ئىنكاس يازغانلارغا مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turpan0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-24 11:08 PM