Dakyanos يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 08:35 PM 
بېل گايتىس كومپىيوتىر ساھەسىدە ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ...
ئالىم ئەھەتنىڭ دىيارىمىزدا سودا ئىشلىرىدا سىز ئېيىتقاندەك كۆلەم شەكىللەندۈرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ھەممىمزگە ئايان. بىز جۇڭگۇلۇق، جۇمھۇرىيىتىمىزدە ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھۇقۇقى پەقەتلا قوغدالمايدۇ، مىكروسوفىت تەرەپنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا نۇپۇسى بىر مىلىيارد 300مىليوندىن ئاشىدىغان، كومپىيۇتېر ئابونتلىرى خېلىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن دۆلىتىمىزدىكى سېتىش كىرىمى نۇپۇسى يۈز مىلىيونغا يەتمەيدىغان مالايسىياچىلىكمۇ ئەمەس ئىكەن. ھۆكۈمىتىمىز ھەتتا ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغىمۇ ساختا نەشىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىدۇ، ئەمدى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا كەلسەك كومپىيۇتېر تېخى ئامېرىكىچىلىك تەرەققى قىلىپ، ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرگىنى يوق، سىڭىپ كىرگەن ھالەتتىمۇ باشقىلاردىن ناچار ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇپ، ھەممە دىتالنىڭ يېشىۋېتىلگەن، ياكى ھەقسىزلەشتۈرۈلگەنلىرىنى ئىزدەيدىغان بىزلەر ئالدىدا ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ زور ئىقتىسادى كۆلەم ھازىرلىيالىشى ھازىرچە ناتايىن.
ھەممىدىن مۇھىمى بىزلەرنىڭ قوللىشىمىز .
بىر ئادەمنىڭ نەتىىجىسىنى ئىقتسادى كىرىم بىلەن ئۆلچەش ئانچە توغرا ئەمەس بۇلىشى مۇمكىن، ۋاقتىڭىز يەتسە تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئىقتىسادى نەتىجىگە ۋاقت كېرەك.
ئۇيغۇر سوفت قۇرۇلغان خاتىرە كۈن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 09:53 PM