كىم ئۇيغۇرنىڭ بېل گايتىسى بۇلالايدۇ؟
بېل گايتىسنىڭ كىم ئىكەنكىنى نۇرغۇنلىرىمىز بىلىمىز، چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي شۇنداقلا ساخاۋەتچى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپنى تۇلۇق پۈتتۈرمەيلا چىقىپ ئۆزئالدىغا ئېگىلىك تىكلەش مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ كەتكەنىلىك ھېكايىسىمۇ داڭلىق. بۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلگەن ھەربىرىمىز ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشىلىتىۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تىپىپ بېرىۋاتىمىز.ئەلۋەتتە ئالما كۇمپىيوتىرىنى ئىشلىتىدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى چەكلىكلا دىيىشكە بۇلىدۇ.
يېقىندا بىر خەۋەردە كەلگۈسىدە بېل گايتىسنىڭ ئىزىنى بېسىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارالغان مۇشۇ ساھەدىكى ياش كارخانىچىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۇپ قالدىم، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قانچە جۇڭگولۇقمۇ بار ئىكەن. بۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغىنى دەل مۇشۇ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ماخۇاتىڭ. دوسىتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمىسىمۇ ، QQ نى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك. ئۇنىڭ بايلىقى بۇ قاتاردىكلەرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن زور، يەنە كىلىپ خېرىدارلىرىمۇ ئەڭ كۆپ كۆپ. ئۇنى توردا بىر ئېمپىرىيە قۇردى دىيىشكە بۇلىدۇ.
ماخۇاتىڭ 1971-يىلى گۇاڭدۇڭدا تۇغۇلغان. 1984-يىلى شىنجېنغا كۆچۈپ كەلگەن بۇ جاي جۇڭگودا ئەڭ دەسلەپ تورخانا ئىچىلغان جاي، ئۇ 1993-يىلى شىنجېن ئۇنۋېرىستىتى كومپىيۇتىر كەسپىنى پۇتتۇرگەن. 1998-يىلىغا كەلگەندە تىڭشۇن( 腾讯) نى قۇرغان. نۇرغۇن كارخانىچىلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئىشلىرىمۇ دەسلەپ تازا ئاقمىغان. ماخۇاتىڭ ھەتتا شىركەتنى ساتماقچى بولغاندا باھاسىغا ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان. لىكىن 2004-يىلىدىن باشلاپ شىركەت ئابۇنىتلىرى تۈز سىزىق بۇيىچە ئۆرلىگەن. بۈگۈنكى كۇندە ئۇ جۇڭگو تور ساھەسىدە گىگانىت شەخىسكە ئايلاندى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغانلارمۇ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلدىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ.
دۇنياۋىي نۇقتىدىن قارىغاندا ماخۇاتىڭنى بىل گەيتىسقا سىلشتۇرۇش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئەمما جۇڭگودا ئۇنىڭ ئورنى خىلى مۇستەھكەم دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ. بىل گەيىتىسنىڭ غەلبىسىنىڭ كەينىدە ئېنگىلىز تىلىنىڭ دۇنياۋىي ھۆكۇمرانلىقى بولسا، بەلكىم ماخۇاتىڭنىڭ غەلبىسىدەغايەت زور نۇپۇس مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. ئىلگىرى نۇپۇسنىڭ تەرەققىياتقا نىسپەتەن سەلبىي رول ئوينايدىغانلىقى كۆپرەك تەكىتلەنگەن ئىدى. زور نوپۇسنىڭ يەنە چوڭ بازار ئىكەنلكى ئىسپاتلانماقتا. ياپۇنىيەنىڭ ئامىرىكا ، ياۋرۇپا بىلەن تەڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى، جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ بارغانسىرى تىز بۇلۇۋاتقان تەرەققىياتى كىشلەرگە نوپۇسنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ماخۇاتىڭنىڭ غەلبىسىدىن كىيىن ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن كىتاپلار يىزىلدى. ئۇنىڭغا مەدھىيلەر ئۇقۇلماقتا، ئەمدى بولسا ئۇنى جۇڭگونىڭ بىل گەيتىسى بۇلۇپ قالىدۇ دىيىلمەكتە.
ئەمدى مەسلىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك زادى كىم ئۇيغۇرنىڭ بېل گايتىسى بۇلالايدۇ؟ ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئۇيغۇر تىلنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئىنگىلىز تىلى بىلەن سېلشتۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. بېل گايتىس دەۋرىدىكدەك تېخنىكا ۋە پۇرسەت ئەۋزەللىكىدىن ئەسلا سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ماخۇاتىڭنىڭكىدەك غايەت زور نۇپۇس ئەۋزەللىكى بۇلۇش دىگەننى بولسا ئويلاپ قويمايمىز ئەلۋەتتە. ئەمما كومىيوتىر تېخنىكىسى دۆلىتىمىزگە باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا بىر قىسىم ئىجتىھاتلىق كىشلىرىمىز بۇ ساھەدە ئىزدەندى ۋە بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. شۇنداقلا 10مىليوندەك كىلىدىغان خەلقىمىزنىڭ ئۆز يېزىقىدا نورمال تور پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا شارائىت ياراتتى. يەنە كىلىپ نۇرغۇن يىڭى -يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان كىشلىرى ئاز ئەمەس، مېنىڭچە بۇنىڭ ئىچىدە ئىش-ئىزلىرى ئەڭ گەۋدىلىك بولغانلىرى ئۇيغۇر سوفىتنى قۇرغۇچى ئالىم ئەھەت، ئاكادىمىك ھۇشۇر ئىسلام، ۋە يا كومىيۇتىر مۇتەخەسسى دىلشات ھىۋزۇللا. پەخىردىن قارلۇق يىتەكچىلىكىدىكى قارلۇق شىركتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرلىشىمۇ ئۇنىڭدا ئۈمىدنىڭ زورلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالىم ئەھەت ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنى 1998-يىلى قۇرغان بۇلۇپ تېڭشۈن بىلەن بىر يىلدا قۇرۇلغان دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى شىركەتنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرىنى سېلشتۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئالىم ئەھەت ۋە ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكور ساھەسىدىكى تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان، كومپيوتىر مۇتەخەسسى دەپ نام ئالغان ئاكادىمىك، ھۇشۇر ئىسلام ئۇيغۇر قاتارلىق بىر قانچە مىللەتنىڭ يىزىقىنى كومپىيوتىرغا تۇنۇتۇش جەھەتتە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ،زور تۆھپە قۇشتى. ئەمما ئۇنىڭ بازارغا يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدە ھىچبىر ئۇچۇر يوق. ئۇنىڭ تەتقىقان تىپىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن زور.ھازىر ئەنگىلىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان دىلشات ھېۋزۇللا ياش كومپىيۇتىر مۇتەخەسسى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. قارلۇق شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ باققانلار ۋە ئۇنى ئاز-تۇلا چۈشىندىغانلارغا ئايانكى قارلۇقنىڭ پۇختا قەدىمى ئۇنى خېلى يۇقىرى پەللىگە باشلىشى مۇمكىن. يۇقىرىقىلەرنى تىلغا ئىلىپ ئۈتۈشۈم ھەرگىز مانا بۇلار ئۇيغۇرنىڭ بېل گايتىسى بۇلالايدۇ دىگىنىم ئەمەس. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندە بۇ ساھەدە جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈرگەن ھەربىر ياشنىڭ تۇغرا بولغان تەرەققىيات نىشانى ۋە پىلانى ۋە تۈرى بولسا بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېلىكتىرون ساھەسىگە تايىنىپ ئۇيغۇردىكى ھەتتا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بايدىن بۇلۇپ قىلىشىدا ئۈمىد بار.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 12:36 AM
|