ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن سۈپەتلىك ، باھاسىمۇ مۇۋاپىق ،مەنمۇ بۇرۇن بىكار چەتنىڭكىنى ئالغىچە ئۆزىمىزنىڭكىنى ئالايلى دەپ ئويلايتتىم ،بىراق تۈركىيەنىڭكىنى بىر ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم تەبىئيلا شۇلارنى ئالىدىغان بولدۇم ،پىرەنىكلىرىنى يېسىمۇ قويۇق قايماق سۈت ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ ،بەزىبىر پىرەنىكلەردەك تاتلىقلا ئەمەس(يەنى شېكىرى جىق ،سۈتى ئازمىكىن دەيمەن)، يەنە ھېلىقى ھەسەل كەمپۈتىگە بالام بەك ئامراق.
.gif)
ھەر ئىككىلا شىركەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ،تېخىمۇ سۈپەتلىك مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلارنى خەلقىمىزگە سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يەنە بىر گەپ ،مۇشۇ تۈركىيەنىڭ ئېلانلىرىنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن ،مەنلا ئەمەس ،نۇرغۇنلىرىمىز ياقتۇرمايمىز ،بەكلا تېتىقسىز ،مۇمكىن بولسا ئىخلاس شىركىتى مۇشۇ توغرىسىدا ئۈلكەر گۇرۇھى باشلىقلىرى بىلەن سۆزلىشىپ باقسا.