مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15488|ئىنكاس: 93

تۈركىيە ئۈلكەر گوروھى لىدىرى ئۈرۈمچىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66667
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13948
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1125 سائەت
تىزىم: 2010-1-24
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:32:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە ئۈلكەر گورۇھى ۋە يىلدىز ھولدىڭنىڭ باش لىدىرى   مۇرات ئۈلكەر ئەپەندىم دىيارىمىزدا زىيارەتتە بولدى

01.jpg


تۈركىيە ئۈلكەر گورۇھى باش لىدىرى مۇرات ئۈلكەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى.   (سۈرەتتە:  تۈركىيەدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە شىركىتىمىز رەھبەرلىرى)



      يېقىندا تۈركىيە ئۈلكەر گورۇھىنىڭ باش لېدىرى مۇرات ئۈلكەر ئەپەندىم  ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئۈلكەر گوروھىنىڭ جۇڭگودىكى باش ۋاكالەتچىسى ئۈرۈمچى رىزا خەلقئارا سودا ئىمپورت-ئىكىسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن  دىيارىمىزغا كېلىپ زىيارەتتە بولدى. ( ئۈلكەر گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەنىۋى رەھبىرى سابرى ئۈلكەر ئەپەندى 2012-يىلى6-ئاينىڭ 12-كۈنى 92يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .سابرى ئۈلكەر ئەپەندى 2000-يىلىدىن باشلاپ ئۈلكەر گورۇھىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى ئوغلى مۇرات ئۈلكەر ئەپەندىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ،شۇندىن بۇيان ھازىرغىچە مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى ئۈلكەر گورۇھىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە. شىركىتىمىز ھۆرمەتلىك سابرى ئۈلكەر ئەپەندىگە ئاللادىن رەھمەت ۋە مەغفىرەت ، بالىسى مۇرات ئۈلكەر ئەپەندىگە ھەم بارلىق ئۇرۇق-تۇققان دوستيار بۇرادەرلىرگە سەبر تىلەيدۇ.)

        كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە ئۈلكەر گورۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى 2000-يىلدىن باشلاپ ئىخلاس شىركىتى، ئاندىن ئۈرۈمچى رىزا تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكىسپورت چەكلىك شىركىتى (بۇ ئىككى شىركەتنىڭ يىلتىزى بىر. تەرەققىيات ئېھتىياجى سەۋەبىدىن،كېيىنچە پەقەت ئىمپورت-ئېكىسپورت سودىسىغىلا مەسئۇل بولغان رىزا شىركىتى قۇرۇلغان.) دىيارىمىزغا ئىمپورت قىلىپ كىرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنگىچە بولغان 12 يىل مابەينىدە تۈركىيە ئۈلكەر گورۇھىنىڭ ئالبەنى،مەترو،ئالپېللا،دىدو،رودىئو،چىكولاتا قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق شاكىلاتلىرى؛ روندو،ئېكرام،پەتىبۆر،بىسكېرەم،فىنگەر،پىكنىك،تېمپو قاتارلىق 60 خىلدىن ئارتۇق پىرەنىكلەر؛ ھېرو بوۋاقلار پىرەنىكى، ھېرو بوۋاقلار بۇلماقلىرى ۋە ھېرو بوۋاقلار مېۋە قىياملىرى قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق بوۋاقلارمەھسۇلاتلىرى؛ يەنە قات-قات، ھاللېي، پېكى،ئالپېللا قاتارلىق  35 خىل تورتلىرى؛ كرېمىنىي،يۇپو، گاللېرىي قاتارلىق 45 خىل كەمپۈتلەر؛ئونىئو،چەۋىدىنت،يىلدىز ماركىلىق 30 خىلدەك سېغىزلىرى؛ ھەرخىل شاكىلات قىياملىرى؛ ئىچىم مېۋە شەربەتلىرى ،تۈركا كولا، مالتانا،ساننىي،فىلورىس سودا سۈيى،ئاتەش سۈيى، قەھۋەلەر گۈلتاجى كافى كىروۋىن، ساكا مىنىرالنى سۇ  قاتارلىق ئىچىملىكلەر؛بىزىم مۇتفاق كەسمە چۆپلىرى، بىزىم مۇتفاق تۇركىيە ئۇماچلىرى يەنە ئىچىم پۇدىڭ ماركىسدا تۇركىيە ئەنئەنىۋى  تاتلىقلىرى،كامال كۈكرەر ماركىلىق  ئالما ،ئۈزۇم سىركىللىرى ۋە لىمون، ئانار قىياملىرى؛ بىزىم قىزارتما ياغلىرى ؛بىزىم ۋە تەرەم ياغلىرى؛ ئۈلكەر دوكوروس دورا-دەرمەكلەر ۋە كومىلى ماركىسىدىكى چاچ سوپۇن، قول سوپۇن، بەدەن سوپۇنى، بابى ستار بۇۋاقلار زاكىللىرى، كومىلى بابى ستار ھۆل قەغەزلىرى، روزى ماركىلىق ئاياللار قەغەزلىرى ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە يىلدىز ھولدىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر داڭلىق ماركا خەلق شاكلات-پىرەنىكلىرى؛مىسبىس ماركىلىق شاكلات گوفرەتلىرى؛قارسا ماركىلىق شاكلات پرەنىك كەمپىتلەر؛بايجان ماركىلىق فىكرا سېغىزلىرى قاتارلىقلار بولۇپ جەمئىي 300 خىلدىن ئارتۇق ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى دىيارىمىز خەلقىگە سۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ.(ئۈلكەرنىڭ دۆلىتىمىزگە ئىمپورت قىلىنمىغان يەنە نۇرغۇن مال تۈرلىرىمۇ كەڭ ئىستىمالچىلىرىمىزنىڭ  قوللىشى بىلەن ئاستا-ئاستا بازارلىرىمىزدىن ئورۇن ئالغۇسى.) شۇنداقلا ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېسىللىقىنى تونۇپ يېتىپ،كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت ئىستىمالچى ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ،بېيجىڭ،شاڭخەي، شىئەن،گۇاڭجۇ،سۇجۇ،لەنجۇ،شىنىڭ،يىۋۇ  قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ چوڭ ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى تارقىتىش نۇقتىلىرى ۋە تاللا بازارلىرىنى قۇردى.

         ئۈلكەر گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم سابرى ئۈلكەر ئەپەندىمنىڭ مۇنداق بىر گېپى بار:"بىر بالا دۇنيانىڭ قەيەرىدە تۇغۇلغان بولىشىدىن قەتئىنەزەر، بۇ بالنىڭ بالىلىق ھاياتىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۇزۇش ھوقوقى بار. بىز مۇشۇنىڭ ئۈچۇن ئىشلەيمىز." ئۈلكەرئەپەندىمنىڭ يەنە بىر جۈملە گېپى بار:" شاكىلات- پىرەنىك بىز ئىشلەپ چىقرىشتىن بۇرۇن ناھايىتى قىممەتلىك نەرسە ئىدى. ھەرقانداق بىر دادا بالىلىرىغا ئېلىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمەيتتى. مانا بۈگۈنكى كۈندە بىز  ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى تولىمۇ سۈپەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقاردۇق. بىراق، باھاسىنى دەل ئەكسىچە تولىمۇ مۇۋاپىق قىلىپ ھەرقانداق بىر دادا بالىلىرىغا قورقماي ئېلىپ بېرەلەيدىغان قىلدۇق ۋە بالىلىرىنى ئازغىنا پۇللۇق نەرسە بىلەن خوشال قىلالايدىغان بولدى. مانا بۇ بىز ئۈچۈن خوشاللىنارلىق ئىش بولدى." ‏ ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ 68 يىللىق تارىخىدا كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىشى،مەھسۇلات تۈرىنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى،شۇنداقلا ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈن خەلقئارا مىقياسىدا شۇنچە بازار تېپىشىدا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا سەۋەپ بار. ئۇ بولسىمۇ ئۈلكەرنىڭ سۈپەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكدە! ئىستىمالچىلارغا سادىق بولغانلىقىدا! مۇسۇلمانچە ۋە تەملىك بولۇش دىگەنلەرغۇ ئەقەللىي تەلەپ. مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە بولغاچقىلا ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۇنيادا 180 نەچچە دۆلەتتە ئالقىشلاندى.جۈملىدىن دىيارىمىزدىمۇ شۇنچە ئەتىۋارلاندى.
‏      بەلكى سىز شۇنچە سۈپەتلىك، شۇنچە ئىسىل ئۈلكەر ماللىرىنىڭ باھاسىنىڭ بۇ قەدەر ئەرزانلىقىنى كۆرۈپ،« ئىمپورت ماللارمۇ شۇنداق ئەرزان بولامدۇ؟ ئىچكىرىدە ئىشلىتەمدىغاندۇ ياكى ئىخلاس ئۆز زاۋۇتىدا ئىشلەمدىغاندۇ؟ » دەپ، ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شىركىتىمىز شۇنداق كاپالەت بىرىدۇكى، ئۈلكەر ماركىسىدىكى ھەرقانداق بىر مەھسۇلات ئۈلكەرنىڭ ئۆز زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن.
         
     ئۈلكەر گورۇھى 1944-يىلى سابرى ئۈلكەر،ئاسىم ئۈلكەر قاتارلىق 3 كىشى تەرپىدىن ئىستانبۇل ئەمىنۆنۈ نۇقۇتچىخاندا 100كۇۋادىرات مېتىرلىق بىر ئۆيدە كۈنىگە 200كىلوگىرام پەتىبۆر پىرەنىكى ئىشلەش بىلەن  باشلانغان. 1956-يىلى ئىستانبۇل توپقاپى داۋۇتپاشا مەھەللىسىگە زامانىۋىلاشقان زاۋۇت قۇرۇپ ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. 1974-يىلىغا كەلگەندە ئۈلكەر شاكلات ئىشلەپ چىقرىشقا باشلىدى.ئۈلكەر پىرەنىكنىڭلا ئەمەس شاكلاتنىڭمۇ ماركىسىغا ئايلاندى. 1977 -يىلىغا كەلگەندە ئۈلكەر يېڭى بىر مەھسۇلات كەشىپ قىلدى. ئۇ بولسىمۇ-دىدو. 1980-يىلىغا كەلگەندە ئورالما قاپ زاۋۇتى قۇرۇپ ئۆزىگە كېتەرلىك ئورالمىلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقرىشقا باشلىدى. 1986-يىلىغا كەلگەندە ئۈلكەر ھاللېي ۋە ھوببى ماركىلىك مەھسۇلاتلار ئىشلەپ چىقىرىلدى. 1988-يىلى ئۈلكەر ئالبەنى ۋە مەترولار ئشلەپ چىقرىلىشقا باشلىدى. 1991-يىلى ئۈلكەرنىڭ بۆسۈش خاراكتىرلىك مەھسۇلاتى بىسكېرەم مەيدانغا كەلدى. 1994-يىلى ئۈلكەر ياغ بازرىغا قەدەم قويدى. بىزىم ياغ ماركىسى بىلەن زەيتۇن،گازىر،قۇناق ۋە ئۇسۇملۇك مايلىرنى بازارغا سالدى. 1995- يىلى ئۈلكەر سۈت مەھسۇلاتلىرى بازرىغا قەدەم باستى ۋە سۈت، بالىلار سۈتى،سارماي،پىشلاق،قېتىق قاتارلىقلارنى بازارغا سالدى. 2002- يىلىغا كەلگەندە تۇركىيە تارىخىدا يەرلىك بوۋاقلار بۇلمىقى بولماسلىققا خاتىمە بېرىپ ئۈلكەر ھېرو بوۋاقلار بۇلمىقىنى ئىشلەپ چىقاردى.2007-يىلى ئۈلكەر گولدەن(ئالتۇن) ماركىلىك شاكلاتلار بازارغا كىردى. 2009-يىلى ئۈلكەر 65 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلىدى. 2010- يىلىغا كەلگەندە ئۈلكەر 188 خىل شاكلات، 280 پرەنىكنى ئستىمالچىلاربىلەن يۈزكۆرۈشتۈردى.  
       كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك،ھازىر ئۈلكەر گورۇھىنىڭ 65 تارماق شىركىتى ،30 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى،11 دۆلەتتە 56 زاۋۇتى بار. بۇ زاۋۇتلاردا ئۈلكەر ماركىسى ئاستىدا 42 تارماق 300 بالا ماركا بىلەن 5400  خىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئۈلكەر ماركىلىق مەھسۇلاتلار ئەڭ ياخشى سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىلىپ،داۋاملىق يۇقىرى يېڭى تېخنىكا بىلەن دۇنيادىكى يېڭىلىق ۋە ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆزۈتۈپ ئىشلەپ چىقىرىلماقتا. يىللىق سودا ئومۇمىي سوممىسى 13مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.180دىن ئارتۇق دۆلەتتە سېتىلىدۇ.
               ئۈلكەر گورۇھى 2007-يىلى،دۇنيادىكى شاكىلاتنىڭ ئانا ماكانى بولغان بېلگىيەدىكى 100نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ چوڭ شاكىلات سانائىتى شىركىتى گودىۋانى 850 مىليون دوللارغا سېتىۋىلىپ،قىممەت باھالىق سوۋغاتلىق شاكىلاتنىڭ ۋە ئۈلكەرنىڭ داڭقى ھەم بازىرىنى بىراقلا چىقىرۋەتتى.گودىۋانىڭ(GODiVA) ھازىر بېيجىڭ، شاڭخەيدە 16 مەخسۇس سېتىش ئورنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردا 420 مەخسۇس سېتىش دۇككىنى بار. بۇ مەھسۇلات مەخسۇس سېتىش ئۇرۇنلىرى ۋە ئايدۇرۇملاردىكى باجدىن خالى ماگىزىنلاردا سېتلىدۇ.) يەنە ئەنگىلىيەنىڭمۇ داڭلىق  شاكلات ماركىسى لوۋلېسنىڭ(LOVELLS) ماركا ھۇقۇقىنى سېتىۋالدى. ھازىر ئۈلكەر گورۇھى تۈركىيە سىرتىدا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، جازايىر، پاكىستان، سۈرىيە، قازاقىستان، ئۇكرائىنا، رۇمىنىيە،بېلگىيە،ئامېرىكا قاتارلىق 10 دۆلەتتە 13 زاۋۇتى، تۈركىيەدە 43 زاۋۇتى جەمىئي 56 زاۋۇتى بار بولغان ۋە مەھسۇلاتلىرىغا كېتەرلىك ئۇن، ياغ، شېكەر، كراخمال، گىلىكوزا، كاكائو تالقىنى،كاكائو يېغى،نىيلۇن ئورالما، قەغەز قاپ ۋە قەغەز يەشىك، ھەتتا زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ ئۆز-ئۆزىنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەپ چىقىرىدىغان، نىۋيورۇك خەلقئارالىق پاي بازىردا مۇسۇلمان شىركەتلەردىن بىردىن-بىر پايچېڭى بازارغا سېلىنغان،دۇنيا يىمەكلىك ساھاسىدە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن خەلقئارا گەۋدىگە ئايلاندى.

           مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ ھەمرالىرى رىزا شىركىتىنىڭ باش  دېرىكتورى روزىئاخۇن ئاتۇش ئەپەندى  ۋە شىركەتنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى بازارلارنى ئارلاش، ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغانلىقىنى، بەس-بەستە سىتىۋىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. رىزا شىركىتىنىڭ ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىش،ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۈرۈش،خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان ئېسىل مالغا ئايلاندۇرۇش يولىدا 12 يىلدىن بېرى قان-تەر سىڭدۈرگەن ئەجرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرغان،ئىشەنگەن دىيارىمىز خەلقىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
      مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى مۇنداق دېدى:" - بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تولىمۇ سۆيۈندۈم. ، بىز شىنجاڭغا تولىمۇ كېچىكىپ كەلگەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇق. رىزا بەي(روزىئاخۇن ئاتۇش) ئەپەندى 12يىلدىن بېرى مەھسۇلاتلىرىمىزنى شىنجاڭ خەلقىگە يەتكۈزۈپ كەلدى. شىنجاڭ خەلقى ۋە ھەر مىللەت ئىستىمالچىلىرىمۇ بىزنىڭ ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىمىزنى تولىمۇ ياقتۇرۇپتۇ. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ نەتىجە ۋە كاتتا شان-شەرەپ. ھەقىقەتەن،بۇ نەتىجىلەر ئالدىدا تولىمۇ خوشال بولىمىز. ئەمما، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋەزىپىمىز تېخىمۇ ئېشىپ بارماقتا.جۈملىدىن،شىنجاڭ خەلقى ھەم پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ بىزدىن، مەھسۇلاتلىرىمىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمىز. "
   
        روزىئاخۇن ئاتۇش ئەپەندى مۇنداق دېدى:"- بۇ قېتىم مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىنىڭ دىيارىمىزغا كەلگەنلىكى بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوللاش، بىزنى چۈشىنىش، شۇنداقلا بىزگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ ئىلھام ھىساپلىنىدۇ. بىز 12 يىلدىن بېرى ئۈلكەر شىركىتى بىلەن تولىمۇ كۆڭۈللۈك ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۈلكەر گورۇھىمۇ بىزنى يېقىندىن قوللاپ كەلدى. خىزمەتلىرىمىزگە قولايلىقلارنى يارىتىشقا تىرىشتى. مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى تەڭشەپ دىيارىمىزدىكى ئىستىمالچىلار قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە ئەكىلىشىمىزگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولدى. كىشىنى تېخىمۇ خوشال قىلىدىغىنى ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈستىگە بىۋاستە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقى يېزىلىدىغان بولدى. بۇرۇن بىز ماللارغا خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە خەتلىك چۈشەندۈرۈش چاپلايتۇق. مانا ھازىر تۇنجى قەدەمدە ئۈلكەر مەتروغا چاپلاق چاپلاشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.  مەترونىڭ ئەسلى ئورالمىسىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىق بار بولدى. يەنە يېقىندا ئالبەنى،دىدولارغا بىسىلماقچى. بۇمۇ بىزنى قوللىغانلىقدۇر.
        بۇندىن باشقا ئۈلكەر گورۇھى رەھبەرلىرى دىيارىمىزدىكى ۋە ئېلىمىزدىكى شۇنچە كۆپ ئىستىمالچىلارنىڭ ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،دىيارىمىزدا زاۋۇت قۇرۇش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ پىلاننى 1-2 يىلغا بارماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ مېھمانلار بارغانلىكى يەردە ۋە كىرگەنلىكى تاللا بازارلاردا ئۈلكەر ماللىرىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقى ۋە خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولۇشتى. جۈملىدىن مەنمۇ قايتا مەمنۇن بولدۇم ۋە 12 يىلدىن بېرى بىزنى قوللاپ كەلگەن ئىستىمالچىلىرىمىزغا يەنە بىر قېتىم سۆيۈنۈش ئىچىدە رەھمەت ئېيتتىم..."

           مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئىخلاس يېمەكلىك سانائەت بازىسى،ئىخلاس پىرەنىك زاۋۇتى،ئىخلاس زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىنى، ئارمان زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىنى، كاررېفور زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ۋە ياخشى يۇرت زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنى، ئۈلكەر شوپ ۋە ئۈرۈمچى تولۇنئاي توپ تارقىتىش بازىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەردى.
     
   مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى بىلەن بىللە يەنە ئۈلكەر گورۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى،گورۇھنىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل دېرىكتورى جىم زازا ئەپەندى؛ ئۈلكەر گورۇھى بازار پىلانلاش،ئېچىش بۆلىمىنىڭ دېرىكتورى ئەھەت ئەپەندى؛ ئۈلكەر گورۇھى مالىيە بۆلىمىنىڭ دېرىكتورى جەم قارىقاش ئەپەندى؛ ئۈلكەر گورۇھى ئوتتۇرا ئاسىيا-غەربىي ئاسىيا سانائەت-سودا بۆلىمىنىڭ دېرىكتورى ئىسمائىل ئەپەندى؛ ئۈلكەر گورۇھىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستاندىكى زاۋۇتىنىڭ باش دېرىكتورى ھېكمەت ئەپەندى؛ ئۈلكەر گورۇھىنىڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈم دېرىكتورى نۇرى گۈمۈش ئەپەندى قاتارلىقلار دىيارىمىزدىكى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە
بولدى.

بۇقېتىمقى زىيارەتتىن خاتىرە سۈرەتلەر:


02.jpg



باش ساھىپخان روزىئاخۇن ئاتۇش ئەپەندى،ئۈلكەر گورۇھى باش لىدىرى مۇرات ئۈلكەر ئەپەندىگە  ئەنئەنىۋى مىللىيىچە كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ قىزغىن قارشى ئالدى.

03.jpg

         مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى شىنجاڭ ئىخلاس شىركىتى رەھبەرلىرى بىلەن بىللە

     
04.jpg

                   مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى  بازار تەكشۈرۈشتە بولدى


05.jpg

                     مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى  بازار تەكشۈرۈشتە بولدى

06.jpg

       مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى بازار تەكشۈرۈشتە بولدى  

07.jpg


       مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى ئىخلاس يېمەكلىك زاۋۇتى فېرىما كۆرگەزمە زالىدا   

08.jpg

مۇرات ئۈلكەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شىنجاڭ ئىخلاس يېمەكلىك زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى

09.jpg

ئىخلاس تاللا بازىرىدىن كۆرۈنۈش


010.jpg

  ئىخلاس تاللا بازارلىرىدىن كۆرۈنۈش

011.jpg

  ئىخلاس تاللا بازارلىرىدىن كۆرۈنۈش

012.jpg

ئىخلاس تاللا بازارلىرىدىن كۆرۈنۈش


013.jpg

ئىخلاس تاللا بازارلىرىدىن كۆرۈنۈش


014.jpg


مىسرانىم تور بېكىتى ئالاھىدە خەۋىرى!

2012-يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-5 11:55 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4830
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلكەر ۋە ئىخلاس گوروھىنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ رۇناق تېپىشىنى تىلەيمەن ! تەشەككۈرلەر ....!

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2976
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:45:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشلۇقلار ئالامەت قارشى ئىلىۋەتتى دە ھەقاچان ..............
شىنجاڭغا كېلىپ ناھايتى ياخشى قىلىپتۇ . بىزگە تېخىمۇ كۆپ ياخشى سۈپەتتىكى يىمەكلىكلەرنى سۇنشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ~

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5227
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9609 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:46:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەھەلىگىمۇ كەپتىغۇ بىلمەي قاپتىمەن . ئالدىن ئالا تىلىفۇن بەرگەن بولسا قوي سۇيۇپ مىھمان قىلىۋالدىكەنمەن .     مەرھابا خۇش كەپسىز .   شىركەت ئىچىپ  بىزگە ئىش ئورنى تەمىللەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . ھەمدە بىزدىنمۇ شىركەت ئىچىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغانلار چىقسۇن . ئامىن

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82367
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:52:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىما بۇلۇپتۇ  ،،،،،   مەن بەك ئامراق ئۇلكەر  كەمپۇت شاكىلاتلىرىغا خى خى خى ...

زەنجىردەك بوغارمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:55:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-4 09:45 PM
ئاتۇشلۇقلار ئالامەت قارشى ئىلىۋەتتى دە ھەقاچان ............ ...

ئاتۇشلۇقلارلا  ئەمەس  ،  ھەر قايسى  يۇرتلاردىكى ئۈرۈمچىدە تۇرۋاتقان   ئۇيغۇرلامۇ  شۇنداق  قارشى  ئالدى  ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zanjir34 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-4 09:55 PM  


قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2976
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:00:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-4 09:55 PM
ئاتۇشلۇقلارلا  ئەمەس  ،  ھەر قايسى  يۇرتلاردىكى ئۈرۈمچ ...

ئەلۋەتتە شۇنداق بولىشى كېرەكتە ...........
ھە قاچان بىزگە قارىغاندا ئۈرۈمچىلىكلەر تۈركىيەنىڭ مەھسۇلاتىنى كۆپرەك ئېستمال قىلغاندىن كىيىن

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:06:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى بۇپتۇ، ھالال،ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلارنى قوللايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taxna5005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-5 12:54 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 829
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13943
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7067 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:09:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ تون كېيىۋالغان ئادەمنى مەن تېخى ئۇيغۇر ئوخشايدۇ دەپتىمەن... ئۇيغۇرغا نېمە دېگەن ئوخشىغان..   ئۈلكەر گورۇھى، ئىخلاس شېركىتى، رىزا شېركىتى، ۋە بارلىق ئۇيغۇر كارخانا- شېركەتلىرىگە ئامەت تىلەيمەن.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4830
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
narkos يوللىغان ۋاقتى  2012-7-4 10:09 PM
ئاۋۇ تون كېيىۋالغان ئادەمنى مەن تېخى ئۇيغۇر ئوخشايدۇ د ...

تۈرۈك - ئۇيغۇر ، بىر ئاتىنىڭ ئككى پەرزەنتىگە ئوخشايدۇ ، بىر پەرزەنتى ئۇيغۇر يەنە بىرسى تۈرۈك ....!
ھەممىمىز ئۇغۇز ئەۋلادى ........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش