مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7511|ئىنكاس: 83

بىز ئۇيغۇرمۇ؟ئۇيىغۇرمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 05:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ مىللەت نامى مەسلىسىنى ئانچە - مۇنچە ئويلىنىپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم.بىزنىڭ مىللەت نامىمىز  دۆلەت ئىچى - سىرتى ئاخبارات نەشىرىيات ۋە تىللىرىمىزدا <ئۇيغۇر> دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن < ئۇيغۇر> دىگەن مىللەت ئاتالغۇمىزدا <ئى> ھەرىپى تەلەپپۇز قىلىنىمىغاندا ياكى چۈشۈپ قالغاندا ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق مىللەتنىڭ تىلىدا ھېچقانداق مەنا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.مىنىڭچە <ئۇيغۇر> دەپ ئاتاش <ئۇرغۇي> دەپ ئاتىغانغا ئوخشاش ھېچقانداق مەنا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ.مەن <ئۇيغۇر> دىگەن بۇ ئاتالغۇ توغرىسىدىكى ئىزاھلاردا <ئۇيغۇر> دىگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا <ئۇيۇشقۇچى> <بىرلەشكۈچى> <ئىتتىپاقلاشقۇچى> < يېپىشقۇچى> دىگەن تەبىرلەرنى كۆرگىنىمدە بۇ < ئۇيغۇر> دىگەن سۆزدىن قانداقسىگە ئۇنداق مەنالار چىقىدىغاندۇ؟ مەن ئۆزۈم ئۇيغۇر تۇرۇپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئەجەپ بىلمەيدىكەنمەنغۇ؟ بۇ جۇڭگۇ - چەتئەل تارىخچىلىرىنىڭ بىزنىڭ مىللەت نامىمىزغا ئۆزىچىلا بەرگەن تەبىرىمىدۇ؟
دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم.كىيىن <ئۇيىدى> < ئۇيىغۇچى> < مۇز ئۇيىدى> ،< قېتىق ئۇيىدى> دىگەن سۆزلەرنى <ئى> ھەرىپىنى قۇشۇپ تەلەپپۇز قىلغاندا مەلۇم سۆز مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى،ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامىمىزنىڭمۇ < ئى> ھەرىپى قۇشۇلۇپ <ئۇيىغۇر> دەپ يازغاندا ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنغاندا ئاندىن مىللىتىمىز نامىدىن ھەقىقەتەن      <ئۇيۇشقۇچى> <بىرلەشكۈچى> <ئىتتىپاقلاشقۇچى> < يېپىشقۇچى> دىگەن مەنالار چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە <ئۇيىغۇر> دەپ ئاتىغاندا مىللىتىمىز ۋە باشقا ئەل كىشىلىرىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ نامىنىڭ مەنىسىنى ئاسانلا چۈشۈنۈۋالالايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
ئەلۋەتتە بىزدە <كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ؟> دىگەن ماقال بار ،بىز ھەقىقەتەن <ئۇيغۇر> دەپ كۆندۇق ھەم ئاشۇنداق ئاتالدۇق،بەلكىم بۇ مىللەت نامىنى < ئۇيىغۇر> دەپ ئۆزگەرتىش ھەقىقەتەن قىيىندۇ؟ ئەگەر <ئۇيغۇر> دەپ ئاتىلىۋەرسەك ۋە يېزىۋەرسەك ھېچقانداق مەنا چىقمايدىغان <ئۇرغۇي> دىگەن سۆزدىن نىمە پەرقى؟
ھەرقايسى مۇنبەرلەردىكى كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ مەسلە ئۈستىدە ئىلمى مۇنازىرە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

  ئۇيىغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، دۇنيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقى مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت. ئۇيىغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. <ئۇيىغۇر> دېگەن نام دەسلەپتە ئېتنىك (مىللىي) ئىسىم ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: “<تۈرك> دېگەن ئېتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى <تۈرك> دېگەن بۇ ئاتالغۇ تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ” دېگىنىگە ئوخشاش، <ئۇيىغۇر> دېگەن ناممۇ ئۇيىغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام. 16- ئەسىردە ئۆتكەن خېيۋا خانى ئۇبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ <تارىخىي شەجەرىئى تۈرك> (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى) دېگەن ئەسىرىدە: “ئۇيىغۇر دېگەن نام ئوغۇزخان تەرىپىدىن تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باتۇر، ئۇيۇشقاق بىر قىسمىغا، ئۇلارنىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، خەلق ھەم ۋەتىنىگە كۆرسەتكەن سادىقلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن نام” دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ پىكىرگە پروفېسسور كازلى (1841- يىلى ئۆلگەن)، ئاكادېمىك رادلوپ (1890- يىلى ئۆلگەن) لار قوشۇلىدۇ. شەرق تارىخشۇناسلىرىدىن رەشىددىن ئۆزىنىڭ <جەمئۇل تەۋارىخ> (تارىخلار توپلىمى) دېگەن كىتابىدا بۇ پىكىرگە ئاساسلار كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇبۇلغازى باھادۇرخان ئۆز پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ “<ئۇيىغۇر> سۆزى ئۇيۇشقاق، <يېپىشقاق>، <بىرىككەن> مەنىسىدە بولۇپ، ئۇيىغۇر قەبىلىلىرىدە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن <ئۇيىغۇر> دەپ نام بېرىلگەن” دەيدۇ. بۇ نام دەل مۇشۇنداق ئاساستا مەيدانغا چىققانمۇ، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە نەق، ئىلمىي، تارىخىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىت كەم، يېتەرلىك ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما <ئۇيىغۇر> دېگەن ئاتالغۇنىڭ تومۇرى تۈركچە ئىكەنلىكىنى كىلاپورت، پىلانو، كارنپىلى قاتارلىق تىلشۇناسلار ئۆز ئاساسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، <ئۇيىغۇر> دېگەن نام ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. 8- ئەسىرلەردە، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا قۇرۇلغان دۇنياغا داڭلىق ئورخۇن دۆلىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيىغۇر دۆلىتى، دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇيىغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جۇڭگويىلنامىلىرىدا ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيىغۇرلار ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەردە دىڭلىڭ 丁零 دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولسا، مىلادى 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە يۈەنخې 袁纥 دېگەن نام بىلەن، 5- ئەسىرلەردە گاۋچې 高车 دېگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تيېلې 铁勒 ۋىيخې 韦纥، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگەندە خۇيخې 回纥، مىلادى 788- يىللاردىن كېيىن خۇيگۇ 回鹘 دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇيىغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقى 9 قەبىلىدىن، بەزىدە 10 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقاچقا، بەزى تارىخىي ھۆججەتلەردە <توققۇز ئوغۇزلار> دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇ تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا <توققۇز تۈركلەر> 九姓铁勒 دەپ ئاتالغان. ئۇيىغۇرلار ئۇرۇق، قەبىلىدىن قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقىدىن خەلق، خەلقتىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەگرى- توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئېتنىك تەشكىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئاڭ- پىكرى، تىل تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.  
مىنىڭچە ئۇيغۇر ئەمەس ئۇيىغۇر!
uyighur! not uyghur

مىسرانىم مۇنبىرىدىن ساتۇق تەييارلىدى،مەنبەسى ۋە ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ مۇنازىرە قىلساڭلار بولىدۇ.
2012 - يىلى تۇمۇزنىڭ 2 - كۈنى
شەھرى بارچۇق.


مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:21:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر دېگىنى توغرا،ئۇيغۇر دېگەن سۆزدىن ئۇيۇشقۇچى دېگەن مەنا چىقىپ تۇرىدۇ.
مىللىتىمىز نامىنى تولا ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ!بۇ چاقچاق قىلدىغان ئىش ئەمەس!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 10:27 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

nima disam bola amdi??

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5570
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:31:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpan0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 10:33 PM  


ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 604 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچىمۇ ئۇيغۇر دىگەن توغرا . ئۇي دىگەن سۆز بۇيرۇق رايىدا كېلىپ ئۇيۇش دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ(مېنىڭ كۆز قارىشىم)

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9842
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ئىگىسىنىڭ قانداق مەقسەتتە يوللغىنى بىلمىدىم،سىز تىلشۇناسمۇ؟ سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلمىزغا بولغان بىلمىڭىز قانداقراق؟   مىللەت نامىنى ئۆزگەرتىش چاقچاق قىلدىغان ئىش ئەمەس، گةرچة سىز دىگةن بىلةن ئاساسي جةھةتتىن پةرىق قىلمىسمۇ  نةچچةمىڭ يىللاردىن بېرى ئىشلىتىپ كىلۋاتقان بۇنداق ئاتاشنى سىز بىر ئادةمنىڭ گىپى بىلةنلا  ئۆزگةرتىش كېرةككةندة!!! تىلشۇناسلىقىتىن مىنىڭ ئانچە خەۋرىم يوق،منىڭچە شۇنەرسە ئېنىقكى :«ئۇيغۇر»دىگةن سۆزدىكى «ئۇي»نىڭ ئۆزىدىنلا ئۇيۇشماق،ھةمكارلاشماق دىگةن مةنة چىقىپ تۇردۇ،  شۇنداق بولغاچقا نةچچة مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كىلۋاتقان نام بۇ!!! ھازىرغىچة ھىچبىر تىلشۇناس بۇ نام توغۇرىسدا خاتالىق بايقىمىغان ۋة ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئىشلىتىش قائىدىسىگة ئۇيغۇنلۇقىنى ئېيتىپ كىتاپلارغىمۇ شۇ بۇيىنچة يېزىلىپ كىلۋاتقان  تۇرسا ،سىزنىڭ ھىچبىر ئاساسىزلا مىللةت نامىدىن قۇسۇر تېپىشىڭىز ئادةمنىڭ كۈلكسىنى ۋة غةزپىنى قوزغايدۇ........
ئةڭ ياخشىسى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارىتىمةن دةپ بۇنداق تةتۇر قۇيۇن چىقارمىغنىڭىز تۈزۈكمىكىن...
سىزنىڭ باشقا قىلدىغان ئىشىڭىز يوقمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 11:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56653
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3764
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1347 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:16:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9378
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8974
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1916 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋەندە ئىنكاس يازغان تورداشلىرىمنىڭ پىكرىگە تامامەن قوشۇلىمەن .     

دەۋر تەقەززاسى - سىزنىڭ تارىخ بۈلىشىڭىزنى ئەمەس ، بەلكى تارىخ يارىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ!!!!!!!1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 368
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:24:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

hj

چەتئەلدە بەزىبىر چولپان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار قەستەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىكەن،بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى خەۋەرلەردە كۆرسىتىپ تونۇلىدىكەن.دۆلىتىمىزدىمۇ بىر نەچچەيىل ئىلگىرى بۇرۇنقى ئىجابىي يازغۇچى،ئەربابلارنى تەتۈر سۆكۈپ غۇلغۇلا پەيدا قىلىش ئارقىلىق تونۇلدىغان،نام چىقىرىدىغان ئىشلار بولغانىدى.قانچىلىك تەتقىق قىلغىنىڭىز،تەتقىقات بىلەن قانچىلىك شۇغۇللانغانلىقىڭىز بىزلەرگە نامەلۇم.شۇنچە ئالىملىرىمىز ئويلاپ باقمىغانمىدۇ؟! ____ئىشەنمەيمەن.

ئارتۇق سۆزلەپ قويمىغاندىمەن؟!! تىللاپ كەتمەڭلار ھە خاتا سۆزلىگەن بولسام. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawa-xir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 11:25 PM  


ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ھەر تىنىقمدا بىر سۇئال ؟!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9531
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9049
تۆھپە نۇمۇرى: 518
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشى قايغاندىن يەنە بىرى پەيدا بوپتۇدە ؟؟؟؟!!!؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!

سۈرەتكە تولۇپتۇ كۈنلەر ئالبومى،
ئاختۇرساڭ بەرى بار ياخشى ياماننىڭ.
ئاقىدۇ   بەزىدە   شارقىراپ  دەريا،
گاھ سۇلار يولىدۇ ئاستى ساماننىڭ ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش